خارى پوتېر ۋە پەلسەپە تېشى (8)

ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ

تەرجىمە قىلغۇچىلار: ماھىنۇر، ھەبىبە، نەسلىخان ئۇيغۇر

8- باب: ماھىر دورىگەر

«ئەنە قارا!»
«قېنى؟»
«چېچى قىزىل، بويى ئېگىز بالىنىڭ يېنىدا!»
«كۆز ئەينەك تاقىۋالغىنىمۇ؟»
«چىرايىنى كۆردۈڭمۇ؟»
«تارتۇقىنى كۆردۈڭمۇ؟»
ئەتىسى، خارى ياتاقخانىدىن چىققاندىن باشلاپ بۇنداق پىچىرلاشلار ئۇنىڭ قۇلىقىدىن نېرى كەتمىدى. بالىلار ئۇنى بىر كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن، سىنىپلارنىڭ ئالدىدا قاتار تىزىلىپ تۇراتتى، يا بولمىسا پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ مارىشاتتى، ياكى ئۇنىڭ بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىش ئۈمىدى بىلەن كارىدورلاردا نەچچە ئايلىناتتى. خارى بولسا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلمىسىكەن دەپ ئويلايتتى. چۈنكى ئۇ پۈتۈن دققىتى بىلەن ئۆزى بارىدىغان سىنىپنى ئىزدەيتتى.
خوگۋارتستا بەزى پەشتاقلىرى كەڭرى ھەم ئازادە؛ بەزى پەشتاقلىرى تار ھەم ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن؛ بەزى پەشتاقلىرى جۈمە كۈنلىرى ئوخشىمايدىغان يەرگە باشلاپ چىقىدىغان؛ بەزىلىرىنىڭ پەشتاقلىرى يېرىم يولدا تۇيۇقسىز غايىپ بولىدىغان بولغاچقا ئاتلاپ ئۆتۈشنى ۋاقتىدا ئەسكە ئالمىسا بولمايدىغان، جەمئىي بىر يۈز قىرىق ئىككى پەلەمپەي بار ئىدى. يەنە تېخى، سىز ئەدەپ بىلەن سورىمىسىڭىز، ياكى نەق جايىنى غىدىقلىمىسىڭىز ئېچىلمايدىغان ئىشىكلەر؛ ياكى بولمىسا ئەمەلىيەتتە ئىشىك ئەمەس، ئەمما ئىشىك قىياپىتىگە كىرىۋالىدىغان تاملارمۇ بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئەستە تۇتۇۋېلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى قارىماققا بۇ نەرسىلەرنىڭ ھېچقايسىسى جايىدا جىم تۇرمايدىغاندەك، پات- پاتلا باشقا ئورۇنلارغا يۆتكىلىپ تۇرۇشقا ئالاھىدە قىزىقىدىغاندەك تۇراتتى. تام رەسىملىرىدىكى ئادەملەر تولا بېرىش كېلىش قىلىپ تۇراتتى. خارى بولسا ھەتتا كارىدوردا تىزىلىپ تۇرغان دۇبۇلغا-ساۋۇتلارنىڭمۇ ماڭالايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنەتتى.
ئەرۋاھلاردىن ياردەم كۈتۈشمۇ بىھۇدە ئىدى. ھەرقانداق بىر ئەرۋاھنىڭ سىز ئېچىش ئۈچۈن ھەپىلىشىۋاتقان بىر ئىشىكنىڭ ئىچىدىن ئۆتۈپ، ئالدىڭىزغا چىقىپ قېلىشى ئادەمنى ئەندىكتۈرۈۋېتىدىغان بىر ئىش ئىدى. ئاساسەن باشسىز نىك، يېڭى گىرىفىندورلۇقلارغا يول باشلاشنى شەرەپ دەپ بىلەتتى، ئەمما پېۋز… ئەگەر سىز دەرسكە كېچىكىپ قالاي دېگەندە ئۇنىڭ بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالىدىغان بولسىڭىز، ئۇ ئاز دېگەندە ئىككى قۇلۇپلاقلىق ئىشىك ۋە بىر ھىيلىگەر پەلەمپەيگە تەڭ كېلەتتى. ئۇ بېشىڭىزغا ئەخلەت چىلەكلىرىنى تاشلايتتى، سىز دەسسەپ تۇرغان گىلەمنى تارتاتتى، كەينىڭىزدىن سىزنى قوغلاپ بېرىپ بور پارچىلىرى ئاتاتتى ياكى كۆرۈنمەس بولۇۋېلىپ ئارقىڭىزدىن ئاستا سوقۇنۇپ كىرەتتى ۋە تۇيۇقسىز بۇرنىڭىزدىن چىڭ قاماللىۋېلىپ «بۇرنۇڭنى يۇلۇۋالدىم!» دەپ چىرقىرايتتى.
پېۋزدىنمۇ بەتتەر بولغىنى، ئەگەر بۇنداق بىر ئىش مۇمكىن بولسا، مەكتەپ خادىمى ئارگۇس فىلچ ئىدى. خارى بىلەن رون تۇنجى كۈنى ئەتىگەندىلا ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ سالغان ئىدى. فىلچ ئۇلارنى قۇلۇپلانغان بىر ئىشىك بىلەن ھەپىلىشىۋاتقاندا، نەس باسقاندەك دەل ئۈچىنچى قەۋەتتىكى كىرىش چەكلەنگەن كارىدورغا كىرىدىغان ئىشىكنى ئاچماقچى بولۇۋاتقاندا تۇتۇۋالغان ئىدى. ئۇ، ئۇلارنىڭ ئېزىپ قالغانلىقىغا ئىشەنمەيلا قالماستىن يەنە تېخى بۇ يەرگە قەستەن كىرمەكچى بولۇشقانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن ئىشەنگەن ۋە ئۇلارنى زىندانغا سولاپ قويۇپ جازالايمەن، دەپ تەھدىت سېلىۋاتقاندا، تاسادىپىي شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان پروفىسسور كۇئىررىل كېلىپ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئىدى.
فىلچنىڭ، نورىس خانىم ئىسىملىك بىر مۈشۈكى بار ئىدى. توپا رەڭلىك بۇ ئاۋاق مەخلۇقنىڭ پولتىيىپ چىققان لامپۇچكىغا ئوخشاش كۆزلىرى بەئەينى فىلچنىڭ كۆزلىرىگىلا ئوخشايتتى. ئۇ كارىدورلارنى ئۆزى يالغۇز چارلايتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا بىرەر قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ سالىدىغان بولسىڭىز، سىزىقنىڭ ئۇ تەرىپىگە بىر مىللىمېتىر ئۆتۈپ كېتىدىغان بولسىڭىز، ئۇ شۇ ھامان فىلچنى باشلاپ كېلەتتى. فىلچ بولسا پۇشۇلداپ ئىككى سىكۇنتتا ئۈنۈپ بولاتتى. فىلچ، مەكتەپنىڭ يوشۇرۇن تونىل ۋە يوللىرىنى ھەرقانداق بىر ئادەمدىن (بەلكىم، ۋېزلىي قوشكېزەكلىرىدىن كېيىن قالسا) ياخشىراق بىلەتتى، شۇڭا ئەرۋاھلاردەك، ئالدىڭىزدا تۇيۇقسىز، خۇددى يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەكلا پەيدا بولاتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئۆچ ئىدى،ھەم، كۆپىنچىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى نوررىس خانىمنى بىر قېتىم بولسىمۇ قاتتىق تېپىۋېلىش ئىدى.
يەنە ئەگەر سىنىپلارنى تاپالىسىڭىزلا، دەرىسلەرمۇ بار تېخى. خارى سېھىرنىڭ پەقەت تايىقىڭىزنى پۇلاڭلىتىپ بىرنەچچە قىزىقارلىق سۆزنى توۋلاپ قويۇشتىن ئىبارەت ئەمەسلىكىنى تېزلا بىلىۋالدى.
ئۇلار ھەر چارشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدە تېلېسكوپلىرى بىلەن قاراڭغۇ ئاسمانغا قارايتتى، خىلمۇخىل پېلانىتلار ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئىسمىنى ئۆگىنەتتى. ھەپتىدە ئۈچ قېتىم پارنىكلارغا، بوتانىك دەرىسىگە بېرىپ پروفېسسور سپروۋت ئىسىملىك، پاكار ھەم بودەك بىر جادۇگەردىن ھەرقانداق سېھىرلىك ۋە غەلىتە ئۆسۈملۈكلەرنى، ئاجايىپ موگولارنىڭ ھالىدىن قانداق خەۋەر ئېلىشنى ۋە ئۇلاردىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگىنەتتى.
شۈبھىسىزكى، ئەڭ زېرىكىشلىك ۋە مۇئەللىمى بىر ئەرۋاھ بولغان بىردىنبىر دەرس- سېھىر تارىخى ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پروفېسور بىننس، مۇئەللىملەر ئىشخانىسىدا تام مەشنىڭ ئالدىدا ئۇخلاپ قالغان ۋاقتىدا، ئىنتايىن قېرىكەنمىش. ئەتىسى ئويغىنىپ دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن سىنىپقا ماڭغاندا بولسا، بەدىنى كەينىدە قاپتىكەنمىش. بىننس بىر خىل ئاۋازدا سۆزلەپ، تارىختىكى شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا يازغۇزۇۋاتقاندا، قەبىھ ئەمەرىك ۋە ئاجايىپ يۇرىكنىڭ ئىسىملىرىنى بىر- بىرى بىلەن ئالماشتۇرۇپ سالاتتى.
تىلسىم دەرسى مۇئەللىمى پروفېسسور فلىتۋىك، ئۈستەلنىڭ ئارقىسىدىن بالىلارنى ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن بىر دەستە كىتاپنىڭ ئۈستىدە دەسسەپ تۇرىدىغان، پەتەك بىر سېھىرگەر ئىدى. بىرىنچى دەرس باشلانغاندا ئۇ يوقلىما قىلغان ۋە خارىنىڭ ئىسمىغا كەلگەندە ھاياجانلانغىنىدىن بىرلا چىرقىراپ، تۇرغان يېرىدىن پەسكە دومىلاپ چۈشۈپ كېتىپ كۆزدىن غايىپ بولغان ئىدى.
پروفېسور مېك گوناگالمۇ شۇنداق بىر ئۆزگىچە مۇئەللىم ئىدى. خارىنىڭ ئۇنى بىر كۆرۈپلا قېرىشىپ قېلىشقا قەتئىي بولمايدىغان بىر مۇئەللىم دەپ ئويلاپ قېلىشى بىكار ئەمەسكەنتۇق. ئۇ قاتتىق قول ھەم زېرەك ئىدى. يەنە كېلىپ تېخى بىرىنچى دەرسنىمۇ باشلىماستىن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.
«شەكىل ئۆزگەرتىش سىلەر خوگۋارتسا ئۆگىنىدىغان ئەڭ مۇرەككەپ ۋە خەتەرلىك سېھىر بىلىملىرىدىن» دېگەنىدى ئۇ. «مېنىڭ سىنىپىمدا قالايمىقانچىلىق چىقارغان ھەرقانداق بىرسى ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدىغانغا كېتىدۇ. سىلەرگە بېشىدىلا ئەسكەرتىش بېرىپ قويدۇم جۇمۇ.»
كېيىن ئۇ ئۈستىلىنى بىر چوشقىغا ئايلاندۇرۇۋەتتى، ئارقىدىن ئەسلىگە قايتۇردى. بالىلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق ھاياجانلانغان ۋە بۇ سېھىرنى ئۆگىنىشكە تەقەززا بولۇشقان ئىدى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆي جاھازلىرىنى ھايۋانغا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئانچە ئوڭاي ئىش ئەمەسلىكىنى بىلىۋېلىشتى. بىر توپ مۇرەككەپ ئىزاھاتلارنى خاتىرىلىۋالغاندىن كېيىن، ھەممىسى ئۇلارغا تارقىتىلغان بىر تال سەرەڭگىنى يىڭنىگە ئايلاندۇرۇشقا كىرىشىپ كەتتى. دەرسنىڭ ئاخىرىدە پەقەت ھېرماينى گرېنجىرلا سەرەڭگىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتەلىگەن ئىدى. مېك گوناگال ھەممىسىگە سەرەڭگىنىڭ قانداقسىگە كۈمۈشكە ئۆزگىرىپ ئۇچىنىڭ ئۇچلۇق بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ چىققاندىن كىيىن ھېرماينىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويغان ئىدى ۋە بۇ ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان بىر ئىش ئىدى.
سىنىپتىكىلەر ئەڭ تەقەززا بولغان دەرىس زۇلمەتلىك كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇش دەرسى ئىدى. ئەمما كۇئىررېلىنىڭ دەرسلىرى چاقچاقتەكلا بىر نېمە بولۇپ چىققان ئىدى. ئۇنىڭ سىنىپى داۋاملىق گۈپپىدە سامساق پۇرايتتى، ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئۇ رۇمىنىيەدە ئۇچرىشىپ قالغان بىر قان شورىغۇچ ئالۋاستىدىن قوغدىنىش ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇنىڭ بۇ كۈنلەردە ئۇ ئالۋاستىنىڭ قايتىپ كېلىشىدىن قورقىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ سەللىسىنى بىر شاھزادە – چاتاق تېرىغان بىر جانلىق جەسەتتىن قۇتقۇزۇپ قالغان بىر ئافرىقىلىق شاھزادە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن سوۋغا قىپتىكەنمىش. بىراق باشقىلار بۇ ھېكايىغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيتتى. بىر قېتىم سېمۇس فىننىگان ھەۋەس بىلەن كۇئېرىلنىڭ ئۇ جانلىق جەسەت بىلەن قانداق ئېلىشقانلىقىنى سورىغاندا كۇئىررىل قىزىرىپ كەتكەن ۋە دەرھال تېمىنى بۇراپ ھاۋا رايى ھەققىدە سۆزلەپ كەتكەن ئىدى. يەنە تېخى ئۇلار سەللىگە يېقىن كەلسىلا غەلىتىلا بىر پۇراق سېزىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ۋېزلى قوشكېزەكلىرى ئۇنىڭ ئىچىدە لىققىدە سامساق بار، شۇنىڭ ئۈچۈن كۇئىررىل قەيەرگە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر قان شورىغۇچ ئالۋاستىدىن ئۇنى قوغداپ تۇرىدۇ، دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان ئىدى.
خارى باشقىلارنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنچىۋالا كەينىدە قالمىغانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىدا ئىنتايىن يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلغانىدى. ماگېل ئائىلىلەردىن كەلگەن بىر توپ ئوقۇغۇچى بار ئىدى. ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاشلا بىر ۋاقىتلاردا جادۇگەر ياكى سېھىرگەر ئىكەنلىكىدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر ياشاپ كەلگەنىكەندۇق. ھەم يەنە ئۆگىنىدىغان شۇنداق كۆپ نەرسە بار ئىدىكى، ھەتتا رونغا ئوخشاش بالىلارنىڭمۇ شۇ چاغقىچە بىلگەنلىرىمۇ ئانچە ئەسقاتماي قالغان ئىدى.
جۈمە كۈنى خارى بىلەن رون ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولدى. چۈنكى ئۇلار ناشتا قىلىش ئۈچۈن چوڭ زالغا تۇنجى قېتىم ئېزىپ قالماي كىرەلىگەن ئىدى.
«بۈگۈن نېمە باركەن؟» دەپ سورىدى خارى روندىن سۈتىگە شېكەر سالغاچ.
«سلىيتېرىنلەر بىلەن ئارقا ئارقىدىن ئىككى سائەت سېھىرلىك سۇيۇقلۇقلار» دېدى رون. «سنەيپ سلىيتېرىن بىناسىغا مەسئۇل مۇئەللىم. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ داۋاملىق ئۆزىنىڭ بىناسىغا يان باسارمىش، راست يالغانلىقىنى بۈگۈن بىلىپ قويىمىز مانا.»
«مېك گوناگالمۇ ئانچە- مۇنچە بىزگە يان باسقان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ھە!؟» دېدى خارى. پروفېسسور مېك گوناگال گرىفىندور بىناسىنىڭ مەسئۇلى ئىدى. ئەمما ئۇ تۈنۈگۈن يەنىلا ئۇلارغا بىر دۆۋە تاپشۇرۇق بېرىشىنى ئۇنتۇپ قالمىدى.
دەل شۇ پەيتتە ئەتىگەنلىك پوچتا يېتىپ كەلدى. خارى ھازىر بۇ ئىشقا خېلىلا كۆنۈپ قالغان، ئەمما تۇنجى كۈنى ئەتىگەندە يۈزدەك مۈشۈكياپىلاق ئۇلار ناشتا قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىزلا چوڭ زالغا باستۇرۇپ كىرگەندە ھەم يەنە ئۈستەللەرنىڭ ئەتراپىدا ئىگىلىرىنى تاپىدىغان چاغقىچە ئايلىنىپ يۈرگەندە، يەنە تېخى خەت-چەكلىرىنى ۋە بەزىبىر بولاقلارنى قۇچاقلىرىغا تاشلاپ بەرگىلى تۇرغان ۋاقىتتا قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن ئىدى.
ھەدۋىگ ھازىرغىچە خارىغا بىر نەرسە ئەكىلىپ بېرىپ باقمىغان ئىدى. بەزىدە ئۇنىڭ مەكتەپتىكى باشقا مۈشۈكياپىلاقلار بىلەن بايقۇشخانىدا ئۇخلاشقا بېرىشتىن بۇرۇن خارىنى ئەركىلىتىپ قۇلىقىنى چوقۇپ قويۇش ۋە بىر پارچە قاقلاپ پىشۇرۇلغان بولكا يىيىش ئۈچۈن چوڭ زالغا ئۇچۇپ كىرىپ قويىدىغان چاغلىرى بولاتتى. ئەمما بۈگۈن سەھەردە ئۇ پەرۋاز قىلغانچە كىرىپ كەلدى-دە، ئاپلىسىن قىيامى بىلەن شېكەر قاچىسىنىڭ ئارىسىغا قونۇپ، خارىنىڭ تەخسىسىگە بىر پارچە خەت تاشلاپ قويدى. خارى دەرھاللا لېپاپىنى يىرتىپ ئاچتى.


قەدىرلىك خارى، (دەپ يېزىلغان ئىدى، ئەگرى بۈگرى بىر خىل قوليازمىدا)
جۈمە كۈنى چۈشتە بىكار ۋاقتىڭ بارلىقىنى بىلىمەن، شۇڭا سائەت ئۈچلەردە كەلسەڭ، بىرەر پىيالە چاي ئىچىشىپ ئولتۇرمامدۇق؟ بىرىنچى ھەپتىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىڭ ھەققىدە ھەممىنى ئاڭلاپ باققۇم بار. خەدۋىگ بىلەن جاۋاپ قايتۇر.
خاگرىد.


خارى روننىڭ پەي قەلىمىنى سوراپ، قەغەزنىڭ بىر بۇرجىكىگە ئالدىراپ- سالدىراپ «بولىدۇ، بەك ياخشى بولدى، چۈشتىن كېيىن كۆرۈشەيلى» دەپ يازدى ۋە ھەدۋىگنى يولغا سالدى.
بەختكە يارىشا، خارىنىڭ خاگرىدنىڭكىگە بېرىپ چاي ئىچىشتەك ئۇنى تەقەززا قىلىۋاتقان بىر ئىشى بار ئىكەن. چۈنكى سېھىرلىك سۇيۇقلۇقلار دەرسى، يېقىندىن بۇيان ئۇ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئەڭ كۆڭۈلسىز كەچۈرمىش بولۇپ قالدى.
يېڭى مەۋسۈم ئوقۇش باشلىنىش زىياپىتىدە، خارى «سنەيپ مېنى ئانچە ياقتۇرمايدىكەن» دېگەن كۆز قاراشقا كەلگەن ئىدى. سېھىرلىك سۇيۇقلۇقلار دەرسى ئاخىرلاشقاندا خارى خاتالاشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. سنەيپ ئۇنى ئانچە ياقتۇرمايدىكەن، دېسە قاملاشماي قالىدىكەن، ئەسلىدە ئۇ ئۇنىڭغا چىش- تىرنىقىغىچە ئۆچ ئىكەن!
سېھىرلىك سۇيۇقلۇقلار دەرسى يەر ئاستى قەۋىتىدىكى زىندانلاردا ئۆتۈلەتتى. بۇ يەر قەلئەنىڭ باشقا يەرلىرىگە قارىغاندا سوغۇقراق ئىدى، ھەم شۇنداقلا تام ئويۇق ئىچىدە تۇز سۈيىگە چىلانغان خىلمۇخىل ھايۋانلار لەيلەپ تۇرغان ئەينەك كومزەكلەر تىزىقلىق بولمىغان تەقدىردىمۇ بۇ يەر ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان بىر جاي ئىدى.
سنەيپ فلىتۋىككە ئوخشاش دەرسنى يوقلىما قىلىپ باشلىدى. يەنە فلىتۋىككە ئوخشاشلا خارىنىڭ ئىسمىگە كەلگەندە بىر ھازا توختاپ تۇرۇپ قالدى.
«پاھ، ماۋۇ ئىشنى قارىمامدىغان» دېدى مۇلايىم ئاھاڭدا «خارى پوتېر، بىزنىڭ ئەڭ يېڭى چولپان…»
دراكو مالفوي بىلەن دوستلىرى كرەب ۋە گويل ئاغزىنى قولى بىلەن توسۇۋېلىپ پىخىلدىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى. سنەيپ ئىسىملارنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن سىنىپتىكىلەرگە بىر قۇر سەپسالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى خاگرىدنىڭكىدەك قاپقارا ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ئىللىقلىقتىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق ئىدى. ئۇلار سوغۇق ھەم ھېسسىياتسىز كۆرۈنەتتى، ھەم قارىماققا ئادەمگە قاپقاراڭغۇ تونىللارنى ئەسلىتىپ قوياتتى.
«سىلەر بۇ يەرگە ئىنچىكىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلمىسا بولمايدىغان بۇ بىلىمنى، سېھىرلىك سۇيۇقلۇق ياساش دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مۇكەممەل سەنئەتنى ئۆگىنىشكە كەلدىڭلار» دەپ سۆز باشلىدى. ئۇ خۇددى پىچىرلىغاندەك گەپ قىلاتتى. ئەمما ئاغزىدىن چىققان ھەر بىر سۆزنى ئېنىق ئاڭلىغىلى، چۈشەنگىلى بولاتتى. سنەيپمۇ خۇددى مېك گوناگالغا ئوخشاش، ئانچە كۈچ چىقارمىسىمۇ بىر توپ ئوقۇغۇچىنى تىنچ ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلىيالايتتى. «بۇ يەردە بىمەنە، قالايمىقان بىر توپ تاياق پۇلاڭلىتىشتەك ئىشلار بولمىغاچقا ھەتتا بەزىلىرىڭلارغا بۇ ئىش سېھىردەك تۇيۇلماي قېلىشىمۇ مۇمكىن. سىلەردىن چاقناپ تۇرىدىغان، ھورلىرى ئۆرلەپ تۇرىدىغان، پورۇقلاپ قايناۋاتقان قازانلارنىڭ نە قەدەر جەلىپ قىلارلىق ئىكەنلىكىنى، سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئادەملەرنىڭ تومۇرىغا تۇيدۇرماستىن ئېقىپ كىرىدىغان، زېھنى ۋە ھېس- تۇيغۇلىرىنى خىلمۇخىل ئەپسۇنلار ئارقىلىق تىزگىنلىيەلەيدىغان ئاشۇ سىرلىق، مۇرەككەپ كۈچ-قۇدرىتىنى چۈشىنىپ يېتىشىڭلارنى ئەلۋەتتە كۈتمەيمەن… ئەمما مەن سىلەرگە شۆھرەتنى قانداق قىلىپ بىر قۇتىغا تامچە-تامچە تولدۇرۇۋېلىشنى، شان شەرەپنى قانداق قىلىپ دەملىۋېلىشنى، ھەتتا ئۆلۈمنى قانداق توختىتىۋېلىشنى ئۆگىتەلەيمەن. ئەگەر سىلەر ئاشۇنداق ھەر يىلى ئالدىمغا چىقىدىغان، ئۆزىنى ئوقۇغۇچى دەۋالىدىغان، مەن دەرس ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىدىغان بىر توپ ئەرزىمەس كالۋالاردىن بولمىساڭلارلا…»
بۇ قىسقا نۇتۇق، سورۇندىكىلەرنىڭ سۈكۈتىگە سۈكۈت قوشتى. خارى بىلەن رون قېشىنى كۆتۈرۈپ بىر-بىرسىگە قارىشىپ قويدى. ھېرماينى گرېنجىر ئورۇندۇقىنىڭ قىرىدا خۇددى ئۆزىنىڭ ئەرزىمەس كالۋا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، شۇ ھامان ھەممىنى قىلىشقا تەيياردەك خۇددى ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى ئاران ئاران تۇتۇۋېلىۋاتقاندەك ئولتۇرۇۋاتاتتى.
«پوتېر!» دېدى سنەيپ تۇيۇقسىز. «ئەگەر نەرگىس گۈلىنىڭ يىلتىزىنىڭ تالقىنى بىلەن دەملەنگەن ئەمەن سۇيۇقلۇقىنى ئارىلاشتۇرسام نېمىگە ئېرىشىمەن؟»
نېمىنىڭ تالقىنى بىلەن نېمىنىڭ… خارى ئۆزىگە ئوخشاشلا ھودۇقۇپ قالغان رونغا قارىدى. ھېرماينىنىڭ قولى ھاۋانى ئوقتەك ياردى.
«بىلمەيمەن، ئەپەندىم»
سنەيپنىڭ چىرايىدا، سوغۇق بىر كۈلكە پەيدا بولدى.
«ئاپلا – قارىغاندا نام ئاتاق ھەممىگە ئەسقاتماي قالىدىكەن-دە»
ئۇ ھېرماينىنىڭ قولىنى كۆرمەسكە سالدى.
«قېنى، يەنە بىر قېتىم سىناپ باقايلى. پوتېر، ئەگەر ساڭا بىر بېزوئار تېپىپ كەل دىسەم، قەيەردىن ئىزدىگەن بولاتتىڭ؟»
ھېرماينى قولىنى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەستە قانچىلىك ئېگىز كۆتۈرگىلى بولىدىغان بولسا، شۇنچىلىك ئېگىز كۆتۈردى. ئەمما خارى بېزورئارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېچ بىلمەيتتى. ئۇ ئۈنسىز كۈلۈپ تېلىقىپ قالاي دىگەن مالفوي، كرەب ۋە گويل تەرەپكە قارىماسلىققا تىرىشتى.
«بىلمەيمەن، ئەپەندىم»
«كېلىشتىن بۇرۇن بىرەر كىتاپنى ۋاراقلاپمۇ قويماپسەندە پوتېر، شۇنداقمۇ؟»
خارى ئۆزىنى شۇ سوغۇق كۆزلەرنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. ئۇ، دۆرسلىيلەرنىڭ ئۆيىدىكى ۋاقىتتا كىتاپلىرىغا بىر قۇر قاراپ چىققان، ئەمما سنەيپ ئۇنىڭدىن قانداقسىگە مىڭ خىل سېھىرلىك ئوت ۋە موگو دېگەندەك كىتاپتىكى پۈتۈن تەپسىلاتلارنى ئېسىدە تۇتۇۋېلىشىنى كۈتىدىغاندۇ؟
سنەيپ ھېرماينىنىڭ ھاياجاندىن تىترەپ كەتكەن قولىنى كۆرمەسكە سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.
«دەپ باقە، پوتېر، بۇۋانە بىلەن بىيىشنىڭ پەرقى نېمە؟»
بۇ يەرگە كەلگەندە ھېرماينى چىدىيالماي ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى. قولى زىنداننىڭ تورۇسىغا تېگىپ قالاي دېگەندەك كۆرۈنەتتى.
«بىلمەيمەن» دېدى خارى ئاستاغىنە. «ئەمما، مېنىڭچە ھېرماينى بىلىدىغاندەك قىلىدۇ، نېمىشقا ئۇنىڭدىن سوراپ باقمايسىز؟»
بىرنەچچە كىشى كۈلۈۋەتتى. خارىنىڭ كۆزى سېمۇسنىڭكى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى ۋە سېمۇس كۆز قىسىپ قويدى. سنەيپنى بولسا ئانچە خۇش بولۇپ كەتتى، دېيىشكە بولمايتتى.
