تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، ئەرەن ئىسىملىك بىر بالا بولغانىكەن. ئەرەن يايلاقلاردا يۈگىرەپ ئويناشقا ناھايتى ئامراق ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ يەنە ئويۇن ئۈچۈن يايلاققا بېرىپتۇ. مۇشۇ چاغدا كەينىگە بىر ئىت ئەگىشىۋاپتۇ. بىچارە ئىتنىڭ قورسىقى ناھايتى ئاچقاندەك كۆرۈنۈپتۇ. ئەرەننىڭ ئىتقا ئىچى ئاغرىپتۇ:
– ۋاھ ۋاھ، دەپتۇ ئۇ. ساڭا بەرگۈدەك يەيدىغان نەرسەم بولسىدى كاشكى.
ئىت ئېچىنىشلىق ھالدا ھاۋشىپتۇ. خۇددى ئۇنىڭ دېگەن گەپلىرىنى چۈشۈنىۋاتقاندەك. ئۇلار بىردەم بىللە مېڭىپتۇ. بىرئازدىن كېيىن ئۇلار ئالدىدا يوغان بىر سۆڭەك دۆۋىسى تۇرغىنىنى كۆرۈپتۇ. ئەرەن خۇشاللىق بىلەن:
– مانا،دەپتۇ. سەن ئۈچۈن يەيدىغان نەرسە. ھەمدە ساڭا ئۈچ كۈن يېتىدۇ.
لېكىن ئاچ ئىت بىردىنلا قايتىپ يۈگۈرگەن پېتى ئۇ يەردىن غايىپ بولۇپتۇ. ئەرەن بۇنىڭغا بەك ئەجەپلىنىپتۇ. بىر تاشنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرۇپ:
– بىچارە ھايۋان ھىچ نەرسە يىمەي نەگىمۇ كەتكەندۇ؟ دەپ ئويلىنىپتۇ.
بىردەمدىن كېيىن ئىت قايتىپ كېلىپتۇ. ئۇنىڭ كەينىدە يەنە ئون كۈچۈك بار ئىكەن. كۈچۈكلەرگە يىمەكلىكلەرنى كۆرسىتىپتۇ. ئۆزى بولسا بىر چەتكە ئۆتۈپتۇ. ئون كۈچۈك بولسا تويغىچە يەپتۇ. كىيىن ئىتقا رەھمەت ئېيتقاندەك قاراپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئىت ئېشىپ قالغان تاماقلارغا يېقىنلىشىپتۇ. قالغان پارچىلارنى تېرىپ يەپتۇ. ئەرەن بولسا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ:
– ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ، دەپتۇ. ھەتتا ئىتمۇ ئورتاقلىشىشنى بىلىدىكەن. باشقىلار ئۈچۈن ئۆز نەپسىدىن كېچەلەيدىكەن.















