خارى پوتېر ۋە پەلسەپە تېشى (17)

خارى پوتېر ۋە پەلسەپە تېشى

ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ

تەرجىمە قىلغۇچىلار: ماھىنۇر، ھەبىبە، نەسلىخان ئۇيغۇر

17- باب: ئىككى يۈزلۈك ئادەم

بۇ، كۇئېررىل ئىدى.

«سەن!» دەپ تاشلىدى نەپسى قىسىلغاندەك بولغان خارى.

كۇئېررىل كۈلۈمسىرىدى. ئادەتتە تارتىشىپ تۇرىدىغان يۈزى ھازىر قاتۇرۇپ قويغاندەك تۇراتتى.

«مەن» دېدى ئۇ تەمكىن ھالدا. «بۇ يەردە سەن بىلەن كۆرۈشەلەرمەنمۇ- يوق، دەپ ئويلاپ تۇرۇشۇم ئىدى، پوتېر»

«ئەمما مەن… سنەيپنى…»

«سەۋەرۇس؟» كۇئېررىل قاقاقلاپ كۈلدى، ئەمما بۇ ئۇنىڭ ئادەتتىكى تىترەك كۈلكىسى ئەمەس ئىدى، ئەكسىچە سۈرلۈك ۋە سوغۇق ئىدى. «شۇنداق، سەۋەرۇس بۇنداق ئىشقا ئوبدانلا چۈشۈپ قالىدۇ، شۇنداققۇ؟ ئەتراپتا بوداپ باققان شەپەرەڭدەك سۆرىلىپ يۈرۈيدىغان ئۇنىڭدەك بىرىنىڭ بولۇشى خېلى ئەسقاتتى. ئۇ تۇرسا، كىممۇ بب…ببېچ…بېچارە…كېك…كەچ…پپ…پروفېسسور…كۇ…كۇ…كۇئېررىلدىن گۇمان قىلغۇدەك؟»

خارىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيۋاتاتتى. بۇنىڭ راست بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، زادى مۇمكىن ئەمەس.

«ئەمما سنەيپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان!»

«ياق، ياق، ياق. سېنى مانا مەن ئۆلتۈرمەكچى بولغان. دوستۇڭ ھېرماينى گرېنجېر، كۇئىددىچ مۇسابىقىسىدە، سنەيپكە ئوت قويۇۋېتىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە مېنى ئۆرۈۋېتىپ سالدى. ئۇ مېنىڭ سەن بىلەن بولغان كۆز ئالاقەمنى ئۈزۈۋەتتى. يەنە بىرنەچچە سىكۇنت ئۆتكەن بولسىدى، سېنى ئۇ سۈپۈرگىدىن چۈشۈرۈۋەتكەن بولاتتىم. يەنە كېلىپ سنەيپنىڭ سېنى قۇتقۇزىمەن، دەپ پىچىرلاۋاتقان قارشى ئەپسۇنى بولمىغان بولسىدى، سېنى ئاللىقاچان چۈشۈرۈۋېتىپ بولغان بولاتتىم.»

«سنەيپ مېنى قۇتقۇزماقچى بولغانما؟»

«ئەلۋەتتە» دېدى كۇئېررىل سوغۇق تەلەپپۇزدا. «نېمىشقا كېيىنكى مۇسابىقىدە رېپىرلىق قىلىشنى خالاپ قالدى، دەپ قالغانىدىڭ؟ ئۇ، مېنى ساڭا زىيانكەشلىك قىلىشىمدىن توسۇش ئۈچۈن  ئىدى. قىزىق ئىش، راست دەيمەن… ئۇنداق ئاۋارە بولۇشىغا كېرەك يوق ئىدى. دامبېلدور ئۇ يەردە قاراپ تۇرغاندا، ھېچنېمە قىلالمايتتىم. باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى سنەيپنى، گرىففىندورنىڭ يېڭىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىدى. ئۇ ئۆز- ئۆزىنى يامان ئاتاقلىق قىلىپ قويدى… يەنە تېخى، ۋاقتىنى بىكاردىنلا ئىسراپ قىلدى، بۇنچە ئاۋارە  بولمىغان بولسىمۇ… سېنى بۈگۈن ئۆلتۈرىدىغان بولغاندىكىن دەيمىنا.»

كۇئېررىل بارمىقىدىن قاس چىقاردى. ھاۋادا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئىنچىكە ئارقانلار خارىنى چىڭ باغلىۋالدى.

«سەن باشقىلارنىڭ ئىشىغا تولا ئارىلىشىۋالىدىكەنسەن پوتېر، شۇڭا سەن ئۆلۈمگە لايىق. ئەرۋاھلار بايرىمىدا ئاشۇنداق مەكتەپتە ھەر ياندا يۈگۈرۈپ يۈردۈڭ. بىلىشىمچە، تاشنى نېمىلەرنىڭ قوغداۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىش ئۈچۈن كەلگىنىمدە مېنى كۆرۈپ قالدىڭغۇ دەيمەن.»

«تاغ ئالۋاستىسىنى سەن ئەكىرىپ قويۇپسەندە؟»

«ئەلۋەتتە، تاغ ئالۋاستىلىرى بىلەن چېلىشىشتا ئالاھىدە تالانتىم بار. بەلكىم بايىقى زالدا ئۇلاردىن بىرسىگە نېمە قىلغانلىقىمنى كۆرگەنسەن؟ ئەپسۇسكى، ھەممە ئادەم ئۇنى قوغلاپ يۈرگەندە، مەندىن ئاللىقاچان گۇمانلانغان سنەيپ، مېنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇدۇل ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقتى. بەختكە قارشى، مېنىڭ تاغ ئالۋاستىمنىڭ سېنى ئۆلتۈرەلمەي قېلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئۈچ باشلىق ئىتمۇ سنەيپنىڭ پاچىقىنى تەلتۆكۈس ئۈزۈۋېتەلمەي قاراپ تۇردى دېسە…»

«ئەمدى، زۇۋانىڭنى چىقارماي ساقلاپ تۇر پوتېر. بۇ ئۆزگىچە ئەينەكنى بىر تەكشۈرۈپ چىقمىسام بولمايدۇ.»

خارى پەقەت شۇ چاغدىلا كۇئېررىلنىڭ كەينىدە نېمە بارلىقىغا دىققەت قىلدى. بۇ كەلىت ئەينىكى ئىدى.

«بۇ ئەينەك تاشنى تېپىشنىڭ ئاچقۇچى» دەپ غودۇڭشىدى كۇئېرىل، ئۇنىڭ رامكىسىغا بوش بوش چېكىپ باققاچ. «دامبېلدورغا مۇشۇنداق غەيرىي بىر نەرسىلەرنى تېپىپ چىقىش جەھەتتە دائىم ئىشىنىشكە بولىدۇ… ئەمما ئۇ لوندوندا… ئۇ قايتىپ كەلگەندە مەن ئاللىقاچان يىراقلارغا كەتكەن بولىمەن…»

خارىنىڭ ئەقلىگە شۇ تاپتا كۇئېررىلنىڭ گېپىنى ئۈزمەي داۋاملاشتۇرغۇزۇش ۋە دىققىتىنى ئامال بار ئەينەكتىن يىراققا تارتىشتىن باشقا ئامال كەلمەيۋاتاتتى.

«سەن بىلەن سنەيپنى ئورمانلىقتا كۆرگەنىدىم» دېدى ئۇ.

«شۇنداق» دېدى كۇئېررىل خۇشياقمىغاندەك تەلەپپۇزدا، ئەينەكنىڭ ئارقىسىغا قاراپ بېقىش ئۈچۈن كېتىۋېتىپ «ئۇ، شۇ ۋاقىتلاردا مېنى تازا چېكىپ بېقىۋاتاتتى، قانچىلىك مەلۇمات ئىگەللىكەنلىكىمنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن… دائىم مەندىن گۇمانلىنىپ كەلدى ۋە مېنى قورقۇتماقچى بولدى… خۇددى ۋولدېمورت بىلەن بىر سەپتە تۇرسام، مېنى قورقۇتالايدىغاندەك…»

كۇئېررىل ئەينەكنىڭ ئارقىسىدىن قايتىپ چىقتى ۋە  ئۇنىڭغا ياۋۇزلارچە تىكىلىپ قارىدى.

«تاشنى كۆرۈۋاتىمەن… ئىگەمگە ئۇنى تەقدىم قىلىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈۋاتىمەن… ئەمما ئۇ زادى قەيەردە؟»

خارى ئۆزىنى چىرمىۋالغان ئارقانلار بىلەن ئېلىشىپ باقتى، ئەمما كارغا كەلمىدى. ئۇ چوقۇم كۇئېررىلنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى ئەينەككە مەركەزلەشتۈرۈشىنى توسۇپ قېلىشى كېرەك ئىدى.

«ئەمما سنەيپ قارىماققا مەندىن نەپرەتلىنىدىغاندەك قىلاتتىغۇ؟»

«ھە، شۇنداق» دېدى كۇئېرىل بىخارامان «پەرۋەردىگارىم… ئۇ ساڭا راست ئۆچ. ئۇ خوگۋارتستا داداڭ بىلەن بىر يىللىقتا ئوقۇغان، بىلەمسەن؟ ئۇ ۋاقىتتىمۇ ئۇلارنىڭ بىر- بىرى بىلەن پەقەت خۇشى يوق ئىدى. ئەمما ئۇ، ھېچقانداق ۋاقىتتا سېنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىڭنى خالىمىدى.»

«ئەمما بىرنەچچە كۈن بۇرۇن سېنىڭ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقانلىقىڭنى ئاڭلاپ قالغانتىم ، تېخى سنەيپنى ساڭا تەھدىت سېلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن…»

تۇنجى قېتىم، كۇئېررىلنىڭ چىرايىغا ۋەھىمە كۆلەڭگە تاشلاپ ئۆتتى.

«بەزىدە» دېدى ئۇ «ئىگەمنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنلاش ماڭا ئېغىر كېلەتتى… ئۇ شۇنداق ئۇلۇغ بىر سېھىرگەر، مەن بولسام شۇنداق ئاجىز…»

«دېمەكچى بولغىنىڭ ئۇ، شۇ سىنىپتا، سېنىڭ يېنىڭدېمىدى؟» دەۋەتتى چۆچۈپ كەتكەن خارى.

«ئۇ، مەن قەيەرگە بارسام شۇ يەردە» دېدى كۇئېررىل ئاستاغىنە. «مەن دۇنيانى ئايلىنىپ يۈرگەن چېغىمدا ئۇنى ئۇچراتقان. ئۇ ۋاقىتلاردا مەن، كاللىسى ياخشى ۋە يامانغا دائىر بىمەنە، ھەم كۈلكىلىك خىياللارغا تولغان ئەخمەق بىر ياش يىگىت ئىدىم. لورد ۋولدېمورت ماڭا قانچىلىك خاتالاشقانلىقىمنى كۆرسەتتى. ياخشى ۋە يامان دەپ بىر نەرسە يوق. پەقەت كۈچ- قۇدرەت بار. يەنە ئۇنى ئىزدەشتىن قورقىدىغان ئاجىز كىشىلەر… شۇنىڭدىن بۇيان، ئۇنىڭغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلدىم، گەرچە ئۇنى بىرنەچچە قېتىم نائۈمىد قويغان بولساممۇ… ئۇ ماڭا قاتتىق تەگدى.» كۇئېرىل تۇيۇقسىز تىترەپ كەتتى. «ئۇ ئاسانلىقچە كەچۈرۈۋەتمەيدۇ. ئۇ مېنى جازالىدى… ھەم مېنى بەكرەك يېقىندىن كۈزىتىش قارارىغا كەلدى…»

كۇئېررىلنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى بوشىشىپ كەتتى. خارى ئۆزىنىڭ دىئاگون كوچىسىغا بارغان چاغدىكى سەپىرىنى ئەسلەپ قالدى؛ ئۇ قانداقسىگە بۇنى كۆرەلمىگۈدەك دۆتلىشىپ قالغان بولغىيتى؟ ئۇ كۇئېررىلنى شۇ كۈنى كۆرگەن، يېرىق قازاندا ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن ئەمەسمۇ؟!

كۇئېررىل بوش ئاۋازدا  نېمىلەرگىدۇر لەنەت ئوقۇدى.

«زادى چۈشىنەلمىدىم… تاش، ئەينەكنىڭ ئىچىدىمۇ؟ ئۇنى پارچىلىشىم كېرەكمۇ؟»

خارى ئىشقا يارىغۇدەك چارە تېپىش ئۈچۈن تىپىرلايتتى.

«شۇ تاپتا، مەن دۇنيادا ھەممىدىن بەك ئارزۇ قىلىدىغان نەرسە» دەپ ئويلىدى ئۇ «تاشنى كۇئېررىلدىن بۇرۇن تېپىش. شۇڭا، ئەگەر ئەينەككە قارىسام، ئۆزۈمنىڭ ئۇنى تاپقانلىقىنى كۆرىمەن. دېمەك، نەگە يوشۇرۇلغانلىقىنى بىلەلەيمەن! ئەمما قانداق قىلىپ كۇئېررىلغا نىيىتىمنى ئاشكارىلاپ سالماستىن، مەقسىتىمگە يېتەرمەن؟»

ئۇ كۇئېررىلنىڭ دىققىتىنى تارتماستىن ئەينەكنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىش ئۈچۈن سەل سول تەرەپكە يۈرۈشمەكچى بولدىيۇ، ئوشۇقىنى چىرمىۋالغان ئارقانلار بەك چىڭ باغلانغان بولغاچقا، پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى. كۇئېررىلنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى. ئۇ تېخىچە ئۆز- ئۆزىگە گەپ قىلىۋاتاتتى:

«بۇ ئەينەك زادى نېمە قىلىدۇ؟ قانداق ئىشلەيدۇ؟ ئىگەم، ماڭا ياردەم قىلىڭ!»

ئارقىدىنلا خارىنى ۋەھىمىگە سېلىپ، بىر ئاۋاز جاۋاپ بەردى، كۇئىررىلنىڭ ئۆزىدىن چىقىۋاتقاندەك بىر ئاۋاز…

«بالىنى ئىشلەت… بالىنى ئىشلەت…»

كۇئىررىل خارىغا بۇرۇلدى.

«توغرا، پوتېر… بۇياققا كەل»

ئۇ بىرلا چاۋاك چېلىۋېدى، خارىنى باغلاپ تۇرغان ئارغامچىلار يېشىلدى. خارى ئاستا ئورنىدىن تۇردى.

«بۇياققا كەل» دېدى كۇئېررىل قايتا. «ئەينەككە قاراپ نېمىنى كۆرگەنلىكىڭنى دەپ بەرگىن.»

خارى ئۇنىڭغا قاراپ ماڭدى.

«يالغان سۆزلىشىم كېرەك» دەپ ئويلايتتى ئۇ جان- جەھلى بىلەن، «چوقۇم ئەينەككە قارىغاندا كۆرگەنلىرىم ھەققىدە يالغان ئېيتىشىم كېرەك.»

كۇئېررىل ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ كەينىدە تۇردى. كۇئېررىلنىڭ سەللىسىدىن كېلىۋاتقان غەلىتە پۇراق خارىنىڭ بۇرنىغا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. ئۇ كۆزىنى يۇمدى، ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە كۆزىنى قايتىدىن ئاچتى.

ئەڭ باشتا ئۇ ئۆز ئەكسىنى كۆردى، تاتىراڭغۇ ۋە قورقۇنچ باسقان چىرايىنى…  ئەمما ئارقىدىنلا سۈرەت ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. ئۇ قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ قاندەك قېپقىزىل بىر تاشنى ئالدى. كۆزىنى قىسىپ قويغاندىن كېيىن تاشنى قايتا يانچۇقىغا سالدى. ئۇ شۇنداق قىلغان ھامان خارى يانچۇقىغا راستتىنلا ئېغىر بىر نەرسىنىڭ چۈشكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئاجايىپ سىرلىق بىر شەكىلدە تاش ئۇنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالغانىدى.

«ھە!» دېدى تاقەتسىزلەنگەن كۇئىررىل «نېمىنى كۆردۈڭ؟»

خارى پۈتۈن جاسارىتىنى توپلىدى.

«مەن دامبېلدور بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋاتقانلىقىمنى كۆرۈۋاتىمەن» دەپ ھېكايىدىن بىرنى توقۇدى، «مەن… مەن گرىففىندور ئۈچۈن بىنا لوڭقىسى ئاپتىمەن.»

كۇئېرىل يەنە نېمىلەرنىدۇر تىللىدى.

«ئۆتە نېرى!» دېدى ئۇ چېچىلىپ… خارى بىر تەرەپكە ئۆتۈۋاتقاندا، پەلسەپە تېشىنىڭ پاچىقىغا تەگكەنلىكىنى تۇيۇپ تۇراتتى. ئۇ تەۋەككۈل قىلىپ قېچىپ باقسا قانداق بولار؟

ئەمما ئۇ بەش قەدەممۇ ماڭماستىن، چىرقىراق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. گەرچە كۇئېررىل لەۋلىرىنى مىدىرلىتىپ قويمىغان بولسىمۇ.

«ئۇ يالغان ئېيتىدۇ… ئۇ يالغان ئېيتىدۇ…»

«پوتېر، بۇ ياققا كەل!» دەپ ۋارقىرىدى كۇئېررىل. «ماڭا راست گەپنى قىل! نېمىنى كۆردۈڭ؟»

چىرقىراق ئاۋاز قايتا سۆزلىدى:

«مېنى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكىلى قوي… يۈز- تۇرانە…»

«ئىگەم، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز تېخى ئۇنداق قىلىشقا يار بەرمەيدۇ!»

«سالامەتلىكىم جايىدا… بۇ ئىش ئۈچۈن…»

خارىغا خۇددى شەيتان قاپقىقى ئۇنى شۇ يەرگە مەھكەم باغلاپ قويغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.  كۇئېررىلنىڭ قولىنى كۆتۈرۈپ سەللىسىنى يېشىشىگە تاشتەك قېتىپ قاراپ تۇرۇپ قالدى. نېمە ئىش بولۇپ كېتىۋاتىدۇ زادى؟ سەللە يەرگە چۈشۈپ كەتتى. كۇئېررىلنىڭ كاللىسى ئەمدى ئادەتتىن تاشقىرى كىچىك كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى. ئۇ تۇرغان جايىدا ئاستا ئارقىسىغا بۇرۇلدى.

خارى چىرقىرىۋەتسە تامامەن بولاتتى، ئەمما ئۈن- تىنسىز قېتىپ قالدى. كۇئېررىلنىڭ بېشىنىڭ كەينى بولۇشقا تېگىشلىك يەردە بىر يۈز تۇراتتى، خارى ئۆمرىدە كۆرگەن ئەڭ قورقۇنۇچلۇق يۈز… ھاكتەك ئاپئاق چىرايىدا قىزىل كۆزلىرى پىلدىرلاپ تۇراتتى، بۇرنىنىڭ ئورنىدا يىلاننىڭكىگە ئوخشاش ئىككى يېرىق تۇراتتى.

«خارى پوتېر…» دەپ شىۋىرلىدى ئۇ.

خارى كەينىگە داجىماقچى بولدى، ئەمما پۇتلىرى قېتىپ قالغاندەك ئۇنىڭغا بويسۇنمىدى.

«قارا، نېمىگە ئايلىنىپ قاپتىمەن؟» دېدى ئۇ يۈز «بىر كۆلەڭگىدىن، بىر تۈتەكتىن ئىبارەت… پەقەت باشقا بىرىنىڭ بەدىنىگە كىرگىنىمدە بىر شەكلىم بار… شۇنداق، ماڭا قەلبى ۋە زېھنىنى ئېچىشقا رازى مەۋجۇداتلار داۋاملىق بولۇپ كەلدى… تاق مۈڭگۈزلۈك ئات قېنى ئۆتكەن ھەپتىلەردە ماڭا قۇۋۋەت بولدى… ساداقەتمەن كۇئېررىل مەن ئۈچۈن ئۇنى ئىچىۋاتقاندا، ئۇنى ئورمانلىقتا كۆرگەنىدىڭ… ئابىھايات سۇيۇقلۇقىنى ئىچكىنىمدە بولسا، ئۆزۈمنىڭ بەدىنىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشكە قادىر بولىمەن… ئەمدى… نېمىشقا ماڭا يانچۇقۇڭدىكى ئۇ تاشنى بەرمەيسەن؟»

ئۇنداقتا، ئۇ بىلىدىكەن. خارىنىڭ پۇتلىرىغا تۇيۇقسىز جان كىردى. ئۇ دەلدەڭشىپ ئارقىسىغا داجىدى.

«ئەخمەق بولما» دېدى ئۇ يۈز ھۇۋلىغاندەك: «ياخشىسى ئۆز جېنىڭنى ساقلاش ئۈچۈن سېپىمگە قوشۇل… ئۇنداق بولمايدىكەن، ئاقىۋىتىڭ ئاتا- ئاناڭنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ… ئۇلار مەندىن بىر قوشۇق قېنىنى تىلىگەن ھالدا جېنىدىن ئايرىلدى…»

«يالغانچى!» دەپ ۋارقىراپ تاشلىدى خارى تۇيۇقسىزلا.

كۇئېرىل كەينىچىلەپ ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتقاچقا، ۋولدېمورت ئۇنى يەنىلا كۆرۈپ تۇرالايتتى. بۇ قەبىھ يۈز ھازىر كۈلۈمسىرەۋاتاتتى.

«نېمە دېگەن تەسىرلىك…» دەپ ۋىشىلدىدى ئۇ يىلاندەك. «جاسارەتنى ھەر ۋاقىت قەدىرلەيمەن… راست، بالا، ئاتا- ئاناڭ باتۇر ئادەملەر ئىدى… ئەڭ باشتا داداڭنى ئۆلتۈردۈم، ئۇ مەردانىلىك بىلەن جېنىنى تىكىپ قويۇپ ئۇرۇشقان ئىدى… ئەمما ئاپاڭنىڭ ئۆلۈشىگە كېرەك يوق ئىدى… ئەمما ئۇ سېنى قوغدىماقچى بولدى… ئەمدى، ئەگەر ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ بىكارغا كېتىشىنى خالىمىساڭ ئۇ تاشنى ماڭا بەر.»

«ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن!»

خارى ئۆزىنى ئوت ئىشىككە ئاتتى، بىراق ۋولدېمورت «ئۇنى تۇت!» دەپ چۇقان كۆتۈردى. ئارقىدىنلا خارى كۇئېررىلنىڭ ئۇنى كاپپىدە قىلىپ بىلىكىدىن تۇتۇۋالغانلىقىنى ھېس قىلدى. دەل شۇ ۋاقىتتا، خارىنىڭ يارا ئىزىغا پىچاق تىققاندەك بىر ئاغرىق كىرىپ كەتتى؛ ئۇنىڭغا، بېشى ئىككىگە يېرىلىپ كېتىدىغاندەكلا تۇيۇلۇۋاتاتتى؛ ئۇ ۋارقىرىدى، قولىدىن كېلىشىچە كۈچەپ ئېلىشتى ۋە ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى كۇئېررىل ئۇنى قويۇۋەتتى ۋە بېشىدىكى ئاغرىقمۇ يېنىكلەپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئالاقزادىلىك بىلەن ئەتراپتىن كۇئېررىلنى ئىزدىدى ۋە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يىرىڭداپ كېتىۋاتقان بارماقلىرىغا قاراپ، ئاغرىقتىن مۈكچىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

«ئۇنى تۇت! ئۇنى تۇت دەيمەن!» دەپ ۋارقىرىدى ۋولدېمورت قايتىدىن ۋە كۇئېررىل قايتىدىن ئۆزىنى خارىغا ئاتتى. ئۇنى يەرگە يىقىتىپ، ئۈستىگە مىنىپ، ھەر ئىككى قولى بىلەن خارىنىڭ كانىيىغا يېپىشىپ،گېلىنى سىققىلى تۇردى. خارىنىڭ، يارا ئىزىنىڭ ئاغرىقىدىن كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، كۇئېرىلنىڭمۇ ئازاپقا چىدىماي ھۆركىرەپ كېىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتاتتى.

«ئىگەم، مەن ئۇنى تۇتالمايۋاتىمەن… مېنىڭ قولۇم… مېنىڭ قولۇم!»

ئاندىن كۇئېررىل، خارىنى تىزى بىلەن يەرگە بېسىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ گېلىنى قويۇۋەتتى ۋە ھەيران بولغان ھالدا ئۆزىنىڭ ئالقانلىرىغا چەكچىيىپ قاراپ قالدى. خارى  ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ كۆيۈپ، تېرىسى سويۇلۇپ خام گۆشتەك قىپقىزىل بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

«ئۇنداق بولسا ئۇنى ئۆلتۈرۈپ ئىشنى تۈگەت، كالۋا!» دەپ ۋارقىرىدى ۋولدېمورت چىرقىراق ئاۋازدا.

كۇئېررىل جاننى ئالىدىغان بىر ئەپسۇن ئوقۇش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈردى. بىراق خارى، ئىختىيارسىز قولىنى سۇنۇپ كۇئېررىلنىڭ يۈزىنى قاماللىدى…

«ۋايجان!»كۇئېررىل ئۇنىڭ ئۈستىدىن دومىلاپ چۈشۈپ كەتتى، ئەمدى ئۇنىڭ يۈزىمۇ يىرىڭداشقا باشلىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن خارى چۈشەندى: كۇئېرىل ئۇنىڭ تېنىگە قول تەگكۈزەلمەيتتى، چىدىغۇسىز ئازاپقا دۇچار بولماستىن ئۇنداق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. كۇئېررىلنىڭ ئەپسۇن ئوقۇشىنى توسۇپ قېلىشى ئۈچۈن، ئامالىنىڭ بارىچە ئۇنىڭ جېنىنى قاقشىتىش، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتىكى بىردىنبىر چارىسى ئىدى.

خارى ئورنىدىن سەكرەپ تۇردى. كۇئېررىلنىڭ بىلىكىنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنىڭغا جېنىنىڭ بارىچە چاپلاشتى. كۇئېرىل چىرقىراپ خارىنى ئىتتىرىۋەتمەكچى بولدى، خارىنىڭ بېشىدىكى ئاغرىقمۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ئەمدى ھېچنېمىنى كۆرەلمەي قالغانىدى. ئۇ پەقەتلا كۇئېررىلنىڭ ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرگىدەك نالە- پەرياتلىرىنى ۋە ۋولدېمورتنىڭ «ئۇنى ئۆلتۈر! ئۇنى ئۆلتۈر!» دەپ توۋلاشلىرىنى ، ھەم يەنە ئۆزىگە تونۇش  «خارى! خارى!» دەپ توۋلاۋاتقان نېمىدۇر باشقا ئاۋازلارنىمۇ ئاڭلاۋاتاتتى، خالاس.

ئۇ، قولىدىن كۇئېرىلنىڭ بىلىكىنىڭ ئاجراپ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۇيدى… ئاندىن بىلدى، ھەممىسى ئاخىرلاشقان ئىدى. ئارقىدىن ئۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى… چۈشتى… چۈشتى…

*******

ئالتۇندىن ياسالغان بىر نەرسە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا چاقناپ تۇراتتى. سنىچ! ئۇ ئۇنى تۇتماقچى بولدىيۇ، قوللىرىنى كۆتۈرۈشكە ماجالى يەتمىدى.

ئۇ كۆزىنى چىمچىقلاتتى. بۇ نەرسە سنىچ ئەمەس ئىدى. بۇ بىر كۆزئەينەك ئىدى. نېمە دېگەن غەلىتە.

ئۇ كۆزىنى قايتا چىمچىقلاتتى. ئالبۇس دامبېلدورنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايى كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى.

«چۈشتىن كېيىنكى ۋاقتىڭ خەيرلىك بولسۇن، خارى» دېدى دامبېلدور.

خارى ئۇنىڭغا قاراپ بىردەم تېڭىرقاپ قالدى. ئاندىن بىردىنلا ئېسىگە كەلدى. «ئەپەندىم! تاش! كۇئېرىلكەنتۇق! ئۇ تاشنى ئېلىۋالدى! ئەپەندىم، تېز…»

«ئۆزۈڭنى بېسىۋال، قەدىرلىك ئوغلۇم، سەن ۋاقىتنىڭ سەل كەينىدە قالدىڭ» دېدى دامبېلدور. «كۇئېرىل تاشنى ئېلىۋالالمىدى.»

«ئۇنداقتا كىم؟ ئەپەندىم، مەن…»

«خارى، ئۆزۈڭنى بېسىۋالغىن، بولامدۇ؟ بولمىسا پومفرېي ئاپپاي مېنى بۇ يەردىن چىقىرىۋېتىدۇ.»

خارى يۇتقۇندى ۋە ئەتراپىغا سەپسالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ دوختۇرخانا بۆلۈمچىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ ئاق كاناپ كىرلىكلەر سېلىنغان بىر كارۋاتتا ياتاتتى. يېنىدا بولسا چوڭ بىر دۆۋە، قارىماققا بىر كەمپۈت دۇكىنىنىڭ يېرىمىدەك كۆرۈنىدىغان بىر دۆۋە تۇراتتى.

«دوستلىرىڭ ۋە مەستانىلىرىڭدىن كەلگەن خاتىرە بۇيۇملىرى» دېدى چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرغان دامبېلدور. «يەر ئاستىدا يۈز بەرگەن سەن ۋە كۇئېرىل ئارىسىدىكى ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە چوڭ بىر مەخپىيەتلىك ئىدى، ئەمدى بۇ ئىشلار پۈتۈن مەكتەپكە توسالغۇسىز پۇر كەتتى. بىلىشىمچە، دوستلىرىڭ فرەد ۋە جورج ۋېزلىي ئەپەندىلەر ساڭا بىر يۈرۈش گارشوك ئالغانىكەن. شۈبھىسىزكى، بۇنداق قىلساق كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ، دەپ ئويلىغان چېغى… ئەپسۇس، پومفرېي ئاپپاي بۇنى پاكىز دەپ قاراپ كەتمىدى ۋە مۇسادىرە قىلىۋالدى.»

«مەن بۇ يەردە ياتقىلى قانچىلىك بولدى؟»

«ئۈچ كۈن. رونالد ۋېزلىي ئەپەندى بىلەن گرېنجىر خېنىم سېنىڭ ئەسلىڭگە كەلگىنىڭنى ئاڭلىسا، چوقۇم كۆڭلى تەسكىن تاپىدۇ، ئۇلار ھەممىدىن بەك ئەنسىرەپ كەتكەن ئىدى.»

«ئەمما ئەپەندىم، تاش…»

«قارىغاندا دىققىتىڭنى چېچىش ئوڭاي ئىش ئەمەسكەن. بوپتۇ، ئىنتايىن ياخشى، تاش… پىروفېسسور كۇئېررىل ئۇنى سەندىن ئېلىۋالالمىدى. بۇنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن دەل ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ كېلەلىدىم. شۇنداقتىمۇ،بۇنى دېمىسەم زادى بولمايدۇ، سەن ئۆز ئالدىڭغىمۇ شۇنداق ئوبدان ئېلىپ كېتىۋېتىپتىكەنسەن.»

«سىز ئۈلگۈرۈپ كەلدىڭىزمۇ؟ ھېرماينىنىڭ مۈشۈكياپىلىقىنى تاپشۇرۇۋالدىڭىزمۇ؟»

يېرىم يولدا دوقۇرۇشۇپ قالدۇققۇ دەيمەن. لوندونغا يېتىپ بارغان ھامان مەن ئۈچۈن شۇنىسى ئېنىق بولدىكى، مەن بولۇشقا تېگىشلىك يەر– مەن ھازىرلا تاشلاپ كەلگەن يەر ئىكەن. كۇئېررىلنى ئۈستۈڭدىن تارتىپ ئېلىشقا ئۈلگۈرۈپلا كەلدىم…»

«سىزكەنسىز – دە!»

«كېچىكىپ قالارمەنمىكىن، دەپ ئەنسىرىگەن ئىدىم.»

«تاسلا قالغانتىڭىز، تاشنى يەنە قوغداپ تۇرۇشقا بەرداشلىق…»

«تاشنى ئەمەس، بالام، سېنى… سەن سەرپ قىلغان كۈچ جېنىڭغا زامىن بولايلا دەپتىكەن. يېتىپ كېلىپمۇ، خېلى بىر ۋاققىچە ئاللىقاچان شۇنداق بولغانلىقىدىن ئەنسىرىگەنىدىم. تاشقا كەلسەك، ئۇ نابۇت قىلىندى.»

«نابۇت قىلىندى؟» دېدى خارى «ئەمما دوستىڭىز – نىكولاس فلامەل…»

«پاھ، نىكولاسنىمۇ بىلىدىكەنسەن- ھە؟» دېدى ئاۋازىدىن خۇرسەن بولغانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان دامبېلدور «بىر ئىش قىلساڭ تەلتۆكۈس قىلىدىكەنسەن، شۇنداقمۇ؟ ھە، نىكولاس بىلەن ئىككىمىز كىچىككىنە پاراڭلاشتۇق ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ كۆپچىلىك ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىمىز كامىل بولدى.»

«ئەمما بۇ دوستىڭىز ۋە ئايالىنىڭ ئۆلۈشى دېگەن گەپ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟»

«ئۇلاردا، قالغان ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يەتكۈدەك ئابىھايات سۇيۇقلۇقى بار. ئاندىن كېيىن… توغرا، ئۇلار ئۆلىدۇ.»

دامبېلدور خارىنىڭ چىرايىدىكى ھەيرانلىق ئىپادىسىگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى.

«سەندەك ياش بىرسى ئۈچۈن، ئىشىنىمەنكى بۇنداق بىر ئىشنىڭ مۇمكىنچىلىقى يوقتەك تۇيۇلىدۇ. بىراق نىكولاس بىلەن پېرېنېل ئۈچۈن بۇ، ئۇزۇن… ئىنتايىن ئۇزۇن ئۆتكەن بىر كۈننىڭ ئاخىرىدا يېتىپ ئۇخلاشقا ئوخشاشلا بىر ئىش. نەتىجىدە، پىكىرلىرى تولۇق پىشىپ يېتىلگەن بىر كاللا ئۈچۈن، ئۆلۈم پەقەت نۆۋەتتىكى چوڭ بىر سەرگۈزەشتىدىن ئىبارەت. سەنمۇ چۈشىنىپ يەتكەنسەن، تاش ئەمىلىيەتتە ئۇنداق قالتىس بىر نەرسە ئەمەس.  پەقەت ئېشىپ تېشىپ تۇرىدىغان بايلىق ۋە ئۆمۈر! كۆپىنچە ئىنسان ئەۋلادى ھەممىدىن بەك ئارزۇلايدىغان  ئىككى نەرسە… ئەمما چاتاق يېرى، ئىنسانلار، دەل ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ يامان نەرسىنى تاللاشقا ئۇستا.»

خارى، دېگۈدەك بىر نەرسە تاپالماي يېتىپ قالدى. دامبېلدور بىر ھازا مەلۇم بىر ناخشىغا غىڭشىغاچ، تورۇسقا قاراپ كۈلۈمسىرىدى.

«ئەپەندىم؟» دېدى خارى «مەن ئويلاپ قالدىم… ئەپەندىم ، ھەتتا تاش ئەمدى يوق بولسىمۇ، ۋول… مەن دېمەكچى كىملىكىنى بىلىسىز سىز…»

«ئۇنى ۋولدېمورت دەپ ئاتاۋەرگىن خارى. ھەر ۋاقىتتا شەيئىلەرنى ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىغىن. بىر ئىسىمدىن قورقۇش ئۇ شەيئىگە بولغان قورقۇنچنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.»

«شۇنداق، ئەپەندىم. ھىم… ۋولدېمورت قايتىپ كېلىش ئۈچۈن يەنە باشقا ئۇسۇللارنىمۇ قوللىنىپ باقىدۇ، شۇنداققۇ؟ مەن دېمەكچى، ئۇ پۈتۈنلەي تۈگەشمىدى، شۇنداقمۇ؟»

«ياق خارى، ئۇ تۈگەشمىدى. ئۇ تېخىچە سىرتتا بىر يەرلەردە، بەلكىم ئورتاقلىشىدىغان باشقا بىر بەدەن ئىزدەپ يۈرۈيدىغاندۇ… ئۇ ھەقىقەتەن ھايات بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلتۈرۈشمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇ كۇئېررىلنى ئۆلەي دېگەندە تاشلىۋەتتى؛ ئۇ، ئەگەشكۈچىلىرىگىمۇ دۈشمەنلىرىگە قىلغانچىلىكلا كەڭچىلىك قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، خارى، سەن ھازىرچە پەقەت ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىپ، كۈچ- قۇۋۋىتىگە تولۇشىنى كېيىنگە سۈرگەن بولساڭمۇ، يەنە بىر قېتىم باشقا بىرسى ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر مەيدان سوقۇشۇپ، ئۇنى نىسبەتەن مەغلۇپ قىلىشقا ئۇزۇن ۋاقىت كەتمەسلىكى مۇمكىن… ئەگەر ئۇ قايتا كېچىكتۈرۈلسە، ئاندىن قايتا كېچىكتۈرۈلسە ۋە بۇ ئىش مۇشۇنداق كېتىۋەرسە… بەلكىم ئۇ بۇرۇنقى كۈچ- قۇدرىتىگە قايتا  ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن.»

خارى بېشىنى لىڭشىتتى، ئەمما تېزلا توختاپ قالدى. چۈنكى بۇ ھەقىقەت يۈرىكىنى ئېچىشتۇرىۋەتكەن ئىدى. ئارقىدىن ئۇ مۇنداق دېدى :«ئەپەندىم، مەن بىلىشنى خالايدىغان يەنە بەزى نەرسىلەر بار، ئەگەر مۇمكىن بولسا سىز ماڭا… بۇ نەرسىلەر ھەققىدىكى ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز…»

«ھەقىقەت…» ئۇلۇغ كىچىك تىندى دامبېلدور: «ئۇ، شۇنداق كۆركەم ۋە شۇنداق قورقۇنۇچلۇق،شۇنداق بولغانىكەن، ئۇنىڭغا تۇتقان مۇئامىلىمىزدە ئالاھىدە ئېھتىياتچان بولمىساق بولمايدۇ. بىراق، ئەكسىچە قىلىش ئۈچۈن ئورۇنلۇق باھانىلىرىم بولمىسىلا… بۇنداق ئەھۋاللار ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتىمەن. سېنىڭ سوئاللىرىڭغا جاۋاپ بېرىمەن. ئەلۋەتتە، يالغان گەپ ئارلاشتۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىمەن.»

«ئۇنداقتا… ۋولدېمورت ئاپامنى پەقەت ئۇ مېنى قوغداش ئۈچۈن چىڭ تۇرۇۋالغاچقىلا ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما، ئەڭ بېشىدا، ئۇنىڭ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشىغا نېمە سەۋەپچى بولغان؟»

دامبېلدور بۇ قېتىم ئېغىر ئۇھ تارتتى.

«ئەپسۇسكى، مەندىن سورىغان تۇنجى سوئالىڭغا جاۋاپ بېرەلمەيمەن. بۈگۈن ئەمەس. ھازىر ۋاقتى ئەمەس. بىر كۈنى بىلىپ قالىسەن… ھازىرچە بۇنى كاللاڭدىن چىقىرىۋەتكىن، خارى. سەن چوڭ بولغىنىڭدا ئاندىن… جەزىملشتۈرەلەيمەنكى، بۇنى ئاڭلاش كۆڭلۈڭنى قاتتىق غەش قىلىدۇ… سەن تەييار بولغىنىڭدا، بىلىپ قالىسەن.»

شۇنداق، خارى چىڭ تۇرۇۋېلىشنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەنىدى.

«ئەمما، نېمىشقا كۇئېررىل مېنى تۇتالمىدى؟»

«ئاپاڭ سېنىڭ ھاياتىڭنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۆلدى. ئەگەر ۋولدېمورت ئەسلا چۈشىنىپ يېتەلمەيدىغان بىر نەرسە بولسا، ئۇ دەل مۇھەببەت. ئۇ ئاپاڭنىڭكىدەك كۈچلۈك بىر مۇھەببەتنىڭ ئۆزىگە خاس بىر ئىز قالدۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمىدى. تارتۇق ئەمەس، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان بىر نەرسە ئەمەس… ئۆزىگە بۇنداق چوڭقۇر مۇھەببەت باغلانغان بىر كىشى، ھەتتا بىزنى سۆيگەن كىشى كېتىپ قالسىمۇ، بىزنى مەڭگۈ قوغدايدۇ. ئۇ سېنىڭ تېنىڭدە. باشتىن- ئاياغ نەپسى نەپرەتكە،يامانلىق ۋە شۆھرەتپەرەسلىككە تولغان، روھىنى ۋولدېمورت بىلەن ئورتاقلاشقان كۇئېررىل ساڭا مۇشۇ سەۋەپتىن چېقىلالمىدى. بۇنداق بىر ئادەم، بۇنداق ئېسىل بىر روھ بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر تەنگە تەگسە، بۇ ئىنتايىن ئازاپلىق بىر ئىش بولغان بولاتتى.»

دامبېلدور ھازىر دېرىزە تەكچىسىگە قونۇۋالغان بىر قۇشقا ئالاھىدە قىزىقىپ قالغاندەك قىلاتتى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنپ، خارى كۆزلىرىنى كىرلىككە سۈرتۈپ قۇرۇقدىۋالدى. ئاندىن، خارى، ئۆزىنى قايتىدىن رۇسلاپ، «ئاندىن… غايىپ پەرىجە، ئۇنى ماڭا كىمنىڭ ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟» دەپ سورىدى.

«ھە، داداڭ ئۇنى بىر چاغلاردا ماڭا بېرىپ تۇرغان ئىدى. شۇڭا مەن سېنى ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالارمىكىن دەپ ئويلىغانىدىم.» دامبېلدورنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى «ئەسقاتىدىغان نەرسە – دە… داداڭ بۇ يەردىكى چاغدا ئۇنى ئاساسەن ئاشخانىدىن يېمەكلىك ئوغرىلايدىغانغا ئىشلىتەتتى.»

«يەنە بىر ئىش بار ئىدى…»

«قېنى دېمەمسەن؟»

«كۇئېرىل بىلەن سنەيپ…»

« پروفېسسور سنەيپ، خارى.»

«ھەئە، ئۇ… كۇئېررىلنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ماڭا ئۆچ ئىكەن. چۈنكى ئۇ دادامغا ئۆچ ئىكەندۇق. بۇ راستمۇ؟»

«راست… ئۇلارنىڭ بىر- بىرى بىلەن خۇشى يوق ئىدى. سەن ۋە مالفوي ئەپەندىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئاندىن كېيىن، بىر كۈنى داداڭ سنەيپ ھەرگىز كەچۈرەلمىگۈدەك بىر ئىش قىلدى.»

«نېمە قىلدى؟»

«ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.»

«نېمە؟!»

«شۇنداق…» دېدى دامبېلدور خىيالچان ھالدا «ئادەملەرنىڭ كاللىسىنىڭ ئىشلەش شەكلى غەلىتە، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ سنەيپ داداڭغا قەرزدار بولۇپ قېلىشقا چىداپ تۇرالمايتتى… مېنىڭچە، بۇ يىلى سېنى قوغداش ئۈچۈن بۇنچىۋالا كۈچ سەرپ قىلىشىدىكى سەۋەپ شۇ ئىدىغۇ دەيمەن. شۇنداق قىلغاندا، ئۇ، ۋىجدان ئازابى تارتماستىن، داداڭدىن نەپرەتلىنىشنى داۋاملاشتۇرالايدۇ.»

خارى بۇنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇپ باقتى، ئەمما بېشى زىڭىلداپ ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى شۇڭا بولدى قىلدى.

«ئاندىن ئەپەندىم، يەنە بىر ئىش بار.»

«پەقەتلا بىرسىمۇ؟»

«تاشنى ئەينەكتىن قانداق ئالالىدىم؟»

«پاھ، ئەمدى… مۇشۇنى سورىغانلىقىڭدىن خۇرسەن بولدۇم. بۇ مېنىڭ ئەپچىل چارىلىرىمدىن بىرسى ئىدى. ئەمما بۇنى ھەر كىمگە دەپ يۈرمە جۇمۇ! ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى گەپ. كۆرۈپ تۇرۇپسەن، تاشنى تېپىشنى ئارزۇ قىلغان ئادەم ئۇنى تاپالايتتى – پەقەت تېپىشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ئىشلىتىشنى ئەمەس… ئەكسىچە بولغاندا، ئۇلار ئۆزىنى ئالتۇن ياساۋاتقان، ياكى ئابىھايات سۇيۇقلۇقىنى ئىچىۋاتقان ھالەتتە كۆرىدۇ. مېڭەم بەزىدە مېنىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ دېسە… ئەمدى، سوئال- سوراق مۇشۇنچىلىك بولسا يېتەر. ساڭا ماۋۇ كەمپۈتلەرنى تېتىپ بېقىشقا باشلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن. پاھ! بېرتى بوتسنىڭ خىلمۇخىل تەملىك پۇرچاقلىرى! ياشلىقىمدا قۇسۇق تەملىك بىرسىنى يەپ سالغۇدەك بىتەلەي ئىدىم، ئۇنىڭدىن كىيىن، ئەپسۇسكى بۇلارغا بولغان پۈتۈن ھەۋىسىم تۈتەككە ئايلانغان. ئەمما ماۋۇ يېقىملىق كۆرۈنىدىغان قاتتىق كەمپۈت بىخەتەرمىكىن دەيمەن، سېنىڭچە؟»

ئۇ كۈلۈمسىرىدى ۋە قوڭۇر ئالتۇن رەڭلىك پۇرچاقنى ئاغزىغا سالدى. ئارقىدىن ئۇنى يۇتۇۋەتتى «چاتاق! قۇلاق كىرىكەن!»

*******

پومفرېي ئاپپاي، ئالىي سېسترا، ئوبدان ئايال بولسىمۇ ئىنتايىن قاتتىق قول ئىدى.

«پەقەت بەش مىنۇتلا!» دەپ يېلىندى خارى.

«قەتئىي بولمايدۇ!»

«دامبېلدورنى كىرگىلى قويدىڭىزغۇ…»

«ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ-دە، ئۇ مەكتەپ مۇدىرى تۇرسا، ئالاھىدە ئەھۋال. سېنىڭ ئارام ئېلىشىڭ كېرەك.»

«مەن ئارام ئېلىۋاتىمەنغۇ، قاراڭ، يېتىش دەمسىز، باشقا نېمىلەرنى دەمسىز… ھەممىنى قىلىۋاتىمەنغۇ. ۋاي- ۋۇي، ماقۇل دەڭە، پومفرېي ئاپپاي…»

       «ۋاي- ۋۇي… بوپتۇ» دېدى ئۇ. «ئەمما پەقەت بەش مىنۇت…»

ئاندىن ئۇ رون بىلەن ھېرماينىنى كىرگۈزۈۋەتتى.

«خارى!»

ھېرماينى يەنە خارىنى قۇچاقلىۋالغىلى تاس قالدى. ئەمما خارىنىڭ بېشى تېخىچە ئاغرىۋاتقان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋالغانلىقىدىن مەمنۇن بولدى.

«ئاھ، خارى بىز تېخى سېنى… دامبېلدور بەك ئەنسىرىگەن…»

«پۈتۈن مەكتەپنىڭ ئاغزىدا مۇشۇ ئىش» دېدى رون «ئەمەلىيەتتە زادى نېمە ئىش بولدى؟»

بۇ بىر ھەقىقى ھېكايە، ئاجايىپ- غارايىپ سۆز چۆچەكلەرنىمۇ بېسىپ چۈشكۈدەك غەلىتە بولغان ئاشۇ نادىر ئەھۋاللاردىن بىرسى ئىدى. خارى ئۇلارغا ھەممىنى سۆزلەپ بەردى: كۇئېررىل، ئەينەك، تاش ۋە ۋولدېمورت… رون بىلەن ھېرماينى كۆڭۈلدىكىدەك تاماشىبىنلار ئىدى؛ نەق جايىدا چۆچۈيتتى، جايىغا كەلتۈرۈپ نەپەسلىرى قىسىلاتتى. خارى ئۇلارغا كۇئېررىلنىڭ سەللىسىنىڭ ئىچىگە نېمە يوشۇرۇنغانلىقىنى ئېيتقاندا، ھېرماينى چىرقىرىۋەتتى.

«شۇنداق قىلىپ ئەمدى تاش يوقكەندە؟» دېدى رون ئاخىرى «فلامەل شۇنداقلا ئۆلۈپ كېتەمدىكەن؟»

«مەنمۇ شۇنداق دېگەن، ئەمما دامبېلدورچە بولغاندا – ئۇ نېمە دېگەن… « پىكىرلىرى تولۇق پىشىپ يېتىلگەن بىر كاللا ئۈچۈن، ئۆلۈم پەقەت نۆۋەتتىكى چوڭ بىر جەرياندىن ئىبارەت.»

«مەن داۋاملىق دەيمەنغۇ، ئۇنىڭ كاللىسىنىڭ چاتىقى بار دەپ…» دېدى قەھرىمانىنىڭ ساراڭلىقىغا مەپتۇن بولغان رون.

«ئۇنداقتا… ئېيتىڭلارچۇ، ئىككىڭلار قانداق قىلدىڭلار؟»

«شۇ، مەن كاشىلىسىز قايتىپ باردىم» دېدى ھېرماينى. «روننى ھوشىغا كەلتۈردۈم. بۇنىڭغا سەل ۋاقىت كەتتى. ئاندىن بىز دامبېلدور بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن بايقۇشخانىغا قاراپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتۇق، كىرىش زالىدا ئۇنىڭ بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدۇق. ئۇ زادى بىلىپ بولغانىكەن! ئۇ پەقەتلا «خارى ئۇنى قوغلاپ كەتتى، شۇنداققۇ؟» دېدى ۋە ئۈچىنچى قەۋەتكە قاراپ ئۇچقاندەك كېتىپ قالدى.

«ئۇ سېنىڭ بۇنداق قىلىشىڭنى پىلانلىغان بولغىيمىدى يە، قانداق دەيسەن؟» دېدى رون، «ساڭا داداڭنىڭ غايىپ پەرىجىسىنى ئەۋەتىشى ۋە باشقا ئىشلار ئارقىلىق؟»

«ۋۇي!» دەپ چېچىلدى ھېرماينى «ئەگەر ئۇنداق قىلغان بولسا، دېمەكچى… بۇ ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمىغۇدەك ئوساللىق، سەن ئۆلگىلى تاس قالدىڭ!»

«ياق، ئۇنداق ئەمەس» دېدى چوڭقۇر ئويغا چۆمگەن خارى. «دامبېلدور، ئۇ، غەلىتە بىر ئادەمكەن. مېنىڭچە ئۇ، ماڭا بىر پۇرسەت ياراتقاندەك ئىش قىلدى. مېنىڭچە ئۇ بۇ يەردە بولۇۋاتقان بارلىق ئىشلاردىن ئازدۇر- كۆپتۇر خەۋەردار، چۈشەنگەنسىلەر. مېنىڭ پەرىزىمچە ئۇ بىزنىڭ سىناپ باقىدىغانلىقىمىزنى ئوبدان بىلەتتى ۋە بىزنى توسۇپ قېلىشنىڭ ئورنىغا بىزگە ئەسقاتىدىغان نەرسىلەرنى بىلىۋېلىشىمىزغا تۈرتكە بولدى، خالاس. مېنىڭچە ئۇنىڭ، مېنىڭ ئەينەكنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشىمغا يول قويۇشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. بۇ ئىشلار، ھەقىقەتەن… ئەگەر قولۇمدىن كەلسىلا، ئۇ، مېنىڭ ۋولدېمورت بىلەن يۈزلىشىشكە ھەققىم بارلىقىغا ئىشەنگەندەك…»

«ۋاي- ۋۇي، چۈشەندۇق، دامبېلدوردىن نوچى ئادەم يوقكەن.» دېدى رون مەغرۇر ھالدا «ماڭا قارا، ئەتە ئوقۇش يىلى ئاخىرلىشىش مۇراسىمىغا قاتناشمىساڭ بولمايدۇ. نومۇرلار تەقسىم قىلىنىپ بولدى ۋە ئەلۋەتتە، سلىيتېرىن غالىب كەلدى. ئاخىرقى كۇئىددىچ مۇسابىقىسىنى قاچۇرۇپ قويدۇڭ. سەن بولمىغاندىن كېيىن رەيۋېنكېلوۋ بىزنى بىتچىت قىلىۋەتتى. ئەمما نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر زىياپەتنىڭ نازۇ- نېمەتلىرى قالتىس- دە!»

دەل شۇ چاغدا پومفرېي ئاپپاي ئالدىراپ-تېنەپ پەيدا بولدى.

«ئون بەش مىنۇت بولاي دېدى، ئەمدى، چىقىپ كېتىڭلار!» دېدى ئۇ كەسكىن تەلەپپۇزدا.

*******

بىر كېچە ئوبدان ئۇخلىۋالغاندىن كېيىن، خارى خېلى ئوڭشىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتاتتى.

«زىياپەتكە قاتناشقۇم بار» دېدى ئۇ، ئەتراپىدىكى بىر توپ كەمپۈت قۇتىلىرىنى رەتلەۋاتقان پومفرېي ئاپپايغا، «بارسام بولىدىغاندۇ- ھە؟»

«پروفېسسور دامبېلدورنىڭ دېيىشىچە بارساڭ بولىدىكەن» دېدى ئۇ جىلە بولغاندەك پۇشۇلداپ قويۇپ، ئۇنىڭچە بولغاندا دامبېلدور زىياپەتلەرنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلمىگەندەك قىلاتتى. «بۇنىڭدىن باشقا،سېنى يەنە بىرسى يوقلاپ كەلدى.»

«ۋۇي، ئەجەب ياخشى!» دېدى خارى «كىمكەن؟»

ئۇ گەپ قىلىۋاتقاندا خاگرىد ئىشىكتىن يېنىچە قىستىلىپ كىردى. ئۇ ھەرقانداق چاغدا بىرەر ئۆيگە كىرسە ئەسلىدىكىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ كۆرۈنۈپ قالاتتى. ئۇ خارىنىڭ يېنىغا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويۇپ تۇيۇقسىز يىغلاپ تاشلىدى.

«ھەممىسى… مەن… ئۆلمىگۈرنىڭ… تېرىغان… ئىشى!» دەپ ئۆكسۈيتتى ئۇ، قولى بىلەن يۈزىنى تۇتۇۋېلىپ. «مەن ئۇ قەبىھ نان قېپىغا فلاففىيغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى دەپ بەردىم! مەن دەپ بەردىم! بۇ، ئۇ بىلمەيدىغان بىردىنبىر نەرسە ئىدى ۋە مەن دەپ بەردىم! جېنىڭدىن ئايرىلىشىڭ مۇمكىن ئىدى! ھەممىسى بىر ئەژدىھا تۇخۇمى ئۈچۈن! بۇندىن كېيىن ھەرگىز ھاراق ئىچمەيمە! قوغلاپ چىقىرىپ ماگېلدەك ياشاشقا مەجبۇرلىسا بولىدىغان نېمىكەنمەن!»

«خاگرىد» دېدى خارى،ئۇنى ئەلەم ۋە پۇشايماندىن تىترەپ،كۆز ياشلىرى ساقاللىرىنىڭ ئارىسىدىن  ئېرىق بولۇپ ئېقىۋاتقان ھالدا كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەن ھالدا «خاگرىد، ئۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ بىلىۋالاتتى، بۇ بىز گېپىنى قىلىۋاتقان ئادەم ۋولدېمورت، سەن ئۇنىڭغا دەپ بەرمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇ بىر يولىنى تاپقان بولاتتى.»

«سەن ئۆلۈپ كېتىشىڭ مۇمكىنتى!» دەپ ھۆڭرىدى خاگرىد «ھەم، ئۇ ئىسىمنى دېمە!»

«ۋولدېمورت!» دەپ گۈركىرىدى خارى شۇنىڭ بىلەن ئالاق-جالاق بولۇپ كەتكەن خاگرىدنىڭ يىغىسىمۇ توختاپ قالدى. «ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشتۈم ۋە مەن ئۇنى ئىسمى بىلەن ئاتايمەن. ئۆزۈڭنى تۇتۇۋالغىن خاگرىد، بىز تاشنى قۇتقۇزۇپ قالدۇق، ئۇ ھازىر يوق بولدى، ئەمدىن ئۇنى ئىشلىتەلمەيدۇ. بىر تال شاكىلات پاقىدىن ئالغىنە، مەندە بىر دۆۋە بار…»

خاگرىد بۇرنىنى قولىنىڭ كەينى بىلەن سۈرتۈۋېتىپ «بۇ سەمىمگە سېپ قويدى. ساڭا بىر سوۋغا ئېپ كېلىۋېدىم…» دېدى.

«ھېلىقى بۇلغۇن گۆشىدە قىلىنغان قاتلىما ئەمەستۇ؟» دېدى ئالاقىزادە بولۇپ كەتكەن خارى ۋە ئاخىرى خاگرىد زورىغا بولسىمۇ كۈلۈپ قويدى.

«ياقەي،ئۈلۈشكۈن دامبېلدور بۇنى ماڭا بىر قۇر ئوڭشاپ چىقىشىم ئۈچۈن بىر كۈنلۈك مۆھلەت بىلەن بېرىۋېدى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئورنىغا مېنى ئىشتىن بوشىتىپ، قوغلاپ چىقاغان بوسا تېخىمۇ بەلەن بولاتتى… ئىشقىلىپ، ساڭا بۇنى ئېپ كەلدىم…»

بۇ نەرسە قارىماققا نەپىس، تېرە بىلەن قاپلانغان بىر كىتاپتەك كۆرۈنەتتى. خارى قىزىقىپ مۇقاۋىنى ئاچتى. بۇ سېھىرگەرلەرنىڭ  رەسىمى بىلەن تولغان بىر ئالبۇم ئىدى. ئۇنىڭغا ھەر بىر بەتتىن كۈلۈمسىرەۋاتقىنى ۋە قول پۇلاڭلىتىۋاتقىنى بولسا، دەل ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ئىدى.

«ئاتا- ئاناڭنىڭ بۇرۇنقى ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسىگە مۈشۈكياپىلاق ئەۋەتىۋېدىم، رەسىم سوراپ… سەندە بىرەسىنىڭمۇ يوقلۇقىنى بىلەتتىم… ياختۇردۇڭمۇ؟»

خارىنىڭ ئاغزى گەپكە كەلمەي قالدى، ئەمما خاگرىد چۈشەندى.

*******

خارى ئۇ كۈنى كېچىسى ئوقۇش مەۋسۈمى ئاخىرلىشىش زىياپىتىگە ئۆزى يالغۇز چۈشتى. سالامەتلىكىدىن تېخىچە ئەنسىرەۋاتقان پومفرېي ئاپپاي ئۇنى يەنە بىر قۇر تەكشۈرۈپ چىقىمەن، دەپ چىڭ تۇرۇۋالغاچقا چوڭ زال ئاللىقاچان ئادەملەر بىلەن تولۇپ بولغان ئىدى. بۇ يەر يەتتە يىلدىن بېرى، ئۈزلۈكسىز بىنا لوڭقىسى ئېلىپ كېلىۋاتقان سلىيتېرىننىڭ بۇ يىلقى غالىبىيىتىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، سلىيتېرىن رەڭلىرى بولغان يېشىل ۋە كۈمۈش رەڭدە بېزەلگەنىدى. سلىيتېرىن يىلىنى نەقىشلەنگەن چوڭ بىر بايراق چوڭ ئۈستەلنىڭ كەينىدىكى تامغا بىر كەلگەنىدى.

خارى كىرگەن ھامان زال تۇيۇقسىز جىمىپ كەتتى، ئارقىدىنلا ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا، يۇقىرى ئاۋازدا ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپلا كەتتى. ئۇ گرىففىندور ئۈستىلىدە ئولتۇرغان رون بىلەن ھېرماينىنىڭ ئارىسىغا غىپپىدە كىرىۋالدى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇۋالغانلىقىغىمۇ پىسەنت قىلماسلىققا تىرىشتى.

تەلىيىگە، دامبېلدور تېزلا يېتىپ كەلدى. ۋاراڭ-چۇرۇڭ شاپپىدە توختىدى.

«يەنە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى!» دېدى دامبېلدور روھلۇق ھالدا « ھەرقايسىڭلار  زىياپەت داستىخىنىغا ئېغىز تېگىشتىن بۇرۇن، پېقىر قېرىنىڭ ئىككى ئېغىز گېپىگە زەن قويۇشىڭلارنى سورايمەن. بۇ يىل ئاجايىپ بىر يىل بولدى! كاللاڭلارنىڭ ئىچىنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا، بەكرەك تولغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن… كېلەر مەۋسۈم باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنى قايتا ئوبدان قۇرۇقداپ كېلىدىغانغا ئالدىڭلاردا ئۇزۇن بىر يازلىق تەتىل بار…»

«ئەمدى، مېنىڭ بىلىشىمچە، تەقدىم قىلىنىدىغان بىر بىنا لوڭقىسى بار ۋە نومۇرلار تۆۋەندىكىدەك: 312 نومۇر بىلەن تۆتىنجى رەتتە گرىففىندور ، 352 نومۇر بىلەن ئۈچىنچى رەتتە ھاففېلپاف، 462 نومۇر بىلەن رەيۋېنكېلوۋ ۋە 472 نومۇر بىلەن سلىيتېرىن.»

سلىيتېرىن ئۈستىلىدىن تەنتەنە ۋە ئالقىش سادالىرى بوراندەك كۆتۈرۈلدى. خارىنىڭ، دراكو مالفوينىڭ قەدەھىنى ئۈستەلگە ئۇرۇپ تاراقشىتىۋاتقانلىقىغا كۆزى چۈشتى. بۇ ئادەمنى سەسكەندۈرگۈدەك بىر كۆرۈنۈش ئىدى.

«شۇنداق، شۇنداق، ئاپىرىن سلىيتېرىن» دېدى دامبېلدور «بىراق، يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەرنىمۇ ئويلاشساق، يېڭىباشتىن مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىيدۇ.»

زال تىمتاسلىققا چۆمدى. سلىيتېرىنلەرنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە سەل ئۆچتى.

«ھىم…» دېدى دامبېلدور «بۇ ھالقىلىق پەيتتە تەمىنلەيدىغان يەنە بىر نەچچە نومۇر بار. قاراپ باقايلى…»

«بىرىنچىدىن، رونالد ۋېزلىي ئەپەندىگە…»

روننىڭ چىرايى سۆسۈن رەڭگە ئۆزگىرىپ كەتتى؛ ئۇ ئاپتاپتا ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان تۇرۇپقا ئوخشاپ قالغان ئىدى.

«… خوگۋارتس يىللاردىن بېرى كۆرگەن ئەڭ ياخشى شاھمات ئويۇنى ئۈچۈن، گرىففىندور بىناسىنى ئەللىك نومۇر بىلەن تارتۇقلايمەن!»

گرىففىندورلارنىڭ تەنتەنىسى ئەپسۇنلانغان تورۇسقىچە يەتتى، ئۇلارنىڭ باشلىرىنىڭ ئۈستىدىكى يۇلتۇزلارمۇ تىترەپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. پېرسىي باشقا سىنىپ باشلىقلىرىغا «مېنىڭ ئىنىم، بىلىسىلەرغۇ! مېنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىم! مېك گوناگالنىڭ گېگانت شاھمات ئويۇنىدىن ئۆتكەن!» دەۋاتاتتى.

زال قايتىدىن جىمىدى.

«ئىككىنچىدىن، ھېرماينى گرېنجىر خانىمغا… ئوت بىلەن يۈزلەشكەندىمۇ تەمكىنلىكىنى ساقلاپ، لوگىكىسىنى ئىشقا سالالىغانلىقى ئۈچۈن، گرىففىندورنى ئەللىك نومۇر بىلەن تارتۇقلايمەن!»

ھېرماينى بېشىنى بىلەكلىرىگە قويۇپ يۈزىنى يوشۇرۇۋالدى؛ خارى ئۇنىڭ يىغلىۋەتتىمىكىن، دەپ ئويلىدى. ئۈستەلنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغىچە، پۈتۈن گرىففىندورلۇقلارمۇ ھەم شۇنداق ھاياجانغا چۆمگەن ئىدى، ئۇلار بىراقلا يۈز نومۇر يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ئەمەسمۇ!

«ئۈچىنچىدىن… خارى پوتېر ئەپەندىگە…» دېدى دامبېلدور. زال تۇيۇقسىز تىمتاسلىققا چۆمدى. «…تەۋرەنمەس چىدامچانلىقى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى جاسارىتى ئۈچۈن گرىففىندورنى ئاتمىش نومۇر بىلەن تارتۇقلايمەن!»

قۇلاقنى يارغۇدەك شاۋقۇن- سۈرەن كۆتۈرۈلدى. بىر تەرەپتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋارقىرىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن نومۇرلارنى قوشۇپ ئۈلگۈرگەنلەر گرىففىندورنىڭ ھازىر تۆتيۈز يەتمىش ئىككى نومۇرى بارلىقىنى بىلىپ يەتكەن ئىدى – سلىيتېرىننىڭكى بىلەن تەپمۇتەڭ. ئۇلار بىنا لوڭقىسى ئۈچۈن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇۋاتاتتى. دامبېلدور خارىغا يەنە بىر نومۇر ئارتۇق بەرگەن بولسىدى…

دامبېلدور قولىنى ئېگىز كۆتۈردى. زال ئاستا ئاستا جىمىپ قالدى.

«جاسارەتنىڭ ئوخشىمايدىغان تۈرلىرى بولىدۇ» دېدى دامبېلدور، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «دۈشمەنلىرىمىزگە قارشى تۇرغاندا كۆسەتكەن جاسارەت ئۈچۈن كۈچ كېتىدۇ، ئەمما دوستلىرىمىزغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈنمۇ ھەم ئاز دېگەندە شۇنچىلىك كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نەۋىل لوڭبوتوم ئەپەندىگە ئون نومۇر تەقدىم قىلىمەن.»

چوڭ زالنىڭ سىرتىدا تۇرغانلار بەلكىم بىرەر نەرسە پارتلىدى، دەپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. گرىففىندور ئۈستىلىنى لەرزىگە سالغان دەبدەبە شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدى. خارى، رون ۋە ھېرماينى چۇقان- سۈرەن كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن ئىدى، ھاڭ- تاڭ بولۇپ، چىرايلىرى تاتىرىپ كەتكەن نەۋىل بولسا، ئۇنى قۇچاقلىۋالغان بىر دۆۋە ئادەمنىڭ ئارىسىدا كۆزدىن غايىپ بولغان ئىدى. ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن گرىففىندور ئۈچۈن بۇنداق كۆپ نومۇر ئېلىپ باققان ئەمەس. تېخىچە ھاياجىنىنى بېسىۋالالماي ۋارقىراۋاتقان خارى روننىڭ بېقىنىنى تۈرتۈپ، چىرايى ھەتتا تەلتۆكۈس بەدەن قېتىشتۇرۇش ئەپسۇنىغا دۇچ كەلگەن بىرسىدىن بەكرەك ئالاق-جالاق بولۇپ كەتكەن مالفوينى كۆرسەتتى.

«بۇنىڭ مەنىسى»  دەپ توۋلىدى دامبېلدور ئالقىش سادالىرىنىڭ ئارىسىدىن، ھەتتا رەيۋېنكېلوۋ ۋە ھاففېلپافلارمۇ سلىيتېرىنلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىگە تەنتەنە قىلىشىۋاتاتتى، «زالنىڭ پەردازىغا سەل ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كەلدى.»

ئۇ يېنىك چاۋاك ئۇردى. دەرھاللا، يېشىل بايراقلار قىزىلغا، كۈمۈش رەڭ ئالتۇن رەڭگە ئالماشتى؛ چوڭ سلىيتېرىن يىلىنى غايىپ بولدى ۋە ئورنىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان گرىففىندورنىڭ شىرى نامايەن بولدى. كۈلكىسىنىڭ ساختىلىقى ئالاھىدە چېنىپ تۇرىدىغان سنەيپ مېك گوناگال بىلەن قول ئېلىشىپ ئۇنى تەبرىكلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆزى خارىنىڭكى بىلەن ئۇچىرشىپ قېلىۋېدى، خارى شۇ ھامان، سنەيپنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھېسسىياتىنىڭ قىلچىلىك ئۆزگەرمىگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى. بۇ، خارىنى ئانچە بىئارام قىلىپ كېتەلمىدى. كېلەر مەۋسۈم ھەممە ئىش يەنىلا ئادەتتىكىچە داۋاملىشاتتى. ئىشقىلىپ، خوگۋارتستا ھايات ئادەتتە قانچىلىك نورمال بولسا، شۇنچىلىك نورمال بىر ھايات.

بۇ، خارى، ھاياتىدا ئۆتكۈزگەن ئەڭ قالتىس بىر ئاخشام بولۇپ قالدى، ھەتتا كۇئىددىچتە يەڭگەن ۋاقىتتىكىدىنمۇ قالتىس ياكى روژدېستۋادىن ياكى تاغ ئالۋاستىلىرىنى مەغلۇپ قىلغان ۋاقىتتىكىدىنمۇ… بۇ كېچە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بىر كېچە بولۇپ قالغۇسى ئىدى.

*******

خارى، ئىمتىھان نەتىجىلىرىنىڭ يەنىلا كېلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى، ئەمما ئۇلار يەنىلا يېتىپ كەلدى. ئۇلارنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغىنى، ئۇ ۋە رون ئىككىلىسى خېلى ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتكەن ئىدى؛ ھېرماينى ئەلۋەتتە ئۇ يىلنىڭ ئەلاچىسى بولغان، بىرىنچىلىك بىلەن پۈتتۈرگەن ئىدى. ھەتتا نەۋىلمۇ سۆرىلىپ يۈرۈپ بولسىمۇ ئۆتكەن، ئۇنىڭ ياخشى چىققان بوتانىك نەتىجىسى ناچار سېھىرلىك سۇيۇقلار نەتىجىسىنى تولۇقلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار، ئوساللىقىدىن سىرت، شۇنچىلىك دۆت بولغان گويلنى سىنىپ كۆچەلمەي، شاللىنىپ قالارمىكىن دەپ ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئۇمۇ ئۆتۈپ قالغان ئىدى. ھەرقانچە كۆڭۈلنى غەش قىلسىمۇ، رون دېگەندەك، ھاياتتا داۋاملىق سىز خالىغان ئىشلار بولىۋەرمەيدىكەن.

ئاندىن تۇيۇقسىزلا، ئۇلارنىڭ كىيىم ئىشكاپلىرى قۇرۇقدىلىپ قالدى، ساندۇقلىرى سەرەمجانلاشتۇرۇلدى، نەۋىلنىڭ پاقىسى ھاجەتخانىدا بىر بۇلۇڭدا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن يېرىدىن تېپىۋېلىندى؛ ئوقۇغۇچىلارغا تەتىللەردە سېھىر ئىشلەتمەسلىكنى تاپىلايدىغان ئۇقتۇرۇشلار تارقىتىلدى («ھەر ۋاقىتتا بىزگە بۇ بىر نېمىلەرنى تارقىتىشنى ئۇنتۇپ قالسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىپ كەلدىم» دېدى فرەد ۋېزلىي قايغۇرغان ھالدا، خاگرىد ئۇلارنى قېيىقلار بىلەن كۆلنى سەيلە قىلدۇرغاچ، قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ئۇلارنى كۈتۈپ تۇردى؛ئۇلار خوگۋارتس تېز پويىزىغا ئورۇنلاشتى؛ سەھرا مەنزىرىسى بارغانسېرى تېخىمۇ رەتلىك ۋە تېخىمۇ يېشىل بولۇپ كېتىۋاتقاندا پاراڭ سېلىشتى ۋە كۈلۈشتى؛ ماگېل كەنتلىرىدىن ئۆتۈۋاتقاندا بېرتى بوتنىڭ خىلمۇخىل تەملىك پۇرچاقلىرىدىن يىيىشتى؛ سېھىرگەر تونلىرىنى سېلىۋېتىپ كالتە چاپان ياكى پەلتولىرىنى كىيىشتى؛ كىڭس كروس ئستانىسىغا قەدەم قويۇشتى.

ھەممىسى ئىستانسىدىن چىقىپ بولغىچە سەل ۋاقىت كەتتى. جۈدەپ كەتكەن بىر ئىستانا خادىمى بىلەت بوتكىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئۇلارنى ئىككى ياكى ئۈچ كىشىلىك گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ ئاستا- ئاستا چىقىرىۋاتاتتى. شۇنداق قىلغاندا بىر تامنىڭ ئىچىدىن تۇيۇقسىز ئېتىلىپ چىقىۋاتقان بالىلارنىڭ ماگېللارنى ئالاقزادە قىلىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى. 

«سىلەر چوقۇم يازلىق تەتىلدە بىزنىڭكىگە كېلىپ تۇرۇپ كېتىڭلار» دېدى رون. «ئىككىلەڭلارنى دەيمەن جۇمۇ، سىلەرگە مۈشۈكياپىلاق ئەۋەتىمەن.»

«رەھمەت» دېدى خارى: «مۇشۇنداق ھەۋەس بىلەن كۈتىدىغان بىرەر ئىشنىڭ چىققىنىمۇ ئوبدان بولدى دېگىنە.»

ئۈچىسى، ئۇلارنى ماگېل دۇنياسىغا قايتىپ چىقىرىدىغان چقىش ئېغىزىغا قاراپ كېتىۋاتقاندا كىشىلەر توپى ئۇلارنى قىستىغىلى تۇردى. بەزىلىرى توۋلاپ قوياتتى.

«خوش، خارى!»

«كېيىن كۆرۈشەرمىز، پوتېر!»

«يەنىلا مەشھۇر شەخىستە، سەن» دېدى رون ھىجىيىپ.

«ساڭا كاپالەت بېرەيكى، مەن بارماقچى بولغان يەردە ئەمەس» دېدى خارى.

ئۇ، رون ۋە ھېرماينى كىرىش ئېغىزىدىن تەڭ ئۆتتى.

«ئەنە ئاۋۇ يەردە، ئاپا، قارىغىنا، ئۇ ئاۋۇ يەردىكەن!»

بۇ روننىڭ كىچىك سىڭلىسى جىننىي ۋېزلىي ئىدى، ئەمما ئۇ روننى كۆرسەتمەيۋاتاتتى.

«خارى پوتېر!» دەپ چىرقىرايتتى ئۇ «قارا، ئاپا، قارىغىنا! ئۇنى كۆردۈم…»

«بولدى قىل جىننىي، جىم تۇر. ھەم بارمىقى بىلەن كۆرسىتىش ئەدەپسىزلىك.»

ۋېزلىي خانىم ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى.

«ئالدىراش بىر يىل بولدىغۇ، دەيمەن؟» دېدى ئۇ.

«ھەقىقەتەن شۇنداق» دېدى خارى «كەمپۈت بىلەن پوپايكا ئەۋەتكىنىڭىزگە رەھمەت، ۋېزلىي خانىم.»

«ۋاي ۋۇي، ئەرزىمەيدۇ قەدىرلىگىم…»

«ماڭساق بولامدۇ!؟»

بۇ، باشتىن- ئاياغ ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەن تولغان بىر ئىستانسىدا، مۈشۈكياپىلاق كۆتۈرۈۋالغان خارىغا نەپرەت بىلەن قاراۋاتقان   سۆسۈن يۈزلۈك، بۇرۇتلۇق،  شۇ ۋېرنون تاغا ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدە، ھەتتا خارىنىڭ قارىسى كۆرۈنگەن ھامان چىرايىنى ئالاقزادىلىك قاپلىغان پەتۇنيا ھامما ۋە دادلىي تۇراتتى.

«سىلەر خارىنىڭ ئائىلىسى ئوخشىمامسىلەر!» دېدى ۋېزلىي خانىم.

«شۇنداق دېگىلىمۇ بولىدۇ» دېدى ۋېرنون تاغا. «چاققان بول، شۇمتەك! بىر كۈن كەچكىچە بىكار ۋاقتىمىز يوق…» ئۇ كېتىپ قالدى.

خارى رون ۋە ھېرماينى ئاخىرقى بىر ئېغىز پاراڭلىشىۋېلىش ئۈچۈن توختىدى.

«يازلىق تەتىلدىن كېيىن كۆرۈشەرمىز ئۇنداق بولسا…»

«تەتىلىڭنىڭ… ھىم… كۆڭۈللۈك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ۋېرنون تاغىنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ، ھ بىر ئىنساننىڭ قانداقمۇ بۇنچە يېقىمسىز بولىدىغانلىقىغا ھەيران قېلىۋاتقان ھېرماينى.

«پاھ، چوقۇم شۇنداق بولىدۇ» دېدى خارى ۋە قالغان ئىككىسى ئۇنىڭ چىرايىنىڭ ئاستا- ئاستا ئۆزگىرىپ، ئاغزى قۇلىقىغا يەتكۈدەك ھىجىيىپ كەتكىنىگە قاراپ ھەيران قالدى. «ئۇلار، ئۆيدە سېھىر ئىشلىتىشىمىزنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ – دە. بۇ ياز، دادلىينىڭ يېنىدا، ۋاقىت ئاجايىپ مەنىلىك ئۆتىدىغان بولدى…»

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *