ئوۋچى

ئوۋچى

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

بىر چاغلاردا ئىنتايىن مەرگەن بىر ئوۋچى بولغانىكەن. بىر كۈنى ئۇ يەنە ئوۋ ئوۋلاشقا مېڭىپتۇ. مۈرىسىگە ئوق خالتىسىنى ئېسىپ، ئورمانلىقتا ئايلىنىپ يۈرگەندە دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدا بىر ئېيىقنى كۆرۈپتۇ.

ئوۋچى ئوقلىرىنى تەييارلاپتۇ ۋە ئېيىقنىڭ دەريانىڭ ئۈستىدىكى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. تۇيۇقسىز كۆۋرۈككە يېقىنلىشىۋاتقان يەنە بىر كىچىك ئېيىقنى كۆرۈپ قاپتۇ.

ئوۋچى ئۆز ئۆزىگە «كۆۋرۈك ناھايىتى تار، ئىككىسى تەڭلا ئۆتەلمەيدۇ. ئەمدى چوقۇم ئىككىسى ئۇرۇشۇشقا باشلايدۇ، چوڭى كىچىكىنى ئۇرىدۇ» دەپ ئويلاپتۇ ۋە ئۇلارغا يېقىنلىشىشقا باشلاپتۇ.

ئىككى ئېيىق بىربىرىنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ توختاپتۇ. ئۆزلىرىچە بىرنىمىلەر دېيىشىپتۇ. ئوۋچى دەل ئۇلارنىڭ ئۇرۇشىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندا چوڭ ئېيىق ئىگىلىپتۇ. كىچىكى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ئولتۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تار كۆۋرۈكتىن تەڭ ئۆتۈشۈپتۇ.

ئوۋچى كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قاپتۇ. ئۆز ئۆزىگە «ھايۋانلارمۇ ياردەملىشىشنى بىلىدىكەن، ئەمما بىز ئىنسانلار بۇنى قىلالمايۋاتىمىز، كىچىككىنە باھانە سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىربىرىمىز بىلەن جېدەللىشىپ قالىمىز» دەپتۇ.

ئېيىقلارنى ئوۋلاشتىن ۋاز كېچىپتۇ ۋە ئۆيىگە قايتىپ كېتىپتۇ.

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *