ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس
تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر
16-باب: پەرمان…
ئونىنچى ئاي. چارشەنبە كۈنى ھاۋا ئوچۇق ئىدى ۋە لەيكتون باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەيدانى ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا بالىلارنىڭ شاۋقۇن – سۈرەن ۋە قاقاقلاپ كۈلۈش ئاۋازى بىلەن تولغان ئىدى.
ئەمما سىنچىلاپ قارىغاندا، بۇ باغچىدا ئوخشىمايدىغان بىر خىل پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولاتتى. چۈنكى پۈتۈن ئىلەڭگۈچلەرنىڭ، يامىشىدىغان ئويۇنچۇقلارنىڭ ۋە كالتەك توپ ۋارىتارلىرىنىڭ يېنىدا بىر-بىرىگە خەت يېزىۋاتقان، ئىشارەت تىلى ئارقىلىق پاراڭلىشىۋاتقان يا بولمىسا گاچا تىياتىرى ئارقىلىق سەيشەنبە كۈنى مەكتەپتىن قايتقاننىڭ ياقى نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىشكە تىرىشىۋاتقان بەشىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەتراپىغا ئاستا ئاستا بىر توپ بالا ئولىشىۋېلىۋاتقان ئىدى؛ ھەممىسى بىر كۈن بۇرۇن گەپ قىلماستىن مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن پايدىلانغان پۈتۈن قۇۋلۇقلىرىنى بىر بىرىگە سۆزلەپ بېرىشىۋاتاتتى. بەشىنچى سىنىپلار ئاخىرى بىر يەرگە كېلەلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال ئىدى. ئۆزلىرىنى، خۇددى سەيشەنبە كۈنى كەچتە بىر كىشىلىك تۈرمىگە قاماپ قويۇلغاندەك ھېس قىلىشىۋاتاتتى.
بىر تەرەپتىن بولسا مۇسابىقە داۋاملىشىۋاتاتتى. ئابروي ئۈچۈن قىلىنغان ۋەدىنى سىناق قىلىدىغان ۋاقىت كەلگەنتى. بېشىدا دىيىشىۋالغاندەك، گەپ قىلىپ سالغان ئوغۇللار لىينسېيگە قىزلار بولسا دەيۋگە دوكىلات بېرەتتى.
دەيۋ كىچىك بىر توپ ھاسىل قىلغان، ھودۇققاندەك كۆرۈنگەن بىر نەچچە قىز قانچە سۆز ئىشلىتىپ قالغانلىقىنى ئىقرار قىلغانسىرى گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. قىزلارغا قارشى ئون بەش نومۇر.
لىينسېينىڭمۇ كەيپى چاغ ئىدى. تۆت ئوغۇل بالا بارمىقى بىلەن كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ھەممىنى قوشقاندا ئون ئىككى سۆز قوللانغانلىقىنى ئىقرار قىلغانتى، گەرچە لىينسېيگە بۇ سان ئازدەك بىلىنىپ سەل گۇمانلىنىپ قالدى، ئەمما، قائىدە دىگەن قائىدە ۋە دەيۋ قىزلارغا ئىشىنىشكە قانداق مەجبۇر بولسا لىينسېيمۇ ئوغۇللارغا شۇنداق ئىشىنىشكە مەجبۇر. لىينسېيمۇ ھەر ئىككى تەرەپتىن يالغانچىلار چىقىپ قالىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا ئېھتىمال، ۋەزىيەت باراۋەر ئىدى. زادى ئانچە ئەنسىرەپ كەتمەيۋاتاتتى، چۈنكى قىزلارنىڭ يېڭىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
تۇنجى قوڭغۇراق جىرىڭلىۋېدى، ھەممىسى ئىچىگە كىردى.
دەيۋ بۇرتون ئەپەندىنىڭ سىنىپىدا ئىدى. ئىككىنچى قوڭغۇراق جىرىڭلاپ، پۈتۈن بالىلار جىمجىتلا ئورنىغا ئولتۇرغاندا، مۇئەللىم، «ئىشىكنىڭ ئالدىدا رەتلىك تىزىلىڭلار بالىلار!» دىدى. «بۈگۈن ئەتتىگەن بەشىنچى سىنىپلارغا، ئالاھىدە يىغىن ئېچىلىدۇ. تېمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى پەرەز قىلالىغانلار بولسا، قېنى تارتىنماي دەۋېرىڭلار!»
ھېچكىم بىر نەرسە دىمىدى. ئەمما بۇرتون ئەپەندى بالىلارنىڭ چىراي ئىپادىسىگە قاراپ كۆپىنچىسىنىڭ توغرا پەرەز قىلغانلىقىنى چۈشەندى. كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ «ئەمما ئەنسىرىمەڭلار. بۇنداق ئەدەپلىك بالىلاردىن كىممۇ شىكايەت قىلسۇن؟ شۇنىسى ئېنىقكى، مەن قىلمايمەن» دىدى.
سىنىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى چوڭ زالغا كىرىپ ئورۇنلاشقاندا دەيۋ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ لىينسېينى ئىزدىدى. لىينسېي، كېللىينىڭ يېنىغا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يېزىشىۋاتاتتى. ئازراقمۇ ھودۇققاندەك قىلمايتتى.
دەيۋ ئۇنىڭغا قارىغانلىقىنى كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن دەرھال ئالدىغا قارىۋالدى. لىينسېي ھودۇقمىسا، ئۆزى نېمىشقا ھودۇققىدەك – ئەمما بۇ يىغىننىڭ مۇسابىقە ھەققىدە ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى. زادى باشقا نېمىمۇ بولۇشى مۇمكىن ھە؟ ئۇ كۈنگىچە لەيكتون مەكتىپىدە ھېچقانداق ئالاھىدە يىغىن ئېچىلىپ باقمىغانتى – يەنى، ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە.
بولۇپمۇ بۇنداق تىمتاس باشلانغان بىر يىغىن ھەرگىزمۇ ئۆتكۈزۈلۈپ باققان ئەمەس.
ئۆز خىياللىرى بىلەن بولۇپ كەتكەن دەيۋ، خىئات خانىمنىڭ سەھنىگە چىققانلىقىنى تۇيمايلا قالدى. مۇدىر بىر نېمىلەرنىدۇر دىدى ئەمما ئۇ بۇلارنىمۇ ئاڭلىمىدى.
سكوت ۋىكېرس بېقىنىنى نوقۇۋېدى دەيۋ ھەقىقى دۇنياغا قايتتى – دەل شۇ ۋاقىتتا مۇدىرنىڭ ئۇدۇل ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى كۆردى.
«دەيۋ، ساڭىمۇ بۇ يەرگە كەل دىدىم.»
ھەيران قالغان دەيۋ، ئەتراپىغا شۇنداق بىر قارىۋېدى لىينسېينىڭ ئالدىدىكى كارىدوردا سەھنىگە قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چاچراپ ئورنىدىن تۇردى دە، دوستلىرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ، تېز تېز مېڭىپ، تۆت بالداقلىق پەلەمپەيدىن چىقىپ سەھنىگە كەلدى.
خىئات خانىم ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇردى. «ئەمدى، بالىلار، ھەممىڭلار بىلىسىلەر، يىغىن ئاچقاندا داۋاملىق ساداقەت قەسەمنامىسىنى ئوقۇپ باشلايمىز. لىينسېي ۋە دەيۋ، بۈگۈنكى قەسەمنامە مۇراسىمىغا سىلەر باشلامچىلىق قىلىسىلەر. ئەمدى، ھەممىڭلاردىن ئورنۇڭلاردىن تۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىمەن.»
پۈتۈن بەشىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئورنىدىن تۇردى. جىمجىتلا.
دەيۋ لىينسېيگە قاراپ قويدى. لىينسېيمۇ ئۇنىڭغا قارىدى. بىرىبىرىگە قارىشىدىنلا نېمە دىمەكچى بولغانلىقى ئېنىق ئىدى: قانداق قىلىمىز؟
لىينسېي بىلىنەر بىلىنمەس، يىنىككىنە مۆرىسىنى سىلكىپ قويدى ۋە تېخىمۇ يىنىك بىر ھەرىكەت بىلەن ئىككىلىسى باش لىڭشىتتى. پۈتۈن بۇلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئىش ئىدى ۋە ئىككىلىسىنىڭ ۋاقتىنچە ئارام ئېلىش ۋاقتى كەلگەنلىكىگە قارار قىلىشىغا يېتىپ ئاشتى.
دەيۋ بىلەن لىينسېي دوستلىرىغا بىربىرلەپ قاراپ تەستىقلىغىنىنى بىلدۈردى ۋە ئوڭ قولىنى قەلبىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بايراققا قارىدى. ئۇچۇر ئەۋەتىلدى ۋە جايىغا باردى.
بۇ بالىلار ئون سەككىز سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتنىڭىزى گەپ قىلمايۋاتاتتى. پۈتۈن بەشىنچى سىنىپلار چوڭقۇر نەپەس ئالدى؛ ئەگەر سەھنىنىڭ ئىككى يېنىغا ئېسىپ قويۇلغان ۋاشىڭتېن ۋە لىنكولىننىڭ سۈرئىتىدە قولىمۇ سىزىلغان بولسا، ئۇلار چوقۇم قوللىرىنى كۆتۈرۈپ قۇلىقىنى ئېتىۋالغان بولاتتى.
«ئامرېكا قوشما شىتاتلىرى بايرىقىغا ۋە ئۇ تەمسىل قىلىۋاتقان، تەڭرىنىڭ ھوزۇرىدا بىر ۋە بۆلۈنمەس بولغان خەلىقنىڭ بىرلىك ۋە ئادالەت ئىچىدە ياشاۋاتقان جۇمھۇرىيەتكە بىر ئۆمۈر سادىق قالىدىغانلىقىمغا قەسەم قىلىمەن!»
بالىلار قەسەمنامىنى بىرلا ۋاقىتتا، رەسمىي ۋار ۋار ۋارقىراپ تۇرۇپ، ئىنتايىن يۇقرى ۋە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك كۈچلۈك، ياڭراق ئاۋازدا دېكلاماتسىيە قىلدى – ھەرقاچان بۇ، پۈتۈن دۆلەت تارىخىدا بىر دۆلەت مەكتىپىدە ئاڭلانغان ئەڭ تەسىرلىك ساداقەت قەسەمنامىسى بولغان بولغىيتتى. چوڭ زالدا بۇ ئاۋاز شۇنداق جاراڭلىدىكى، زالدىكى تىترەشنىڭ بېسىقىشى ئۈچۈن بىرئاز ۋاقىت كەتتى.
دەيۋ بىلەن لىينسېي چاققانلىق بىلەن ئورنىغا قايتىۋاتقاندا تېخىچە قۇلىقى ئاغرىۋاتقان خىئات خانىم «رەھمەت» دىدى. «بۇ… ھەقىقەتەنمۇ ھەيۋەتلىك بولدى. سىلەرنى بۇ ئالاھىدە بەشىنچى سىنىپ يىغىنىغا ھەممىڭلار ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشاش ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىڭلار دەپ چاقىردىم. چۈنكى شۇ مىنۇتتىن ئېتىبارەن» مۇدىر خانىم بۇ يەردە توختاپ، ئالدىدا ئولتۇرغان بالىلارنىڭ ئۆزىگە تىكىلگەن يۈزلىرىگە بىربىرلەپ قاراپ چىقتى «بۇ مۇسابىقە، ياكى ئويۇن يا بولمىسا بۇ تۇيۇقسىز تىنچلىنىشقا نېمە ئىسىم بەرگەن بولساڭلار ياكى ھەممىڭلار داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۇ ئۈچ سۆز ئىشى، شۇ مىنۇتتىن ئېتىبارەن تۈگىدى. ئاخىرلاشتى. تۈگىدى. ئۆزگىچە بىر ئىش قىلدىڭلار، سىلەرگە پايدىسى بولغانلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئەلۋەتتە، بەلكىم سىلەر ئۈچۈن كۆڭۈللۈك بىر ئىش بولغاندۇ. ئەمما، بۇنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەك دەپ قارار قىلدىم. سىلەر قىلىۋاتقان بۇ ئىش، نورمال، ئۈنۈملۈك دەرىس پائالىيەتلىرىنى يوققا چىقاردى. ئەمما، ئەلۋەتتە سىلەرنىڭ بۇ يەردە بولۇشۇڭلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھەر كۈنى ئىمكارن بار كۆپ نەرسە ئۆگىنىش. ئۇنداقتا، چۈشىنىشلىك بولدىمۇ؟»
زال تىمتاسلىققا چۆمدى؛ ئارقىدىن ئۇ يەر بۇ يەردىكىلەر «شۇنداق خىئات خانىم» دەپ جاۋاپ بەردى.
مۇدىر خانىم، «دىگەن گېپىمنى ھەممە ئادەم چۈشەندىمۇ؟» دەپ سورىدى.
بۇ قېتىم پۈتۈن بالىلار جاۋاپ بەردى: «شۇنداق خىئات خانىم!»
ئەمما زالدا تىنچلانمايدىغانلارنىڭ ئادەتتىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى باشلانمىدى: يا تۇيۇقسىز باشلانغان پىچىرلىشىشلار، يا بىر توپ ھەرە غوڭۇلداۋاتقاندەك ئاڭلىنىدىغان غوڭ-غوڭ ئاۋاز، يا چاقچاقلىشىش، يا كۈلۈشۈش… ھېچقايسىسى. بالىلار سۈكۈتنى داۋاملاشتۇردى.
شۇنىڭ بىلەن مۇدىر بىر ئىشنى ھېس قىلدى. ھەئە، بالىلارنىڭ ھەممىسى جاۋاپ بەرگەن، بايا ھەممىسى يۇمشاقباشلىق بىلەن «شۇنداق خىئات خانىم» دىگەنتى. ئەمما بۇ پەقەت ئۈچ سۆزدىن ئىبارەت بىر جاۋاپ ئىدى. ۋە شۇ تاپتا چوڭ زال تېخىچە پۈتۈنلەي جىمجىت ئىدى.
ئۇنداقتا ھەقىقەتەن نورمال ھەرىكەت قىلىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، شۇ… ھەممىسىنى قايتىدىن سۆزلەشكە زورلىشى كېرەك ئىدى… ئادەتتىكىدەك.
ئەمما مۇدىر خانىم ئۇ پەيتنىڭ، توغرا پەيت ئەمەسلىكىگە قارار قىلدى. مۇئەللىملەر كىچىكراق توپلار بىلەن، ئايرىم ئايرىم سىنىپلار بىلەن بۆلۈپ باشقۇرۇشى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
شۇڭا، بەشىنچى سىنىپلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ «بۇنداق پۈتۈن دىققىتىڭلار بىلەن قۇلاق سالغانلىقىڭلارغا رەھمەت.» دىدى. «ئەمدى ھەممىڭلارغا كۆڭۈللۈك بىر كۈن تىلەيمەن. مۇئەللىملەر، ئوقۇغۇچىلىرىڭلارنى سىنىپقا قايتۇرۇپ كەتسەڭلار بولىدۇ.»
خىئات خانىم چوڭ زالدىن چىقىۋاتقان سىنىپلارنى بىربىرلەپ كۈزەتتى. بالىلار،ناھايىتى سېستىمىلىق، رەت تەرتىبى بويىچە چىقىپ كەتتى. ھەممىسى ئىنتايىن ئىنتىزاملىق ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى.
ئەمما بۇ ئىش … تازا ياخشىدەك قىلمايتتى. ئۇلار … ئارتۇقچە جىمىپ كەتكەن بىر توپ بالا ئىدى.