«جايىڭدا جىم ئولتۇر» دېدى ئۇ ھېرماينىگە تۇيۇقسىزلا. «بىلىپ قوي، دەپ دەۋاتىمەن. پوتېر، نەرگىس يىلتىزى ۋە ئەمەننى ئارلاشتۇرسا شۇنداق كۈچلۈك بىر ئۇيقۇ دورىسى ياسىغىلى بولىدۇكى، ئۇنى بىز تىرىك-ئۆلۈكنىڭ خام ماتېريالى دەپ ئاتايمىز. بېزوئار ئۆچكىنىڭ ئاشقازىنىدىن چىقىدىغان بىر خىل تاش ۋە سېنى كۆپىنچە زەھەرنىڭ تەسىرىدىن ساقلاپ قالالايدۇ. بۇۋانە بىلەن بىيىشقا كەلسەك، ئىككىسى ئوخشاش ئۆسۈملۈك، ئاكونىت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نېمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرىسىلەر؟ نېمىشقا بۇ نەرسىلەرنى يېزىۋالمايسىلەر؟»
ھەممىسى ئالدىراپ- سالدىراپ تېرە قەغەزلىرىنى ۋە پەي قەلەملىرىنى ئىزدىگىلى تۇردى. شاراق-شۇرۇق ئاۋازلار ئارىسىدا سنەيپ، «يەنە ئەدەپسىزلىكىڭ تۈپەيلى گرىففىندور بىناسىدىن بىر نومۇر تارتىلىدۇ، پوتېر» دېدى.
سېھىرلىك سۇيۇقلۇقلار دەرسىنى گرىففىندورلار ئۈچۈن ئانچە كۆڭۈللۈك داۋاملىشىپ كەتمىدى. سنەيپ ھەممىسىنى ئىككى كىشىلىك گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ، ئۇلارغا يىرىڭداپ كەتكەن سۆگەللەرنى ساقايتىدىغان بىر ئاددىي دورا قاينىتىش ۋەزىپىسى بەردى. ئۇ يەرنى سۈپۈرۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن قارا تونىنىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن بۇياققا ماڭاتتى، ھەم ئۇلارنىڭ قۇرۇتۇلغان چاققاق ئوتلارنى جىڭلىشىنى ۋە ئۇزۇن يىلان چىشلىرىنى سوقۇپ تالقان قىلىشىنى كۈزىتەتتى. يەنە تېخى ھەممىسىنىڭ قىلغان ئىشىدىن قۇسۇر چىقىراتتى. قارىماققا مالفويدىن باشقا ھەممىسى ياپيېشىل تۇمان ۋە ۋىژىلدىغان ئاۋازلار بىلەن زىنداننى بىر ئالغان چاغدا، سنەيپ مالفوينىڭ مۈڭگۈزلۈك قۇلۇلىسىنى نە قەدەر ئۇستىلىق بىلەن قاينىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى تازا ماختاۋاتقان ئىدى. نەۋىل قانداق قىلدىكىن تاڭ، سېمۇسنىڭ قازىنىنى ئېرىتىپ، ئەگرى بۈگرى بىر پارچە مېتالغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئۇلار قايناتقان دورا بولسا پولغا ئېقىپ ھەممە يەرنى بىر ئالغان، ئۇنىڭغا دەسسەپ سالغان بالىلارنىڭ ئاياقلىرىنى تېشىۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن سىنىپتىكى ھەممە بالىلار ئورۇندۇقلىرىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغان ئىدى. قازان ئېرىپ كەتكەن ۋاقىتتا دورىنىڭ ھەممىسى ئۈستى بېشىغا تۆكۈلۈپ كەتكەن بىچارە نەۋىل بولسا، بىلەك ۋە پاچاقلىرىنىڭ ھەممە يېرىدە ئىششىپ چىققىلى تۇرغان قېپقىزىل، يوغان قاپارتقۇلارنىڭ ئاغرىقىغا چىدىماي ئىڭراپ ياتاتتى.
«دۆت!» دەپ ۋارقىرىدى سنەيپ. ئۇ سېھىرلىك تايىقىنى بىرلا پۇلاڭلىتىپ قويۇۋېدى، تۆكۈلۈپ كەتكەن دورا غايىپ بولدى. «مېنىڭچە سەن چوقۇم كىرپە تىكەنلىرىنى قازاننىڭ ئوتنى ئۆچۈرمەستە قويدۇڭ، شۇنداقمۇ؟»
قاپارتقۇلار بۇرنىدا ئىششىپ چىققىلى تۇرغاندا نەۋىل ۋارقىراپ كەتتى.
«ئۇنى دوختۇرخانا بۆلۈمچىسىگە ئاپار» دېدى سنەيپ سېمۇسقا. ئارقىدىن نەۋىلنىڭ يېنىدىكى پارتىغا ئورۇنلاشقان خارى بىلەن رونغا بۇرۇلدى.
«سەن پوتېر، نېمىشقا ئۇنىڭغا كىرپە تىكىنىنى سالسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتمىدىڭ؟ ئۇ خاتالاشسا مەن تېخىمۇ ئەقىللىق كۆرۈنىمەن دەپ ئويلىدىڭغۇ دەيمەن، ھە؟! گرىففىندوردىن يەنە بىر نومۇر تارتىلىشىغا سەۋەپچى بولغانلىقىڭدىن پەخىرلەنسەڭ بولىدۇ!»
بۇ ناھەقچىلىككە چىدىمىغان خارى ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاغزىنى ئېچىۋېدى، رون قازاننىڭ كەينىدىن ئۇنىڭ پۇتىغا تەپتى.
«بولدى قىل» دەپ پىچىرلىدى ئۇ. «ئاڭلىشىمچە سنەيپ بەزىدە چېكىدىن ئاشقان ئوسال بولۇپ كېتىدىكەن.»
بىر سائەتتىن كېيىن ئۇلار زىنداندىن چىقىدىغان پەلەمپەيلەردىن ئۆرلەۋاتقاندا، خارىنىڭ كاللىسى قايمۇقۇپ كەتكەن ھەم روھى چۈشكۈن ئىدى. ئۇ بىرىنچى ھەپتىسىدىلا گرىففىندوردىن ئىككى نومۇر تارتىلىپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولغان ئىدى. نېمىشقا سنەيپ ئۇنىڭدىن بۇنچىۋالا نەپرەتلىنىدىغان بولغىيتتى؟
«كۆڭلۈڭنى بۇنچە بۇزما» دېدى رون. «سنەيپ داۋاملىق فرەد بىلەن جورجنىڭ سەۋەبىدىن گرىففىندوردىن نومۇر تارتىدۇ. مەنمۇ سەن بىلەن بېرىپ خاگرىد بىلەن تونۇشۇپ باقسام بولامدۇ؟»
ئۈچكە بەش مىنۇت قالغاندا ئۇلار قەلئەدىن چىقتى ۋە مەيداننى كېسىپ ئۆتتى. خاگرىد كىرىش چەكلەنگەن ئورمانلىقنىڭ يېنىدىكى بىر ياغاچ كەپىدە تۇراتتى. ئىشىك تۈۋىدە بىر جۈپ رېزىنكە ئاياغ ۋە بىر تال كىرىس شەكىللىك ئوقيا تۇراتتى.
خارى ئىشىكنى چەككەندە، ئۇلار ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كەتكەن بىر نەرسىنىڭ ئىشىكنى ئىچىدىن تاتىلىغان ۋە بىر نەچچە قېتىم گۈركىرىگەندەك ھاۋشىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئارقىدىنلا خاگرىدنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى: «بىر تەرەپكە تۇر فەڭ، كەينىڭگە يان دەيمەن!» دەۋاتاتتى ئۇ.
ئىشىكنى تارتىپ ئاچقاندا چىققان غىچىرلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ خاگرىدنىڭ يوغان، تۈكلۈك يۈزى كۆرۈندى.
«تۇرۇپ تۇرۇڭلار ھە» دېدى ئۇ. «كەينىڭگە يان فەڭ!»
بىر قولىدا ئاجايىپ يوغان بىر تايغاننىڭ تاسمىسىدىن چىڭ تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا گەپ ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقان خاگرىد بالىلارنى ئىچكىرىگە باشلىدى.
بۇ يەردە پەقەت بىرلا ھۇجرا بار ئىدى. تورۇسقا سۈر گۆش ۋە خاگرىد ئوۋلىغان قىرغاۋۇللار ئېسىپ قويۇلغان ئىدى. ئوتنىڭ ئۈستىدە چوڭ بىر مىس چۆگۈندە سۇ قايناۋاتاتتى، يەنە تېخى بۇلۇڭدا ئۈستىگە قۇراق ئەدىيال سېلىنغان بىر گىگانت كارىۋات تۇراتتى.
«ئۆزۈڭلانىڭ ئۆيىدەك ئەركىن ئولتۇرۇڭلار» دېدى خاگرىد فەڭنى قويۇپ بېرىپ. ئاخىرى ئەركىنلىككە چىققان فەڭ بولسا سەكرەپ تاقلاپ ئۇدۇل روننىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇنىڭ قۇلىقىنى يالىغىلى تۇردى. خاگرىدقا ئوخشاشلا، فەڭمۇ قارىماققا قوپال كۆرۈنسىمۇ ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس ئىدى.
«بۇ رون» دېدى خارى، قايناق سۇنى چوڭ بىر چايدانغا قۇيۇۋاتقان ۋە بىر تەخسىگە پېچىنە تىزىۋاتقان خاگرىدقا.
«يەنە بىر ۋېزلىي دېگىنە!» دېدى خاگرىد روننىڭ سەپكۈنلىرىگە قاراپ، «ئۆمرۈمنىڭ يېرىمى سېنىڭ قوشكېزەك ئاكىلىرىڭنى ئورماندىن قوغلاپ چىقىرىپ بولالماي ئۆتتى.»
پېچىنە چىشنى كاردىن چىقارغۇدەك قاتتىق ئىدى، ئەمما خارى بىلەن رون بۇنى چاندۇرماستىن، خۇددى ئۇلارغا بەك تېتىپ كەتكەندەك قىياپەتكە كىرىۋالدى. بىر تەرەپتىن بولسا خاگرىدقا تۇنجى دەرسلەر ئۇلاردا قالدۇرغان تۇنجى تەسىراتلارنى بىر بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. فەڭ بېشىنى خارىنىڭ تىزىغا قويۇپ ياتتى ۋە ئۇنىڭ شۆلگىيى خارىنىڭ تونىنى بۇلغىۋەتتى.
خاگرىد فىلچنى «قېرى نان قېپى» دېۋىدى، خارى بىلەن رون بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشتى.
«ئاشۇ مۈشۈككە، نورىس خانىمغا كېلىدىغان بولساق، بىر كۈنى ئۇنى فەڭ بىلەن تونۇشتۇرۇپ قويۇش خىيالىم با. بىلەمسىلە، مەن قاچان مەكتەپكە كىرسەم ئۇ بىر نەرسە ھەممىلا يەردە كەينىمدىن ئەگىشىپلا يۈرىدۇ! چاپلىشىپلىۋالىدۇ دەڭلا، قوغلىساممۇ كەتمەي… بۇ چوقۇم فىلچنىڭ ئويۇنى، ئۇنى مۇشۇنداق قىل، دەپ بۇيرۇغان گەپ.»
خارى خاگرىدقا سنەيپنىڭ دەرىسىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. خاگرىدمۇ رونغا ئوخشاشلا خارىغا بۇنچە ئەنسىرەپ كېتىشىنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى، سنەيپنىڭ ھېچقانداق ئوقۇغۇچىنى ئوڭايلا ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«ئەمما ئۇ ماڭا ئالاھىدە ئۆچتەك قىلىدۇ!»
«قۇرۇق گەپ!» دېدى خاگرىد «نېمىشقا ئۇنداق بولغۇدەك؟»
ئەمما خارى خاگرىدنىڭ بۇنى دەۋاتقان چاغدا كۆزىگە قارىماي تۇرۇۋالغانلىقىغا دىققەت قىلىپ قالدى.
«ئاكاڭ چارلى قانداقراق؟» دەپ سورىدى خاگرىد روندىن «مەن ئۇنىڭغا شۇنداق ئامراقتىم دېگىنە، ھايۋانلار بىلەن ئاجايىپ ئوبدان چىقىشىپ كېتەتتى ئۇ بالا!»
خارى خاگرىد گەپنى قەستەن باشقا ياققا بۇرىۋەتكەنمىدۇ، دەپ ئويلىنىپ قالدى. رون خاگرىدقا ئاكىسى چارلىنىڭ ئەجدىھالارغا مۇناسىۋەتلىك كەسپىنى تەپسىلى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندا، خارى ئۈستەلدىكى چايداننىڭ ئاستىدا تۇرغان بىر پارچە قەغەزنى تارتىپ ئالدى. بۇ كۈنلۈك رەمچى گېزىتىدىن كېسىلگەن بىر پارچە خەۋەر ئىدى.


ئەڭ يېڭى خەۋەر-گرىنگوتسقا تەگكەن ئوغرى!
يەتتىنچى ئاينىڭ ئوتتۇز بىرىدە گرىنگوتسقا تەگكەن ئوغرى ھەققىدىكى دېلونىڭ مۇلاھىزىلىرى تېخىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ قارىشىچە، بۇ بەزىبىر نامەلۇم زۇلمەت-سېھىرگەرلىرىنىڭ ياكى جادۇگەرلىرىنىڭ ئىشى.
بۈگۈن گرىنگوتس جىنپاپىلىرى ھېچنېمىنىڭ يۈتۈپ كەتمىگەنلىكىنى ئېيتتى، ھەمدە گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالدى. ئوغرى كىرمەكچى بولغان ئۇ بىخەتەرلىك ساندۇقى شۇ كۈنى، ئاللىقاچان بېكارلانغان.
«ئەمما ئۇ يەردە نېمە بارلىقىنى سىلەرگە ھەرگىز دەپ بەرمەيمىز، شۇڭا ئۆزۈڭلارغا ياخشى بولسۇن دىسەڭلار تولا ئاتىكاچىلىق قىلماڭلار» دېدى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، گرىنگوتستىكى ھەممە جىنپاپىلارغا ۋاكالىتەن سۆزلىگەن جىنپاپا.


خارى پويىزدىكى چاغدا روننىڭ ئۇنىڭغا بىر كىملەرنىڭ گرىنگوتسنى بۇلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ قالدى، ئەمما ئۇ ئېنىق تارىخنى دەپ بەرمىگەن ئىدى.
«خاگرىد» دېدى خارى. «گرىنگوتستىكى بۇلاڭچىلىق مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمدە بوپتىكەن! ھەتتا بەلكىم بىز شۇ يەردە ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن!»
بۇ قېتىم خاگرىد ئېنىقلا ئۆزىنى خارىنىڭ كۆزىگە ئۇدۇل قاراشتىن ئېلىپ قاچتى. ئۇ غودۇڭشۇپ قويۇپ ئۇنىڭغا يەنە بىر پېچىنە تۇتقۇزدى. خارى خەۋەرنى قايتا ئوقۇپ چىقتى. ئوغرى كىرمەكچى بولغان ئۇ بىخەتەرلىك ساندۇقى شۇ كۈنى ئاللىقاچان بېكارلانغان. خاگرىد يەتتە يۈز ئون ئۈچىنچى نومۇرلۇق بىخەتەرلىك ساندۇقىنى بىكارلىغان. ئەلۋەتتە بۇنى بىكارلاش دىيىش سەل بىئەپ بولۇپ قالسىمۇ، ئىشقىلىپ شۇنداق بولغان. ئاشۇ نەرسە ئوغرىلار ئىزدەۋاتقان نەرسە بولغىيمىتى؟
خاگرىد ئۇلارغا زورلاپ تۇتقۇزۇپ قويغان، ئۇلار يۈز كېلەلمەي قايتۇرۇۋېتەلمىگەن قاتتىق پېچىنىلەر بىلەن يانچۇقلىرى ئېغىر بولۇپ قالغان خارى بىلەن رون كەچلىك تاماق ئۈچۈن قەلئەگە قايتىۋاتقاندا، خارىغا خۇددى ھېچقانداق دەرستە ئۇنىڭغا خاگرىد بىلەن چاي ئىچىشكەچ ئۆتكۈزگەن مۇشۇ بىر نەچچە سائەتتە ئاڭلىغانچىلىك كۆپ يېڭىلىق، ئويلىشىدىغان بۇنداق كۆپ مەسىلە چىقىپ باقمىغاندەك تۇيۇلۇۋاتاتتى. خاگرىد ئاشۇ بولاقنى دەل شۇ ۋاقتتا ئېلىۋالغان بولغىيمىتى؟ ھازىر ئۇ قەيەردىدۇ؟ يەنە تېخى خاگرىد سنەيپ ھەققىدە خارىغا دېگۈسى كەلمىگەن بىرەر نەرسە بىلەمدۇ نېمە؟

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *