بىر ئىستاكان سۈت

بىر ئىستاكان سۈت

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

لەۋەنت كەمبەغەل بىر ئائىلىنىڭ بالىسى ئىكەن. ئۆيمۇ ئۆي ئايلىنىپ يۈرۈپ نەرسە كېرەك ساتىدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ھېچ نەرسە ساتالماپتۇ. قورسىقىمۇ ناھايىتى ئېچىپ كېتىپتۇ. ئۆز ئۆزىگە« ئەمدى بىر ئۆيگە بېرىپ يەيدىغان نەرسە سوراپ باقاي» دەپ ئويلاپتۇ.

بىرسىنىڭ ئىشىكىنى چېكىپتۇ. ئىشىكنى يېقىملىق ياش بىر ئايال ئېچىپتۇ. ئەمما لەۋەنت يەيدىغان نەرسە سوراشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ. پەقەتلا،

– بىر ئىستاكان سۇ بەرسىڭىز بولامدۇ؟ – دىيەلەپتۇ.

ياش خانىم لەۋەنتنىڭ قورسىقىنىڭ ئاچ ئىكەنلىكىنى چىرايىدىن بىلىۋاپتۇ. ئەمما ئۆيدە يېگۈدەك نەرسىمۇ يوق ئىكەن. پەقەت بىرئاز سۈت باركەن.

سۈتنى ئىستاكانغا قۇيۇپ، لەۋەنتكە بېرىپتۇ. لەۋەنت سۈتنى قانغۇچە ئىچىپتۇ. ئاندىن:

– قانچە پۇل؟- دەپ سوراپتۇ.

– پۇلغا كېرەك يوق،سىڭسۇن ،- دەپتۇ ئايال.

لەۋەنت :

– ئۇنداقتا كۆپ رەھمەت- دەپ ئۇ يەردىن ئايرىلىپتۇ.

ئارىدىن كۆپ يىللار ئۆتۈپتۇ. ئايال قېرىپتۇ. بىر كۈنى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ. ئۇنى داڭلىق بىر دوختۇرغا كۆرسىتىپتۇ. ئۇ دوختۇر بىر چاغلاردىكى يوقسۇل بالا لەۋەنت ئىكەن. لەۋەنت بۇ خانىمنى بىر قاراپلا تونۇۋاپتۇ.

كېسىلىنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە داۋالاپتۇ. خانىم ئۇزۇن ئۆتمەي كېسەلدىن ساقىيىپتۇ. داۋالىنىش ھەققىنى بىر لىپاپ بىلەن ئۇنىڭغا سۇنۇلۇپتۇ. ئايال لىپاپنى قورقۇپ تۇرۇپ ئېچىپتۇ.

– كىم بىلىدۇ، قانچىلىك قەرزىم باردۇ.

لىپاپىنى ئېچىپ يېزىلغان خەتنى كۆرۈش بىلەن كۆزلىرىدىن ياش ئەگىپتۇ. قەغەزدە،

– پۈتۈن قەرزلىرىڭىز بىر ئىستاكان سۈت بىلەن تۆلەندى،- دەپ يېزىلغانىكەن.

دەل شۇ ۋاقىتتا ئۆزىنى داۋالىغان دوختۇرنىڭ، كۆپ يىللار بۇرۇن ئۆزى بىر ئىستاكان سۈت بەرگەن بالا ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *