تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
مۇئەللىم ئايدىن ئەپەندى، بىر كۈنى مەكتەپكە يېڭى ماشىنىسى بىلەن بېرىپتۇ. مەكتەپتىن چىققاندا ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى يۈگۈرۈپ ئۇنىڭ يېنىغا كەپتۇ،
– مۇئەللىم، بۇ نىمە دىگەن چىرايلىق ماشىنا، سىزنىڭمۇ؟ دەپ سوراپتۇ.
ئايدىن ئەپەندى،
– ھەئە ئەلى، دەپتۇ. بۇنى ماڭا ئاكام سوۋغا قىلدى.
– ھە شۇنداقمۇ، دەپتۇ ئەلى. دىمەك، سىز بۇ ماشىنا ئۈچۈن ھىچ پۇل تۆلىمەپسىزدە. مەنمۇ مۇشۇنداق بىر ئاكا بولۇشنى ئۈمىت قىلىمەن.
ئايدىن ئەپەندى بالىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى چۈشىنەلمەپتۇ. لېكىن ئۇنى خوش قىلىش ئۈچۈن،
– ماشىنامغا ئولتۇرۇپ بېقىشنى خالامسەن؟ دەپ سوراپتۇ.
ئەلى خۇشاللىق بىلەن،
– ھەئە، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. مېنى ماشىنا بىلەن بىزنىڭ ئۆيگىچە ئاپىرىپ قويسىڭىز بولامدۇ؟
ئايدىن مۇئەللىم،
– ئەلۋەتتە، دەپتۇ.
ئەلىنى ماشىنىسى بىلەن ئۆيىگىچە ئاپىرىپ قويۇپتۇ. ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە بالا،
– مېنى بىر مىنۇت ساقلاپ تۇرسىڭىز بولامدۇ؟ دەپ سوراپتۇ.
ئايدىن ئەپەندى،
– بولىدۇ لېكىن تېزراق بولغىن بولامدۇ؟ دەپتۇ.
بىردەمدىن كېيىن ئەلى ئۇكىسى بىلەن بىرلىكتە قايتىپ كېلىپتۇ. ئايدىن ئەپەندى ناھايتى ھەيران قاپتۇ. چۈنكى بۇ بالا مېيىپ ئىكەن. ئەلى ئۇكىسىغا،
– قارا، ماشىنىنى كۆرۈۋاتامسەن، نىمە دىگەن چىرايلىق ھە؟ بۇ ماشىنىنى مۇئەللىمگە ئاكىسى سوۋغا قىلىپتۇ. مەنمۇ تىرىشىمەن ۋە ساڭا مۇشۇنداق بىر ماشىنا ئېلىپ بېرىمەن، دەپتۇ.
ئايدىن ئەپەندى شۇ ۋاقىت ئەلىنىڭ ھېسىياتىنى چۈشىنىپتۇ. دىمەك ئەلى، چوڭ بولغاندا تىرىشىپ ئۇكىسىنى ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ماشىنا ئېلىشنى خالايدىكەن.
ئايدىن ئەپەندى بۇ ئىشتىن قاتتىق تەسىرلىنىپتۇ. ماشىنىدىن چۈشۈپتۇ. ئەلى ۋە ئۇكىسىنى ماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇپتۇ ۋە ئۇلارنى قانغۇچە ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ.