ئاپتورى: ئاندرۇۋ كلېمىنتس
تەرجىمە قىلغۇچى: ماھىنۇر ئۇيغۇر
17-باب: كېلىشىم…
دەيۋ تۇنجى دەرىسى ئۈچۈن سىنىپقا قاراپ كېتىۋاتقاندا يىنىكلەپ قالغاندەك قىلاتتى. مۇدىرنىڭ مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىدىن خۇرسەن بولغانتى. بولۇپمۇ لىينسېينىڭ پېشانىسىگە چوڭ بىر ي يېزىپ قويمايدىغان بولغاچقا. يا بولمىسا، دەل ئەكسى. مانا ئەمدى دىققىتىنى دەرىسلىرىگە مەركەزلەشتۈرسە بولاتتى. ئەمىلىيەتتە ئۇ خېلى ئەقىللىق بىر ئوقۇغۇچى ئىدى. ئالىي ماتىماتىكا سىنىپىدا بولۇشىنىڭ سەۋەبىمۇ بۇ ئىدى.
ئەمما ماتىماتىكا سىنىپىغا كىرگەن ۋاقىتتا، يا ئۇ دوستلىرى بىلەن پاراڭلاشمىدى، يا ئۇلار ئۆزى بىلەن پاراڭلاشمىدى. قىزلارمۇ شۇنداق. ھەممىسى، مۇسابىقە ئاخىرلاشتىمۇ يوق، ئېنىق ئاڭقىرالماي قالغانتى. ۋە ھېچكىمنىڭ تەۋەككۈل قىلىپ باققۇسى كەلمىدى. دەيۋمۇ ھەم شۇنداق.
قوڭغۇراق جىرىڭلىدى، ھەممىسى ئورنىغا ئولتۇرۇۋاتقاندىمۇ يەنىلا جىمجىت.
ئەسكوبار خانىم دەرھال ئىش باشلىدى. «ئەمدى بالىلار، ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى بىربىرىگە ئايلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئەمدى… تاپشۇرۇقنىڭ بىرىنچى سوئالىنى ئىشلىگەنلەر بارمۇ؟»
لىينسېي قول كۆتۈردى ۋە ئەسكوبار خانىم باش لىڭشىتىپ رۇخسەت قىلغاندىن كىيىن «ئۈچ يۈز ئون» دىدى.
ئەسكوبار خانىم قاپىقىنى تۈردى «ئۈچ يۈز ئون نېمۇ؟»
لىينسېي «سانتېگرات گىرادۇس» دىدى.
ئەسكوبار خانىم لىينسېيگە تىكىلىپ قارىدى. «مۇدىر بايا نېمە دىگەن، ئاڭلىغان بولغىيتتىڭ؟»
لىينسېي باش لىڭشىتتى.
«بۇ كىچىك ئويۇننى تۈگىتىشىڭلار كېرەكلىكىنى؟»
لىينسېي قايتا باش لىڭشىتتى ۋە قايتا قول كۆتۈردى.
مۇئەللىم باش لىڭشىتقاندىن كىيىن «ئەمما، زادى نېمىشقا؟» دەپ سورىدى.
«نېمىشقا؟» دىدى ئەسكوبار خانىم. «چۈنكى ياخشى بىر ئىش ئەمەس. ھېچكىم ئۈچۈن. دەرىسىمىزنى ئاستىلىتىپ قويۇۋاتىدۇ. خۇددى ھازىرقىدەكلا. ماتىماتىكا ئۆگىنىشىمىز كېرەك ئىدى… ئەمما بىز سۆزلىشىش ھەققىدە سۆزلىشىۋاتىمىز!»
لىينسېي «ماتىماتىكا سانلاردىن ئىبارەتقۇ؟» دىدى.
«شۇنداق» دىدى ئەسكوبار خانىم. «ئەمما سانلارنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىمىزنى سۆزلىشىش ئۈچۈن سۆزلەرنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك. بۇنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر. شۇڭا، بۇ ئىشنى توختىتىڭلار. ھازىرلا!»
لىينسېي ئورنىدىن تۇرۇپ، دوسكىنى كۆرسەتتى. «رۇخسەت قىلامسىز؟»
ئەسكوبار خانىم «بولىدۇ» دىدى.
لىينسېي بىر قولىدا تاپشۇرۇقىنى، يەنە بىرىدە بىر دوسكا قەلىمىنى تۇتۇپ دوسكىنىڭ ئالدىغا كەلدى. تۇنجى مەسىلىدە بېرىلگەن سانلارنى يېزىپ توغرا نەتىجىنى تېپىش ئۈچۈن پايدىلانغان ئۈچ ئۇسۇلنى يېزىپ كۆرسەتتى.
ئەسكوبار خانىمغا بۇرۇلدى ۋە مۇئەللىم باش لىڭشىتقاندا «بۇنىڭغا قانداق دەيسىز؟» دىدى.
ئەسكوبار خانىم پارتلايلا دەپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. «قىلچىمۇ كۈلكىلىك ئەمەس لىينسېي! نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭنى بىلمىدى دەپ قالما، ۋە بۇنىڭغا يول قويمايمەن! ئەمدى بولدى قىل!»
لىينسېي دوسكىنىڭ ئالدىدا مىدىر سىدىر قىلماي جىم تۇرۇۋالدى. مەسىلىنى كۆرسەتتى «بۇ توغرىمۇ؟»
دەيۋ مۇئەللىمنىڭ يۈزىدىكى ئىپادىنى بىلەتتى. بۇنىڭ مەنىسى، چاتاق چىقىدۇ دىگەنلىك – چوڭ چاتاق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پەقەتلا لىينسېي ئۈچۈن ئەمەس. دەيۋ پارتلاشقا تەييارلىنىپ ھەتتا نەپەس ئېلىشنىمۇ توختاتتى.
ئەمما ئارقىدىنلا ئۆزىنىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش قىلدى: قولىنى كۆتۈرگەنتى.
ئەسكوبار خانىم چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقان بولسىمۇ «نېمە بولدى؟» دىيەلىدى.
دەيۋ دوسكىدىكى ھېساپنى كۆرسىتىپ، «مەن باشقىچە ئىشلىدىم» دىدى.
رۇخسەت كۈتۈپ تۇرماي ئورنىدىن تۇردى. لىينسېينىڭ قولىدىن دوسكا قەلىمىنى ئېلىپلا ئۆزىنىڭ ھېساپلاش ئۇسۇلىنى دوسكىغا يازدى. ئوخشاش نەتىجىنى چىقارغان ئەمما ئونلۇق كەسىرلەرنىڭ ئورنىغا كەسىرلەرنى قوللانغان ئىدى.
ئەسكوبار خانىم «قانچىڭلار ديۋگە ئوخشاش ئىشلىدىڭلار؟» دەپ سورىدى.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمىغا يېقىنى قول كۆتۈردى.
«ئۇنداقتا لىينسېينىڭ ئۇسۇلىدىن پايدىلانغانلار قانچىلىك؟» قالغان يېرىمى قول كۆتۈردى.
مۇئەللىم باش لىڭشىتىپ تەستىقلىدى. «ناھايىتى ياخشى. ھەممىڭلار ھەر ئىككى يولدىن پايدىلانساڭلار بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەنسىلەر؟»
ھەممىسى باش لىڭشىتتى.
«ئۇنداقتا، ئەمدى قېيىنراق بىر سوئال: كېللىي، قايسىنىڭكى ئاسانراقكەن – دەيۋنىڭكىمۇ لىينسېينىڭمۇ؟»
كېللىي «لىينسېينىڭكى» دىدى.
«شۇنداقمۇ.» دەپ سورىدى مۇئەللىم. «نېمىشقا؟»
«ھېساپ ئازراقكەن»
ئەسكوبار خانىم سىنىپتىكى پۈتۈن بالىلارنىڭ باش لىڭشىتقانلىقىنى كۆردى يەنە تېخى يۈزىدە، بىر نەرسىنى چۈشەنگەندە پەيدا بولىدىغان شۇ ئالاھىدە نۇرنى كۆرگەندەك بولدى.
كۈلۈمسىرىدى. «توغرا. ئونلۇق كەسىرلەر ھەقىقەتەنمۇ ھېساپلاشنى ئوڭايلاشتۇرىدۇ.»
تايلىر قولىنى قولىنى كۆتۈرۈپ «ھېساپلاش ماشىنىسى بىلەن» دېۋىدى سىنىپتىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى.
ئۇلار كۈلۈۋاتقاندا دەيۋ بىلەن لىينسېينىڭ كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالدى. پۈتۈنلەي دوستانە دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، شۇنداقراق بىر ئىپادە بىلەن.
دەيۋ «مۇسابىقە تېخىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ دىگەن گەپ» دەپ ئويلىدى. بۇ مەسىلە ھەققىدە نېمە ئويلاشنى بىلەلمەي قالغانتى.
سىنىپتىكىلەر باشقا ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى بىرسىدىن يەنە بىرسىگە ئايلاندۇرۇشنى داۋۋاملاشتۇردى – مىلدىن كىلومېتىرغا، كىلوگرامدىن گىرامغا، مونى گېكتارغا… مۇشۇنداق داۋاملاشتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ جىق بولسىمۇ ئۈچ سۆز ئىشلىتىپ يا بولمىسا دوسكىغا يېزىپ جاۋاپ بەردى.
ئەسكوبار خانىم بالىلارنىڭ مۇدىرغا ئىتائەت قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. تېخىچە سۆزلەرنى ساناۋاتقانلىقىنى ۋە رۇخسەت قىلمىسا گەپ قىلمايۋاتقانلىغىنى ھېس قىلغانتى.
ئەمما راست گەپنى قىلسا، بۇنىڭ بىلەن زادىلا كارى يوق ئىدى. ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئۈنۈملۈك بىر دەرىسنىڭ ئوتتۇرسىدا – ھەممىسى پۈتۈن دىققىتى بىلەن، ھوشيار ۋە شۇنداق زېرەك. ئوخشاش بالىلار بىلەن يىگىرمە تۆت سائەت بۇرۇنقى دەرىسنى سېلىشتۇرغاندا، شۇ، ئارىدىكى پەرىق كېچە بىلەن كۈندۈزگە ئوخشاش. ئەلۋەتتە ئەسكوبار خانىم كۈندۈزنى خېلىلا ياختۇرىدۇ.
ئۇنداقتا چارشەنبە كۈنى لىينسېي بىلەن دەيۋ باشلامچىلىق قىلىپ بەرمىگەن سىنىپلاردا نېمە ئىشلا يۈز بەردى.
پەن تېخنىكا دەرىسى باشلانغاندا مارلوۋ خانىم ئۆزىگە ئۈچ سۆز بىلەن جاۋاپ بەرگەن تۇنجى بالىنى باشقىلارغا ئىبرەت بولغۇدەك قاتتىق جازالىماقچى بولغانتى. بۇ كىشى، كايل بولدى.
«ساڭا تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتىنى سۆزلەپ بەر دىگەنتىم» دىدى مۇئەللىن.
كايل بېشىنى لىڭشىتتى «كېپىنەك ۋە پەرۋانىلەر» دىدى.
«ھەممىسى مۇشۇنچىلىكمۇ؟»
كايل يەنە باش لىڭشىتتى. «شۇنداقراق» سىنىپتىكىلەر پىخىلدىشىپ كۈلۈشتى.
مارلوۋ خانىم بىر خاتىرە دەپتىرى بىلەن بىر قەلەمنى ئالدىغا تارتتى ۋە يۇقرى ئاۋازدا ئوقۇۇغاچ يازغىلى تۇردى: «خىئات خانىم، كايل بۇيرۇقىڭىزغا بوي سۇنمىدى. سىنىپتا دەرىسكە قاتناشمايۋاتىدۇ ۋە – »
كايل قولىنى كۆتۈرىۋېدى مارلوۋ خانىم «نېمە بولدى؟» دىدى قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ.
«مەن دەرىسكە قاتنىشىۋاتىمەن»
«ياق» دىدى مۇئەللىم. «قەستەن، ئىمكان بار ئاز سۆز ئىشلىتىۋاتىسەن ۋە مۇدىرغا بويسۇنمايۋاتىسەن»
كايل بېشىنى چايقىدى. «مەن… ئىسراپ قىلمايۋاتىمەن» دىدى.
«بىمەنە گەپ. ئىسراپ قىلماسلىق…»
كايل جۈملىنىڭ ئاخىرىنى چىقاردى «…بىكارغا ئىشلەتمەسلىك دىگەنلىك.»
مارلوۋ خانىم ئۇنىڭغا ئالىيىپ قارىدى. « ئېنىرگىيە، سۇ، تۇپراق ياكى ئورمان ئىسراپچىلىقى بار. سۆزلەر ئىسراپ بولمايدۇ.»
كايل ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك بىر جاسارەت بىلەن «بەلكىم بولۇشى مۇمكىن» دىدى.
سىنىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى باش لىڭشىتتى، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى ھەقىقەتەنمۇ باتۇرانە بىر ھەرىكەت بولغانتى.
مارلوۋ خانىمنىڭ ئاچچىقى كەلدى. ئەمما ئۇ ھېسسىياتنى ئەمەس ئەقىلنى ئىشلىتىپ قارار چىقىرىدىغان ئايال، شۇڭا ئۇ كايلنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر ئىدى. مۇئەللىملار ئىشخانىسىدا چۈشلۈك تامىقى يەۋاتقان يا بولمىسا مۇئەللىملەر يىغىنىغا قاتناشقان ھەرقانداق بىرسى كۆپ مىقتاردا سۆزنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىدىغانلىقى جەھەتتە ئۇنىڭغا قوشۇلغان بولاتتى. تىنچلانمايدىغانلارنى داڭدار قىلىۋەتكەن شۇ پۈتمەس تۈگىمەس كوتۇلداشلارچۇ؟ توقسان توققۇز پىرسەنتى ئىسراپ ئىدى.
ئەمما يەنىلا «ئىشقىلىپ، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۇدىر ھەممىڭلارنىڭ دەرىسكە نورمالدىكىدەك قاتنىشىشىڭلارنى تەلەپ قىلدى» دىدى.
كايل يۈزىنى پۈرۈشتۈردى «نورمال دىگەن نېمە؟»
مارلوۋ خانىم «بۇ مەسىلىدە، مۇدىر خالىغان شەكىلدە گەپ قىلىشىڭلار… مەن خالىغاندەك… ھەممە ئادەم نورمالدا قانداق گەپ قىلىپ جاۋاپ بەرسە شۇنداق…ئىشقىلىپ… نورمال.» دىدى.
«نورمال ئۆزگىرەمدۇ؟» دەپ سورىدى كايل.
«بۇ…» مارلوۋ خانىم ئىككىلىنىپ قالدى.
ئىككىلىنىپ قالدى چۈنكى تېخى ئۈچ كۈن بۇرۇن كىلىمات تۇراقسىزلىقىنى ئۆگەنگەن ۋە بۈگۈن نورمال ھېساپلىنىدىغان بىر تېمپىراتۇرنىڭ يۈز يىل بۇرۇن بىنورمال ھېساپلىنىدىغانلىقىنى بالىلارغا سۆزلەپ بەرگەنتى. كايل چوقۇم بۇنى ئۇنتۇپ قالمىغان. ئېھتىمال سىنىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېسىدا. بۇلار بەك ئەقىللىق بالىلار.
«ھەئە شۇنداق دىگىلى بولىدۇ» دەپ داۋاملاشتۇردى گېپىنى «ئەمما ھەر قېتىمدا ئۈچ سۆزلا ئىشلىتىش نورمال ھېسابلانمايدۇ. يا ھېچنەرسە دىمەسلىك. مەكتەپتە بولمايدۇ»
كايل مۆرىسىنى سىلكىپ قويدى. «ماڭا كاشىلا قىلمىدى» دىدى.
مارلوۋ خانىم ئۆتكەن ھەپتە كايلغا، توختىماي باشقىلار بىلەن پىچىرلاشقانلىقى، يۇمۇرلار سۆزلەپ، ئاشۇ بىردەم بېكار تۇرمايدىغان كىچىككىنە كاللىسىغا كەلگەن ھەممە نەرسىنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن قانچە قېتىملاپ كايىغانلىقىنى ئەسلەپ قالدى. مانا ئەمدى ئالدىدا جىمجىت ئولتۇرغان، پۈتۈن دىققىتىنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرگەن كايلغا قاراڭ! باشقا پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارمۇ ئوخشاش.
تۇيۇقسىز بۇ بالىلارنى گەپ قىلىشقا زورلاش – يەنە شۇنداق غوۋغاچى، ئۆزى بىلەنلا مەشغۇل كوتكوتلارغا ئايلىنىشىنى تەلەپ قىلىش… ئازراقمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق بىلىنمىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈنكى دەرىسنى مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇشقا قارار قىلدى ۋە ئۆزىنى بۇ يېڭى نورمالغا كۆندۈردى. ئىشقىلىپ بۇ يېڭى نورمال، كونا نورمالدىن يۈز ھەسسە ياخشى ئىدى.
ئىجتىمائىي پەنلەر دەرىسىدە دوكلات تاپشۇرۇش داۋاملىشىۋاتاتتى. ئوۋېرباي خانىم ئەڭ باشتا ئېد كاننېر بىلەن بىل خاركىنسنى چاقىردى.
بالىلار سىنىپنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئۆتۈپ يان يان تۇردى ۋە ئىككىلىسى بىلنىڭ قولىدىكى خاتىرە ۋاراقلىرىغا قارىدى.
ئېد «ئىتالىيەنىڭ تارىخى ئۇزۇن» دىدى.
ئارقىدىن بىل «رىم ئېمپىريېسى – » دىدى.
ئېد بولسا «دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى» دىدى.
ۋە بىل «يۈزيىللار بويى داۋاملاشتۇردى» دىدى.
ئوۋېرباي خانىم «سىلەر ئىككىڭلار زادى نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟» دىدى.
ئېد «دوكلات تاپشۇرۇۋاتىمىز» دىدى.
بىل «ئىتالىيە ھەققىدە» دىدى.
«ياق» دىدى مۇئەللىم. «سىلەر يەنە شۇ ئويۇننى ئويناۋاتىسىلەر، سۆزلەرنى ساناۋاتىسىلەر»
«ئەمما بىز ئۆگەندۇق» دىدى ئېد.
«بىز تەييار» دىدى بىل.
«داۋاملاشتۇساق بولامدۇ؟» دىدى ئېد.
بەشىنچى سىنىپلارنىڭ كورىدورىدىكى باشقا مۇئەللىملەرگە ئوخشاش، ئوۋېرباي خانىممۇ بىر قارار بەرمىسە بولمايتتى. يا جىمجىت ۋە ئىنتىزاملىق بولىدىغانلىقى ئېنىقلا بولغان بۇ ئېقىمغا ماسلىشاتتى يا بولمىسا مۇدىرنى چاقىرىپ، جار سېلىپ بۇ بالىلارنى بۇرۇنقىسىدەك غوۋغاچى بولۇشقا زورلايتتى.
تارىخ ئوقۇغان بىرى بولغان ئوۋېرباي خانىم خەلىق توپىلاڭلىرىنىڭ نە قەدەر كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئىتائەتسىزلىكنىڭ كۈچىنىمۇ ھەم شۇنداق.
ئەمما ئەڭ مۇھىمى بۇ گەپ قىلماسلىق قارارىنىڭ ياخشى بىر ئىجتىمائىي تەجرىبە ئىكەنلىكىگە قارار قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ، بالىلار «بىز ئۇتۇق قازاندۇق، ئۇلار مەغلۇپ بولدى» دەپ ئويلىمايدۇ دەپ قارايتتى – بۇ بۇنداق بىر ئەھۋال ئەمەس ئىدى. پەقەتلا ئوخشىمايدىغان بىر خىل ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى كەشىپ قىلىۋاتاتتى – ھەممىسى بىللە – خالاس.
شۇنداق؛ ئېد بىلەن بىلنىڭ ئىتالىيە ھەققىدىكى دوكىلاتى كالامپاي ۋە پارچە پارچە داۋاملىشىۋاتىدۇ، سۆزلەر تىكتاك توپتەك سەكرەپ يۈرگەندە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش تەسكە توختاۋاتىدۇ. ئەمما بۇ بالىلار پۈتۈن ئۇرغۇلارنى توغرا يەردە قىلىۋاتىدۇ، بىر نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋاتىدۇ ۋە سىنىپتىكى ھەممىسى پۈتۈن زېھنى بىلەن قۇلاق سېلىۋاتىدۇ. كىيىنكى بەش دوكىلاتمۇ مۇشۇنداق، مەسىلىسىزلا تاپشۇرۇلدى. بىر ئىجتىمائىي پەنلەر مۇئەللىمى باشقا نېمىمۇ تەلەپ قىلالىسۇن؟
شۇنىڭ بىلەن ئوۋېرباي خانىممۇ باشقا مۇئەللىملەردەك جىمجىتلىقنى تاللىدى.
باشقا مۇئەللىملەرنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى كىيىن سوراشنى ئويلاشتى. ئاۋال خىئات خانىم بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى.
بالىلار ئۈچۈن ئەڭ ئوڭاي بولغىنى ئەدەبىيات دەرىسى بولدى. بۇرتون ئەپەندى ئۇلارنى «پائالىيەتتىن» توسۇشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمىدى. ئۇلۇغ مۇدىر نېمە دىسە مەيلى، ئوقۇغۇچىلار جىم بولماقچى ۋە پەقەتلا ئۈچ سۆزلۈك جۈملىلەر بىلەن پاراڭلاشماقچى بولسا بۇنىڭغا بىر ئېتىرازى يوق ئىدى. نەتىجىدە بۇ يەر ئۆزىنىڭ سىنىپى، شۇنداقمۇ؟ سۆزلەرنى بۇنداق ئىشلىتىشنى تىل جەھەتتىن ئۇلارغا پايدىلىق دەپ قارىسا بۇنى داۋاملاشتۇرسا بولاتتى شۇنداققۇ؟ ھەئە. ئەلۋەتتە بولاتتى.
ئەمما دۆت ئەمەس ئىدى. سىنىپنىڭ ئارقىسىغىچە باردى، ئىشىكتىن بېشىنى ئۇزىتىپ، كورىدورنىڭ ئىككى ئۇچىغا قاراپ باقتى ۋە ئىشىكنى ئېتىپ قويدى.
قايتىدىن سىنىپنىڭ ئالدىغا بېرىپ «ئېرىك ۋە رەيچىل» دىدى. «بۇ يەرگە كېلىپ بۇ ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇڭلار» دىدى.
بالىلار ئولتۇرغاندىن كىيىن «ئىككىڭلار ئاددىغىنە بىر مەسىلىدە مۇنازىرە قىلىسىلەر» دىدى. «مۇنازىرە قائىدىلىك بىر تارتىشىش تۈرى؛ ئوخشاش بىر مەسىلىگە ئائىت زىت كۆز قاراشلارنى ئاقلايسىلەر. مەسىلە: مەكتەپ تاماقخانىسىدا گازلىق ئىچىملىك سېتىشقا بولارمۇ؟ رەيچىل سەن بولىدۇ ديسەن؛ ئېرىك سەن قارشى چىقىسەن. ۋە ھەر قېتىمدا ئۈچ سۆزدىن ئارتۇق سۆز ئىشەتمەيسىلەر. تەييار بولدۇڭلارمۇ؟»
ھەم ئېرىك ھەم رەيچىل ياق دىگەن مەنىدە بېشىنى چايقىدى.
بۇرتون ئەپەندى «ئەنسىرىمەڭلار، ئىككىلەڭلار چوقۇم قىلالايسىلەر. ئېرىك، ئاۋال سەن باشلا. قېنى، باشلاڭلار»
ئېرىك، «گازلىق ئىچىملىكلەر… ناچار» دىدى.
رەيچىل بېشىنى چايقىدى. «ياق. ئۇلار تەملىك»
ئېرىك قاپىقىنى تۈردى «ئارتۇقچە تاتلىق»
رەيچىل «مەن تاتلىققا ئامراق» دىدى.
ئېرىك بېشىنى چايقىدى «شېكەر چىشنى چىرىتىدۇ» دىدى.
رەيچىل چىشلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ كۈلۈمسىرىدى «مېنىڭكىنى ئەمەس»
ئېرىك «سۈت ياخشىراق» دىدى.
رەيچىل مۆرىسىنى سىلكىپ قويدى. «شېكەرسىزلىرىنى تېتىپ باق»
ئېرىك «يەنىلا… سالامەتلىككە زىيانلىق» دىدى.
رەيچىل قولىنى كۆتۈرۈپ مۇسكۇلىنى كۆرسەتتى «مەن كۆكتات يەيمەن»
ئېرىك، «ھەممە ئادەم يىمەيدۇ»
رەيچىل «تاللىيالىشىم كېرەك» دىدى.
ئېرىك «گازلىق ئىچىملىك… قىممەت» دىدى.
رەيچىل يانچۇقىدىن بىر دوللار ئالدى «مېنىڭ پۇلۇم بار» دىدى.
ئېرىك «پۇلۇڭنى توغرا خەجلە» دىدى.
رەيچىل «ئۇنداقتا، ئەركىنلىكچۇ؟» دىدى.
ئېرىك بېشىنى چايقىدى «مەكتەپتە بولمايدۇ»
رەيچىل چىرايىنى پۈرۈشتۈردى «شۇم خەۋەر!»
ۋە مۇشۇنداق قىلىپ ئىككىسى بۇ مۇنازىرىنى توختاپ قالماي بەش مىنۇتتەك داۋاملاشتۇردى.
بالىلار بۇ ئىشنى ياختۇرۇپ قالدى؛ بۇرتون ئەپەندىمۇ ھەم شۇنداق.
توختىماي بىر نەرسىلەرنى خاتىرلىۋېلىۋاتقان بۇرتون ئەپەندى، پۈتۈن جاۋابلارنى، قول ھەرىكەتلىرىنى، چىراي ئىپادىلىرىنى، ئاۋازدىكى ئۇرغۇلارنى خاتىرلىۋالدى.
بالىلار كۆز قاراشلىرىنى ئىنتايىن ئاز سۆز بىلەن ئىپادىلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەتراپلىق پىكىرلەر چىقىۋاتاتتى. بۇ ئۇلارنى ھاياجانلاندۇراتتى، ئۈچ سۆز چەكلىمىسى بولسا خېلىلا قېينايتتى. يەنىلا بۇنچىلىك ئاز سۆز بىلەنمۇ خېلىلا كۆپ نەرسە چۈشەندۈردى. قىسقارتىلغان ھائىكۇغا ئوخشاپ قالغانتى.
(ھائىكۇ 17. ۋە 19. ئەسىردە ئومۇملاشقان، ياپونلارنىڭ لىرىك شېئىر تۈرلىرىدىن. تېمىسى ئادەتتە پەسىللەر، تەبىئەت ۋە ئىنسان بولغان بۇ قىسقا شېئىرلەر، ئۈچ مىسرا ۋە توپلام 17 بوغۇمدىن تەركىپ تاپقان)
يەنە بىر تەرەپتىن غار ئادەملىرىنىڭ، يا بولمىسا تارزاننىڭ گەپ قىلىشىغا ئوخشاپ كېتەتتى: «ئاچ ئەمدى تاماق!» بۇرتون ئەپەندىمۇ ئىنسان ئۆسۈپ يېتىلىشى ماقالىسىدە پايدىلىنىش ئۈچۈن بەزى بىر ئۈچ سۆزلۈك خۇلاسىلەر يېزىپ چىقتى.
ھەربىر سۆز ئىقتىدارلىق
كۈچلۈك سۆز تاللا
ھېمىڭۋاي بۇنى ياختۇراتتى
دىققىتىڭنى مەركەزلەشتۈرۈپ تاللا
پىكىرلەر بەزىدە كېڭىيىدۇ
مايىلس داۋېسنى ئەسلە
يازغانلىرىغا قاراپ چىقىپ «بەلكىم ماقالەمنى باشتىن ئاخىر ئۈچ سۆزلۈك جۈملىلەر بىلەن يازسام ياخشى بولار. بۇ چوقۇم بىرەر پروففېسورنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ!» دەپ ئويلىدى.
مۇزىكا دەرىسىگە كىرگەن بالىلار يەنە بىر كۈن بۇرۇنقىسىدەك جىمجىتلا ئورنىدا ئولتۇردى. ئەيكېرس خانىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇدىرغا ئىتائەت قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى شۇڭا بۇ بىمەنىلىكنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن ھەرخىل تەدبىر ۋە چارە قوللىنىشقا تەييار ئىدى.
ئەمما باشلىنىش مۇزىكىسىنى چېلىپ «دەريانىڭ ئۈستىدىن، ئورماننىڭ ئىچىدىن» دىگەن ناخشىغا باشلىغان ھامان ھەممىسى دەرھاللا ناخشىنى ئېيتىشنى باشلىدى.
ئەيكىرس خانىم ھەيران بولدى. ئىدارىنىڭ شانلىق زەپەر قۇچقانلىقىغا ئىشەندى ۋە مۇدىر خانىمغا بىر پارچە خەت يېزىپ سۇنماس رەھبەرلىكى ئۈچۈن تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرمەكچى بولدى.
ئەمما بالىلارنىڭ ناخشا ئېيتىشىغا مۇدىر خانىمنىڭ قاتتىق قوللۇقى ۋە نۇتۇقى سەۋەپچى بولمىغانتى.
تارون ئاددى بىر پارچە خەت يېزىپ مۇزىكا سىنىپىغا كىرىدىغان پۈتۈن ئوغۇللار ۋە قىزلارغا كۆرسەتكەنتى.
«ناخشا ئېيتىش گەپ قىلىش ھېساپلانمايدۇ. كېلىشتۇق؟»
پۈتۈن قىزلار ۋە ئوغۇللار باش لىڭشىتىپ تەستىقلاشقان ۋە مۇسابىقە قائىدىلىرىنى بىرئاز ئۆزگەرتسە ياخشى بولىدىغانلىقى جەھەتتە جىمجىتلا كېلىشىۋالغانتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچكىم شۈكران كۈنى پروگراممىسىنىڭ قالايمىقان بولۇپ كېتىشىنى خالىمايتتى؛ زادى ئۇ ۋاققىچە مۇسابىقە ئاللىقاچان ئاخىرلاشقان بولاتتى.
ئۇ كۈنى مۇزىكا دەرىسىدىكى قىزلار ۋە ئوغۇللار بەلكىم ھېس قىلمىغان بولغىيتتى. ئەمما مۇھىم بولغىنى ناخشا ئېيتىشنى قوبۇل قىلىشى ئەمەس ئىدى. مۇھىم بولغىنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا بىر مەسىلىدە كېلىشىۋالغانلىقى ئىدى. مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى مۇھىم ئەمەس. لەيكتون باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ بەشىنچى سىنىپ سەۋىيىسىدىكى ئوغۇللار ۋە قىزلار ھەقىقەتەن ئىش بىرلىكى قىلىۋاتقان ۋە ياردەملىشىۋاتقان ئىدى.
باشقا بەشىنچى سىنىپلاردىمۇ ئەھۋال مۇشۇنداق ئىدى. قىزلار بىلەن ئوغۇللار ئۆزىمۇ ھېس قىلماستىن كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈۋالغان ئىدى. مۇدىرنىڭ ۋە مۇئەللىملەرنىڭ بېسىمىغا ھەممىسى بىللە قارشى چىقىۋاتاتتى. ئەقلىنى ئىشلىتىپ، سۆزلىمەسلىكنىڭ زىيانسىز، ئاددى بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىرلەشكەن ئىدى.
بۇ دىگەن، قىزلار بىلەن ئوغۇللار بىراقلا قان قېرىنداش بولۇپ كەتتى، مازاق قىلىش ۋە ھاقارەتلەت تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىدى دىگەن گەپ ئەمەس. ھەرقانچە بولسىمۇ كۆنۈپ قالغان خۇي. بەزى ئادەتلەردىن ۋاز كېىش ئانچا ئوڭاي ئىش ئەمەس.
ئەمما يەنىلا پىتلار قىرىلغىلى تۇرغانتى.
ئاقىۋەت، بولغان ئىشلاردىن بىرى بۇ ئىدى.
ئەتتىگەنلىك دەرىسلەرنىڭ يەنە بىر ئاقىۋېتى بولسا، بالىلارنىڭ مۇئەللىملىرىنىڭ نەزىرىدە باشقىچە بىر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشى ئىدى. مۇئەللىملەر تەرتىپكە ۋە ئۆزىنى باشقۇرۇشقا ئىنتايىن ئەھەممىيەت بېرىدۇ. ئىنچىكىلەپ پىلان تۈزۈشكە ۋە ئۇلارنى ئورۇنداشقا شۇنداق ئامراق – مۇئەللىملەرنىڭ ئىشى بۇ. ئۇنىڭدىن باشقا غوۋغادىن، قالايمىقانچىلىقتىن ۋە كەپسىز بالىلاردىن ئۇلار ناھايىتى بىزار، چۈنكى بۇنداق ئىشلار تىرىشىپ تۈزۈپ چىققان پىلانلىرىنى بەربات قىلىدۇ.
ئەمما بەشىنچى سىنىپلارنىڭ كارىدورىدا يېشىرىۋاتقان بۇ ماسلىشىشچانلىق ۋە بىرلىكتە، ئىنتىزام، تەڭپۇڭلۇق ۋە تىنچلىقنى تەھدىت قىلىدىغان چوڭ بىر مەسىلە بار ئىدى: مۇدىر خانىمنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى يوق ئىدى. ئەڭ يېڭى ئىشلاردىن خەۋەردار بولمىغان ئىدى.
ئەمىلىيەتتە مۇدىر خانىم ئۇ كۈنى ئەتتىگىنى مەكتەپتىمۇ ئەمەس ئىدى. كەنتنىڭ يەنە بىرچېتىدىكى رايون باشقۇرۇش ئىدارىسىدە كىيىنكى يىلنىڭ خىراجەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا كاللا قاتۇرۇۋاتقان ئىدى. ئۇ كەپسىزلەرنى، كەسكىن قائىدىلىرىگە بويسۇندۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆزى ئىشىنىدىغان مۇئەللىملىرىگە ئامانەت قىلغان ئىدى.
ئەمما خىئات خانىم پۈتۈن يىغىنلىرىنى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىكى دەل بەشىنچى سىنىپلارنىڭ چۈشلۈك تاماق سائىتىگە ئۈلگۈرۈپ مەكتەپكە قايتقان بولاتتى. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ ئۆزىگە ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ياڭراتقۇچى بىلەن بىللە. ھەر ۋاقىتتىكىدەك ئامانلىقنى ۋە تەرتىپنى ساقلاش ئۈچۈن.
چۈنكى مۇدىر خانىمنىڭ مۇئەللىملەرگە بولغان ئۈمىدى زور ئىدى. چۈشلۈك تاماققىچە ھەممە نەرسىنىڭ… نورماللىشىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.