تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر كاپىتاننىڭ ناھايىتى چوڭ بىر خەزىنىسى باركەن. بۇ خەزىنە كېمىدىكى ھۇجرىسىدا تۇرىدىكەن.
بىر كۈنى ئۇ يەنە كېمىسى بىلەن دېڭىزغا سەپەرگە چىقىپتۇ. كاپىتاننىڭ بىر خەزىنىسىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالغان ئوغرى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە يولغا چىقىپتۇ. كېمىدە ئۇنىڭدىن باشقا بىر مۇنچە يولۇچى بارىكەن.
ئوغرى ئۆزىچە بىر پىلان تۈزۈپتۇ. «ئاۋۋال كاپىتاننىڭ ئۆيىدىن خەزىنىنى ئالاي، ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇپ قوياي، قىرغاققا بارغاندا ئېلىپ قېچىپ كېتەي» دەپ ئويلاپتۇ.
بىر كۈنى بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كاپىتاننىڭ ھۇجرىسىغا مېڭىپتۇ. ئاۋۋال ئىشىكنى چېكىپ بېقىپتۇ. كاپىتاننىڭ ئىچىدە بار ياكى يوقلۇقىنى بىلمەكچى ئىكەن. كاپىتان ھۇجرىسىدىن، «كىم؟» دەپ توۋلاپتۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن ئوغرى ئىشىكنى ئېچىپ، « كەچۈرۈڭ ئۆزۈمنىڭ ھۇجرىسى دەپ قاپتىمەن» دەپتۇ.
كاپىتان ناھايتى ئەقىللىق ئىكەن. كەلگەن ئادمنىڭ ئوغرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ. دەرھال ئۇنى تۇتقۇزۇپتۇ. ئوغرى تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن نىيىتىنى ئېتىراپ قىلىپتۇ.
ھەممە ئادەم ھەيرانلىق بىلەن كاپىتاندىن سوراپتۇ، «دەپ بېرىڭە، بۇ ئادەمنىڭ ئوغرى ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىۋالدىڭىز؟»
كاپىتان، «بۇ ناھايتى ئاسانغۇ، ئادەم ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ كىرمەيدۇ ئەمەسمۇ، ئەمما ئۇ مېنىڭ ئىشىكىمنى چېكىپ، ئۆزۈمنىڭ ئۆيى دەپ قالدىم دىدى، شۇنىڭدىن بىلىۋالدىم.»
كۆپچىلىك كاپىتاننىڭ ئەقلىگە ھەيران بولۇپتۇ.