يوقسۇللار مەھەللىسىنىڭ بالىلىرى

يوقسۇللار مەھەللىسىنىڭ بالىلىرى

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

بىر ئالىم بىر يوقسۇللار مەھەللىسىدىكى بالىلارنى يوقلاپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ۋە مەكتەپلىرىگە كىرىپتۇ. كۆرگەن- بىلگەنلىرى كۆڭلىنى ئىنتايىن يېرىم قىپتۇ. چۈنكى بۇ بالىلارنىڭ تۇرمۇش سارائىتلىرى بەكلا ناچار ئىكەن، بىر قەلەم ئېلىشقىمۇ تەستە قۇربى يېتىدىكەن. مەكتەپ كىچىك ھەم كونا ئىكەن، ھەمدە ياخشى ئىسسىمىغانلىقى ئۈچۈن بەك سوغۇق ئىكەن.

ئالىم، ئۆز ئۆزىگە «ئەپسۇس، بۇ بالىلارنىڭ كېلەچىكى يامان بولىدىغان بولدى.» دەپتۇ. كېيىن كۆرگەنلىرىنى يېزىپ قويۇپتۇ.

ئارىدىن يىگىرمە يىل ئۆتۈپتۇ. ئالىم بىر كۈنى بۇ بالىلارنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگۈسى كەپتۇ.

بىر نەچچە كۈن ئۇ يوقسۇل بالىلارنى ئىزدەپتۇ. ئاخىرى ئۇلارنى تېپىپتۇ. ئېنىقلىشىچە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى چوڭ بولۇپتۇ، باشقا يەرلەرگە كۆچۈپ كېتىپتۇ. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، بۇ بالىلار دوختۇر، مۇئەللىم، ئادۋوكات ۋە سودىگەر بوپتۇ.

ئالىم بۇنىڭدىن ناھايىتى ھەيران قاپتۇ. ئۇلارغا:

– سىلەر ناھايىتى ناچار مۇھىتتا ياشاۋاتقان ئىدىڭلار، قانداقسىگە بۇنداق غەلبە قازاندىڭلار،- دەپ سوراپتۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى:

– مەھەللە مەكتىپىدىكى مۇئەللىمىمىز سايىسىدە،- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

ئالىمنىڭ، بۇ مۇئەللىم بىلەن تونۇشۇپ باققىسى كەپتۇ. ئۇ مۇئەللىمنىڭ نەدە ياشايدىغىنىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنى زىيارەت قىلىپ كەپتۇ.

ھازىر ياشىنىپ قالغان مۇئەللىمگە قىلغان زىيارىتىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپتۇ ۋە:

– قانداقسىگە بۇ ناچار مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلار بۇنداق غەلبە قازىنالىدى،- دەپ سوراپتۇ.

مۇئەللىم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

– بەكلا ئاددى،مەن ئۇ بالىلارنى ھەقىقەتەن بەكلا ياخشى كۆردۈم.