ئاپتورى: روئالد داھل
تەرجىمە قىلغۇچى: ھەبىبە ئۇيغۇر
1-باب: ھوزۇرۇڭلاردا چارلى!
ھازىر كۆرۈۋاتقىنىڭلار بۇكېت ئەپەندىمنىڭ ئاپىسى بىلەن دادىسى: جوسەفىن موما بىلەن جوە بوۋا.
بۇ ئىككىسى بولسا بۇكېت خانىمنىڭ ئاپىسى بىلەن دادىسى : جورجىئانا موما بىلەن جورج بوۋا.
بۇ، بۇكېت ئەپەندىم. بۇ بولسا بۇكېت خانىم.
بۇكېت ئەپەندىم بىلەن بۇكېت خانىمنىڭ كىچىك بىر ئوغلى بار. ئسمى چارلى.
مانا چارلى! ياخشىمۇ سەن چارلى؟ قانداق تۇرۇۋاتىسەن؟ قاراڭلار سىلەر بىلەن تونۇشقانلىقى ئۈچۈن نە قەدەر خۇشال بولدى.
ئالتە چوڭدىن (خالىسىڭىز سىزمۇ قايتا بىر ساناپ بېقىڭ) ۋە بىر كىچىك چارلى بۇكېتتىن ھاسىل بولغان بۇ ئائىلە بۇ چوڭ شەھەرنىڭ چېتىدە بىر كىچىك ياغاچ كەپىدە ياشايتتى.
ئۇلار بۇ كونا ئۆيگە ناھايىتى تەس پاتاتتى. ئۇنچىلىك جىق ئادەمنىڭ بۇنچىلىك كىچىك بىر كەپىنىڭ ئىچدە بىللە ياشىشى خېلىلا تەس ئىدى. بۇ ئىككى ئېغىز ئۆيدە پەقەت بىر تاللا كارىۋات بار ئىدى. بۇ كارىۋاتتا، بەك ئاجىز ۋە ھارغىن بولغانلىقى ئۈچۈن قېرىلار ياتاتتى. ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ قېرىلارنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ باققانلىقىنى ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. كارىۋاتنىڭ بىر ئۇچىدا جوە بوۋا بىلەن جوسەفىن موما،يەنە بىر ئۇچىدا بولسا جورج بوۋا بىلەن جورجىنا موما ياتاتتى.
بۇكېت ئەپەندىم،بۇكېت خانىم ۋە چارلىغا كەلسەك ئۇلار يەنە بىر ئۆيدە يەرگە ئورۇن سېلىپ ياتاتتى. ياز كۈنلىرى ئانچە يامان ئەمەس ئىدى بىراق قىش كەلگەن ھامان ئۆينىڭ ئىچىدە مۇزدەك شامال چىقىپ، ئۇلار كېچىچە دىر-دىر تىترەيتتى.
ياخشىراق بىر ئۆي سېتىۋېلىش بىر تەرەپتە تۇرسۇن،بۇ ئائىلىنىڭ يەنە بىر كارىۋات سېتىۋالغۇدەك پۇلىمۇ يوق ئىدى. ئۇلار مۇشۇنداق كەمبەغەل ئىدى.
بۇ ئائىلىدە پەقەت بۇكېت ئەپەندىملا ئىشلەيتتى. بۇكېت ئەپەندىم بىر چىش سوپۇنى زاۋۇتىدا ئىشلەيتتى. كەچكىچە بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ چىش سوپۇنى قۇتىلىرىنىڭ كىچىككىنە ئاغزىنى تاقايتتى. بىراق بۇنداق بىر ئىشتا ئىشلەيدىغان بىر ئادەمگە قانچىلىك پۇل بېرىلەتتى؟ بىچارە بۇكېت ئەپەندىم، بۇ ئىشنى قانچىلىك ئىتتىك قىلسا قىلسۇن، قانچىلىك جىق ئىشلىسە ئىشلىسۇن، تاپقان تەرگىنى بۇنداق چوڭ بىر ئائىلىنىڭ ئىھتىياجىنىڭ يېرىمىنىمۇ قامدىيالمايتتى. يانچۇقىغا كىرىدىغان پۇل ھەممە ئادەمگە يەتكۈچىلىك يىمەكلىك ئېلىشقىمۇ يەتمەيتتى. تاپقان پۇلى،ناشتىلىقتا نان ۋە مارگارىنغا، چۈشلۈك تاماقتا سۇدا پۇشۇرۇلغان ياڭيۇ ۋە كاللەك سەيگە، كەچلىك تاماقتا بولسا كۆكتات شورپىسىغا ئاران يېتەتتى. يەكشەنبە كۈنلىرى ياخشىراق ئىدى. يەنە ئوخشاش تاماقلارنى يەيدىغان ئىش بولسىمۇ ھەممىسى يەكشەنبە كۈنلىرىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتەتتى، چۈنكى ھەممە ئادەمگە ئادەتتىكىدىن بىر تەخسە ئارتۇق تىگەتتى.
بۇكېت ئائىلىسىنى ئاچلىقتىن ئۆلۈش دەرىجىسىگە يەتتى دىگىلى بولمايدۇ،بىراق ھەممىسىنىڭ (چارلىنڭ بوۋىلىرىى ۋە مومىلىرىنىڭ،ئاپىسى ۋە دادىسىنىڭ، بولۇپمۇ چارلىنىڭ ئۆزىنىڭ) كەچكىچە قورسىقى ئېچىپ، ئۈچەيلىرى تارتىشىپ كېتەتتى. بولۇپمۇ چارلىنىڭ قورسىقى ئېچىپ ئارانلا قالاتتى. ئاپىسى ۋە دادىسى كۆپ ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ تامىقىنى چارلىغا بەرسىمۇ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بىر بالا ئۈچۈن بۇ يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. چارلى داۋاملىق،كاللەك سەي ۋە كۆكتات شورپىسىدىن تەملىك تاماقلارنىڭ خىيالىنى قىلاتتى. بىراق ئەڭ يىگۈسى كېلىدىغان نەرسە شاكىلات ئىدى.
ئەتتىگىنى مەكتەپكە پىيادە كېتىۋاتقاندا دۇكانلاردىكى ئەينەك ئىشكاپلارغا تىزىلىپ قويۇلغان شاكىلاتلارنى كۆرسە،ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇپ، شۇلارنى تاماشا قىلاتتى. باشقا بالىلارنىڭ توختىماي يانچۇقلىرىدىن شاكىلات چىقىرىپ يالماپ يۇتقاندەك يىيىشىنى كۆرۈش، چارلىنى ناھايتى ئازاپلايتتى.
چارلى، شاكىلاتنى يىلدا بىر قېتىم، تۇغۇلغان كۈنىدە يەيتتى. ئائىلىنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى چارلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن،ئۆزئارا پۇل يىغىشىپ، شۇ كۈن كەلگەندە چارلىغا كىچىك بىر پارچە شاكىلات سوۋغا قىلاتتى. چارلى شۇ كۈننى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ، شاكىلات پارچىسىنى يېنىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان كىچىك ياغاچ ساندۇققا ناھايتى ئاۋايلاپ ئورۇنلاشتۇراتتى ۋە ساپ ئالتۇندىن خەزىنىدەك ساقلاپ قوياتتى. نەچچە كۈنگىچە يىيىشكە كۆزى قىيماي، پەقەت تاماشا قىلاتتى. ئاخىرى چىدىماي شاكىلاتنىڭ قەغىزىنى بىر ئۇچىدىن يىرتىپ شاكىلاتنىڭ تەمى ئېغىزىغا ئاستا ئاستا تارقىسۇن دەپ كىچىك بىر پارچە يەيتتى. ئەتىسى كۈنى يەنە كىچىك بىر پارچە يەيتتى دە بۇنى ھەر كۈنى مۇشۇنداق داۋاملاشتۇراتتى. مۇشۇنداق قىلىپ چارلى كىچىككىنە شاكىلىتىنى بىر ئايدىن ئارتۇق يەتكۈزەتتى.
لېكىن شاكىلات مەستانىسى چارلىنى ھەممىدىن بەك نىمىنىڭ ئازاپلايدىغىنىنى تېخى دەپ بەرمىدىم. ئۇنى دۇكانلارنىڭ رەتلىرىدە چىرايلىق تىزىلىپ قويۇلغان شاكىلاتلارنى تاماشا قىلىشتىن ياكى باشقا بالىلارننىڭ شاكىلاتلارنى يالماپ يىيىشىنى كۆرۈشتىن بەكرەك كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر نەرسە دىمىدىم. چارلىغا ئويلاپ يەتكۈسىز ئازاپ سالىدىغان نەرسە نېمە بولۇشى مۇمكىن؟
كەنتتە، چارلى ياشايدىغان ئۆيدىن كۆرۈنىدىغان يەردە ناھايتى چوڭ بىر شاكىلات زاۋۇتى بار ئىدى!
ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ شۇنداقمۇ؟
لېكىن بۇ زاۋۇت سىلەر بىلىدىغاندەك چوڭ شاكىلات زاۋۇتلىرىدىن ئەمەس ئىدى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ داڭلىق شاكىلات زاۋۇتى ئىدى. ئىسمى ۋونكانىڭ زاۋۇتى ئىدى. ئېگىسى ۋىللى ۋونكا ئەپەندى ئىدى. ھىچكىم ئۇنىڭكىدىن ياخشىراق شاكىلات ياسىيالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەر ناھايتى جەلىپ قىلارلىق ۋە كۆركەم ئىدى. ئىچىگە چوڭ تۆمۈر دەرۋازىلار ئارقىلىق كىرگىلى بولاتتى. زاۋۇتنى چوڭ تاملار چۆرىدەپ تۇراتتى. تۇرخۇندىن تۇمان ، ئىچكىرىدىن پاراس- پۇرۇس قىلغان غەلىتە ئاۋازلار چىقىپ تۇراتتى. كىچىك چارلى بۇكېت،كۈندە ئىككى قىتىم(ئەتتىگەن مەكتەپكە بارىدىغاندا،كەچتە مەكتەپتىن قايتىدىغاندا) زاۋۇتنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتى. ھەر ئۆتكەندە قەدەملىرىنى ئاستىلىتىپ،بۇرنىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، شاكىلاتنىڭ ھەممە يەرنى بىر ئالغان مەززىلىك پۇرىقىدىن ھوزۇرلىناتتى.
چارلى بۇ پۇراققا بەك ئامراقتى.
زاۋۇتقا كىرىپ، ئىچىدىكى تەنتەنىنى كۆرۈش ئۇنىڭ بۇ ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئىدى.