خارى پوتېر ۋە پەلسەپە تېشى (1)

خارى پوتېر ۋە پەلسەپە تېشى

ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ

تەرجىمە قىلغۇچىلار: ماھىنۇر، ھەبىبە، نەسلىخان ئۇيغۇر

1- باب: ھايات قالغان بالا

پرېۋىت درېۋ كوچىسى تۆتىنچى نومۇرلۇق قورودا ئولتۇرىدىغان دۆرسلېي ئەپەندىم ۋە دۆرسلېي خانىم ئۆزلىرىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىدىن ناھايتى پەخىرلىنەتتى، كۆپ رەھمەت ئەپەندىم. ئۇلار غەلىتە ياكى مەخپىي ئىشلارغا ئارىلىشىپ يۈرۈش ئېھتىماللىقى بار كىشىلەر ئارىسىدا ئەڭ ئاخىرقى قاتاردا ئىدى. چۈنكى بۇنداق ئەخمىقانە ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈشنى خالىمايتتى. دۆرسلېي ئەپەندىم ئۈشكە (تام تېشىش ئۈسكۈنىسى) ئىشلەپچىقىرىدىغان گراننېگ ئىسىملىك بىر شىركەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى. بەستىلىك، يارمىغان كۆتەكتەك سېمىز بىر ئادەم ئىدى. سېمىزلىكىدىن بوينى يوقتەكلا قىلاتتى، لېكىن يوغان چاتقالدەك بىر بۇرۇتى بار ئىدى.  دۆرسلېي خانىم بولسا ئورۇق، سېرىق چاچلىق ئايال ئىدى، ھەم نورمالدىن ئىككى ھەسسە ئۇزۇن بىر بوينى بار بولۇپ، بۇ قوشنا ئۆينىڭ توسالغۇسىدىن بوينىنى سوزۇپ ماراشقا بەك ئوبدان يارايتتى. دۆرسلېيلەرنىڭ دادلېي ئىسىملىك كىچىك بىر ئوغلى بار ئىدى. دۆرسلېيلەرنىڭ دېيىشىچە دۇنيادا دادلېيدەك قۇسۇرسىز بالا يوق ئىدى.

دۆرسلېيلەر ئارزۇ قىلغان ھەممە نەرسە تەل بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ بىر مەخپىيەتلىكىمۇ بار ئىدى. ئۇلار باشقىلارنىڭ بۇ مەخپىيەتلىكنى بىلىۋېلىشىدىن ئۆلگۈدەك قورقاتتى.  پوتېر ئائىلىسى بۇ مەھەللىدە تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالسا ئەسلا چىداپ تۇرالمايمىز، دەپ قارايتتى.  پوتېر خانىم دۆرسلېي خانىمنىڭ سىڭلىسى ئىدى. لېكىن ئۇلار بىر نەچچە يىلدىن بېرى كۆرۈشۈپ باقمىغانىدى. ئەمىلىيەتتە، دۆرسلېي خانىم بىر سىڭلىسى يوقتەك ياشايتتى. چۈنكى سىڭلىسى، ھەم ئۇنىڭ بىر پۇلغا ئەرزىمەس ئېرى، دۆرسلېيلەرگە ئەسلا ئوخشىمايتتى. پوتېرلار كوچىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالسا قوشنىلار بىزنى نېمە دەپ قالار، دەپ ئويلاشمۇ ئۇلارنى تىت-تىت قىلىۋېتەتتى. ئۇلار پوتىرلارنىڭ كىچىك بىر ئوغلى بارلىقىنى بىلەتتى، لېكىن ئۇنى ھېچ كۆرۈپ باقمىغانىدى. بۇ بالا، پوتېرلار بىلەن كۆرۈشمەسلىك ئۈچۈن باشقا بىر باھانە ئىدى. دادلېي ئۇنداق بىر بالا بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇپ كەتسە ھەرگىز بولمايتتى.

دۆرسلېي ئەپەندىم ۋە دۆرسلېي خانىم ھېكايىمىز باشلانغان ئاشۇ تۇتۇق، ئادەمنىڭ دېمىنى سىقىدىغان  سەيشەنبە كۈنى سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا، يېقىندا پۈتۈن دۆلەتكە يېيىلىپ كېتىدىغان غەلىتە، مەخپىي ئىشلاردىن دېرەك بېرىدىغان ھېچنەرسە يوق ئىدى. دۆرسلېي ئەپەندىم، غىڭشىپ ناخشا ئېيتقاچ، ئىشقا بارغاندا تاقايدىغان، قارىسىلا ئادەمنى بىزار قىلىدىغان گالىستۇكنى تاللاۋاتاتتى. دۆرسلېي خانىم جېدەل قىلىۋاتقان دادلېينى ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزۇشقا تىرىشىۋېتىپ، كەيپى چاغ ھالەتتە ئېرىگە بىر كىملەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ بېرىۋاتاتتى.

ھېچ قايسىسى قوڭۇر رەڭلىك بىر مۈشۈكياپىلاقنىڭ دېرىزە ئالدىدىن قاناتلىرىنى پالاقشىتىپ ئۇچۇپ كەتكىنىنى سەزمىدى.

سەككىز يېرىمدا دۆرسلېي ئەپەندىم سومكىسىنى قولتۇقىغا قىستۇردى، دۆرسلېي خانىمنىڭ يۈزىنى شۇنداق بىر چوقۇپ قويدى، دادلېينى سۆيۈپ قويۇشقا تىرىشتى، لېكىن تەگكۈزەلمىدى، چۈنكى دادلېي تېخىچە جېدەل قىلىۋاتقان بولۇپ، قاچىسىدىكى بۇلماقنى تامغا ئېتىۋاتاتتى. دۆرسلېي ئەپەندىم ئىشىكتىن چىققاچ، ” ئوماق شاكىچىك” دەپ پىخىلداپ كۈلۈپ قويدى. ماشىنىسىغا ئولتۇردى، تۆتىنچى نومۇرلۇق قورونىڭ باغچىسىدىن كەينىچىلەپ چىقىپ كەتتى.

دۆرسلېي ئەپەندىم غەلىتە بىر ئىشنىڭ تۇنجى خەۋەرچىسىنى بايقىدى: كوچىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا خەرىتىگە قاراۋاتقان بىر مۈشۈكنى… دۆرسلېي ئەپەندىم دەماللىققا نېمە كۆرگىنىنى ئاڭقىرالمىدى. كېيىن يەنە بىر قاراپ بېقىش ئۈچۈن بېشىنى كەينىگە بۇرىدى. پرېۋىت درېۋنىڭ بۇلۇڭىدا بىر مۈشۈك تۇراتتى. لېكىن خەرىتە غايىپ بولغانىدى. بۇنداق بىر ئىش زادى، مۇمكىنمۇ؟ خاتا كۆرۈپ قالدى، ھەقىچان. دۆرسلېي ئەپەندىم كۆزلىرىنى چىمچىقلاتتى، مۈشۈككە تىكىلىپ قارىدى، مۈشۈكمۇ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى. دۆرسلېي ئەپەندىم كوچىنىڭ بۇلۇڭىدىن قايرىلىپ يولدا كېتىۋېتىپ توختىماي مۈشۈككە قارىدى. ھازىر مۈشۈك پرىۋېت درېۋ كوچىسىنىڭ ئىسىم تاختىسىنى ئوقۇۋاتاتتى، ياق ئىسىم تاختىسىغا  قاراۋاتاتتى! مۈشۈكلەر خەرىتىگىمۇ قارىمايدۇ، ئىسىم تاختىسىمۇ ئوقۇمايدۇ.  دۆرسلېي ئەپەندىم يېنىك سىلكىنىپ مۈشۈكنى كاللىسىدىن چىقىرىۋەتتى. شەھەرگە قاراپ يول ئېلىۋاتقاندا، شۇ كۈنى ساتماقچى بولۇۋاتقان ئۈشكىلەردىن باشقا نەرسە ئويلىماسلىققا تىرىشتى.

لېكىن شەھەرگە كىرىۋاتقاندا كاللىسىدىكى ئۈشكىلەرنىڭ ئورنىنى باشقا نەرسىلەر ئىگەللىۋالدى. سەھەرنىڭ ئۆزىگە خاس قاتناش قىستاڭچىلىقىدا ساقلاۋاتقاچ، ئەتراپتا غەلىتە كىيىملىك بىر مۇنچە ئادەملەرنى بايقىدى. يېپىنچىلىق ئادەملەر! دۆرسلېي ئەپەندىم ئادەتتە ياشلار كىيىدىغان ئۇ غەلىتە نەرسىلەرنى ئارتىۋالىدىغانلارنى بەك ياخشى كۆرمەيتتى. بۇمۇ ئەخمىقانە مودىلاردىن بىرى بولسا كېرەك. دۆرسلېي ئەپەندىم بىرمۇنچە غەلىتە كىيىملىك ئادەمنىڭ توپلىشىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ ئادەملەر ناھايىتى جۇشقۇن كەيپىياتتا پىچىرلىشىۋاتاتتى. دۆرسلېي ئەپەندىم بۇ ئادەملەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ياشمۇ ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى غەزەپلەندى. ئەنە ئاۋۇ ئادەم، ئۆزى قېرى بولغان بىلەن زۇمرەت يېشىلى بىر يېپىنچا ئارتىۋالغانىدى. ئادەمنىڭ نېرۋىسىنى ئۆرلىتىپ! تۇيۇقسىزلا دۆرسلېي ئەپەندىمنىڭ كاللىسىدىن بۇ ھەر ھالدا ئادەملەر پۇل توپلاش ئۈچۈن قويىدىغان ئويۇنلاردىن بىرى بولسا كېرەك دېگەن خىيال كەچتى. ھەئە چوقۇم شۇنداق بولۇشى مۇمكىن… يوللار ئېچىلدى، دۆرسلېي ئەپەندىم بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن گراننېگنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا يېتىپ باراتتى. شۇ تاپتا ئۇ پەقەت ئۈشكىلەرنىلا  ئويلاۋاتقانىدى.

دۆرسلېي ئەپەندىم ھەر قانداق ۋاقىتتا توققۇزىنچى قەۋەتتىكى ئىشخانىسىدا دېرىزىگە تەتۈر قاراپ ئولتۇراتتى. بۇنداق قىلمىغان بولسا بۈگۈن كاللىسىنى ئۈچكىلەرگە بېرىشى تەسكە توختايتتى. ئۇ بۈگۈن، مۈشۈكياپىلاقلارنىڭ كۈپ-كۈندۈزدە ئۇچۇپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرمىدى، لېكىن پەستە، كوچىدىكى ئادەملەر بۇنى كۆردى. ئارقا-ئارقىدىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلارنى بىربىرسىگە كۆرسىتىشتى، ئۇلارغا ھاڭۋېقىپ قاراپ قېلىشتى. بۇ ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى كېچىلىرىمۇ مۈشۈكياپىلاق كۆرۈپ باققان ئەمەس. لېكىن دۆرسلېي ئەپەندىم، نورمال،  مۈشۈكياپىلاقسىز بىر كۈن ئۆتكۈزدى. بەش ئادەمگە كايىدى، بىر نەچچە مۇھىم پاراڭ قىلدى، يەنە بىرئاز كايىدى.  چۈشلۈك تاماققىچە كەيپىياتى خېلى ئوڭشىلىپ قالغانىدى. پۇتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە كوچىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تورتخانىدىن يەيدىغان بىرەر نەرسە ئېلىش ئۈچۈن ئىشخانىسىدىن چىقتى.

ئۇ دۇكاندا يەنە بىرنەچچىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدىغان چاغقىچە، يېپىنچىلىق ئادەملەرنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ئۇلارغا غەزەپ بىلەن ئالىيىپ قويدى. نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، لېكىن ئۇلارنى كۆرسىلا تىت-تىت بولۇپ كېتەتتى. بۇلارمۇ ھاياجانلانغان ھالدا پىچىرلىشىۋاتاتتى. قولىدىكى خالتىدا يوغان بىر بولكىنى كۆتۈرۈپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇلار دېيىشىۋاتقان بىرنەچچە ئېغىز گەپ قۇلىقىغا كىرىپ قالدى:  

«پوتېرلار، ھەئە، مەنمۇ شۇنداق ئاڭلىدىم»

«ھەئە، ئۇلارنىڭ ئوغلى خارى…»

دۆرسلېي ئەپەندىم تۇرغان جايىدا تۇرۇپلا قالدى. پۈتۈن بەدىنىگە تىترەك ئولاشتى. بىر نىمىلەرنىدۇر دىمەكچى بولغاندەك پىچىرلىشىۋاتقانلارغا قارىدى-يۇ، ئەڭ ياخشىسى ئاڭلىماسلىققا سېلىش دەپ بىر نەرسە دىمىدى.

ئالدىراپ يولنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتتى. ئىشخانىسىغا قاراپ يۈگۈردى. تېلفوننى قولىغا ئالدى. ئۆيگە تېلفون قىلاي دەپ تۇرۇشىغا بۇ خىيالىدىن ۋاز كەچتى. تېلفوننى جايىغا قويۇپ قويدى. بۇرۇتلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ ئويلاندى… ياق، ئەخمىقانە بىر ئىش قىلىۋاتاتتى. پوتېر بەكمۇ كەم ئۇچرايدىغان ئىسىم ئەمەستى، خارى ئىسىملىك بالىسى بار قانچە پوتېر باردۇ دۇنيادا، كىم بىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىيەنىنىڭ ئىسمىنىڭ خارىمۇ ياكى باشقا بىر نەرسىمۇ ئۇنىمۇ بىلمەيتتى. بالىنى كۆرۈپمۇ باقمىغانىدى. بەلكىم خارۋېي بولىشىمۇ مۇمكىن. يا بولمىسا خارولد. دۆرسلېي خانىمنى يوق ئىشلار سەۋەپلىك ئەنسىرىتىپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئۇ سىڭلىسىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىمۇ تىت تىت بولاتتى. دۆرسلېي ئەپەندىم ئەلۋەتتە ئۇنى ئەيىپلىمەيتتى. ئەگەر ئۇنىڭمۇ شۇنداق سىڭلىسى بولۇپ قالغان بولسا… لېكىن ئۇ يېپىنچىلىق ئادەملەرچۇ…

شۇ چۈشتىن كېيىن ئۇ دىققىتىنى ئۈشكىلەرگە قارىتالمىدى. بۇ ناھايىتى قىيىن بىر ئىشتەك بىلىندى. سائەت بەشتە بىنادىن چىقىۋاتقاندىمۇ ، ئىشىكنىڭ ئالدىدا كۆرمەي بىر ئادەمگە سوقۇلۇپ كەتتى.

يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالغان ئورۇق، قېرى ئادەمگە ” كەچۈرۈڭ” دەپ غودۇڭشىدى. ئۇنىڭ ھالرەڭ بىر يېپىنچا كىيىۋالغانلىقىنى بايقىشىغا بىر نەچچە سىكونت كەتتى. ئادەم بولسا بۇنىڭغا بەك پەرۋا قىلىپ كەتمىگەنتى. دەل ئەكسىچە، خۇشال كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ دىققىتىنى ئاسانلا  ئۆزىگە بۇرىغۇدەك چىرقىراق ئاۋازدا:

« كەچۈرۈم سورىشىڭىز ھاجەتسىز قەدىرلىك ئەپەندىم» دېدى، «بۈگۈن ھېچ قانداق نەرسە كەيپىمنى ئۇچۇرالمايدۇ! خۇش بولۇڭ، كىملىكىنى- بىلىسىز- سىز  ئاخىرى كەتتى! ھەتتا سىزگە ئوخشاش بىر ماگېلمۇ بۇنى، بۇ خۇشال كۈننى تەبرىكلىشى كېرەك! ” 

قېرى ئادەم، دۆرسلېي ئەپەندىمنى قۇچاقلاپ قويۇپ كېتىپ قالدى.

 دۆرسلېي ئەپەندىم تۇرغان جايىدا تۇرۇپلا قالدى. تونۇمايدىغان بىرى ئۇنى قۇچاقلىغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماگېل دەپ ئاتانغانىدى، ماگېل نېمە گەپ بولسا ئەمدى… كاللىسى ناھايىتى ئېلىشىپ كەتكەنىدى. ماشىنىسىغا قاراپ يۈگۈردى ۋە ئالدىراپ تېنەپ ئۆيگە ماڭدى. كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر خىيال بولۇشىنى ئۈمىت قىلاتتى، غەلىتە يېرى، ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇنداق بىر نەرسە ئۈمىت قىلىپ باقمىغانىدى، چۈنكى خىيال دېگەن نەرسىگە ئىشەنمەيتى.

ماشىنىسىنى تۆتىنچى نومۇرلۇق ئۆينىڭ باغچىسىغا توختىتىۋاتقاندا، بىرىنجى بولۇپ كۆرگەن نەرسىسى شۇ كۈنى ئەتىگەن ئۇچرىغان مۈشۈك بولدى. ھازىر ھويلا تېمىدا ئولتۇراتتى.

” شۈشت!” دەپ ۋارقىرىدى دۆرسلېي ئەپەندىم.

مۈشۈك مىدىرىمىدى. پەقەت ئالىيىپ قاراپ قويدى. دۆرسلېي ئەپەندىم مۈشۈكلەر ئادەتتە بۇنداق قىلامدۇ-قىلمامدۇ، دەپ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئۆزىنى ئوڭشاشقا تىرىشىپ ئۆيگە كىردى. ئايالىغا بىر نەرسە دىمەي تۇرماقچى بولدى.

دۆرسلېي خانىم كۆڭۈللۈك، نورمال بىر كۈن ئۆتكۈزگەنىدى. كەچلىك تاماقتا قوشنىسىنىڭ قىزى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى، دادلېينىڭ ئۆگەنگەن يېڭى سۆزى («بولمايدۇ!»)  ھەققىدە پاراڭلاشتى.  دۆرسلېي ئەپەندىم نورمال كۆرۈنۈشكە تىرىشاتتى. دادلېينى ياتقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن، كېچىلىك خەۋەرلەرنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن تېلىۋىزورنى ئاچتى.

«ھەر يەردىكى قۇش ھەۋەسكارلىرى، كەنتتىكى پۈتۈن مۈشۈكياپىلاقلارنىڭ ئادەتتىكىدىن پەرقلىق ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنى سەزدى. مۈشۈكياپىلاقلار ئادەتتە ئاخشاملىرى ئوۋغا چىقىدۇ، كۈندۈزى يورۇقتا ئانچە ئۇچرىمايدۇ. لېكىن ئەتىگەندىن بېرى بۇ قۇشلارنىڭ ھەر تەرەپتە ئۇچۇشۇپ يۈرگەنلىكىگە يۈزلەرچە ئادەم گۇۋاھ… مۇتەخەسسىسلەر، مۈشۈكياپىلاقلارنىڭ ئۇيقۇ ئادەتلىرىنى بىردىنلا نېمە ئۈچۈن ئۆزگەرتكەنلىكلىرىنى چۈشەندۈرەلمەيۋاتىدۇ،” دېدى دىكتور ھىجىيىپ قويۇپ.

” ناھايىتى سىرلىق. ھازىر بولسا جىم مېك گافېندىن ھاۋا رايى دوكلاتى. سىز قانداق قارايسىز، بۇ كېچە يەنە مۈشۈكياپىلاق يامغۇرى بولامدۇ، جىم؟”

“ھىم، تەد،” مېك گافىن.

” ئۇنى بىلمەيمەن، لېكىن بۈگۈن غەلىتە ھەركەت قىلىۋاتقانلار پەقەت مۈشۈكياپىلاقلارلا ئەمەس ئىدى. كەنت، يوركشىر، داندى دېگەن يەرلەر، تۈنۈگۈن يامغۇرنىڭ ئورنىغا ئاقار يۇلتۇز يامغۇرىدا قاپتۇ! تەبرىكلەش كېچىسى كېلەر ھەپتە بولسىمۇ… لېكىن ئۇلار بالدۇر تەبرىكلىگەن ئوخشىمامدۇ! ئەمما، ۋەدە بېرەي، بۇ كېچە چوقۇم يامغۇر ياغىدۇ.”

دۆرسلېي ئەپەندىم ئولتۇرغان يېرىدە قېتىپ قالغانىدى. پۈتۈن ئەنگىلىيەدە ئاقار يۇلتۇزلار؟ كۈپكۈندۈزدە ئۇچۇپ يۈرگەن مۈشۈكياپىلاقلار؟ ھەر تەرەپتە يېپىنچىلىق غەلىتە ئادەملەر؟ پوتېرلار ھەققىدە پىچىرلىشىشلار، پىچىرلىشىشلار…

دۆرسلېي خانىم ئىككى ئىستاكان چاي كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىردى. بۇ ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەستى. ئايالىغا بىرەر نەرسە دىيىشى زۆرۈر ئىدى. دۆرسلېي ئەپەندىم گېلىنى قىرىپ قويۇپ گەپنى باشلىدى.

« ھىم، پەتۇنيا، قەدىرلىكىم، يېقىندىن بېرى سىڭلىڭدىن بىر خەۋەر ئالمىدىڭ شۇنداقمۇ؟»

كۈتكىنىدەك دۆرسلېي خانىم ھەيرانلىق ۋە غەزەپ بىلەن قارىدى. نەتىجىدە، ئۇلار ئۇنىڭ بىر سىڭلىسى يوقتەك ياشاشقا كۆنۈك ئىدى. قوپاللىق بىلەن «ياق،» دىدى دۆرسلېي خانىم. «نېمىشقا؟»

«خەۋەرلەردە غەلىتە نەرسىلەر چىقتى،» دەپ غودۇڭشىدى دۆرسلېي ئەپەندىم. «مۈشۈكياپىلاقلار… ئاقار يۇلتۇزلار…شەھەردە بىر مۇنچە غەلىتە ئادەملەرمۇ بار ئىدى بۈگۈن…»

دۆرسلېي خانىم ئۇنىڭ گېپىنى بۆلدى، «ئۇنداقتا؟»

«ئۇنداقتا، مەن ئويلىنىپ قالدىم… بەلكىم… پۈتۈن بۇ ئىشلارنىڭ… بىلىسەنغۇ شۇ… ئۇلار بىلەن بىر مۇناسىۋىتى بولۇپ قالسىچۇ؟»

دۆرسلېي خانىم  بىر يۇتۇم چاي ئىچتى. دۆرسلېي ئەپەندىم «پوتېر» ئىسمىنى ئاڭلىغىنىنى دېيىش دېمەسلىكنى ئويلىنىپ قالدى. بۇنىڭغا پېتىنالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى. شۇنداقلا ئېسىگە كېلىپ قالغان قىياپەتتە « ئۇلارنىڭ ئوغلى،» دېدى. «ھازىر دادلېيچىلىك بولۇپ قالغاندۇ، شۇنداققۇ؟»

دۆرسلېي خانىم خۇشياقمىغاندەك، «ھەرھالدا…» دېدى.

«راست، ئۇنىڭ ئىسمى نېمىتى؟ خوۋارد ئىدى شۇنداقمۇ؟»

«خارى. مېنىڭچە ناھايىتى ئاددىيلا بىر ئىسىم.»

«ھە، راست،» بىردىنلا دۆرسلېي ئەپەندىمنىڭ  يۈرىكىگە بىر ئەندىشە چۆكتى. «ھەئە، مېنىڭچىمۇ شۇنداق.»

ئۈستى قەۋەتكە چىقىپ كېتىۋاتقاندا بۇ ھەقتە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. دۆرسلېي خانىم مۇنچىدا ۋاقىتتا، دۆرسلېي ئەپەندىم، ياتاق ئۆيىنىڭ  دەرىزىسىدىن ھويلىغا قارىدى. مۈشۈك تېخىچە شۇ يەردە ئىدى. خۇددى بىر نەرسىنى كۈتۈۋاتقاندەك پرېۋىت درېۋغا قاراپلا تۇراتتى.

دۆرسلېي ئەپەندىم چۈش كۆرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ پوتېرلارنىڭ بۇنىڭ بىلەن بىر مۇناسىۋىتى بارمىدۇ؟ ئەگەر بولسا… ئەگەر ئۇ ئەر-ئايال بىلەن تۇققانلىق مۇناسىۋېتى پاش بولۇپ قالسا – ئېھ بۇنىڭغا چىداپ تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

دۆرسلېيلەر ياتتى. دۆرسلەي خانىم دەرھال ئۇخلاپ قالغان بولسىمۇ  دۆرسلېي ئەپەندىمنىڭ خېلى ۋاققىچە ئۇيقۇسى كەلمىدى.  كاللىسى قالايمىقان بولۇپ كەتكەنتى. ئۇخلاپ قېلىشتىن بۇرۇن پوتېرلارنىڭ بۇ ئىش بىلەن بىر ئالاقىسى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىگە ياكى دۆرسلېي خانىمغا مۇناسىۋەتسىز دەپ ئويلىدى ۋە يېنىكلەپ قالدى. پوتېرلار ۋېرنون ۋە پەتۇنيانىڭ ئۆزلىرى ۋە ئۇلارغا ئوخشايدىغانلار ھەققىدە قانداق ئويلايدىغانلىقىنى بىلەتتى. بۇ ئىشلارنىڭ ئۇنىڭغىمۇ، پەتۇنياغىمۇ تەسىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەسنىدى ۋە يان تەرەپكە ئۆرۈلدى. بۇ ئىشلار بىلەن ئۇنىڭ كارى يوق ئىدى.

مۇشۇنچىۋالامۇ خاتالاشقان بارمۇ؟

دۆرسلېي ئەپەندىم ھەرقانچە ئەنسىز بولسىمۇ ئۇخلاپ قالغان ئىدى، ئەمما سىرتتىكى مۈشۈكنىڭ ئۇخلاش نىيىتى يوق ئىدى. خۇددى ھەيكەلدەكلا ئولتۇراتتى؛ كۆزلىرى پرېۋىت درېۋ كوچىسىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا قادالغان ئىدى. يان كوچىدا بىر ماشىنىنىڭ ئىشىكى قاتتىق يېپىلغاندا يا بولمىسا ئىككى مۈشۈكياپىلاق بېشىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە ئەندىكىپمۇ قويمىدى. يېرىم كېچىگىچە مىدىر سىدىر قىلماي ئولتۇردى.

يېرىم كېچىدە مۈشۈك قاراپ تۇرغان يەردە بىر ئادەم پەيدا بولدى؛ شۇنداق تۇيۇقسىز، شۇنداق جىمجىت پەيدا بولدى، خۇددى يەردىن ئۆنۈپ چىققاندەكلا. مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقى تىترەپ كەتتى، كۆزلىرىنى قىستى.

پرېۋىت درېۋدا بۇنداق بىر ئادەمنى بۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان. بويى ئىگىز، ئورۇق، تاسمىسىغا باغلىغۇدەك ئۇزۇن چاچ ساقاللىرى ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى. خېلىلا ياشىنىپ قالغاندەك قىلاتتى. ئۇزۇن كىيىملەر، يەرگە سۆرىلىپ تۇرىدىغان سۆسۈن يېپىنچا، پاشنىلىق ئۇزۇن ئۆتۈك كىيىۋالغان ئىدى. پارقىراپ تۇرىدىغان كۆپكۆك كۆزلىرى ئىنچىكە رامكىلىق  كۆز ئەينىكىنىڭ تېگىدىن پارقىراپ تۇراتتى. ئۇزۇن قاڭشارلىق بۇرنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم سۇنغاندەك كۆرۈنەتتى. بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى ئالبۇس دامبېلدور ئىدى.

ئالبۇس دامبېلدور ئىسمىدىن تارتىپ ئۆتۈكىگىچە ھېچنەرسىسى قارشى ئېلىنمايدىغان بىر كوچىغا كەلگەنلىكىنى بىلمەيدىغاندەك قىلاتتى. يېپىنچىسىنىڭ ئىچىدىن توختىماي بىر نەرسە ئىزدەۋاتاتتى. ئەمما ئۆزىنى بىر كىملەرنىڭ كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈردى، كوچىنىڭ يەنە بىر ئۇچىدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان مۈشۈكنى كۆردى. نېمىشقىكىن، مۈشۈكنىڭ ئۇ يەردە بولۇشى ئۇنىڭغا قىزىقارلىق تۇيۇلدى. پىخىلداپ كۈلۈپ تۇرۇپ «بۇنى ئەجەب ئويلاپ باقماپتىمەن دېسە» دەپ پىچىرلىدى ئۆز-ئۆزىگە. 

ئىزدەۋاتقان نەرسىسىنى ئىچ يانچۇقىدىن تاپتى. بۇ  كۈمۈشتىن ياسالغان بىر چاقماق ئىدى. ھاۋاغا كۆتۈرۈپ ئاغزىنى ئاچتى ۋە چاقماقنى چاقتى. ئەڭ يېقىندىكى كوچا چىرىغى تۇيۇقسىز ئۆچتى. يەنە بىر قېتىم… يەنە بىر چىراق ئۆچتى. كوچىدا ئۆزىنى كۈزىتىپ تۇرغان ئىككى كىچىك پارقىراق چېكىت قالغىچە… بۇلار مۈشۈكنىڭ كۆزلىرى ئىدى،  چاقماقنى يەنە چاقتى. ئەمدى دېرىزىدىن قارىغان ھېچكىم، ھەتتا دۆرسلېي خانىم بولسىمۇ… پەستە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرەلمەيتتى. دامبېلدور چاقمىقىنى تونىنىڭ ئىچ يانچۇقىغا سالدى، تۆتىنچى نومۇرلۇق ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ، تامنىڭ ئۈستىدە، مۈشۈكنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. مۈشۈككە قارىمىدى، ئەمما بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭغا گەپ قىلدى.

«سىزنى بۇ يەردە كۆرگىنىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، پروفېسور مېك گوناگال». ئالىتاغىل مۈشۈككە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ قارىدى، ئەمما مۈشۈك يوق تۇراتتى. ئۇنىڭ ئورنىدا مۈشۈكنىڭ كۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى داغقا ئوخشايدىغان تۆت بۇلۇڭ بىر كۆزئەينەك تاقىۋالغان، بىرئاز خاپا چىراي بىر ئايال تۇراتتى. ئايال زۇمرەتتەك يېشىل بىر يېپىنچا كىيىۋالغان بولۇپ، قارا چاچلىرىنى رەتلىك تاراپ، چىڭ تارتىپ تۈگۈۋالغانىدى. قانچىلىك  بىئارام بولۇۋاتقانلىقى بىلىنىپ ئىدى.

«مەن ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلىۋالدىڭىز؟» دەپ سورىدى.

«سۆيۈملۈك پروفېسور، ھېچقانداق مۈشۈكنىڭ بۇنداق قاتۇرۇپ قويغاندەك ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم»

پروففېسور مېك گوناگال «ئەگەر بىر كۈن كەچكىچە تامنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بولسىڭىز  سىزمۇ قېتىپ قالغان بولاتتىڭىز» دىدى.

«ئەتىگەندىن كەچكىچە؟ تەبرىكلەش مۇراسىملىرىغا قاتناشماستىنمۇ؟ مەن بۇ يەرگە كەلگىچە ئاز دىگەندە ئون نەچچە يەردە كۆڭۈل ئېچىشىۋاتقانلارنى  زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلارنى كۆردۈم.»

پروففېسور مېك گوناگال ئاچچىقلىنپ تۇرۇپ بۇرنىنى تارتتى. «توغرا، ھەممە ئادەم تەبرىكلەۋاتىدۇ» دېدى. «يەنىلا بىرئاز دىققەت قىلىش كېرەك ئىدى، ئەمما، ياق! ھەتتا  ماگېللارمۇ بىر ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. خەۋەرلەردىمۇ چىقتى» دۇرسلىيلەرنىڭ قاراڭغۇ دېرىزىلىرىگە قارىدى. «مەنمۇ ئاڭلىدىم. مۈشۈكياپىلاقلار… ئاقار يۇلتۇزلار… ئۇلارمۇ ئۇنچىۋالا دۆت ئەمەس، ئىشقىلىپ بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلىدۇ-دە. كەنتتىكى ئاقار يۇلتۇزلار، چوقۇم دەدالۇس دىگگىل قىلغان ئىش. ھېچ ئەقلىنى تاپمىدى.»

دامبېلدور سىپايىلىك بىلەن «ئۇلارنى بەك ئەيىبلەپ كەتمەڭ» دېدى، «ئون بىر يىل بولدى، تۈزۈك كۆڭۈل ئاچالمىدۇق».

پروفېسور مېك گوناگال «بىلىمەن» دېدى، «ئەمما ئۆزىمىزنى بۇنچە قويۇۋەتمەسلىكىمىز كېرەك ئىدى. ئىنسانلار ھېچ دىققەت قىلمايۋاتىدۇ، كۈپكۈندۈزدە كوچىغا يۈگۈرۈپ چىقىپتۇ، يا ماگېل كىيىملىرىمۇ كىيمىگەن، توختىماي غەيۋەت قىلىشىۋاتقان…»

دامبېلدورغا قاراپ قويدى، بىرەر نەرسە دېيىشىنى كۈتۈۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەمما دامبېلدور ھېچنىمە دېمىدى، مېك گوناگال سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. «كىملىكىنى-بىلىسىز-سىز ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كۈنى ماگېللارنىڭ بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزنى بىلىپ قېلىشى نېمە دېگەن ياخشى دېسە! سىزنىڭچە ئۇ ھەقىقەتەن يوقاپ كەتكەنمىدۇ، دامبېلدور؟»

«شۇنداقتەك قىلىدۇ» دېدى دامبېلدور. «خۇشال بولۇشىمىز كېرەك. لىمون شەربىتى ئىچەمسىز؟»

«نېمە ئىچەمدىمەن؟»

«لىمون شەربىتى، ماگىللارنىڭ بىر خىل تاتلىق ئىچىملىكى، مەن ياقتۇرىمەن.»

ھازىر لىمون شەربىتى ئىچىش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاقىت ئەمەس، دەپ ئويلىغان مېك گوناگال «ياق، رەھمەت» دېدى سوغۇق تەلەپپۇزدا. «مەن دېگەندەك كىملىكىنى-بىلىسىز-سىز كەتكەن بولسىمۇ.»

«سۆيۈملۈك پروفېسور، سىزدەك توغرا پىكىر قىلىدىغان بىرى ئۇنى ھەقىقى ئىسمى بىلەن ئاتىشى كېرەك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ كىملىكىنى-بىلىسىز-سىز، پۈتۈنلەي ئەخمىقانە! ئون بىر يىلدىن بېرى ھەممە ئادەمگە دەۋاتىمەن، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى دەڭلار دەپ، ۋولدېمورت دەڭلار.»

پروففېسور مېك گوناگال شۈركىنىپ كەتتى، ئەمما ئۇ ئەسنادا ئىككى لىمون شەربىتىنىڭ قۇتىسىنى ئېچىۋاتقان دامبېلدور بۇنى ھېس قىلمىدى. «كىملىكىنى بىلىسىز-سىز دەۋېرىشنىڭ نېمە مەنىسى بار؟ ۋولدېمورت دېگەن ئىسىمدىن قورقۇش ئۈچۈن بىر سەۋەپ يوق.»

 ھارغىنلىق ۋە ھەيرانلىق ئارىلاش بىر ئاھاڭدا «مېنىڭچە سىز ئۈچۈن يوق» دېدى پروفېسور مېك گوناگال. «ئەمما سىز ئوخشىمايسىز، ھەممە ئادەم بىلىدۇ، كىملىكىنى-بىلىسىز-سىز، مەيلى بوپتۇ، ۋولدېمورت قورقىدىغان بىردىن بىر ئادەم سىز ئىدىڭىز»

«مېنى خېجىل قىلىۋەتتىڭىز» دېدى دامبېلدور. «ۋولدېمورت مەن قىلالمايدىغان بەزى ئىشلارنى قىلالايتتى»

«بۇنىڭ سەۋەبى، سىز ئۇ ئىشلارنى قىلمىغۇدەك ئالىجاناپ.»

«ھېلىمۇ ياخشى ھەممە يەر قاراڭغۇ،  پومفرېي خانىم يېڭى قۇلاقلىقلىرىمنى ياقتۇرغانلىقىنى ئېيتقان چاغدىن بېرى بۇنچىۋالا قىزارمىغان ئىدىم.» پروففېسور مېك گوناگال دامبېلدورغا ئالىيىپ قويدى. «كىشىلەر ئارىسىدا تارقالغان بەزى گەپ سۆزلەرگە قارىغاندا مۈشۈكياپىلاقلار ئۇنچە مۇھىم ھېساپلانمايدۇ» دېدى. «ھەممە ئادەم نېمە دەۋاتىدۇ بىلەمسىز؟ نېمىشقا ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىپتۇ؟» قارىغاندا پروففېسور مېك گوناگال گېپىنىڭ ئەڭ مۇھىم يېرىگە كەلگەن ئىدى. بىر كۈن سوغۇق قاتتىق تامدا ئولتۇرۇپ دامبېلدورنى ساقلىشىنىڭ ئەسلى سەۋەبى بۇ ئىدى. بولمىسا ئايال ياكى مۈشۈك قىياپىتىدە دامبېلدورغا بۇنداق ئالايمىغان بولاتتى. «ھەممە ئادەمنىڭ» نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر دامبېلدور بۇلارنى تەستىقلىمىغۇچە ھېچنەرسىگە ئىشەنمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا باشقا بىر لىمون شەربىتى ئېچىۋاتقان دامبېلدور جاۋاپ بەرمىدى.

«باشقىلارنىڭ دېيىشىچە» پروفېسور مېك گوناگال تەكىتلەپ «ۋولدېمورتنى تۈنۈگۈن گودرىكس ھوللىۋودتا كۆرۈپتۇ. ئۇ يەرگە پوتېرلارنى ئىزدەپ بېرىپتۇ. باشقىلارنىڭ دېيىشىچە، لىلىي ۋە جەيمس پوتېر قارىغاندا- بەلكىم ئۆلگەن ئوخشايدۇ؟»

دامبېلدور بېشىنى ئالدىغا ئەگدى. پروففېسور مېك گوناگال ئۇلۇغ كىچىك تىندى.

«لىلىي بىلەن جەيمىس… ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ،ئىشەنگىم كەلمىگەن بۇنىڭغا… ئاھ، ئالبۇس…»

دامبلېدور مۈرىسىگە يېنىك ئۇرۇپ قويدى. غەمكىن ئاھاڭدا «بىلىمەن… بىلىمەن…» دېدى.

سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندا پروففېسور مېك گوناگالنىڭ ئاۋازى تىترەۋاتاتتى. «تېخى، ئۇنىڭ ئۈستىگە. پوتېرلارنىڭ ئوغلىنى، خارىنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولۇپتۇ، كىملىكىنى-بىلىسىز-سىز. ئەمما ئۆلتۈرەلمەپتۇ. ئۇ كىچىك بالىنى ئۆلتۈرەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. ئەمما ئېيتىلىشىچە خارى پوتېرنى ئۆلتۈرەلمىگەچكە ۋولدېمورتنىڭ كۈچى يوقاپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يوقاپ كېتىپتۇ شۇ.»

دامبېلدور كۆڭلى يېرىم ھالدا باش لىڭشىتتى.

پروففېسور مېك گوناگال «ئەجىبا… ئەجىبا توغرىمۇ؟» دەپ دۇدۇقلىدى. «پۈتۈن قاباھەتلىك قىلمىشلىرىدىن كېيىن…  شۇنچە كۆپ ئادەمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن… كىچىك، نارەسىدە بىر بالىنى ئۆلتۈرەلمەمتى؟ ئادەمنىڭ ئەقىلگە سىغمايدۇ… مۇشۇنچىلىك ئىشنى قىلالمامتى… ۋاي خۇدايىم، قانداقسىگە خارى ھايات قالدى؟»

«پەقەتلا پەرەز قىلالايمەن» دېدى دامبېلدور. «بەلكىم سەۋەبىنى ھېچقاچان بىلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.»

پروففېسور مېك گوناگال قولياغلىقى بىلەن كۆزىنى سۈرتتى.  دامبېلدورمۇ بۇرنىنى تارتتى ۋە يانچۇقىدىن بىر ئالتۇن سائەت چىقاردى. بۇ بەك غەلىتە بىر سائەت ئىدى. ئون ئىككى ئىستىرىلكىسى بار ئىدى، ئەمما ھېچ سان يوقتى؛ سانلارنىڭ ئورنىدا، كىچىكى پىلانىتالار ھەرىكەتلىنەتتى. بۇلارنىڭ دامبېلدور ئۈچۈن بىر مەنىسى بار ئوخشايدۇ، چۈنكى زەن سېلىپ قاراپ باققاندىن كېيىن يانچۇقىغا قايتا سېلىپ قويدى. «خاگرىد كېچىكىپ قالدى» دېدى. «ھە راست، بۇ يەرگە  كېلىدىغانلىقىمنى، ئېھتىمال، سىزگە ئۇ دېگەن بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقمۇ؟»

«شۇنداق،» دېدى پروفېسور مېك گوناگال «ئۇچراشساق بولىدىغان شۇنچە يەر تۇرسا، نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمىزنى ماڭا ئېيتىپ بەرمەيسىز شۇنداقمۇ؟»

«خارىنى ھاممىسىنىڭ يېنىغا ئەكەلدىم. ئائىلىسىدىن پەقەت شۇلارلا قالدى.»

پروفېسور مېك گوناگال ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ تۆتىنجى نومۇرلۇق ئۆينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ «مۇشۇ يەردە تۇرىدىغان ئادەملەرنى دەۋاتامسىز؟»   دەپ ۋارقىرىدى. «دامبېلدور بۇنداق قىلساق بولمايدۇ! ئۇلارنى بىر كۈن كۈزەتتىم. دۇنيادا ئۇلارغا ئوخشايدىغان باشقا  بىر كىشى چىقمايدۇ! يەنە تېخى بىر ئوغلى بار، ئۇنى كۆردۈم، كەمپۈت ئېلىپ بەرسۇن دەپ يول بويى ئاپىسىنى توختىماي تەپتى. خارى پوتېر مۇشۇنداق يەردە ياشامدۇ!»

دامبېلدور قەتئىي قىلىپ «بۇ يەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يەر» دېدى. «چوڭ بولغاندا ھاممىسى ۋە ئۇنىڭ ئېرى ھەممە نەرسىنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇلارغا بىر پارچە خەتمۇ يېزىپ قويدۇم.»

پروففېسور مېك گوناگال ئولتۇردى. «خەت يازدىم؟» دېدى. «ھەقىقەتەن، دامبېلدور، ھەممىنى بىر پارچە خەت بىلەنلا چۈشەندۈرەلەيمەن دەپ قارامسىز؟ ئۇ ئادەملەر ئۇنى ھەرگىز چۈشەنمەيدۇ! بۇ بالا داڭلىق بولىدۇ، كەلگۈسىدە بىر ئەپسانىگە ئايلىنىدۇ، بۈگۈننى بىر كۈنى خارىي پوتېر كۈنى، دەپ تەبرىكلىسە ھەيران قالماسلىقىم مۇمكىن. خارىي ھەققىدە كىتاپلار يېزىلىدۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلار ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلىپ كېتىدۇ!»

دامبېلدور ئۇنىڭغا قاراپ «ھەقىقەتەن شۇنداق» دېدى. «بۇنداق بىر نەرسە ھەر قانداق بالىنى مەپتۇن قىلالايدۇ. تېخى مېڭىشنى ياكى گەپ قىلىشنىمۇ ئۆگەنمەي تۇرۇپ بۇنداق بىر شۆھرەتكە ئىگە بولۇش! ئېسىگىمۇ ئالالمىغان بىر نەرسە سەۋەپلىك داڭلىق بولۇش! چۈشەنمەيۋاتامسىز، بۇنداق بولسا ئەڭ ياخشى، ھېچبولمىسا  نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەنگۈدەك ياشقا كەلگۈچە بۇ ئىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ.»

پروفېسور مېك گوناگال ئاغزىنى ئېچىپ بىردەم تۇرۇپ قالدى ۋە تۇيۇقسىز پىكرىنى «ھەئە، ھەئە، ئەمىلىيەتتە توغرا دەيسىز، ئەلۋەتتە» دېدى. «ئەمما بالا بۇ يەرگە قانداق كېلىۋاتىدۇ دامبېلدور؟» خۇددى خارىينى تونىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇۋالىدىغاندەك دامبېلدورغا قاراپ قويدى.

«خاگرىد ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ»

«خاگرىدقا مۇشۇنداق مۇھىم بىر ۋەزىپىنى بېرىش، سىزنىڭچە ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟»

«خاگرىدقە جېنىمنىمۇ ئامانەت قويىمەن» دېدى دامبېلدور.

پروففېسور مېك گوناگال «قەلبى بىز بىلەن بىللە، بۇنى مەنمۇ بىلىمەن» دېدى. «ئەمما ئۇنىڭ كالامپاي ئىكەنلىكىنى كۆرمەسكە سېلىۋالسىڭىز بولمايدۇ. بىرئاز توختاڭ، ئۇ نېمە؟»

جىملىقنى يىراقلاردىن ئاڭلانغان بىر موتسىكلىت ئاۋازى بۇزدى. دامبېلدور بىلەن مېك گوناگال  كوچىنىڭ ئىككى چېتىگە قاراپ بىر ماشىنىنىڭ چىرىغىنى كۆرۈشكە تىرىشتى، ئاۋاز بارغانسېرى يېقىنلاشتى. ئۇلار ئاسمانغا قارىغاندا ئاسماندىن يوغان بىر موتسىكلىت چۈشتى ۋە يولغا قوندى.  موتسىكلىت يوغان بولسىمۇ، ئۇنى ھەيدەۋاتقان ئادەمگە نىسبەتەن كىچىك ھېساپلىناتتى. ئۇ ئادەمنىڭ بويى نورمال بىر ئىنساننىڭ ئىككى ھەسسىسىگە، سېمىزلىكى بولسا بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى.بىلەكلىرى مۇسكۇللۇق قوللىرىدا ئەدىيال بىلەن ئورالغان بىر بوخچا تۇراتتى.

«خاگرىد» دېدى دامبېلدور، خېلىلا يىنىكلەپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى، «ئاخىرى! ئۇ موتوسىكلىتنى قەيەردىن تاپتىڭ؟»

«ئۆتنە ئېلىپ تۇردۇم» دېدى دىۋە. گەپ قىلىۋاتقاندا ئاۋايلاپ تۇرۇپ موتسىكلىتتىن چۈشتى. «ياش سىرۇس بىلەيك بېرىپ تۇردى. ئۇنى ئەكەلدىم، ئەپەندىم»

«بىر مەسىلە يوقتۇ؟»

«ياق ئەپەندىم، ئۆي خارابىگە ئايلىنىپ كېتىپتىكەن. ئەمما ماگېللار توپلاشماستا ئۇنى ئەپ چىقىۋالالىدىم. برىستول تۆپىسىدە ئۇچۇۋاتقاندا ئۇخلاپ قالدى.»

دامبېلدور بىلەن مېك گوناگال بوخچىغا ئېگىلىپ قارىدى. ئىچىدە قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن بىر بوۋاق، بىر ئوغۇل بار ئىدى. پېشانىسىدىكى قاپقارا بىر تۇتام بۈدۈر چېچىنىڭ ئاستىدا چاقماققا ئوخشايدىغان غەلىتە بىر يارا ئىزى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

«دېمەك، شۇ يەرگە شۇنداقمۇ؟» دەپ پىچىرلىدى مېك گوناگال.

«ھەئە» دىدى دامبېلدور. «بۇ ئىز ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ»

«سىز بۇنى يوقىتىۋېتەلمەمسىز دامبېلدور»

«يوقىتىۋېتەلىگەن تەقدىردىمۇ قىلمايتتىم. بەزىدە ئىزلارنىڭ پايدىسى بولۇپ قالىدۇ. مېنىڭ سول تىزىمدىمۇ بىرسى بار، لوندون مېتروسىنىڭ مۇكەممەل بىر خەرىتىسى. بولدىلا، بالىنى ماڭا بەر، خاگرىد، بۇ ئىشنى تۈگىتەيلى.»

دامبېلدور خارىنى قولىغا ئېلىپ، دۇرسلىيلەرنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.

«ئەجىبا- ئەجىبا ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىۋالسام بولامدۇ،ئەپەندىم؟» دەپ سورىدى خاگرىد.

چوڭ، تۈكلۈك بېشى بىلەن خارىغا ئېگىلىپ، ئۇنى سۆيۈپ قويدى. كېيىن بىردىنلا يارىلانغان ئىتتەك ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى.

«ئۈشش!» دەپ پىچىرلىدى پروفېسور مېك گوناگال،« ماگېللارنى ئويغىتىۋېتىدىغان بولدۇڭ!»

خاگرىد «ك-كەچۈرۈڭلار.» دەپ ئېسەدىدى، چوڭ، داغ بولۇپ كەتكەن بىر قولياغلىق چىقىرىپ يۈزىنى ئىچىگە كۆمدى. «لېكىن چىدىيالمايۋاتىمەن، لىلي ۋە جەيمس ئۆلدى، بىچارە كىچىك خارى بولسا ماگېللار بىلەن ياشايدىغان بولدى…»

پرافېسور مېك گوناگال سىپايىلىك بىلەن خاگرىدنىڭ قولىنى تۇتتى،«شۇنداق، شۇنداق… بۇ راستىنلا ئېچىنىشلىق ئىش، لېكىن ئەمدى ئۆزۈڭنى بېسىۋالغىن خاگرىد، بولمىسا باشقىلار بىزنى سېزىپ قالىدۇ» دەپ پىچىرلىدى؛ شۇ ۋاققىچە دامبېلدور پاكار ھويلا تېمىدىن ئۆتۈپ، ئالدى ئىشىككە يېتىپ بارغانىدى. سىپايىلىك بىلەن خارىنى ئىشىك تۈۋىگە ياتقۇزۇپ، يېپىنچىسىدىن بىر پارچە خەت چىقاردى ۋە خارىغا تۇتقۇزۇپ قويدى. كېيىن قالغان ئىككىسىنىڭ يېنىغا قايتتى. ھەممىسى ئۇ يەردە تۇرۇپ يۆگەككە بىردەم قاراپ تۇرۇپ قالدى؛ خاگرىدنىڭ مۈرىسى تىترەپ تۇراتتى، پروففېسور مېك گوناگال ئەلەم بىلەن كۆزلىرىنى چىمچىقلىتاتتى. دامبېلدورنىڭ بولسا كۆزىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇ پارقىراق نۇر پۈتۈنلەي ئۆچكەندەك قىلاتتى.

ئاخىرى دامبېلدور «ئەمدى…» دېدى، «بۇ يەردە ئىشىمىز قالمىدى. بېرىپ تەبرىكلەشلەرگە قاتناشساق بولغۇدەك»

ھەگرىد بوغۇق ئاۋاز بىلەن«شۇنداقمۇ؟» دېدى، «ئاۋۋال مەن بۇ موتسېكلىتنى ئاپىرىۋېتەي. خەيرلىك كەچ پروفېسور مېك گوناگال، پرافېسور دامبېلدور»

خاگرىد نەملەشكەن كۆزلىرىنى چاپىنىنىڭ يېڭىگە سۈرتۈپ موتسىكلىتقا مىندى. موتسىكلىت قاتتىق گۈركىرەپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىچىدە غايىپ بولدى.

دامبېلدور «يېقىندا قايتا كۆرۈشۈپ قېلىشىمىزنى ئۈمىت قىلىمەن، پرافىسور مېك گوناگال» دېدى ۋە بېشىنى ئېگىپ سالام قىلدى. پرافىسور مېك گوناگال بۇرنىنى تارتىپ تۇرۇپ جاۋاپ سالام قايتۇردى.

دامبېلدور ئايلىنىپ كوچىنى بويلاپ مېڭىشقا باشلىدى. كوچىنىڭ بۇلۇڭىغا بارغاندا توختاپ كۈمۈش چاقماقنى چىقاردى. ئۇنى بىر قېتىم باسقانىدى، ئون ئىككى پارچە نۇر دەرھال كوچا چىراقلىرىغا قايتىپ باردى. پرىۋېت درېۋ كوچىسى قايتىدىن قىزغۇچ سېرىق رەڭگە پۈركەندى؛ دامبېلدور كوچىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بىر مۈشۈكنىڭ كوچىنىڭ بۇلۇڭىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ يوقاپ كەتكىنىنى كۆردى. 4- نومۇرلۇق ئۆينىڭ پەشتىقىدا تۇرغان يۆگەكمۇ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

«ساڭا ئامەت تىلەيمەن خارى» دەپ پىچىرلىدى ۋە تاپىنىنىڭ ئۈستىدە چۆرگىلەپ، يېپىنچىسىنىڭ شاراقلىشى بىلەن تەڭ غايىپ بولدى.

يېنىك  شامال، سىياھ رەڭلىك ئاسماننىڭ ئاستىدىكى جىمجىت، ئۆيلىرى رەتلىك، ئاجايىپ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئەڭ تۆۋەن بولغان بۇ كوچىنىڭ، پرېۋىت درېۋنىڭ پاكپاكىز چىملىقلىرىنى يەلپۈپ ئۆتتى. خارىي پوتېر ئۇيقۇدا، ئەدىيالنىڭ ئىچىدە بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپكە ئۆرۈلدى. كىچىككىنە قوللىرىدا دامبېلدورنىڭ خېتىنى چىڭ سىقىمداپ تۇراتتى، ئۇخلاۋاتاتتى، ئالاھىدە بىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، داڭلىق ئىكەنلىكىنى  بىلمەيتتى، بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن سۈت قۇتىلىرىنى قويۇپ قويۇش ئۈچۈن ئىشىكنى ئاچىدىغان دۆرسلېي خانىمنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. كەلگۈسىدىكى يىللاردا نەۋرە ئاكىسى دادلېينىڭ پۇرسەت تاپسىلا  ئۇنى دۈشكەلەيدىغان، ئۇرىدىغان ۋە ياكى چىمدايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى… قانداقمۇ بىلسۇن؟ شۇ پەيتتە پۈتۈن دۆلەتتە ئىنسانلار مەخپىي جايلاردا، ئۆز ئارا توپلىنىپ رومكا كۆتۈرۈشۈۋاتاتتى، «خارىي پوتېرغا» دىيىشىۋاتاتتى پىچىرلاپ:

«ھايات قالغان بالىغا!»