ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس
تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر
10-باب: دەم ئېلىش
مارلوۋ خانىم بەشىنچى سىنىپلارنىڭ پەن تېخنىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىدى ۋە ئۇ كۈنكى دەم ئېلىشتا قاراۋۇللۇق نۆۋىتى ئۇنىڭغا كەلگەنتى. چۈش بولغاندا مۇئەللىملەر ئىشخانىسىدا ئالدىراپ سالدىراپ بىر نەرسە يەۋتقاندا، مەكتەپتىكى تازلىق خادىمى لىپتون ئەپەندىم بېشىنى سوزۇپ: «بىر مۆجىزە كۆرۈپ باققىڭلار بارمۇ؟ تاماق زالىغا بېرىپ قاراپ بېقىڭلار» دىدى. «بەشىنچى سىنىپلار بۈگۈن گەپ قىلمايۋاتىدۇ – پىچىرلىشىپمۇ قويمايۋاتىدۇ. خۇددى ماتەم باردەك…»
ئەمما مارلوۋ خانىمنىڭ بۇنداق ئىشلارغا ۋاقتى يوق. ئۇ، تامىقىنى يەپ بولۇپ ئاسقۇچتىكى چاپىنىنى ئالدى دە ۋە تەنھەركەت زالىدىن ئۆتۈپ مەكتەپ باغچىسىغا قاراپ يۈگۈردى.
تازلىقچى ئەسكەرتىپ قويمىغان تەقدىردىمۇ ئۇ كۈنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ئالاھىدە بىر ئىشنىڭ بارلىقىنى بايقاش ئانچە قېيىن ئەمەس ئىدى. ئادەتتە دەم ئېلىش سائىتىدىكى، نورمال، خۇشاللىققا چۆمگەن بىر باغچىدىكى ئاۋازلار ھەممە مۇئەللىمگە تونۇش بولىدۇ: گەپ قىلىۋاتقان، ۋارقىراۋاتقان، بىربىرىنى قوغلاۋاتقان بالىلار ۋە كىمنىڭ ئويۇندا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقى كىمنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويمىغانلىقى، يا بولمىسا كىمنىڭ تېزراق يۈگرەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاخىرى چىقماس جىدەللەر…
بۈگۈن ھېچقايسىسى يوق. مارلوۋ خانىم پۈتۈن بۇ سۆز قاتمانلىرىنىڭ كەمچىللىكىنى بايقىغانتى. غايىپ بولغان. ھەممىسى يوقاپ كەتكەن.
ئەمما… پۈتۈنلەي ئەمەس. چۈنكى بالىلار بۇ تۇنجى جىمجىت ئۆتكەن دەم ئېلىشتا ئانچە مۇنچە ئېزىپ كېتىۋاتاتتى.
ئەللى بەدفورد ئىلەڭگۈچلەرنىڭ يېنىدا لېنا خەندەرسونغا بىر نېمىلەرنى دەپ پىچىرلاۋاتقاندا تۇتۇلۇپ قالدى بىرنەچچە ئوغۇل بالا توختاپ بارمىغىنى شىلتىغانتى، سەككىز بارمىقىنى كۆرسىتىپ قانچ سۆز ئىشلەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
كرىستىنا فارلېينىڭ بولسا ئېتىراپ قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، چۈنكى باغچىدىكى ئوغۇللارنىڭ يېرىمى دىگۈدەك ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى ناھايىتى ئېنىق ئاڭلىغانتى. پۇتىنى يەرگە قاتتىق ئۇرۇپ رېچىل مورگانغا تىلىنى چىقىرىپ «سەن ئۆزۈڭنى بىر دوست بولۇشقا لايىق دەپ قارامسەن: ھەم يالغان سۆزلەيدىكەنسەن، ھەم شەخسىيەتچىكەنسەن… قانچە سۆز بولۇپ كەتسىمۇ مەيلى، پەرۋايىم پەلەك! يەنە شۇنداق چاكىنا!»
يىگىرمە ئۈچ سۆز.
كرىستىنانىڭ ئېزىپ كېتىشى ۋە ئەللى پىچىرلاپ ئېيتقان سەككىز سۆز بىلەن دەيۋ، لىينسېينىڭ قىزىل خاتىرىسىدەك ئېسىل بولمىسىمۇ – پەقەتلا يانچۇقىغا قاتلاپ سېلىۋالغان بىرنەچچە ۋاراق قەغەز – ئۆزىنىڭ جەدۋىلىگە قىزلارغا قارشى ئوتتۇز بىر نومۇر قويۇۋالدى.
سكوت ۋىكەرسنىڭ تەپكەن توپىدىن كىيىن ئىككى ئوغۇل قولىدا بالا نۇقتا توپ ئىشارىتى قىلىۋېدى «نۇقتا توپ! ساراڭ بولدۇڭلارمۇ نېمە؟ نەدىكىنى، نۇقتا توپ ئەمەس ئۇ!» دەپ قاقشاپ كەتتى. قاقشاشنى داۋاملاشتۇرماقچىتى ئەمما بىلل ھاركنېس ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئاغزىنى تۇتۇۋالدى – سكوت، بىللنىڭ قولىنى چىشلىۋالدى، ئەمما ھېلىمۇ بىللنى، ئاغرىققا چىدىماي ۋارقىرىۋەتكۈدەك قاتتىق ئەمەس.
بۇ ھادىسە سەۋەپلىك ئوغۇللار ئون نومۇر كەتكۈزۈپ قويدى.
كىيىن تۇنجى ھىيلىگەرلىك ۋەقەسى يۈزبەردى. كەيتى ئېدىسون سېرىلغۇچنىڭ يېنىدا تۇرغان جېرېمىي ستېفىنسقا ئارقىسىدىن ئاستا يېقىنلاشتى، مۆرىسىنى نوقۇپ قويدى ۋە ئۇ كەينىگە بۇرۇلغان ھامان جېرېمىينىڭ يۈزىنى سۆيۈپ قويدى.
جېرېممىي ئاچچىقىدىن بۆرە ھۇۋلىغاندەك ئاۋاز چىقىرىپ قاقشاپ كەتتى ۋە پىت – رىئاكسىيە قىلغاندەك، «ۋايجانن، ھۆق! ساراڭ بولدۇڭما،نېمىشقا بىكاردىن بىكار بۇنداق قىلىپ قويىسەن! ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈردىغۇ! ھۆق! بۇ نەرسىنى يۈزۈمدىن سۈرتۈۋېتىشىمگە ياردەم قىلىڭلار!»
بۇ ئىشنىڭ، قىزلارغا يىگىرمە نومۇر پايدىسى تەگدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەيتى بۇ مۇغەمبەرلىكىدىن ئۆزىمۇ رازى بولدى؛ چۈنكى ئىككى ئايدىن بۇيان جەرەمىينى ياختۇرۇپ يۈرەتتى.
خاتالاشقانلىقتىن ئاغىزدىن چىقىپ كەتكەن سۆز ئاز ھېساپلانسىمۇ، باغچا ئەمىلىيەتتە ئۇنچە تىمتاس ئەمەس، چۈشلۈك دەم ئېلىش ئاخىرلىشىشقا يېقىن شاۋقۇن سۈرەن كۆپىيىپ ماڭدى. چۈنكى ئاخىرى ھەممىسى بۇنىڭ كىم-ئەڭ-ئاز-ئاۋاز-چىقىرىدۇ مۇسابىقىسى ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەنتى. گەپ قىلىشقا بولمايتتى خالاس. گەپ قىلمىسىڭىزلا ھەرقانداق ئاۋاز چىقىرىشقا بولىۋېرەتتى.
تەنھەركەت زالىنىڭ ئالدىدا تۇرغان دەيۋ ئىسقىرتقىلى تۇردى. يەنە تۆت ئوغۇل بالا شۇ ھامان ئۇنىڭغا قوشۇلدى. ئۇلار ئېسىگە ئالالىغان پۈتۈن ناخشىلارنى ئىسقىرتىپ چىقتى – سۈزۈك دەريادىكى قېيىق، دو رە مى، يېڭى يىل، بىر كۈن بىر بالا، ئالەم جەڭچىلىرى كىنوسىنىڭ مۇزىكىسى، ئەلى بابانىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى، قۇش ئاۋازلىرى، كىچىك پاقا – مۇشۇنداق داۋاملىشىپ كېتىۋەردى. ئىسقىرتقان بەزى مۇزىكىلارنى ئاھاڭىغا تولۇق چۈشۈرەلمگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇ ماھارىتى بىلەن قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.
ئىسقىرتىش كونسىرتىنىڭ ئوتتۇرسىغا كەلگەندە ، ئالتە يەتتە قىز چىرقىراشقىلى تۇردى. بۇلار، چوڭلارنى ئەنسىرىتىدىغان تۈردىكى چىرقىراش ئەمەستى. ئۆزىدىن باشقا ھەممە ئادەمنى ئىنتايىن بىزار قىلىدىغان، قۇلاققا خۇشياقمايدىغان ۋارقىراش ۋە چىرقىراشنى بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل غەلىتە ئاۋاز ئىدى. باغچىنىڭ تۆت ئەتراپىغا تارقىلىپ كەتكەن بۇ قىزلار، كالتەك توپ مەيدانىدا ساھىل توپى ئويناۋاتقاندەك چىر چىر چىرقىراۋاتاتتى.
«ئىىىىئۇۇۇۇۇ!»
«ئۇۇۇۇۇئىىىى!»
«ھۇھۇۇۇۇۇ!»
«يەەەيەەەەەيەەەە!»
ناھايىتى ۋاراڭ چۇرۇڭ قىلىۋاتقان ئەمما گەپ قىلمايۋاتقان ئىدى.
بەزى قىزلار بولسا ئارغامچا سەكرەۋاتقان، ئەمما قوشاقنى ئېيتالماي قالغاچقا، ئاتلاۋاتقان ئادەمنىڭ ئورنىغا نۆۋەت ساقلاپ تۇرغانلار قوشاقنىڭ رېتمىغا ماس كەلتۈرۈپ چاۋاك چېلىۋاتقانتى.
ئەڭ جىمجىت ئۆتكۈزۈلىۋاتقان پائالىيەت بولسا، قولىدا ئامىرېكا ئىشارەت تىلىنى ئۆگىنىشكە دائىر بىردىن چۈشەندۈرۈش تۇتۇۋالغان تۆت قىزنىڭكى ئىدى. يەردە چەمبەر شەكلىدە ئولتۇرۇۋېلىپ قول ئىشارەتلىرىنى ئۆگىنىۋاتاتتى.
پۈتۈن شاۋقۇن سۈرەننى بولسا؛ برادلېي لەڭ بىلەن تايلىر رەننەرتنىڭ باغچىدا ئايلىنىپ يۈرگەچ، ئاغىزدىن چىقارغىلى بولىدىغان بارلىق غەلىتە ئاۋازلارنى – تىلىنى پاقىلدىتىپ بېقىش، تۇيۇقسىز ۋارقىراش، ھۆركىرەش، غاقىلداش، ھاۋشىش، كېكىرىش بولۇپمۇ ئاغزىنى ھاۋا بىلەن لىق توشقۇزۇپ ئىككى قولى بىلەن ئېتىۋالغاندىن كىيىن پۈۋلەپ چىقارغان ئوسۇرۇق ئاۋازى– چىقىرىش دىگەندەك قىلىقلار ئارقىلىق قولىدىن كېلىشىچە، كۆپ ساندىكى قىزنى جىلە قىلىشى تولۇقلايتتى.
مارلوۋ خانىم بۇ شوخلۇقلارنى كۆرۈپ تۇرغان بولسىمۇ، شۇ چىرقىراق ئويۇن ئاۋازلىرى، شۇ غوۋغا، ۋاتىلداش، شاۋقۇن سۈرەن ۋە بىربىرىنى چارقىرىشنىڭ ھەممىسى كەمچىل ئىدى. ئېنىقلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى: بۇ بالىلار گەپ قىلمايۋاتاتتى. بۇ، ھەرقانداق بىر ئوقۇغۇچى توپى ئۈچۈن نورمال بىر ئىش بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ئوقۇغۇچى توپى ئۈچۈن، تازلىقچى دىگەندەك، مۆجىزىدەك بىر ئىش.
ئەمما نېمە ئۈچۈن؟ ھەممىسىنىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ چوقۇم بىر سەۋەبى بار. مارلوۋ خانىمدەك ھەممە ئىشنى ئىلمىي ئويلايدىغان بىر ئايال بۇنىڭ سەۋەبىگە ئەلۋەتتە ئىنتايىن قىززىقىدۇ.
مۇشۇنداق قىلىپ مارلوۋ خانىم بۇ ئىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە كاللا قاتۇرغاچ چۈشتىن كىيىنكى دەرىسىنى پلانلاشنى باشلىدى. چۈنكى ئون مىنۇتتىن كىيىن، مۇشۇ بەشىنچى سىنىپلاردىن يىگىرمە ئالتە ئوقۇغۇچى پەن تېخنىكا دەرىسى ئۈچۈن ئۇنىڭ سىنىپىغا كىرەتتى.
مارلوۋ خانىم ئەڭ ئامراق نەرسە بولسا نادىر كۆرۈلىدىغان تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ بېقىش ئىدى.