تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتلار ئىلگىرى بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. بۇ پادىشاھ ئۆزىگە ناھايىتى چىرايلىق بىر كىيىم تىكتۈرۈپتۇ.
بىر كۈنى بۇ چىرايلىق كىيمى بىلەن دۆلەتنى ئايلىنىپ چىقماقچى بولۇپتۇ. خۇشاللىق بىلەن تالاغا چىقىپتۇ. ھاۋا ناھايىتى ياخشى ئىكەن. پادىشاھنى كۆرگەن ئادەملەر كىيمىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن كېيىن پادىشاھ بىر يېزىلىق ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ. دېھقان پادىشاھقا سالام قىپتۇ،
– پاھ، پادىشاھىم كىيمىڭىز نىمە دىگەن گۈزەل. ئەمما دەرھال قايتىپ ماڭسىڭىز ياخشى بولارمىكىن، چۈنكى يامغۇر ياغماقچى بولۇۋاتىدۇ.
– لېكىن قانداقسىگە، – دەپتۇ پادىشاھ. – قارىغىنا، ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق تۇرمامدۇ؟
– شۇنداق ھاۋا ئوبدان كۆرۈنۈۋاتىدۇ. لېكىن بىر ئازدىن كېيىن يامغۇر باشلىنىدۇ. كۆرۈپ قالىسىز.
پادىشاھ، دېھقانغا ئانچە ئىشەنمەپتۇ. «ئۇ نەدىن بىلەتتى،» دەپ ئويلاپتۇ، ئەمما چىرايلىق كىيمىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى خالىمىغاچقا ئوردىغا قايتىپ كېتىپتۇ.
تېخى ئوردىغا كىرىپ تۇرىشىغىلا، يامغۇر باشلاپ كېتىپتۇ. پادىشاھ ھەيرانلىق بىلەن تالاغا قاراپتۇ.
– پاھ، راستىنلا يامغۇر يېغىۋاتىدىغۇ. ھەمدە ناھايىتى قاتتىق ياغماقتا. ھېلىمۇ دېھقاننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئوردىغا قايتىپ كېلىپتىمەن.
پادىشاھ يامغۇر توختىغاندا يېزىلىق ئادەمنى ئوردىغا چاقىرتىپتۇ.
– سەن يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى قانداق بىلدىڭ؟- دەپ سوراپتۇ.
دېھقان:
– يامغۇر يېغىشتىن بۇرۇن مېنىڭ ئېشىكىم قۇلىقىنى ساڭگىلتىدۇ. بۇ قېتىم ناھايىتى پەسكە ساڭگىلاتقانلىقى ئۈچۈن يامغۇرنىڭ بەكرەك قاتتىق ياغىدىغانلىقىنى بىلدىم.
پادىشاھ كۈلۈمسىرەپتۇ،
– دىمەك سەن يامغۇرنىڭ ياغىدىغانلىقىنى ئېشىكىڭدىن ئۆگۈنىدىكەنسەن دە، – دەپتۇ ۋە دېھقانغا بىر خالتا تىللا بېرىپتۇ. دېھقان تىللالىرىنىڭ بىر قىسمى بىلەن ئېشىكىگە ياخشى يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ بېرىپتۇ.