پۇچۇق چىلەك

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى بىر سۇچى باركەن. بۇ سۇچى ئىككى تال چىلەك كۆتۈرۈپ كۆلدىن يېزىغا سۇ توشۇيدىكەن.

لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى چىلەكلەردىن بىرسى پۇچۇق ئىكەن. ساغلام چىلەك، پۇچۇق چىلەككە:

– سەن نىمىدىگەن يارىماس، سۇنى يەرگە چېچىۋېتىدىكەنسەن، ماڭا قارا، سۇنىڭ ھەممىسىنى توپ تولۇق يېزىغىچە توشۇيمەن. – دەپ كەمسىتىدىكەن. پۇچۇق چىلەكنىڭ بۇنىڭغا ناھايىتى كۆڭلى يېرىم بولىدىكەن.

ساغلام چىلەك بىلەن پۇچۇق چىلەك كۈنلەرچە يېزىغا سۇ توشۇپتۇ. بىر كۈنى پۇچۇق چىلەك سۇچىغا،

– مەن ئۆزۈمدىن ئەپسۇسلىنىمەن. – دەپتۇ.

سۇچى:

– نىمىشقا؟ – دەپ سوراپتۇ.

پۇچۇق چىلەك:

– چۈنكى مەن سۇنى تولۇق توشۇيالمايمەن. سۇنىڭ يېرىمى چېچىلىپ كېتىدۇ. –دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

سۇچى بولسا چىلەككە قاراپ كۈلۈمسىرەپتۇ.

– بىكارغا كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما،- دەپتۇ.

– نىمىشقا، – دەپ سوراپتۇ تۆشۈك چىلەك.

– چۈنكى، – دەپتۇ سۇچى. – مەن سېنىڭ تۆشۈك ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سېنىڭ تەرىپىڭگە گۈل ئۇرۇقلىرى تېرىپ قويغان ئىدىم. سەن ھەر كۈنى يېزىغا مېڭىۋاتقاندا، ئۇ گۈللەرنى سۇغاردىڭ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە رەڭگارەڭ گۈللەر ئۈنۈپ چىقتى.

چىلەك بۇنىڭغا ناھايتى ھەيران بولۇپتۇ. ئۇ كۈنى كۆلدىن قايتىپ كېلىۋاتقاندا يول بويى سۇغۇرۇلۋاتقان گۈللەرنى تاماشا قىلىپتۇ. گۈللەر ناھايتى چىرايلىق ئۈنگەن ئىكەن. پۇچۇق چىلەك ئەمدى ئۆزىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىشكە باشلاپتۇ.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *