تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
چوڭ بىر كەپتەر توپى يەيدىغان نەرسە ئىزدەش ئۈچۈن ئاسماندا ئۇچۇۋاتقانىكەن. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا دەرەخنىڭ ئاستىغا سېپىپ قويۇلغان بۇغداي دانىلىرىنى كۆرۈپتۇ. بىرلىكتە پەسكە قاراپ ئۇچۇشۇپتۇ. قورساقلىرىمۇ ناھايتى ئېچىپ كەتكەنىكەن. دەرھال يىيىشكە باشلاپتۇ.
يېيىشكە باشلار باشلىماس توزاققا چۈشكەنلىكىنى بايقاپتۇ. ئەسلىدە بۇ ئوۋچى ياسىغان توزاق ئىكەن. كەپتەر توپى يوغان بىر تورنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ قاپتۇ.
مۇشۇ ۋاقىتتا ئوۋچىمۇ ئۇلارغا قاراپ يېقىنلىشىشقا باشلاپتۇ. كەپتەرلەرنىڭ بېشى،
– قېرىنداشلار، قورقماڭلار، ئەندىشە قىلماڭلار. بىرلىك بولساق بۇ يەردىن قۇتۇلۇپ كېتەلەيمىز. ھازىر ھەممىمىز بىرلىكتە قاناتلىرىمىزنى قاقايلى! – دەپتۇ.
كەپتەرلەر دەرھال ئۆزىگە دىيىلگەننى قىلىشىپتۇ. زور بىر غەيرەت بىلەن قاناتلىرىنى قېقىپتۇ. شۇنداق قىلىپ تور بىلەن بىللە ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپتۇ. ئوۋچى ئارقىسىدىن قاراپلا قاپتۇ.
كەپتەرلەرنىڭ بېشى،
– شۇنداق دوستلار، بىرىنچى خەتەرنى كەينىمىزدە قالدۇردۇق. ئەمدى نۆۋەتتە بۇ توردىن قۇتۇلىشىمىز كېرەك. بىرلىكتە دوستۇم چاشقاننىڭ ئۆيىگە قاراپ ئۇچايلى. ئۇ بىزنى بۇ يىپلاردىن قۇتۇلدۇرالايدۇ.
بۇ بىر توپ كەپتەر چاشقاننىڭ ئۆيىگە قاراپ ئۇچۇپتۇ. چاشقان يىپلارنى غاجىلاپ ئۇلارنى توردىن قۇتۇلدۇرىۋاپتۇ.
كەپتەرلەر مۇشۇنداق ئەقىللىق بىر باشلىقلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى خۇشال بوپتۇ. ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىۋالغانلىقى ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ئېيتىشىپتۇ.