ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ
تەرجىمە قىلغۇچىلار: ماھىنۇر، ھەبىبە، نەسلىخان ئۇيغۇر
13- باب: نىكولاس فلامەل
دامبېلدور، خارىنى، كەلىت ئەينىكىنى قايتا ئىزدىمەسلىكى كېرەكلىكىگە قايىل قىلغان ئىدى. شۇڭا روژدېستۋا بايرىمى ئاخىرلاشقۇچە، غايىپ پەرىجىسى ئۇنىڭ ساندۇقىنىڭ تېگىدە قاتلاغلىق پېتى تۇرىۋەردى. خارى ئۆزى ئەينەكتە كۆرگەن نەرسىنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، ئۇنداق قىلالمىدى. ئۇنى كېچىسى قارا باسىدىغان بولۇپ قالدى. قايتا قايتا ئاتا- ئانىسىنىڭ بىر توپ يېشىل نۇرنىڭ ئارىسىدا، قۇلاقنى يارغۇدەك بىر خىل قاقاقلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتى.
«ئەنە قارا، دامبېلدور راست دەپتىكەن. ھالىڭغا قويۇپ بەرسەڭ، ئۇ ئەينەك سېنى ساراڭ قىلاركەنتۇق» دېدى رون خارى ئۇنىڭغا چۈشىنى سۆزلەپ بەرگەندە.
ھېرماينى، ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن قايتىپ كەلدى ۋە يۈز بەرگەن ئىشلارنى باشقا بىر نۇقتىدىن تۇرۇپ كۈزەتتى. ئۇ، خارىنىڭ يېرىم كېچىدە ئۇخلىماي ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىدىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارقىمۇ- ئارقا ئۈچ كېچە داۋاملاشتۇرۇشىدىن («توۋا، فىلچقا تۇتۇلۇپ قالغان بولساڭچۇ؟!») چۆچۈپ كەتسۇنمۇ، ياكى ئۇنىڭ ھېچ بولمىغاندا، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نىكولاس فلامەلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالمىغانلىقىدىن مەيۈسلەنسۇنمۇ، بىلەلمەيلا قالغان ئىدى.
ئۇلار، فلامەلنى كۈتۈپخانىدىكى بىرەر كىتاپتىن تېپىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزەيلا دەپ قالغان بولسىمۇ، خارى تېخىچە بۇ ئىسىمنى بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنەتتى. يېڭى مەۋسۇم باشلانغاندىن بۇيان، ئۇلار يەنىلا دەرس ئارىلىقىدىكى ئون مىنۇتتا كىتاپلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئەمما خارى، بۇ ئىشقا قالغان ئىككىسىدىنمۇ ئاز ۋاقىت چىقىرالايتتى. چۈنكى كۇئىددىچ مەشىقلىرى قايتىدىن باشلىنىپ كەتكەن ئىدى.
ۋۇد، كوماندىنى ئادەتتىكىدىنمۇ بەكرەك قاتتىق چېنىقتۇرۇۋاتاتتى. ھەتتا توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇرمۇ ئۇنىڭ روھىنى سۇندۇرالمايتتى. ۋېزلىي قوشكېزەكلىرى ۋۇدنىڭ بارغانسېرى تەلۋىلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنسىمۇ، ئەمما خارى، ۋۇدنىڭ قىلغىنىنى ئورۇنلۇق دەپ قارايتتى. ئەگەر ئۇلار ئالدىدىكى مۇسابىقىدە ھاففېلپافنى يېڭىۋالسا، يەتتە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سلىيتېرىننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى. ئۇتۇپ چىقىشتىن باشقا، خارى چېنىقىپ ھېرىپ كەتكەن كۈنلىرى يامان چۈش كۆرمەيدىغانلىقىنىمۇ بايقاپ قالغان ئىدى.
ئۇلار يەنىلا لاي پاتقاققا مىلىنىپ، ھەم چىلىق- چىلىق ھۆل بولۇپ مەشىق قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ۋۇد، كوماندىغا بىر شۇم خەۋەرنى يەتكۈزدى؛( ئۇ تېخى بايىلا، بىر- بىرىگە، شۇڭغۇپ بومباردىمان قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق زەربە بېرىشنى ۋە سۈپۈرگىسىدىن چۈشۈپ كېتىۋاتقاننى دوراپ ھەييارلىق قىلىۋاتقان ۋېزلىي قوشكېزەكلىرى بىلەن قىزىرىشىپ قالغان ئىدى).
«تولا قالايمىقان قىلىشمىساڭچۇ!» دەپ ۋارقىرىدى ئۇ: «مانا دەل مۇشۇنداق قىلىق بىزنىڭ مۇسابىقىدە يېڭىلىپ قېلىشىمىزغا سەۋەپچى بولىدۇ! بۇ قېتىم سنەيپ رېپىرلىق قىلىدىكەن ۋە ئۇ ئېنىقلا گرىففىندوردىن نومۇر تارتىش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتىدۇ!»
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان جورج ۋېزلىي، بۇ قېتىم راستتىنلا سۈپۈرگىسىدىن چۈشۈپ كەتتى.
«سنەيپ، رېپىر؟» دەپ دۇدۇقلىدى ئۇ ئاغزى- بۇرنىغا لىققىدە لاي پاتقاق تولۇپ كەتكەن ھالدا. «ئۇ بىرەر قېتىم كۇئىددىچ رېپىرى بولۇپ بېقىپتىكەنما؟ ئەگەر سلىيتېرىننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىش بولسا، ئۇ گرىففىندورلارغا ھەرگىزمۇ ئادىل مۇئامىلە قىلمايدۇ!»
باشقا كوماندا ئەزالىرىمۇ شىكايەت قىلىش ئۈچۈن جورجنىڭ يېنىغا قوندى.
«بۇ يا مېنىڭ سەۋەنلىكىم بولمىسا!» دېدى ۋۇد. «بىز پەقەتلا ھېچقانداق خاتالىق سادىر قىلماسلىققا تىرىشايلى، شۇنداق قىلغاندىلا سنەيپ بىزنى بېسىپ بېرىدىغانغا ھېچبىر باھانە تاپالمايدۇ.»
«ئوبدان گەپ بولدى» دەپ ئويلىدى خارى، ئەمما ئۇنىڭ كۇئىددىچ ئويناۋاتقاندا، سنەيپنى ئۆز يېنىغا يولىتىشنى خالىماسلىقىدا يەنە بىر سەۋەپ بار ئىدى…
باشقا كوماندا ئەزالىرى، ھەر ۋاقىتتىكىدەك مەشىق تۈگىگەندىن كېيىن، تاغدىن- باغدىن پاراڭلاشقاچ كېتىپ قالدى. ئەمما خارى ئالدىراپ-سالدىراپ ئۇدۇل گرىففىندور ئاممىۋى زالىغا كىردى. ئۇ يەردە رون بىلەن ھېرماينى شاھمات ئويناۋاتاتتى. شاھمات، ھېرماينى ئۇتتۇرۇپ قويىدىغان بىردىنبىر نەرسە ئىدى. رون بىلەن خارى بولسا، بۇنىڭ ئۇنىڭغا كۆپ پايدىسى بار دەپ قارايتتى.
«ماڭا بىردەم گەپ قىلغۇچى بولما» دېدى رون، خارى ئۇنىڭ يېنىغا ئولتۇرغاندا، «دىققىتىمنى مەر… » ئۇ خارىنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ قالدى. «ساڭا نېمە بولدى ئەمدى؟ چىرايىڭ غەلىتىلا بولۇپ كېتىپتۇغۇ؟»
باشقا ھېچكىم ئاڭلىمىغۇدەك پەس ئاۋازدا، خارى، ئىككىسىگە سنەيپنىڭ تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ قالغان رېپىر بولۇشتەك قورقۇنچلۇق ئارزۇسىنى ئېيتىپ بەردى.
«ئوينىما» دېدى ھېرماينى دەرھاللا.
«زۇكام بولۇپ قالدىم دېگىن» دېدى رون.
«پۇتۇڭنى سۇندۇرۇۋالغاننى دورا» دېدى ھېرماينى.
«پۇتۇڭنى راستتىنلا سۇندۇرۇۋال» دېدى رون.
«ئۇنداق قىلسام بولمايدۇ» دېدى خارى. «زاپاس ئىزدەنگۈچى يوق. ئەگەر چېكىنىپ چىقىدىغان بولسام، گرىففىندور ئوينىيالمايلا قالىدۇ.»
شۇ ۋاقىتتا نەۋىل ئاممىۋى زالغا دىكىلداپ سەكرەپ كىرىپ كەلدى. ئۇ پورترېت تۆشۈكىدىن قانداق يامىشىپ چىققاندۇ، بۇنى ھېچكىم تەسەۋۋۇر قىلالماي قالدى. چۈنكى ئۇ، ھەممىسى بىر قاراپلا بىلىۋالغان قاپقاق-پۇت ئەپسۇنى بىلەن قارغىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئىككى پاچىقى بىر- بىرسىگە چاپلىشىپ قالغان ئىدى. ئۇ، چوقۇم گرىففىندور مۇنارىغىچە پۈتۈن يول ۋە پەشتاقلاردىن توشقاندەك سەكرەپ كەلگەن گەپ.
ئۇنى كۆرگەن ھەركىم كۈلۈپ يەرگە دومىلاپ كەتتى، ھېرماينىدىن باشقا… ئۇ ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ قايتۇرۇش ئەپسۇنىنى ئوقۇدى. نەۋىلنىڭ ئاخىرى پاچىقى ئاجرىدى ۋە ئورنىدا تىك تۇرۇپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى، ئۇنىڭ تىزلىرى بولسا تېخىچە تىترەۋاتاتتى.
«نېمە ئىش بولدى؟» دەپ سورىدى ھېرماينى ئۇنىڭدىن، ئۇنى رون بىلەن خارىنىڭ يېنىغا باشلاپ كەلگەچ.
«مالفوي» دېدى نەۋىل تىترەپ تۇرۇپ. «ئۇنىڭ بىلەن كۈتۈپخانىنىڭ ئالدىدا دوقۇرۇشۇپ قالدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ، بۇ ئەپسۇننى سىناپ بېقىش ئۈچۈن بىركىمنى كۈتۈپ تۇرۇپتىكەنمىش.»
«پروفېسور مېك گوناگالنىڭ يېنىغا بار!» دەپ تەكىتلىدى ھېرماينى نەۋىلگە. «ئۇنىڭ بۇ يامان قىلمىشىنى مەلۇم قىل!»
نەۋىل بېشىنى چايقىدى.
«باشقا ئاۋارىچىلىك تاپقۇم يوق» دەپ غودۇڭشىدى ئۇ.
«بۇنداق بوزەك بولىۋەرمىسەڭچۇ نەۋىل!» دېدى رون. «ئۇ داۋاملىق باشقىلارغا مۇشۇنداق زومىگەرلىك قىلىدۇ، ئەمما ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ، ئىشىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بەرسەڭ قاملاشمايدۇ-دە!»
«ماڭا گرىففىندورغا لايىق بولالمىغۇدەك قورقۇنچاق ئىكەنلىكىمنى ئەسكە سېلىشىڭغا كېرەك يوق، مالفوي بۇنى ئاللىقاچان دەپ بولدى» دېدى نەۋىل بوغۇق ئاۋازدا.
خارى تونىنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ بېقىپ، ھېرماينى روژدېستۋادا سوۋغا قىلغان قاپتىن چىققان ئاخىرقى بىر تال شاكىلات پاقىنى تاپتى. خارى ئۇنى، قارىماققا يىغلاپ تاشلىۋەتكىلى تاس قالغان نەۋىلگە بەردى.
«ئون ئىككى تال مالفوي بولغان تەقدىردىمۇ، ساڭا يېتەلمەيدۇ نەۋىل» دېدى خارى. «دانىشمەن شەپكە سېنى گرىففىندورغا تاللىدى شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مالفويچۇ؟ ئاشۇ سېسىپ كەتكەن سلىيتېرىندە.»
شاكىلاتنىڭ قېپىنى ئېچىۋاتقان نەۋىلنىڭ چىرايىغا سەل كۈلكە يۈگۈردى.
«رەھمەت ساڭا خارى… مەن بېرىپ ئۇخلايمەن… كارتىنى بېرەيمۇ، سەنمۇ ئۇلارنى يىغىپ قويۇۋاتىسەنغۇ دەيمەن؟»
نەۋىل كەتكەندىن كېيىن خارى داڭلىق سېھىرگەر كارتىسىغا قارىدى.
«يەنە دامبېلدور» دېدى ئۇ. «ئۇ مەن كۆرگەن تۇنجى…»
ئۇ تۇيۇقسىز ھاڭ- تاڭ بولۇپ توختاپ قالدى. ئاندىن ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ھېرماينى بىلەن رونغا قارىدى.
«مەن ئۇنى تاپتىم!» دەپ پىچىرلىدى ئۇ. «فلامەلنى تاپتىم دەيمەن! سىلەرگە دېگەنتىمغۇ، ئۇ ئىسىمنى بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەنلىكىمنى ئېيتقانتىمغۇ، ئۇنى بۇ يەرگە كېلىۋاتقاندا پويىزدا ئوقۇپتىكەنمەن. قاراڭلار، «پروففېسور دامبېلدور، 1945 – يىلى قارا نىيەت سېھىرگەر گرىندەۋالدنى يەڭگەنلىكى، ئەجدىھا قېنىنىڭ ئون ئىككى خىل ئىشلىتىش يولىنى تاپقانلىقى ۋە دوستى نىكولاس فلامەل بىلەن بىللە تەتقىق قىلغان قەدىمىي خېمىيە تۈرىدىكى ئەسەرلىرى سەۋەپلىك داڭق چىقارغان!»»
ھېرماينى ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇ، ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق تاپشۇرۇقلىرىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتىن بۇيان بۇنداق ھاياجانلىنىپ باقمىغان ئىدى.
«تۇرۇپ تۇرۇڭلار!» دېدى ئۇ ۋە پەلەمپەيلەردىن ئۇچقاندەك چىقىپ قىزلار ياتاقخانىسىغا كىرىپ كەتتى. خارى ۋە رون ئۇ، غايەت زور بىر كىتاپنى قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، پەقەت بىر- بىرىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قويۇشقىلا ئۈلگۈرەلىگەن ئىدى.
«بۇ يەرگە قاراپ بېقىش ئېسىمگە ھېچ كەپ باقماپتۇ دېسە!» دەپ پىچىرلىدى ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا. «بۇنى نەچچە ھەپتە بۇرۇن كۈتۈپخانىدىن، دەم ئالغاندا، ئاددىيراق بىر نەرسە ئوقۇپ قوياي دەپ ئالغانىدىم.»
«ئاددىي؟» دېدى رون. ئەمما ھېرماينى ئۇنىڭغا ئۆزى بىر نەرسىنى تاپقۇچە ئۈنىنى چىقارماي تۇرۇپ تۇرۇشىنى تاپىلىدى ۋە ھاپىلا- شاپىلا كىتاپنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ، ئۆز- ئۆزىگە نېمىلەرنىدۇر غودۇڭشىپ، بىر نېمىلەرنى ئىزدىگىلى تۇردى.
ئاخىرى ئۇ ئىزدىگەن نەرسىسىنى تاپتى.
«بىلگەنتىم! بىلىۋالغانتىم!»
«ئەمدى گەپ قىلىشىمىزغا رۇخسەت قىلاملا يا؟» دېدى رون تەرسالىق بىلەن. ھېرماينىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى.
«نىكولاس فلامەل» دەپ پىچىرلىدى ئۇ ئاجايىپ چوڭ بىر سىرنى پاش قىلىۋاتقاندەك ئەلپازدا «بىلىشىمىزچە، دۇنيادا پەلسەپە تېشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياساپ چىققان بىردىنبىر شەخس!»
«نېمىنى؟» دېدى خارى بىلەن رون.
«ۋاي توۋا، راستتىنلا… سىلەر ئىككىڭلار ھېچ كىتاپ ئوقۇمايدىغان ئوخشىمامسىلەر؟ قاراڭلار – مانا، ماۋۇ يەردە.»
ئۇ كىتاپنى ئىككىسىنىڭ ئالدىغا سۈردى ۋە خارى بىلەن رون ئوقۇغىلى تۇردى:
«قەدىمكى ئەلكىمياگەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى پەلسەپە تېشىنى قانداق ياساپ چىقىش بولۇپ كەلگەن، بۇ ئاجايىپ خاسىيەتلىك كۈچلىرى بار ئالاھىدە بىر ئەڭگۈشتەر. بۇ تاش ھەرقانداق مېتالنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرالايدۇ. يەنە تېخى بۇ تاش ئارقىلىق، ئىچكەن ئادەمنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان ئابىھايات سۇيۇقلۇقىنى ياساپ چىققىلى بولىدۇ.
ئەسىرلەردىن بۇيان بۇ تاش ھەققىدە خىلمۇخىل مەلۇماتلارغا ئېرىشتۇق، ئەمما ھازىر مەۋجۇت بولغان بىردىنبىر تاش نىكولاس فلامەل ئەپەندىگە تەۋە، نۇقتىلىق ئەلكىمياگەر ۋە ئوپېرا مەپتۇنى. فلامەل ئەپەندى ئۆتكەن يىلى ئالتەيۈز ئاتمىش بەشىنچى تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى، دېۋوندا، ئايالى پېرېنېل (ئالتە يۈز ئاتمىش سەككىز ياش) بىلەن تىنچ ئامان ياشاپ كېلىۋاتىدۇ.»
«كۆردۈڭلارمۇ؟» دېدى ھېرماينى، خارى بىلەن رون ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن. «ئۇ ئىت چوقۇم فلامەلنىڭ پەلسەپە تېشىنى قوغداپ ياتىدۇ! ئىشىنىمەنكى، ئۇ دامبېلدوردىن ئۇ نەرسىنى ساقلاپ بېرىشىنى ئۆتۈنگەن، چۈنكى ئۇلار ئاغىنە ئىكەن ۋە ئۇ بىر كىمنىڭ بۇ نەرسىنىڭ پېشىگە چۈشكەنلىكىنى بىلىدىكەن. مانا بۇ، ئۇنىڭ تاشنى گرىنگوتستىن يۆتكەپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى!»
«ئالتۇن پەيدا قىلىدىغان ۋە ئادەمنى ئۆلمەس قىلىدىغان بىر تاش!» دېدى خارى. «سنەيپنىڭ بۇنىڭ پېشىگە چۈشۈشى ھەيران قالارلىق ئەمەسكەن، ھەركىم ئۇ تاشنى ئارزۇلايدۇ-دە!»
«بىزنىڭ فلامەلنى سېھىر جامىئەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى يېڭىلىقلار، دېگەن كىتاپتىن تاپالماسلىقىمىزمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەسكەن» دېدى رون. «ئەگەر ئۇ ئالتە يۈز ئاتمىش بەش ياش بولسا ئانچە يېڭى ھېساپلانمايدىكەن، قانداق دېدىم؟»
*******
ئەتىسى ئەتىگەندە زۇلمەتلىك كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇش دەرسىدە، بۆرە ئادەم چىشلىۋالغان يەرنى داۋالاشنىڭ ئوخشىمايدىغان ئۇسۇللىرىنى كۆچۈرۈپ يېزىۋاتقاندا، خارى بىلەن رون تېخىچە ئۆزلىرىدە بىر پەلسەپە تېشى بولغان بولسا، نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى دېيىشىۋاتقان ئىدى. رون ئۆزىنىڭ كۇئىددىچ كوماندىسىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى، خارىنىڭ ئېسىگە شۇ ھامان سنەيپ ۋە يېقىنلىشىۋاتقان كۇئىددىچ مۇسابىقىسى كەلدى.
«مەن چوقۇم ئوينايمەن» دېدى ئۇ رون بىلەن ھېرماينىگە. «ئەگەر ئۇنداق قىلمىسام سلىيتېرىنلەرنىڭ ئارىسىدا مېنى، سنەيپتىن قورقىدىكەن، دېگەن گەپ پۇر كېتىدۇ. ئۇلارغا كۆرستىپ قويىمەن… ئەگەر يېڭىۋالىدىغان بولساق ھەممىسىنىڭ چىرايىدىكى كۈلكىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز!»
«بىز سېنى مەيداندىن يۇلۇپ ئېلىشقا مەجبۇر قالمىساقلا، چوڭ ئىش يوق» دېدى ھېرماينى.
*******
گەرچە خارى، رون بىلەن ھېرماينىگە شۇنداق دېگەن بولسىمۇ، مۇسابىقە كۈنى يېقىنلاشقانسېرى جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى. كوماندىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىمۇ ئانچە خاتىرجەم دەپ كەتكىلى بولمايتتى. بىنا چىمپىيونلۇقىنى سلىيتېرىنلەردىن تارتىۋېلىش شۇنداق شېرىن بىر خىيال ئىدىكى، يەتتە يىلدىن بېرى بۇ ئىش ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمىگەن. ئەمما پۈتۈنلەي قارشى تەرەپكە يان باسىدىغان شۇنداق بىر رېپىرى بار بىر مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىش زادى مۇمكىنمۇ؟
خارىنىڭ ئۆزىگە شۇنداق تۇيۇلۇۋاتامدۇ ياكى راست شۇنداقمۇ ئېنىق بىلەلمىسىمۇ، ئىشقىلىپ ئۇ قەيەرگىلا بارمىسۇن، چوقۇم سنەيپ بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىۋاتاتتى. ھەتتا بەزىدە ئۇ سنەيپنى، ئىشنى بىراقلا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ماڭا ئەگىشىپلا يۈرەمدىغاندۇ يا، دەپ ئويلاپ قالاتتى. سېھىرلىك سۇيۇقلۇقلار دەرسى ھەپتىلىك قىيىن- قىستاققا ئايلىنىپ قالغان ئىدى_ سنەيپ خارىغا باشقىچىلا يامان مۇئامىلە قىلاتتى. ئەجىبا ئۇنىڭ، ئۇلارنىڭ پەلسەپە تېشىنى بىلىۋالغانلىقىنى سېزىپ قالغان بولۇشى مۇمكىنمىدۇ؟ خارى بۇنىڭ قانداقسىگە مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بىلمىسىمۇ، بەزىدە ئۇنى، سنەيپ خۇددى ئۇنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدىغاندەك ۋەھىمىلىك بىر خىل تۇيغۇ چىرمىۋالاتتى.
*******
خارى، ھېرماينى بىلەن رون ئۇنىڭغا ئامەت تىلەپ ئۇنى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە يولغا سالغان ۋاقىتتا، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۇنى قايتا ساق- سالامەت كۆرۈپ كۆرەلمەيدىغانلىقى ھەققىدە باش قاتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. بۇنى يۈرەككە سۇ سېپىش دەپ كەتكىلى بولمايتتى. تىت- تىت بولۇۋاتقان خارى كۇئىددىچ تونىنى كىيىپ «نىمبۇس 2000» نى قولىغا ئېلىۋاتقاندا، ۋۇدنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش نۇتۇقلىرىمۇ قۇلىقىغا كىرمىدى.
بۇ چاغدا، رون بىلەن ھېرماينى، ئىككىسىنىڭ نېمىشقا روھىنىڭ بۇنچە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ياكى نېمىشقا ئىككىلىسىنىڭ مۇسابىقىگە سېھىرلىك تايىقىنى كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى چۈشىنەلمەيلا قالغان نەۋىلنىڭ يېنىدىن ئورۇن تېپىپ ئولتۇردى. خارىنىڭ رون بىلەن ھېرماينىنىڭ ئوغرىلىقچە قاپقاق-پۇت ئەپسۇنىنى مەشىق قىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى يوق دىيەرلىك ئىدى. ئۇلارنىڭ كاللىسىغا بۇ خىيالنىڭ كېلىپ قېلىشىغا نەۋىلنى قارغىغان مالفوي سەۋەپچى بولغان ئىدى ۋە ئۇلار، خارىنى زەخمىلەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان ھامان سنەيپنى بۇ ئەپسۇن بىلەن قارغىۋېتىشكە تەييار ئىدى.
«ھە، ئەمدى، قايتا بىر كېلەيلى، لوكوموتور مورتىس» دەپ پىچىرلىدى ھېرماينى، رون تايىقىنى يېڭىنىڭ ئىچىگە تىقىپ قويۇۋاتقاندا.
«بولدى قىلە، بىلىمەن» دەپ ھۈرپەيدى رون. «قۇلاق- مېڭەمنى يەپ بولدۇڭ.»
كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە بولسا، ۋۇد خارىنى بىر چەتكە تارتتى.
«ساڭا بېسىم قىلىش نىيىتىم يوق پوتېر، ئەمما سنىچنى بالدۇر قولغا چۈشۈرۈشكە ئېھتىياجىمىز بار دېسەك، دەل مۇشۇ پەيت شۇ… ئويۇننى سنەيپ، ھاففېلپافقا كۆپ يان بېسىشقا ئۈلگۈرمەستىن، تۈگىتىشكە تىرىشمىساق بولمايدۇ.»
«ئوھۇي، مەكتەپتىكى پۈتۈن مەۋجۇداتلار يىغىلىپتۇ دېسە!» دېدى فرەد ۋېزلىي، ئىشىكتىن تېشىغا ماراپ، «ۋاي ئانىمەي،ھەتتا دامبېلدورمۇ كەپتۇ دېسە!»
خارىنىڭ يۈرىگى تۇيۇقسىز ئۆرە تۆپە بولۇپ كەتتى.
«دامبېلدور!؟» دېدى ئۇ، ئىشىككە ئېتىلىپ بېرىپ. فرەد راست دەپتىكەن، بۇ كۈمۈش رەڭلىك ساقالنى خاتا تونۇپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس.
خارى، يېنىكلەپ قالغانلىقىدىن، قاقاقلاپ كۈلۈۋەتكىلى تاس قالدى. ئەمدى ئۇ ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىۋاتاتتى. دامبېلدور بار يەردە سنەيپنىڭ ئۇنى زەخمىلەندۈرۈشكە جۈرئەت قىلالىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
بەلكىم بۇ، كوماندىلار مەيدانغا چىقىۋاتقاندا، ھەتتا رونمۇ بايقاپ قالغاندەك… بۇ سنەيپنىڭ ئاچچىقىدىن يېرىلغۇدەك بولۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى بولغىيمىدى؟…
«مەن سنەيپنىڭ بۇنچە ئەسەبىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن» دېدى ئۇ ھېرماينىغا. «قارا ئۇلار ئۇچتى… ۋايجان!»
بىركىم روننىڭ گەدىنىگە قاتتىق ئۇرۇۋەتتى، بۇ مالفوي ئىدى.
«ۋاي ئاللا، كەچۈرگىن ۋېزلىي، سېنى كۆرمەي قاپتىمەن دېسە…»
مالفوي كرەب بىلەن گويلغا قاراپ سەت ھىجايدى.
«پوتېر بۇ قېتىم چۈشۈپ كەتمەي، سۈپۈرگىسىنىڭ ئۈستىدە قانچىلىك تۇرالايدىكىن؟ دو تىكىشىپ باقىدىغانلار بارمۇ؟ سەنچۇ ۋېزلىي؟»
رون جاۋاپ بەرمىدى؛ سنەيپ، تېخى ھازىرلا جورج ۋېزلىي ئۇنىڭغا قارىتىپ بلاجېر ئۇرغاچقا، گرىففىندورغا جازا توپى بەرگەن ئىدى. بارماقلىرىنى بىر- بىرىگە چىڭ كىرىشتۈرۈپ ئولتۇرغان ھېرماينى، ئويۇننىڭ ئۈستىدە خۇددى ھۇقۇشتەك ئايلىنىپ چارلاۋاتقان خارىدىن كۆزلىرىنى ئۈزمەي ئولتۇراتتى.
«مېنىڭچە، ئۇلار گرىففىندور كوماندىسىغا قانداق ئادەملەرنى ئەزالىققا تاللايدىكەن بىلەمسەن؟» دېدى مالفوي بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىن، سنەيپ گرىففىندورغا ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوق يەنە بىر جازا توپى بەرگەندە… «ئادەملەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدىغان بىچارىلەرنى. مانا ئالايلۇق، پوتېر، ئاتا- ئانىسى يوق، ئاندىن ۋېزلىيلەر، ئۇلارنىڭ پۇلى يوق. لوڭبوتتوم، سېنىمۇ كوماندىغا ئېلىشى كېرەك ئىدى -دە، ئەمما سەندە مېڭە دېگەن نەرسە يوق.»
نەۋىل قىپقىزىل بولۇپ كەتتى. ئەمما ئولتۇرغان يېرىدە بۇرۇلۇپ مالفوينىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قارىدى.
«سەندىن ئون ئىككىسى بولغان تەقدىردىمۇ ماڭا يەتمەيدۇ، مالفوي» دېدى ئۇ كېكەچلەپ.
مالفوي، كرەب ۋە گويل قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى، ئەمما تېخىچە كۆزىنى مۇسابىقىدىن ئۈزۈشكە پېتىنالمايۋاتقان رون، «ئۇنىڭغا ئوبدان ئۆگىتىپ قوي نەۋىل» دېدى.
«لوڭبوتتوم، مېڭە ئالتۇندىن ياسالغان بولسىدى، سەن ۋېزلىيلەردىنمۇ كەمبەغەل بولغان بولاتتىڭ، بۇ بولسا جىق نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.»
خارى ئۈچۈن ئەنسىرەۋاتقان روننىڭ ئاللىقاچان نېرۋىسى چېچىلىپ بىر يەرگە بارغان ئىدى.
«ئەسكەرتىپ قوياي مالفوي، يەنە بىر ئېغىز گەپ قىلىدىغان بولساڭ…»
«رون!» دېدى ھېرماينى تۇيۇقسىز«خارى!»
«نېمە؟ قېنى؟»
خارى تۇيۇقسىز، كۆپچىلىكنى قاتتىق ھاياجانغا ۋە قىزغىن تەنتەنىگە سېلىپ ئاجايىپ تېزلىك بىلەن شۇڭغۇپ چۈشكىلى تۇرغان ئىدى. ھېرماينى چىدىيالماي ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، خارى يەرگە قاراپ ئوقتەك چۈشۈۋاتقاندا، ئۇنىڭ گىرەلەشكەن بارماقلىرى ئاغزىدا ئىدى.
«ئوھ… ئامىتىڭ كەپتۇ ۋېزلىي، پوتېر چوقۇم يەردە پۇل كۆرۈپ قالغان گەپ!» دېدى مالفوي.
رون غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ ئېتىلدى. مالفوي تېخى نېمە ئىشلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە، رون ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئۇنى يەرگە چاپلىۋەتكەن ئىدى. نەۋىل بىر دەم ئىككىلىنىپ قالغاندىن كىيىن، ئورۇندۇقىنىڭ كەينىگە رونغا ياردەملىشىش ئۈچۈن يامىشىپ چىقتى.
«غەيرەت قىل خارى!» دەپ چۇرقىرىدى ھېرماينى، خارىنىڭ سنەيپكە قاراپ ئېتىلىپ كېلىشىنى ئېنىقراق كۆرۈش ئۈچۈن، ئورۇندۇقىنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇۋالغان ئىدى. ئۇ ھەتتا مالفوي ۋە روننىڭ ئاشۇ ئورۇندۇقنىڭ ئاستىدا بوغۇشۇۋاتقانلىقىنىمۇ تۇيمايتتى، ھەتتا نەۋىل، كرەب ۋە گويل تەرەپتىن ئاڭلىنىۋاتقان ۋاڭشىپ تەگكەن مۇش ۋە ۋارقىراشقان، پالاق- پۇلۇق قىلىشقان ئاۋازلارنىمۇ ئاڭلىمىغان ئىدى.
ئاسماندا بولسا سنەيپ سۈپۈرگىسنى دەل ۋاقتىدا بۇراپ، ئۇچۇپ كېلىۋاتقان قىزىل كۆلەڭگىدىن ئۆزىنى تەستە چەتكە ئالدى. بىر سىكۇنتتىن كېيىن، خارى قايتا يۇقىرىغا ئۆرلەپ، چىڭ سىقىمدىۋالغان سنىچنى تۇتقان قولىنى غەلبىلىك ھالدا ھاۋاغا كۆتۈردى.
تاماشىبىنلارنىڭ ھاياجېنى ئەۋجىگە چىقتى. بۇ شۈبھىسىز بىر رېكورت ئىدى، بۇ يەردە ھېچكىم سنىچنىڭ بۇنچە تېز تۇتۇۋېلىنغانلىقىنى كۆرۈپمۇ باقمىغان.
«رون! رون! سەن قېنى؟ ئويۇن تۈگىدى! خارى يەڭدى! بىز يەڭدۇق! گرىففىندور بىرىنچى!» دەپ چىرقىراپ كەتتى خۇشاللىقىدىن ئۆز جايىدا ئۇسۇل ئويناپ كەتكەن ۋە ئالدى رەتتىكى پارۋاتى پاتىل بىلەن قۇچاقلىشىۋاتقان ھېرماينى.
خارى يەرگە يېقىن كەلگەندە، سۈپۈرگىسىدىن سەكرەپ چۈشتى. ئۇ تېخىچە بايا بولغانلارغا ئىشىنەلمەي تۇراتتى. ئۇ غەلبە قىلغان، ئويۇن تۈگىگەن، بەش مىنۇت ئىچىدە تۈگىگەن. گرىففىندورلار مەيدانغا سۇدەك ئېقىپ كىرىۋاتقاندا، ئۇ چىرايلىرى تاتىرىپ كەتكەن ۋە لەۋلىرىنى چىڭ چىشلىۋالغان سنەيپنىڭ يەرگە قونغانلىقىنى كۆردى. ئارقىدىن خارى بىركىمنىڭ دولىسىغا قولىنى قويغانلىقىنى ھېس قىلدى، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋېدى، دامبېلدورنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىغا كۆزى چۈشتى.
«بارىكاللا!» دېدى دامبېلدور ئاستاغىنە، پەقەتلا خارى ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا. «سېنىڭ ئۇ ئەينەككە بەنت بولۇپ قالمىغانلىقىڭنى كۆرگەنلىكىمدىن خۇرسەنمەن… يەنىلا ئۆز ئىشىڭ بىلەن ئالدىراش… ئاپىرىن…»
سنەيپ ئاچچىقى بىلەن يەرگە تۈكۈردى.
*******
خارى بىر دەمدىن كېيىن كىيىم يەڭگۈشلەش ئۆيىدىن، «نىمبۇس 2000» نى سۈپۈرگە قازنىقىغا ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز چىقتى. ئۇ ئەزەلدىن بۇنچىۋالا خۇشال بولۇپ باققان ئەمەس. مانا ھازىر ئۇ، ھەقىقەتەن پەخىرلەنگۈدەك بىر ئىش قىلغان. ئەمدى ھېچكىمنىڭ ئۇنى پەقەتلا بىر مەشھۇر ئىسىمدىن ئىبارەت دەپ كۆزگە ئىلماسلىققا ھەققى يوق. كەچقۇرۇننىڭ ھاۋاسى ھېچقاچان بۇنداق ئىللىق تۇيۇلۇپ باقمىغان. ئۇ، نەمخۇش چىملىقتا ماڭغاچ، ئۆتكەن بىر سائەتنىڭ خۇشاللىققا تولغان خاتىرىلىرىنى قايتا قايتا ئەسكە ئالاتتى_ گرىففىندورلار ئۇنى مۈرىسىگە ئېلىپ كۆتۈرۈش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ، يىراقتىكى رون بىلەن ھېرماينى توختىماي سەكرەۋاتىدۇ، رون توختىماي قاناۋاتقان بۇرنىغا باقماي قىزغىن تەنتەنە قىلماقتا.
خارى قازناققا يېتىپ كەلدى. ئۇ ياغاچ ئىشىككە يۆلىنىپ پېتىۋاتقان قۇياش، دېرىزىلىرىنى قىزىلغا بويىغان خوگۋارتسنى تاماشا قىلىپ تۇرۇپ قالدى. گرىففىندور بىرىنچى، ئۇ غەلبە قىلدى، ئۇ سنەيپكە كۆرسىتىپ قويدى…
سنەيپكە كەلسەك…
يوپۇق يېپىۋالغان غۇۋا بىر كۆلەڭگە قەلئە پەلەمپەيلىرىدىن سىلىققىنە سىيرىلىپ چۈشتى. باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئېنىقلا پەخەس بولۇۋاتقان بۇ كىشى، كىرىش چەكلەنگەن ئورمانلىققا قاراپ تېز- تېز قەدەم تاشلاپ ماڭدى. بۇنى كۆرگەن خارىنىڭ كاللىسىدىن بايامقى غەلىبە ھاياجىنى كۆتۈرۈلۈپلا كەتتى. خارى، بۇ كۆلەڭگىنىڭ ئوغرىدەك مېڭىشىغا بىر قاراپلا كىملىكىنى بىلىۋالدى. باشقا ھەممە ئادەم كەچلىك تاماق يەۋاتقاندا، سنەيپنىڭ كىرىش چەكلەنگەن ئورمانلىقتا تىمسىقلاپ يۈرگىنى نېمىسى… زادى نېمە ئىش بولۇپ كەتكەندۇ؟
خارى قايتا «نىمبۇس 2000» غا سەكرەپ چىقىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. قەلئەنىڭ ئۈستىدە ئۈن چىقارماي ئۇچۇپ، سنەيپنىڭ يۈگۈرگەن ھالدا ئورمانلىققا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ پېيىگە چۈشتى.
دەرەخلەر شۇنداق قويۇق ئىدىكى، سنەيپنىڭ قەيەرگە ماڭغانلىقىنى كۆرمەي قالدى. ئۇ بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، دەرەخلەرنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى شاخلارغا سۈركىلىپ ئايلىنىپ ئۇچتى، تاكى بەزىبىر ئاۋازلارنى ئاڭلاپ قالغان چاغقىچە… خارى، ئۇلارغا قاراپ سىلىققىنە لەيلەپ چۈشتى ۋە تىۋىش چىقارماستىن، بىر قېيىن دەرىخىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى شېخىغا قوندى.
ئۇ، بىر قولىدا سۈپۈرگىسىنى چىڭ تۇتقاچ، چوڭ شاخلاردىن بىرسىگە ئېھتىيات بىلەن ياماشتى ۋە يوپۇرماقلارنىڭ ئارىسىدىن ماراپ ئۇنى كۆرۈشكە ئۇرۇندى.
تۆۋەندە، كۆلەڭگىلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئوچۇقلۇقچىلىقتا سنەيپ تۇراتتى، ئەمما ئۇ يالغۇز ئەمەس ئىدى. كۇئېرىلمۇ شۇ يەردە ئىدى. خارى ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرەلمىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئادەتتىكىدىنمۇ بەتتەر كېكەچلەپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدى. خارى ئۇلارنىڭ نېمە دىگەنلىكىنى ئاڭلاش ئۈچۈن پۈتۈن دىققىتىنى يىغدى.
«… ب-بى-بىلمى-د-دىم، نېمىشقا -شۇ-شۇنچە يەر تۇ-تۇرسا بۇ-بۇ يەر-يەردە ك-كۆرۈشەيلى دەپ تۇ-تۇرۇۋالىسەن، سس-سەۋە-سەۋەرۇس؟»
«بىلمىدىم دېگىن، مېنىڭچە بۇ گەپلەرنى مەخپىي تۇتۇشىمىز كېرەكمىكىن دەيمەن» دېدى سنەيپ، سوغۇق ئاۋازدا «ئوقۇغۇچىلار پەلسەپە تېشىنى بىلمەسلىكى كېرەك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟»
خارى سەل ئالدىغا ئېڭىشتى. كۇئېرىل بىرنېمىلەرنى دەپ غودۇڭشىۋاتاتتى. سنەيپ ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتتى.
«تېخىچە خاگرىدنىڭ مەخلۇقىنى قانداق ئالداپ ئۆتۈشنى بىلىپ بولالماپسەن-دە، ھە؟»
«ئە-ئە-ئەمما، سس-سەۋە-سەۋەرۇس، م-مەن…مەن…»
«مەن بىلەن دۈشمەنلىشىپ قېلىشنى خالىمايدىغانسەن كۇئېرىل.» دېدى سنەيپ ئۇنىڭغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلىشىپ.
«م-مەن-مەن ب-بى-بىلمىدىم، زادى…»
«مېنىڭچە سەن ئوبدانلا بىلدىڭ.»
بىر مۈشۈكياپىلاق يۇقىرى ئاۋازدا ھۇۋلىۋېدى، خارى چۆچۈپ دەرەختىن چۈشۈپ كەتكىلى تاسلا قالدى. ئۆزىنى ئوڭشاپ دەرەخكە چىڭ چاپلىشىۋالغان ۋاقىتتا سنەيپنىڭ «سېنىڭ كىچىككىنە ھۈنىرىڭ… ساقلاۋاتىمەن.»
«ئەمما… ئەمما… م-مەن-مەن ھە-ھەرگىزمۇ…»
«ناھايىتى ياخشى» دەپ گەپنى ئۈزۈۋەتتى سنەيپ. «پات ئارىدا يەنە بىر پاراڭلىشىمىز، كىمگە ساداقەتمەن ئىكەنلىكىڭگە قارار قىلىدىغان ئوبدان ۋاقىت.»
ئۇ يېپىنچىسى بىلەن بېشىنى ئوراپ ماڭدى ۋە تېزلا كۆزدىن غايىپ بولدى. ھازىر رەسمىي قاراڭغۇ چۈشكەن ئىدى، ئەمما خارى كۇئېرىلنىڭ تاشتەك قېتىپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇۋاتاتتى.
*******
«خارى، نەگە يوقاپ كەتتىڭ؟» دەپ چۇرقىرىدى ھېرماينى.
«بىز يەڭدۇق! سەن يەڭدىڭ! بىز يەڭدۇق!» دەپ ۋارقىرىدى رون، خارىنىڭ دولىسىغا مۇشتلاپ. «يەنە تېخى مەن مالفوينىڭ كۆزىنى بەك چىرايلىق كۆكەرتىۋەتتىم، نەۋىل بولسا كرەب بىلەن گويلنىڭ ئەدىبىنى ئۆزى يالغۇز بەرمەكچى بولدى! ئۇ تېخىچە ئۆزىنى ئوڭشىيالمىغان بولسىمۇ، پومفرېي ئاپپاينىڭ دېيىشىچە، ئۇ تېزلا ياخشى بولۇپ كېتىدىكەن. سلىيتېرىننىڭ ئەدىپىنى قانداق بەرگەنلىكىڭنى تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىسەن جۇمۇ! كۆپچىلىك سېنى ئاممىۋى زالدا ساقلاۋاتىدۇ، يىغىلىش ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، فرەد بىلەن جورج ئاشخانىدىن تورت ۋە باشقا يىمەكلىكلەرنى ئوغرىلاپ چىقىپتۇ.»
«ئۇنى بىردەم قويۇپ تۇرە» دېدى ھاسىراپ- ھۆمۈدەپ كەتكەن خارى. «بوش ئۆيدىن بىرنى تاپايلى، بۇنى ئاڭلاپ باقمىساڭلار بولمايدۇ.»
ئۇ كىرىپ بولۇپ پېۋزنىڭ يوقلۇقىغا جەزم قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىشىكنى يېپىۋەتتى، ئارقىدىن ئۇلارغا كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىنى بىربىرلەپ سۆزلەپ بەردى.
«ئۇنداقتا، توغرا ئويلاپتىكەنمىز، ئۇ نەرسە راستىنلا پەلسەپە تېشىكەن ۋە سنەيپ كۇئېرىلنى ئۆزىگە ياردەملىشىشكە زورلاۋېتىپتۇ. ئۇ ئۇنىڭدىن فلاففېينى قانداق ئالداپ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىپ- بىلمەيدىغانلىقىنى سورىدى، يەنە تېخى كۇئىرىلنىڭ كىچىككىنە ھۈنىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىرنېمىلەرنى دېدى. مېنىڭچە بولغاندا تاشنى قوغداپ تۇرىدىغان فلاففىيدىن باشقا نەرسىلەرمۇ بار، بىر يۈرۈش ئەپسۇن بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم كۇئېرىل، سنەيپ ئۆتۈش نىيىتىدە بولۇۋاتقان بىر خىل قارا سېھىرگە قارشى ئەپسۇن ئوقۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن.»
«دېمەكچى بولغىنىڭ، ئۇ تاش، كۇئېرىل سنەيپكە قارشى تۇرالىغان تەقدىردىلا بىخەتەر بولىدىكەندە؟» دېدى جىددىيلەشكەن ھېرماينى.
«كېلەر سەيشەنبە تاش يوق، دېگەنلا گەپكەنغۇ بۇ» دېدى رون.









