ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس
تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر
9-باب: توغرا ئىپادە
دەيۋ دوستلىرى بىلەن بىللە بىر ئۈستەلگە ئورۇنلىشىۋاتقان ۋاقىتتىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي توختىماي ھىجىيىۋاتاتتى. بولۇۋاتقان ئىشلار شۇنداق قىززىقارلىق ھەم كۆڭۈللۈك تۇيۇلۇۋاتاتتىكى، ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇلغان ئېرىمچىكىنىمۇ چاينىيالماي قالدى. زادى چاينىغۇسىمۇ كەلمىگەنتى، چۈنكى كاراس كۇرۇس ئاۋاز چىقسا جىمجىتلىقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالماي قېلىۋاتاتتى.
جىمجىتلىق – دەيۋ ئۈچۈن بۇ ناھايىتى قالتىس بىر نەرسە.
بولۇپمۇ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي قالغان خىئات خانىمنى تاماشا قىلىش! بۇمۇ ناھايىتى قالتىس بىر ئىش. خۇددى مۇدىرنى بىر ئېلىكتىر دائىرىسىگە سولاپ قويغاندەك، مۇدىر بولسا تاماق زالىدىكى جىمجىتلىق سەۋەپلىك بۇ يەردىن چىقالمايۋاتقاندەك.
دەيۋ ئەتراپىغا نەزەر سالغانتى، يەنە بىرنەچچە ئوغۇل بالىنىڭ چىرايىدا ئوخشاش ھەيرانلىق ئىپادىسىنى كۆردى. ھەممىسى ئوخشاش ۋاقىتتا ئوخشاش نەرسىنى خىيال قىلىۋاتقان ئىدى. ھەممىسى بىللە.
كىيىن تۇيۇقسىزلا: «ھەي! ئۇنى قايتۇرۇپ بەر!»
زالدىكى پۈتۈن قىزلار ۋە ئوغۇللار ھەتتا نەپەس ئېلىشنىمۇ توختاتتى، ھەممىسىنىڭ بېشى ئاۋاز چىققان تەرەپكە بۇرۇلدى.
مانا، ماروژنى سېلىنغان توڭلاتقۇنىڭ ئالدىدا ئېد كېسېي بىر قولى ئاغزىدا يەنە بىر قولىنى بولسا برايېن دەلگرېسو ئۇنىڭدىن ئېلىۋالغان توڭلىتىلغان گىلاسقا ئۇزاتقان ھالدا قېتىپ قالغانتى.
دەيۋ دەرھال بېشىنى يەنە بىر تەرەپكە بۇراپ، لىينسېيگە قارىدى.
لىينسېي بولسا، بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇنىڭغا قاراۋاتقانلىقىنى بىلسىمۇ بىلمەسكە سېلىۋالدى. ئاستاغىنە قولىنى ئارقا يانچۇقىغا ئۇزاتتى، ئاستاغىنە بىر قەلەم بىلەن كىچىك قىزىل خاتىرە دەپتىرىنى ئالدى، ئاستاغىنە دەپتەرنىڭ قېپىنى ئاچتى ۋە بىرىنجى بەتكە ئاستاغىنە تۆت كىچىك بەلگە سېلىپ قويدى.
كىيىن دەپتىرىنى يانچۇقىغا سېلىشتىن بۇرۇن ھىجىيىپ تۇرۇپ دەيۋگە قارىدى.
بولغۇلۇق بولدى. قىزلار تۆت نومۇر ئالدىغا چىقىپ كەتكەنتى.
ئەمما دەيۋ بەك ئەندىشە قىلىپ كەتمىدى. مۇسابىقە تېخى ئەمدى باشلانغان تۇرسا. ئالدىدا يەنە تېخى ئىككى كۈن بار.
دەيۋ ئالدىدىكى قىرىق سەككىز سائەتنىڭ ناھايىتى… قىززىقارلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئارقىدىنلا، «بۇنداق ئىپادىلەش، توغرا بولدىمۇ؟ يا بولمىسا… ئۇنتۇلغۇسىز دىسەك قانداق بولار؟» دەپ ئويلىدى. «ياقەي، ئەمىلىيەتتە… كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان. توغرا، بۇ گەپ قاملاشتى.»
شۇ ۋاقىتتا دەيۋنىڭ كۆزى خىئات خانىمغا چۈشتى. مۇدىرنىڭ چىرايىغا قاراپلا ئۇنىڭ ھېچقانداق نەرسىنى قاچۇرۇپ قويمىغانلىقىنى بىلدى: ئېد ئۇ سۆزلەرنى دىگەن ھامان ئاغزىنى قانداق ئېتىۋالغان، باشقا بالىلار قانداق ئىنكاس قايتۇرغان، لىينسېي بۇلارنى قانداق خاتىرىلىۋالغان…
مانا دەل شۇ ۋاقىتتا خىئات بېشىنى كۆتۈرۈۋېدى دەيۋ بىلەن ئىككىسى ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل قارىشىپ قالدى. خىئات خانىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ، پېشانىسىگىچە چىقىپ قالغان قاشلىرى ئەجەبلىنەرلىكىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى، ھەم دەيۋگە چەكچىيىپ قاراپ تۇراتتى.
دەرھال بېشىنى بۇراپ تەخسىسىگە قارىۋالغان دەيۋنىڭ زېھنىدە يېڭى بىر سۆز پەيدا بولدى. ئالدىدىكى بىرنەچچە كۈننى ئىپادىلەشكا بۇ سۆزمۇ تازا ماس كېلەتتى: خەتەرلىك.