تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
جەمىلنىڭ بىر پۇل ساندۇقى باركەن. ھەر كۈنى قەغەزگە بىر نەرسىلەر يېزىپ ساندۇققا تاشلايدىكەن. جەمىلنىڭ سىڭلىسى جانان ئۇنىڭغا ھەر كۈنى قاراپ تۇرىدىكەن. نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى بىلگۈسى كېلىدىكەن.
بىر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ:
– ئاكا، پۇل ساندۇقۇڭغا ھېچ پۇل تاشلىمايدىكەنسەنغۇ؟
جەمىل:
– شۇنداق، بۇ دىگەن ئالاھىدە بىر پۇل ساندۇقى، ئۇنىڭ ئىچىگە باشقا بىر نەرسە توپلايمەن، – دەپتۇ.
باشقا بىر نەرسە دېمەپتۇ. جاناننىڭ تېخىمۇ بەك بىلگۈسى كەپتۇ. ئاكىسىنىڭ قىلغانلىرىغا يەنىلا ھەر كۈنى قاراپ تۇرۇپتۇ. ئاكىسى ھەر ئاخشىمى كەلگەندە قەغەزگە بىر نەرسىلەرنى يېزىپ پۇل ساندۇقىغا تاشلاپتۇ.
بىر كۈنى ئاكىسى ساندۇقنى ئېچىپ ئىچىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۈستەلگە تۆكۈپتۇ. كېيىن:
– بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت، بەش… – دەپ ساناشقا باشلاپتۇ.
جانان يۈگۈرۈپ ئاكىسىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ. ئاكا،ئېيتىپ بەرگىنە، نېمە توپلاۋاتىسەن. – دەپ سوراپتۇ.
جەمىل:
– بوپتۇ، دەپ بېرەي. دوست توپلاۋاتىمەن، ھەر كۈنى مەكتەپتە يېڭى بىرسى بىلەن دوست بولۇۋاتىمەن، ئاخشىمى كېلىپ ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ پۇل ساندۇقۇمغا تاشلاۋاتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ھازىر قانچە دوستۇم بولغانلىقىنى ساناۋاتىمەن.
جانان ئاكىسىغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپتۇ. شۇ كۈندىن كېيىن ئۇمۇ دوست توپلاشقا باشلاپتۇ.