خارى پوتېر ۋە پەلسەپە تېشى (12)

ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ

تەرجىمە قىلغۇچىلار: ماھىنۇر، ھەبىبە، نەسلىخان ئۇيغۇر

12- باب: كەلىت ئەينىكى

روژدېستۋا بايرىمى يېقىنلىشىپ قالغانىدى. ئون ئىككىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا، بىر كۈنى سەھەردە خوگۋارتس خەلقى ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممە يەرنى بىرنەچچە مېتىر قېلىنلىقتا ئاپئاق قار قاپلىغانلىقىنى كۆردى. كۆل قاتتىق مۇز تۇتقان ئىدى. ۋېزلىي قوشكېزەكلىرى بولسا، بىر توپ قار پومزىكىنى كۇئىررېلنى قوغلاپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ سەللىسىگە ئۆزىنى ئاتىدىغان قىلىپ سېھىرلەپ قويغانلىقى ئۈچۈن جازالانغان ئىدى. خاگرىد، مۇشۇ بوران- چاپقۇنلۇق ھاۋادىمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ پوچتا يەتكۈزۈشكە كەلگەن مۈشۈكياپىلاقلارنى، ئۇلار قايتىشتىن بۇرۇن داۋالاپ قوياتتى.
ھەممەيلەن تەتىلنىڭ باشلىنىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتاتتى. گرىففىندور ئاممىۋىي زالى ۋە چوڭ زالدىكى تام مەشتە گۈركىرەپ ئوت كۆيۈپ تۇرسىمۇ، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان كارىدورلاردا تاملار مۇز تۇتۇپ كەتكەن، بەزى سىنىپلاردا بولسا، نەشتەردەك سوغۇق شامال دېرىزىلەرنى جالاقشىتىۋېتەتتى. ھەممىدىن بەتتەر بولغىنى- زىندانلارغا جايلاشقان پروفېسور سنەيپنىڭ سىنىپى ئىدى. ئۇ يەردە نەپەس ئالسا بۇرۇندىن چىققان ئىسسىق ھاۋا ئاپئاق ھورغا ئايلىناتتى. بالىلار ئىمكانقەدەر پورۇقلاپ قايناۋاتقان قازانلىرىغا يېقىن تۇرۇشقا تىرىشاتتى.
«نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق» دېدى دراكو مالفوي، بىر كۈنى سېھىرلىك سۇيۇقلۇقلار دەرسىدىن چىقىۋېتىپ، «تەتىلدە ئۆيىدىكىلەر ئۇلارنى قارشى ئالمايدىغانلىقى ئۈچۈن خوگۋارتستا تۇرۇپ قالىدىغان ئاشۇ بىچارە ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقەتەن ئىچىم ئاغرىيدۇ…»
ئۇ سۆزلەۋاتقاندا كۆزلىرى خارىغا قادىلىپ قارايتتى. كرەب بىلەن گويل كۈلدى. ئۇ پەيتتە يولۋاس بېلىقى قىلتىرىقى تالقىنىنى تارازىغا سېلىۋاتقان خارى بولسا ئۇلارغا پىسەنت قىلمىدى. مالفوي كۇئىددىچ مۇسابىقىسىدىن بۇيان تېخىمۇ ئوساللىشىپ كەتكەن ئىدى. سلىيتېرىننىڭ يېڭىلىپ قېلىشى ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئەلەم قىلغان ئىدىكى، ئۇ ھەممە ئادەمگە يەنە بىر قېتىمقى مۇسابىقىدە خارىنىڭ ئورنىغا ئىزدەنگۈچىلىككە يوغان ئېغىزلىق بىر چارپاقىنى ئويناتسىمۇ ئەپلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كۆپچىلىكنى كۈلدۈرمەكچى بولدى. بىراق ئۇ، بۇنىڭ ھېچكىمگە قىزىقارلىق تۇيۇلمىغانلىقىنى بايقاپ قالدى. چۈنكى ھەممەيلەن خارىنىڭ، ئاشۇ توختىماي سەكرەۋاتقان سۈپۈرگىدىن چۈشۈپ كەتمەي ئولتۇرالىغانلىقىغا قول قويۇشقان ئىدى. شۇڭا ھەسەتتىن ئىچى ئۆرتەنگەن ھەم ئاچچىقىدىن ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولغان مالفوي، خارىنىڭ ئۇنى باغرىغا باسىدىغان بىر ئائىلىسى يوقلۇقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇنى مازاق قىلىپ ئېتىبارىنى چۈشۈرمەكچى بولاتتى.
خارىنىڭ روژدېستۋا بايرىمىدا پرېۋىت درېۋغا قايتمايدىغانلىقى راست ئىدى. پروفېسور مېك گوناگال بىر ھەپتە بۇرۇن، تەتىلدە بۇ يەردە تۇرماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاش ئۈچۈن كىرگەن ۋاقىتتا خارى ئويلانمايلا ئىسمىنى يازدۇرغانلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى ئازراقمۇ غەش بولمىغان ئىدى؛ بۇ ئېنىقلا ئۇ ئۆمرىدە ئۆتكۈزگەن ئەڭ كۆڭۈللۈك روژدېستۋا بايرىمى بولۇپ قالاتتى. رون ۋە ئاكىلىرىمۇ بايرامنى مەكتەپتە ئۆتكۈزمەكچى بولۇشقان ئىدى، چۈنكى ۋېزلىي ئەپەندىم ۋە ۋېزلىي خانىم چارلىنى يوقلاپ رىمغا بارماقچى ئىدى.
ئۇلار سېھىرلىك سۇيۇقلۇقلار دەرسىدىن كېيىن زىندانلاردىن چىققاندا، كارىدورنى بىر ئالغان چوڭ بىر قارىغاينىڭ يولنى توسۇۋالغانلىقىنى كۆردى. دەرەخنىڭ ئاستىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئىككى گىگانت پۇت ۋە ئېغىر پۇشۇلدىغان ئاۋازدىن دەرەخنىڭ كەينىدىكىسى خاگرىد ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.
«ھوي، خاگرىد، ياردەم لازىممۇ؟» دەپ سورىدى رون شاخ شۇمبىلارنىڭ ئارىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ.
«ياقەي، ئوبدانلا ئەپلىشىپ قالدۇق، رەھمەت رون.»
ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن دراكونىڭ «يولنى بوشىتىپ بەرسەڭ قانداقراق؟» دېگەن سوغۇق، يېقىمسىز ئاۋازى ئاڭلاندى. «خىراجەتلىرىڭ ئۈچۈن ئازراق پۇل تېپىپ قوياي دەپسەن-دە، ۋېزلىي؟ خوگۋارتستىن ئايرىلغاندىن كېيىن قاراۋۇل بولماقچى ئوخشايسەن ھە، سېنىڭ ئائىلەڭ تۇرىدىغان ئۆيگە سېلىشتۇرغاندا، خاگرىدنىڭ كەپىسى ساڭا سارايدەك تۇيۇلىدىغاندۇ- ھە؟»
رون دراكوغا قاراپ غەزەپ بىلەن ئېتىلىۋېدى، پەلەمپەيلەردىن سنەيپ چىقىپ قالدى.
«ۋېزلىي!»
رون مالفوينىڭ ياقىسىنى قويۇپ بەردى.
«ئۇ، ئۇنى كۈشكۈرتتى پروفېسسور سنەيپ» دېدى خاگرىد. دەرەخنىڭ ئارقىسىدىن ئۇنىڭ چوڭ، ساقاللىق يۈزى كۆرۈندى: «مالفوي ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ھاقارەت قىلدى.»
«بەلكىم شۇنداقتۇ خاگرىد، ئەمما سوقۇشۇش خوگۋارتس قائىدىلىرىگە خىلاپ» دېدى سنەيپ ئىنتايىن سىلىق- سىپايە بىر ئاھاڭدا. «گرىففىندوردىن بەش نومۇر… ۋېزلىي، تېخىمۇ كۆپ تارتىۋالمىغىنىمغا خۇش بولساڭ بولىدۇ. يولنى بوشىتىڭلار، ھەممىڭلار…»
مالفوي، كرەب ۋە گويل، دەرەخنى قوپاللىق بىلەن ئىتتىرىپ، ئەتراپقا يىڭنە يوپۇرماقلىرىنى چېچىپ ئۆتۈپ، مېيىقىدا كۈلگەن پېتى كېتىپ قالدى.
«ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بېرىمەن!» دەپ چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى رون مالفوينىڭ كەينىدىن قاراپ: «پات يېقىندا ئۇنى بىر تۇتۇۋېلىپ، تازا بىر ئەدىۋىنى بەرمىسەم…»
«ئىككىلىسىگە ئۆچ بولدۇم» دېدى خارى، «مالفويغىمۇ، سنەيپكىمۇ»
«ۋاي ۋۇي! بولدى قىساڭلاچۇ،قېنى، روھلۇق بولۇڭلا، روژدېستۋاغىمۇ ئاز قالدى مانا!» دېدى خاگرىد «قالاڭلا، سىلەگە بى نېمە دەيمەن، مەن بىلەن كېلىپ چوڭ زالغا بى قالاپ بېقىڭلا، ئاجايىپ ئېسىل بولۇپ كەتتى دېمەمسىلە!»
شۇنىڭ بىلەن خارى، رون ۋە ھېرماينى خاگرىد ۋە دەرىخىگە ئەگىشىپ چوڭ زالغا كىردى. ئۇ يەردە پروفېسور مېك گوناگال ۋە پروفېسور فلىتۋىك، زالنى بايرام ئۈچۈن ئالدىراش بېزەۋاتاتتى.
«ھە… خاگرىد، ئاخىرقى دەرەخنى، ئاۋۇ بۇلۇڭغا قويۇپ قويساڭ قانداق؟»
چوڭ زال ئاجايىپ كۆركەم بولۇپ كەتكەن بولۇپ، ئىللېكىس ۋە دۇب دەرىخىنىڭ يۇمران شاخلىرىدىن ياسالغان چەمبىرەكلەر ھەممىلا يەردىن ساڭگىلاپ تۇراتتى. زالغا ئاز دېگەندىمۇ يىگىرمە تال مۇناردەك ئېگىز، ھەيۋەتلىك روژدېستۋا دەرىخى قويۇلغان ئىدى. بەزىلىرىدە كىچىك مۇز خىرۇستاللىرى چاقناپ تۇرسا، يەنە بەزىلىرىدە يۈزلىگەن شام پىلىلداپ يېنىپ تۇراتتى.
«ھە، تەتىلىڭلاغا قانچە كۈن قالدى؟» دەپ سورىدى خاگرىد.
«پەقەتلا بىر كۈن» دېدى ھېرماينى. «ھە راست، خارى، رون، چۈشلۈك تاماقتىن بۇرۇن بىر يېرىم سائەت ۋاقتىمىز بار، كۈتۈپخانىغا بېرىشىمىز كېرەك ئىدى.»
«شۇ ئەمەسمۇ، راست دەيسەن» دېدى رون كۆزلىرىنى تايىقىدىن ئالتۇن رەڭلىك شارچىلار چىقىرىپ يېڭى ئېلىپ كەلگەن دەرەخنىڭ شاخلىرىغا ئېسىۋاتقان فلىتۋىكتىن تەسلىكتە ئۈزۈپ.
«كۈتۈپخانا؟» دېدى خاگرىد، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن زالدىن چىقىۋېتىپ: «تەتىلدىن بۇرۇنلا؟ ئەجەپ تىرىشچان بوپ كېتىپسىلەغۇ؟»
«ياقەي، دەرس تەكرارلاشقا ئەمەس» دېدى خارى گەپنىڭ ئوچۇقىنى قىلىپ. «سەن نىكولاس فلامەلنىڭ گېپىنى قىلغاننىڭ ياقى، ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشكە قىزىقىۋاتىمىز شۇ.»
«نېمە؟!» دېدى چۆچۈپ كەتكەن خاگرىد. «ماڭا قاراڭلا، سىلەگە دېدىمغۇ – بولدى قىلىڭلا دەپ. ئۇ ئىتنىڭ نېمىنى قوغداپ ياتقانلىقى سىلە بىلەن پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز!»
«بىزنىڭ پەقەتلا نىكولاس فلامەلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلگىمىز بار، باشقا ئىشقۇ يوق» دېدى ھېرماينى.
«سېنىڭ، بىزنى جاپا تارتمىسۇن دەپ ئېيتىپ بەرگۈڭ بولسا، ئۇنىڭغىمۇ مەيلى» دېدى خارى. «ھېلىيتىنلا، ئاز دېگەندە يۈزدەك كىتاپنى ئاختۇرۇپ چىقتۇق. ئەمما ھېچقانداق يەردىن تاپالمىدۇق. بىرەر يىپ ئۇچى بەرسەڭچۇ… جەزم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ ئىسمىنى بۇرۇن بىر يەردە ئاڭلىغاندەك قىلىمەن!»
«ھېچنىمە دەپ بەمەيمەن!» دەپ كېسىپ تاشلىدى خاگرىد.
«ئۇنداقتا، ئۆزىمىز بىر ئامال قىلارمىز» دېدى رون. ئارقىدىنلا ئۇلار چىرايى تۇتۇلغان خاگرىدنى شۇ يەردە تاشلاپ قويۇپ، يۈگۈرگىنىچە كۈتۈپخانىغا كېتىپ قالدى.
ئۇلار، راستتىنلا خاگرىدنىڭ ئاغزىدىن فلامەلنىڭ ئىسمى چىقىپ كەتكەندىن بۇيان كىتاپ ئاختۇرۇپ، ئۇ توغرىلىق مەلۇمات ئىزدەۋاتاتتى. بۇنداق قىلمىسا سنەيپ ئوغرىلىماقچى بولغان نەرسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق تاپىدۇ؟ شۇ تاپتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە، قەيەردىن باشلاش كېرەكلىكى ئېنىق ئەمەس ئىدى. ئۇلار، فلامەلنىڭ بىرەر كىتاپقا يېزىلىشقا تېگىشلىك نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ، «يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ سېھىرگەرلىرى» دېگەن كىتاپتا يوق ئىدى، «زامانىمىزنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق شەخىسلىرى» دىمۇ ھەم شۇنداق؛ «ئەڭ مۇھىم زامانىۋىي سېھىر كەشپىياتلىرى» دېگەن كىتاپتىمۇ يوق ئىدى؛ «سېھىر جامىئەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى يېڭىلىقلار» دىمۇ ھەم شۇنداق. يەنە كېلىپ، كۈتۈپخانا ئىنتايىن چوڭ ئىدى_ ئونلىغان، ياق، ئون مىڭلىغان كىتاپ، مىڭلىغان ئىشكاپ، يۈزلىگەن تار بۆلۈمچە…

ھېرماينى، قاراپ بېقىشقا تېگىشلىك تېما ۋە ماۋزۇلارنىڭ تىزىملىكىنى چىقىرىۋاتقاندا، رون بىر بۆلۈمچىدە چوڭ چوڭ قەدەم تاشلاپ مېڭىپ، ئۇدۇل كەلگەن كىتاپنى تارتىپ ئالاتتى. خارى بولسا كىرىش مەنئى قىلىنغان بۆلۈمچە تەرەپتە ئايلىنىپ يۈرەتتى. ئۇ ئۇزۇندىن بېرى فلامەلنىڭ مۇشۇ بۆلۈمچىدە بار- يوقلۇقىغا قىزىقىپ قالغانىدى. ئەپسۇسكى، مەنئىي قىلىنغان كىتاپلارنى كۆرۈپ چىقىش ئۈچۈن بىر مۇئەللىم قول قويۇپ بەرگەن ئالاھىدە مۇراجىئەتنامە لازىم ئىدى ۋە خارى شۇنى ئوبدان بىلەتتى_ بۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئېرىشەلمەيدىغان بىر نەرسە ئىدى. بۇ يەردە خوگۋارتستا ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىش توغرا دەپ قارالمايدىغان، كۈچلۈك قارا سېھىر ھەققىدىكى كىتاپلار بار ئىدى ۋە پەقەتلا ئالىي دەرىجىدىكى زۇلمەتلىك كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇش دەرسى ئالىدىغان، چوڭ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارلا بۇ كىتاپلارنى ئوقۇسا بولاتتى.
«ھوي بالا، سەن نېمە قىلىۋاتىسەن؟»
«ھېچنېمە» دېدى خارى.
كۈتۈپخانا خادىمى پىنس خانىم ئۇنىڭغا قولىدىكى پەيدىن ياسالغان سۈرتكۈچنى دىۋەيلىدى.
«ئۇنداق بولسا، بۇ يەردىن كەتكىنىڭ تۈزۈك. تېز بول… ماڭ!»
خارى دەرھال بىرەر ھېكايە توقۇپ چىقىرالماي قالغىنىغا پۇشايمان قىلغىنىچە كۈتۈپخانىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ، رون ۋە ھېرماينى ئاللىقاچان پىنس خانىمدىن فلامەلنىڭ ئىسمىنى قەيەردىن ئىزدىسە بولىدىغانلىقىنى سورىماسلىققا دىيىشىپ بولغان. ئۇلار، ئۇنىڭ چوقۇم دەپ بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنسىمۇ، سنەيپنىڭ ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى بىلىۋېلىش ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقارماقچى ئىدى.
خارى، ھېرماينى ۋە رون بىرەر نەرسە تاپالىدىمۇ- يوق، ئۇنى بىلىپ بېقىش ئىستىكى بىلەن ئۇلارنى كارىدوردا ساقلاپ تۇردى، ئەمما ئانچە ئۈمىدۋار ئەمەس ئىدى. گەرچە ئۇلار ئىككى ھەپتىدىن بېرى ئىزدەۋاتقان بولسىمۇ، كۈتۈپخانىغا پەقەتلا دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا كەلگەنلىكى ئۈچۈن بىرەر نەرسە تاپالماسلىقى ئانچە ھەيران قالارلىق ئەمەس ئىدى. ئەسلىدە ئۇلارغا كېرەك بولغىنى سۈرۈشتە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، مادام پىنس ئارقىسىدا ئۇلارغا تىكىلىپ قاراپ تۇرمايدىغان، ئارامخۇدا ئىشىنى قىلغىلى بولىدىغان ئۇزۇن ۋاقىت ئىدى.
بەش مىنۇتتىن كېيىن رون ۋە ھېرماينى باشلىرىنى چايقاپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. ئۇلار چۈشلۈك تاماق يېگىلى ماڭدى.
«مەن يوق ۋاقىتتىمۇ ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرىسىلەر شۇنداقمۇ؟» دېدى ھېرماينى. «يەنە، ئەگەر بىرەر نەرسە تاپساڭلار ماڭا مۈشۈكياپىلاق ئەۋەتىپ خەۋەر قىلىڭلار»
«يەنە تېخى، سەنمۇ ئاتا- ئاناڭدىن فلامەلنىڭ كىملىكىنى بىلەمدۇ- يوق، سوراپ باقساڭ بولىدۇ» دېدى رون. «ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىش ھاجەتسىز.»
«ھەقىقەتەن شۇنداق، ئىككىلىسى چىش دوختۇرى بولغاندىن كېيىن» دېدى ھېرماينى.
*******
تەتىل باشلانغاندىن كېيىن رون بىلەن خارىنىڭ فلامەلنى ئويلاپ قويىدىغانغا ۋاقتىمۇ چىقمىدى، چۈنكى ئۇلار كۈنلىرىنى شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. ياتاقخانا پۈتۈنلەي ئۇلارغا قالغان، ئاممىۋىي زال ئادەتتىكىگە قارىغاندا خېلىلا بوش ئىدى. شۇڭا ئۇلار تام مەشكە يېقىن ئەڭ راھەت سافالاردا ئارامخۇدا ئولتۇرالايتتى. ئۇلار، سائەت- سائەتلەپ قولىغا نېمە چىقسا _ بولكا، نان، يۇمشاق كەمپۈت … زىخقا ئۆتكۈزۈپ ئوتقا قاقلاپ يەپ ئولتۇراتتى ۋە مالفوينىڭ مەكتەپتىن ھەيدىلىش يوللىرىغا مۇناسىۋەتلىك خىلمۇخىل ھېكايىلەرنى توقۇيتتى، گەرچە ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كارغا كەلمەيدىغان ئوي- پىكىرلەر بولسىمۇ، بۇ ھەقتە پاراڭلىشىشمۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خېلىلا ئاۋۇتاتتى.
يەنە تېخى رون خارىغا سېھىرلىك شاھماتنى ئۆگىتىشكە باشلىغانىدى. ئويۇننىڭ قائىدىلىرى، ماگېلچە شاھماتقا ئوخشاش ئىدى. بىردىنبىر پەرقى، بۇ ئۇرۇقلارنىڭ جېنى بار ئىدى. شۇڭا ئادەمگە، ھەقىقى بىر جەڭدە ھەقىقى بىر قوشۇنغا باشلامچىلىق قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. روننىڭ ئۇرۇقلىرى ئىنتايىن كونىراپ، ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ئىدى. ھەممە نەرسىسىگە ئوخشاش، بۇمۇ ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرسىگە_ چوڭ دادىسىغا مەنسۇپ ئىدى. ئەمما، بۇ قېرى شاھمات ئۇرۇقچا ئادەملىرى نى كارغا كەلمەيدۇ، دېسە قاملاشمايتتى. رون ئۇلارنى شۇنداق ياخشى چۈشىنەتتىكى، ئۇلارغا گېپىنى ئۆتكۈزۈشى ئانچە تەسكە توختىمايتتى.
خارى بولسا سېمۇس فىننگاندىن ئارىيەت ئېلىپ تۇرغان ئۇرۇقچىلارنى ئوينايتتى ۋە ئۇلار خارىغا ئازراقمۇ ئىشەنمەيتتى. ئۇ زادى ئانچە ياخشى ئوينىيالمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار توختىماستىن ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىمىز، دەپ توۋلاپ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇۋېتەتتى: «مېنى ئۇ يەرگە ئەۋەتمە، ئۇنىڭ ئېتىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاۋۇنى ئەۋەت، ئۇنى قۇربان بەرسەكمۇ چوڭ مەسىلە چىقمايدۇ!»
روژدېستۋادىن بىر كۈن بۇرۇن خارى ئەتىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن ھالدا ئۇخلىغىلى ماڭدى، خىلمۇ- خىل نازۇ- نېمەتلەر ۋە ئويۇنلار ئۇنى تەقەززا قىلاتتى، ئەمما بىركىمدىن سوۋغات كېلىش ئېھتىماللىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمايتتى. شۇنداقتىمۇ ئەتىسى سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۇ كۆرگەن تۇنجى نەرسە كارۋىتىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە دۆۋىلىنىپ تۇرغان سوۋغاتلار بولدى.
«روژدېستۋا بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن» دېدى تېخى ئۇيقۇسى تولۇق ئېچىلمىغان رون، خارى ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ يەكتىكىنى كىيىۋاتقان چاغدا.
«بىرگە بولسۇن!» دېدى خارى «قارىمامسەن؟ ماڭىمۇ سوۋغات كەپتۇ دېسە!»
«نېمە كەلسە بولاتتى، تۇرۇپما؟» دېدى رون ئۆزىنىڭ ئايىغىدىكى دۆۋىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭكىسى خارىنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا چوڭ ئىدى.
خارى ئەڭ ئۈستىدىكى قاپنى ئالدى. بۇ قېلىن، قوڭۇر رەڭ قەغەز بىلەن قاپلانغان ۋە ئۈستىگە «خارىغا، خاگرىدتىن» دەپ يېزىلغان ئىدى. ئىچىدە قولدا ئويۇپ ياسالغان بىر ياغاچ نەي بار ئىدى. خاگرىدنىڭ بۇنى ئۆز قولى بىلەن ياسىغانلىقى ئېنىقلا ئىدى. خارى پۈۋلەپ بېقىۋېدى، مۈشۈكياپىلاقنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل ئاۋاز ئاڭلاندى.
ئىككىنچىسى ئىنتايىن كىچىك بىر پوسۇلكىدا بىر پارچە خەت بار ئىدى.

«خېتىڭنى تاپشۇرۇۋالدۇق ۋە روژدېستۋالىق سوۋغىتىڭنى قوشۇپ ئەۋەتىپ قويدۇق. ۋېرنون تاغاڭ ۋە پەتۇنيا ھامماڭدىن.» خەت چاپلانغان خالتىدىكىسى بىر تال ئون بەش سىنتلىق تەڭگە ئىدى.

«نېمە دىگەن دوستانە» دېدى خارى.
رون ئون بەش سىنتلىق تەڭگىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراۋاتاتتى.
«نېمە دىگەن غەلىتە!» دېدى ئۇ. «شەكلىنى قارا! بۇ پۇلما؟»
«خالىساڭ سېنىڭ بولسۇن» دېدى خارى. ئۇ روننىڭ ئاجايىپ خۇشال بولۇپ كەتكىنىگە قاراپ كۈلۈپ كەتتى. «خاگرىد، ھاممام ۋە تاغام… ئۇنداقتا باشقىلىرىنى كىم ئەۋەتكەندۇ؟»
«ئاۋۇنى كىمنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى بىلگەندەك قىلىمەن» دېدى رون سەل قىزارغان ھالدا چوڭ بىر بوپىنى كۆرسىتىپ: «ئاپام، ئۇنىڭغا بىرەركىمدىن سوۋغات ئېلىشنى كۈتمەيۋاتقانلىقىڭنى ئېيتقانتىم، شۇڭا… ۋاي خۇدايىم» دەپ ۋايسىدى ئۇ، «ساڭىمۇ ۋېزلىي پوپايكىسى توقۇپ بېرىپتۇغۇ!»
خارى بوپىنى ئېچىۋېدى، ئىچىدىن قېلىن، قولدا توقۇلغان زۇمرەتتەك يېشىل بىر پوپايكا بىلەن چوڭ بىر قۇتا يۇمشاق سۈتلۈك كەمپۈت چىقتى.
«ئۇ ھەر يىلى ھەممىمىزگە بىردىن پوپايكا توقۇپ بېرىدۇ» دېدى رون ئۆزىنىڭ بوپىسىنى ئېچىۋېتىپ، «مېنىڭكىسى داۋاملىق قېنىق قىزىل رەڭلىك.»
«ھىم… بۇ بەك پەيزىكەن!» دېدى سۈتلۈك كەمپۈتتىن تېتىپ بېقىۋاتقان خارى، بۇ كەمپۈت شۇنداق يىيىشلىك ئىدى.
ئۇنىڭ كېيىنكى سوۋغىتىمۇ تاتلىق- تۈرۈمدىن ئىبارەت ئىدى _ ھېرماينىدىن چوڭ بىر قۇتا شاكىلات پاقا.
ئەمدى پەقەت بىرلا سوۋغات قالغان ئىدى. خارى ئۇنى قولىغا ئېلىپ باقتى. بۇ يىنىكلا بىر نەرسە ئىدى. ئۇ قاپنى ئاچتى.
كۈمۈش رەڭ بىر نەرسە بەئەينى سۇدەك ئېقىپ چۈشتى ۋە يەردە يىغىلىپ يېتىپ قالدى. قاتلىنىپ قالغان يەرلىرى غۇۋا نۇر چېچىپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى. رون ھاڭ- تاڭ بولۇپ تۇرۇپلا قالدى.
«بۇ نەرسە ھەققىدە ئاڭلىغانىدىم» دېدى ئۇ پىچىرلىغاندەك ئاۋازدا، ھېرماينى ئەۋەتكەن ھەر خىل تەملىك پۇرچاق قۇتىسى قولىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. «ئەگەر بۇ راستىنلا مەن ئويلىغان نەرسە بولۇپ قالسا – ئۇلار ئىنتايىن نادىر ئۇچرايدىغان، ئىنتايىن، ئىنتايىن قىممەتلىك…»
«نېمىنى دەيسەن؟»
خارى پىلىلداپ تۇرغان، كۈمۈش رەڭ رەختنى يەردىن ئالدى. بۇ رەختنى سىلىغاندا، خۇددى سۇدىن توقۇلغاندەك غەلىتىلا سېزىم پەيدا قىلاتتى.
«بۇ بىر غايىپ پەرىجە» دېدى چىرايىدىن قاتتىق ھەيران قالغانلىقى چىقىپ تۇرغان رون، «چوقۇم شۇنداق، كىيىپ باقە!»
خارى پەرىجىنى مۈرىسىگە شۇنداقلا ئارتىۋىدى، رون ۋارقىراپ كەتتى.
«شۇنداقكەن! پۇتۇڭغا قاراپ باقە!»
خارى بېشىنى ئېگىپ پۇتىغا قاراپ باقتى، ئەمما ئۇلار ئورنىدا يوق تۇراتتى. ئۇ ئالدىراپ بېرىپ ئەينەككە قاراپ باقتى. دەرۋەقە، ئۇنىڭ ئەكسى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان بولسىمۇ، بۇ پەقەت قارىماققا ھاۋادا ئېسىلىپ تۇرغاندەك قىلىدىغان كاللىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، بەدىنىنىڭ باشقا يەرلىرى پۈتۈنلەي غايىپ بولغانىدى. ئۇ پەرىجىنى بېشىغا تارتتى، مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئەكسى پۈتۈنلەي غايىپ بولغان ئىدى.
«بۇ يەردە بىر پارچە خەت باركەن، قارا!» دېدى رون تۇيۇقسىز. «بايا ئىچىدىن بىر پارچە خەت چۈشتى!»
خارى پەرىجىنى سېلىۋېتىپ خەتنى قولىغا ئالدى. نەپىس، يايسىمان، ئۇ بۇنىڭدىن ئاۋال كۆرۈپ باقمىغان بىر قول يازما بىلەن تۆۋەندىكىلەر يېزىلغان ئىدى:

«داداڭ ھايات ۋاقتىدا بۇنى ماڭا ئامانەت قويغان ئىدى.
ئەمدى بۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بېرىدىغان ۋاقىت كەلدى،
ئۇنى جايىدا ئىشلەت،
روژدېستۋا بايرىمىڭنىڭ ئالاھىدە شاد- خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن…»

ئىمزا قويۇلمىغان ئىدى. خارى خەتكە قاراپ تۇرۇپ قالدى. رون بولسا پەرىجىگە ھەۋەس بىلەن قاراۋاتاتتى:
«بۇنداق بىر نەرسە ئۈچۈن ھەرقانداق بىر قۇربانلىق بېرىشكە رازى ئىدىم» دېدى ئۇ، «ھەرقانداق بىر نەرسىدىن… ساڭا نېمە بولدى؟»
«ھېچنېمە» دېدى خارى. ئۇ بىر قىسمىلا بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ پەرىجىنى كىم ئەۋەتكەندۇ؟ بۇ راستتىنلا، بىر ۋاقىتلاردا دادىسىنىڭ بولغىيمىدى؟
ئۇ بىر نەرسە دېيىشكە ياكى ئويلاشقا ئۈلگۈرمەستىن، ياتاقخانا ئىشىكى جالاقلاپ ئېچىلدى ۋە فرەد بىلەن جورج ۋېزلىي ئېتىلىپ كىردى. خارى پەرىجىنى دەرھال تىقىپ قويدى. ئۇنىڭ بۇنى تېخى ھەرقانداق بىركىمگە كۆرسىتىشكە ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىقى يوق ئىدى.
«روژدېستۋا مۇبارەك!»
«ھوي، قارا! خارىغىمۇ ۋېزلىي پوپايكىسى كەپتۇ!»
فرەد بىلەن جورج بىرىنىڭ ئۈستىگە يوغان سېرىق «ف»، يەنە بىرىدە ئوخشاشلا چوڭ ھەم سېرىق «ج» ھەرپلىرى كەشتىلەنگەن كۆك پوپايكا كىيىۋالغان ئىدى.
«ئەمىلىيەتتە، خارىنىڭكى بىزنىڭكىدىن چىرايلىقراقكەن» دېدى فرەد، خارىنىڭ پوپايكىسىنى قولىغا ئېلىپ «شۈبھىسىزكى، ئائىلىدىن سىرتتىكىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ توقۇيدىكەن.»
«نېمىشقا ئۆزۈڭنىڭكىنى كىيمىدىڭ رون؟» دەپ سورىدى جورج. «كىيسەڭچۇ، ئۇلار شۇنداق راھەت ھەم ئىسسىق تۇتىدۇ.»
«مەن بۇ رەڭگە ئۆچ» دەپ غىڭشىدى رون، خالىمىغاندەك قىلىپ بوينىنى پۈكۈپ.
«سېنىڭكىدە كەشتىلەنگەن ھەرپ يوقكەن» دېدى جورج. «مېنىڭچە، ئۇ سېنى ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالارمىكىن دەپ ئەندىشە قىلمايدىغان ئوخشايدۇ. ئەمما بىزمۇ دۆت ئەمەستە، ئىككىلىمىز ئىسىملىرىمىزنىڭ فرەد ۋە جورج ئىكەنلىكىنى بىلىمىزغۇ.»
«نېمە ۋاراڭ- چۇرۇڭ بۇ؟» پېرسىي ۋېزلىي ئىشىكتىن بېشىنى تىقىپ قارىدى. ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ بۇ قىلىقىنى ئەيىبلەۋاتقانلىقى ئاپئاشكارا ئىدى. ئۇ ئېنىقلا سوۋغاتلىرىنى ئېچىۋاتقان يېرىدىن يۈگۈرۈپ كەلگەندەك قىلاتتى، قولىدا فرەد تارتىپ ئېلىۋېلىشتىن بۇرۇن يېرىم ئېچىلغان بىر سوۋغات قېپى تۇراتتى.
«ھىم… «پ» پارلاق سىنىپ باشلىقى دېگەن گەپ ھەقىچان، بولە پېرسىي، كىيە قېنى، ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭكىنى كىيدۇق، ھەتتا خارىدىمۇ بىرسى باركەن!»
«مېنىڭ… كىيگۈم… يوق…» دەۋاتاتتى پېرسىي بوغۇق ئاۋازدا، چۈنكى قوشكېزەكلەر ئۇنىڭ بېشىنى زورلاپ پوپايكىنىڭ ياقىسىغا تىقماقچى بولۇشۇۋاتاتتى، شۇڭا ئۇنىڭ كۆزئەينىكىمۇ مايماق بولۇپ قالغان ئىدى.
«ھە، يەنە بىر گەپ، بۈگۈن سىنىپ باشلىقلىرى بىلەن ئولتۇرۇشۇڭغا رۇخسەت يوق!» دېدى جورج. «روژدېستۋا دىگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرگە بولىدىغان كۈن!»
ئۇلار پېرسىينىڭ قوللىرىنى كەينىگە قايرىپ، پۇت- قولىنى يەرگە تەگكۈزمەي، مايكىسىنىڭ يېڭىگە قولىنى سېپىۋېلىشىغىمۇ تاقەت قىلماستىن، ياتاقخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
*******
خارى، ئۆمرىدە بۇنداق بىر روژدېستۋا زىياپىتىگە قاتنىشىپ باقمىغانىدى. يۈز تال يوغان كۈركە توخۇ كاۋىپى، قاقلاپ پىشۇرۇلغان ياكى سۇدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگە دۆۋىلىرى، تەخسە تەخسىدە كولباسا، نەچچە كورا سېرىقماي قوشۇپ پىشۇرۇلغان كۆك پۇرچاق، شورپا ياكى كورنۇس مېۋىسى قىيامى توشقۇزۇلغان چىنىلەر ۋە ئۈستەلنىڭ ھەر تەرىپىگە تىزىلغان سېھىرگەر ساليوتلىرى… بۇ ئاجايىپ- غارايىپ ساليوتلار_ دۆرسلېيلەر ئادەتتە سېتىۋالىدىغان، ئىچىدن نېپىز قەغەز شىلەپە كىيىۋالغان كىچىك سۇلياۋ ئويۇنچۇقلار چىقىدىغان، ئاجىز ساليوتلارغا قەتئىي ئوخشىمايتتى. خارى بىلەن فرەد بىر ساليوتنى تۇتاشتۇرۇۋىدى، زەمبىرەكتەك گۈمبۈرلەپ ئېتىلدى ۋە ئۇلارنى كۆپكۆك قويۇق تۇمان قورشىۋالدى. شۇئان ساليوتنىڭ ئىچىدىن بىر تال ھەقىقى گېنرال شەپكىسى ۋە بىرنەچچە تال تىرىك، ئاق چاشقان ئېتىلىپ چىقتى. چوڭ ئۈستەلدە بولسا ئۇچلۇق سېھىرگەر شەپكىسىنىڭ ئورنىغا گۈل كەشتىلەنگەن يۇمىلاق بۆك كىيىۋالغان دامبېلدور خۇشال-خۇرام ھالدا پروفېسور فلىتۋىك ئېيتىپ بەرگەن بىر يۇمۇرغا پىخىلداپ كۈلۈپ ئولتۇراتتى.
كۈركە توخۇ كاۋىپىنىڭ ئارقىدىنلا، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت يالقۇنلىرى بىلەن قاپلانغان روژدېستۋا تورتى پەيدا بولدى. پېرسىي يەۋاتقان تىلىمدىن چىققان كۈمۈش سېكىل ئۇنىڭ چىشىنى سۇندۇرۇۋەتكىلى تاسلا قالدى. خارى، خاگرىدنىڭ چىرايىنىڭ شاراپ ئىچكەنسىرى قىزىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ھەتتا ئۇ ئاخىرىدا پروفېسور مېك گوناگالنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويغاندا، (خارىنى ھەيران قالدۇرۇپ) ئۇ سەل قىزىرىپ كۈلۈپ قويدى ۋە ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ئۇنىڭ شەپكىسى سەل قېيپاش بولۇپ قالغان ئىدى.
خارى، ئاخىرى ئورنىدىن تۇرۇپ داستىخاندىن ئايرىلغان چاغدا، ئۇنىڭ قۇچىغى ساليوتلاردىن چىققان بۇيۇملار بىلەن لىق تولغان_ بىر قاپ نۇر چېچىپ تۇرىدىغان، ئېتىلىپ كەتمەيدىغان شار، بىر يۈرۈش ئۆز قولى بىلەن چىيقان ئۆستۈرۈش ئەسۋابى ۋە ئۆزىنىڭ يېپيېڭى بىر يۈرۈش سېھىرلىك شاھمىتى. ئاق چاشقان بولسا كۆزدىن غايىپ بولغان ئىدى ۋە خارىنىڭ ئىچىدە پەيدا بولغان غەلىتە تۇيغۇسىغا قارىغاندا، ئۇلار،نورىس خانىمنىڭ روژدېستۋا تائامى بولۇشتەك ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالىدىغاندەك قىلاتتى.
خارى ۋە ۋېزلىيلار چۈشتىن كېيىنكى ۋاقتىنى بىر مەيدان قاتتىق قار پومزىكى جېڭى قىلىپ، ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدى. ئارقىدىن توڭلاپ- تىترەپ، ھاسىراپ- ھۆمىدەپ گرىففىندور ئاممىۋى زالىغا، گۈرۈلدەپ يېنىۋاتقان تام مەشنىڭ يېنىغا قايتتى. ئۇ يەردە خارىنىڭ يېڭى شاھمات ئۇرۇقچىلىرى_ رونغا قايتا قايتىلاپ ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن پارە- پارە بولۇپ كەتتى. ئۇ، ئەگەر پېرسىي ياردەم قىلىمەن، دەپ بۇنچە چىڭ تۇرۇۋالمىغان بولسا مەغلۇبىيىتىممۇ بۇنچىۋالا ئېغىر بولۇپ كەتمەس بولغىيتى، دەپ ئويلاپمۇ قالدى.
كۈركە توخۇ بىلەن قىلىنغان ساندىۋىچ (قاتلىما)، مايدا پىشۇرۇلغان تاتلىق بولكا ھەم روژدېستۋا تورتلىرى بىلەن چاي ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ھەممىسىنى شۇنداق ئىسسىق باستى. شۇڭا ئۇلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن جايىدا جىم ئولتۇرۇپ، پېرسىينىڭ فرەد بىلەن جورجنى، ئۇنىڭ سىنىپ باشلىقى ئىزنىكىنى ئېلىۋالغانلىقى ئۈچۈن قوغلاپ، گرىفىندور مۇنارىدا بىر باشتىن يۈگۈرۈپ چىقىشىنى تاماشا قىلىشتىن باشقا ئىشقا قولى بارمىدى.
بۇ خارى ئۆتكۈزگەن ئەڭ كۆڭۈللۈك روژدېستۋا بايرىمى بولۇپ قالدى. ئەمما يەنىلا، بىر ئىش كۈن بويى كاللىسىدىن چىقىپ كەتمەي كۆڭلىنى غەش قىلىپ تۇراتتى. ئەمما ئۇ كارىۋىتىغا يامىشىپ چىقىدىغان ۋاققىچە بۇ مەسىلە ھەققىدە كاللا قاتۇرىدىغانغا بىكار ۋاقتى چىقمىدى: غايىپ پەرىجە_ ئۇنى زادى كىم ئەۋەتكەن بولغىيدى؟
كۈركە توخۇ ۋە تورت بىلەن غىققىدە بولۇپ كەتكەن ۋە كاللىسىنى قاتۇرىدىغان ھېچقانداق غېمى يوق رون، كارىۋىتىنىڭ ئەتراپىدىكى پەردىلەرنى چۈشۈرۈۋېتىپ، بېشىنى ياستۇققا قويغان ھامان قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى. خارى بولسا ئېڭىشىپ، كارىۋاتنىڭ ئاستىدىكى غايىپ پەرىجىنى تارتىپ ئالدى.
دادىسىنىڭ… بۇ نەرسە بىر چاغلاردا دادىسىنىڭ ئىدى. ئۇ پەرىجىنىڭ قولىدىن ئېقىپ چۈشۈشىگە قاراپ تۇردى. يىپەكتىنمۇ سىلىق، ھاۋادەكلا يىنىك. ئۇنى جايىدا ئىشلەت، ھېلىقى خەتتە مۇشۇنداق يېزىلىپتىكەن.
ئۇنى چوقۇم كىيىپ بېقىشى كېرەك، شۇ تاپتا… ئۇ كارىۋىتىدىن سەكرەپ چۈشتى ۋە پەرىجىنى ئۈستىگە ئارتتى. ئېڭىشىپ پاچىقىغا قاراپ باقتى، ئەمما ئۇ ئاي نۇرى ۋە كۆلەڭگىلەردىن باشقا نەرسە كۆرمىدى. بۇ ئىنتايىن قىزىقارلىق بىر تۇيغۇ ئىدى.
جايىدا ئىشلەت.
تۇيۇقسىز خارى بىر نەرسىلەرنى چۈشىنىپ يەتتى. بۇ پەرىجىنىڭ ئىچىدە پۈتكۈل خوگۋارتستا ئۇ كىرەلمەيدىغان تۆشۈك يوق ئىدى. بۇ جىمجىت قاپقاراڭغۇلۇقتا ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئاجايىپ ھېس- ھاياجان چىرمىۋالدى. ئۇ بۇنىڭ بىلەن ھەرقانداق بىر يەرگە بارسا بولاتتى، ھەرقانداق بىر يەرگە… ۋە فىلچ بۇنى ھەرگىز بىلمەيتتى.
رون ئۇيقۇسىدا غودۇڭشىپ قويدى. خارى ئۇنى ئويغاتسا قانداق بولار؟ نېمىدۇر بىر نەرسە، ئۇنى روننى ئويغىتىشتىن توسۇپ قويدى. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ پەرىجىسى… ئۇنىڭ ئۇنى شۇ چاغدا… تۇنجى قېتىملىقىدا يالغۇز ئىشلىتىپ باققۇسى كەلدى.
ئۇ ياتاقخانىدىن ئاستا چىقتى، پەلەمپەيدىن چۈشتى، ئاممىۋى زالدىن ئۆتتى ۋە پورترېت تۆشۈكىگە يامىشىپ چىقتى.
«ئۇ يەردىكى كىم؟» دەپ ۋىچىرلىدى بودەك خانقىز. خارى ھېچنىمە دېمىدى. ئۇ كارىدورنى بويلاپ تېز- تېز ماڭدى.
ئۇ نەگە بارسا بولار؟ ئۇنىڭ يۈرىگى گۈپۈلدەپ سوقۇۋاتاتتى. بىر ھازا تۇرۇپ ئويلىنىۋالدى. كېيىن، تۇيۇقسىزلا ئېسىگە كەلدى. كۈتۈپخانىدىكى كىرىش مەنئىي قىلىنغان بۆلۈمچە. ئۇ، خالىغان نەرسىسىنى خالىغانچە ئوقۇپ باقسا بولىدۇ، تاكى نىكولاس فلامەلنى تاپقۇچە. ئۇ، پېشى يەرگە سۆرىلىپ تۇرغان غايىپ پەرىجىسىنىڭ ئىچىدە كۈتۈپخانىغا قاراپ ماڭدى.
كۈتۈپخانا قاپقاراڭغۇ ھەم جىمجىت، يەنە تېخى سەل… ۋەھىمىلىك ئىدى، ئۇ يەردە ئادەمنى سۈر باساتتى. خارى، كىتاپ تەكچىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى يولنى كۆرۈش ئۈچۈن پانۇستىن بىرنى ياندۇردى. پانۇس قارىماققا ھاۋادا لەيلەپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى، ھەتتا ئۇنى قولىدا كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرغان خارىمۇ، بۇ مەنزىرىدىن سەل ئۈركۈپ قالغانىدى.
كىرىش مەنئى قىلىنغان بۆلۈمچە كۈتۈپخانىنىڭ ئەڭ كەينىگە جايلاشقان ئىدى. خارى، بۇ كىتاپلارنى كۈتۈپخانىدىكى باشقا كىتاپلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئارغامچىنىڭ كەينىگە دىققەت بىلەن ئۆتۈۋالغاندىن كېيىن، كىتاپلارنىڭ ئىسىملىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن پانۇسنى ئېگزرەك كۆتۈردى.
ئەمما بىر نەرسە بىلدى، دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ سويۇلۇپ ھەم ئۆڭۈپ كەتكىلى تۇرغان ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان ئىسىملىرى، خارى چۈشىنەلمەيدىغان باشقا بىر تىللاردا يېزىلغان ئىدى. بەزىلىرىنىڭ مۇقاۋىسىدا بولسا ھەتتا ئىسمىمۇ يوق ئىدى. بىر كىتاپتا بولسا، قانغا ئاجايىپ ئوخشىشىپ كېتىدىغان ۋەھىمىلىك بىر قارامتۇل داغ تۇراتتى. خارىنىڭ تېنى شۈركىنىپ كەتتى. بەلكىم پەقەتلا ئۇنىڭغا شۇنداق تۇيۇلغاندۇ، بەلكىم ھەقىقەتەن شۇنداق بولغاندۇ… ئەمما بەزى كىتاپلارنىڭ ئارىسىدىن شىۋىرلىغان ئاۋازلار ئاڭلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى، خۇددى ئۇلار بۇ يەردە بولماسلىققا تېگىشلىك بىر ئادەمنىڭ بۇ يەرگە كىرىۋالغانلىقىنى بىلىۋالغاندەك…
ئەمما ئۇ، ئىشنى بىر تەرەپتىن باشلىمىسا بولمايدۇ-دە! پانۇسنى ئاۋايلاپ پولغا قويۇپ قويغاندىن كېيىن، دىققىتىنى جەلپ قىلغۇدەك بىرەر كىتاپنى ئۇچرىتىش ئۈمىدى بىلەن ئەڭ ئاستىنقى رەتتىن باشلاپ كىتاپلارغا بىر-بىرلەپ سەپسالغىلى تۇردى. چوڭ، قارا ھەم كۈمۈش رەڭلىك بىر قېلىن كىتاپ ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ كىتاپ ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقتىىن تەسلىكتە جايىدىن تارتىپ ئالدى ۋە ئۇنى تىزىغا قويۇپ ئاچتى.
ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان، قورقۇنچلۇق بىر ئاۋاز جىمجىتلىقنى بۇزدى – كىتاپ بار كۈچى بىلەن چىرقىراشقا باشلىدى! تەمتىرەپ كەتكەن خارى ئۇنى دەرھاللا يېپىۋەتتى. ئەمما ئۇ چىرقىراشنى داۋاملاشتۇردى، تېخىمۇ، تېخىمۇ يۇقىرى… قۇلاقنى يارغۇدەك بىر خىل ئاۋازدا… ئۇ تەمتىرەپ كەينىگە داجىۋېدى، پانۇسقا تېگىپ كېتىپ ئۇنى ئۆرۈۋەتتى، چىراق ئۆچتى. ئۇ قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتتى. دەل شۇ چاغدا، كارىدوردىن بۇ يەرگە قاراپ كېلىۋاتقان بىركىمنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى. شۇنىڭ بىلەن خارى كىتاپنى جايىغا قويۇپ قويدى ۋە بەدەر قاچتى. بوسۇغىدا ئۇ، فىلچ بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئەمما ئاچچىقىدىن غالجىرلاشقان فىلچ ئۇنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرمىدى. خارى ئۇنىڭ ئىشىكنى توسۇۋېلىش ئۈچۈن كېرىلگەن قولىنىڭ ئاستىدىن غىپپىدە ئۆتۈۋېلىپ كارىدوردا ئۇچقاندەك چاپتى. ھېلىقى كىتاپنىڭ ۋەھىمىلىك پەريادلىرى بولسا تېخىچە قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلايتتى.
ئۇ بىر قامەتلىك ساۋۇت- دۇبۇلغىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شاپپىدە توختاپ قالدى. ئۇ كۈتۈپخانىدىن قاچالىغانچە يىراق قېچىشتىن باشقىنى ئويلىماي بار كۈچى بىلەن يۈگۈرگەنلىكتىن، (بەلكىم ئىنتايىن قاراڭغۇ بولغاچقىدۇ) ئاخىرىدا قەيەرگە كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغانىدى. ئاشخانىنىڭ يېنىدىمۇ بىر قۇر ساۋۇت- دۇبۇلغا بارلىقىنى بىلەتتى، ئەمما ھازىر خارى، ئاشخانىنىڭ بەش قەۋەت ئۈستىدە تۇرسا!
«مەندىن، ئەگەر كېچىدە بىركىملەر ياتاقخانىنىڭ سىرتىدا لاغايلاپ يۈرسە ئۇدۇل سىزگە دېيىشىمنى تەلەپ قىلغان ئىدىڭىز پروفېسور، بايىلا كۈتۈپخانىدا بىركىملەر باركەنتۇق، يەنە كېلىپ كىرىش مەنئى قىلىنغان بۆلۈمدە…»
خارى ئۆڭۈپ تاتىرىپ، چىرايىدا قان قالمىدى. ئۇ قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، فىلچ چوقۇم بىرەر قىسقا يول بىلىدىغاندەك قىلاتتى، چۈنكى ئۇنىڭ سىلىق، خۇشامەتگۇي ئاۋازى بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇنى تېخىمۇ ساراسىمىگە سالغىنى بولسا، ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرگەن كىشى_ سنەيپ ئىدى.
«كىرىش مەنئىي قىلىنغان بۆلۈم؟ ئۇنداقتا، ئۇلار ئانچە يىراققا قاچالمايدۇ، ئۇلارنى چوقۇم تۇتۇۋالالايمىز.»
خارى، سنەيپ بىلەن فىلچ كارىدورنىڭ يەنە بىر ئۇچىدىكى بۇلۇڭدىن ئەگىپ كېلىۋاتقاندا، تۇرغان يېرىدە يىلتىز چىقارغاندەك قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. ئۇلار ئۇنى ئەلۋەتتە كۆرەلمەيتتى، بىراق بۇ كارىدور شۇنداق تار ئىدىكى، ئەگەر ئۇلار يېقىنراق كېلىدىغان بولسا ئۇنىڭغا سوقۇلۇپ كېتەتتى. چۈنكى غايىپ پەرىجىنى كىيىۋالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بەدىنى يەنىلا شۇ يەردە ئەمەسمۇ.
ئۇ شەپە چىقارماسلىققا تىرىشىپ، ئاستا- ئاستا كەينىگە ماڭدى. سول تەرىپىدە بىر ئىشىك قىيا ئوچۇق تۇراتتى. بۇ ئۇنىڭ بىردىنبىر پۇرسىتى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ قىستىلىپ ئۇ يەردىن ئۆتمەكچى بولدى، ھەتتا نەپەسمۇ ئالماستىن، ئىشىككە تېگىپ كەتمەسلىككە تىرىشىپ، ئاخىرى ئۇلارغا تۇيدۇرماستىن ھۇجرىغا بىمالال كىرىۋالالىدى. ئۇلار ئىشىكنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتتى ۋە يىنىكلەپ قالغان خارى تامغا يۆلىنىپ چوڭ چوڭ نەپەس ئالغاچ، بارغانسېرى ئۇزاقلىشىۋاتقان قەدەم تىۋىشلىرىغا قۇلاق سالدى. قىل قالدى زادى تۇتۇلۇپ قالغىلى… ئۇ ئۆزىنى، ئۆزى يوشۇرۇنۇۋالغان ھۇجرىغا سەپ سالغۇدەك ئوڭشىۋالغۇچە نەچچە سېكۇنت كەتتى.
بۇ يەر، ئىشلىتىلمەيدىغان بىر سىنىپقا ئوخشايتتى. قاراڭغۇدا غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان ئۈستەل- ئورۇندۇقلارنىڭ ھەممىسى تامغا يۆلەپ قويۇلغان ئىدى، يەنە تېخى تەتۈر ئۆرۈپ قويۇلغان بىر ئەخلەت چىلىكىمۇ بار ئىدى. ئەمما خارىنىڭ دىققىتىنى تارتقىنى تامغا يۆلەپ قويۇلغان، قارىماققا، خۇددى ئۇ يەرگە ئائىت ئەمەستەكلا تۇرىدىغان، پۇتلىكاشاڭ بولمىسۇن دەپلا شۇ يەرگە ئەكىرىپ قويغاندەك كۆرۈنىدىغان بىر نەرسە ئىدى.
بۇ، تورۇسقا تاقاشقۇدەك ئېگىز، ئالتۇن رامكىلىق، پەنجىگە ئوخشاش ئىككى تال پۇتى بار، ئىنتايىن كۆركەم بىر ئەينەك ئىدى. ئەڭ ئۈستىگە مۇنۇ خەتلەر ئويۇلغان ئىدى: Erised stra ehru oyt ube cafru oyt on wohsi*
فىلچنىڭ ياكى سنەيپنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمىغاچقا، يۈرىكى خېلىلا جايىغا چۈشۈپ قالغان خارى ئەينەككە يېقىن كەلدى، ئەمما بۇرۇنقىدەك سايىسىمۇ كۆرۈنمەيۋاتاتتى. ئەمدى ئۇ ئەينەكنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ توختىدى.
خارى چىرقىرىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئاغزىنى چىڭ تۇتۇۋېلىشقا ئارانلا ئۈلگۈردى. كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ باقتى. ئۇنىڭ يۈرىكى ھازىر ھېلىقى كىتاپ چىرقىرىغان ۋاقىتتىكىدىن نەچچە ھەسسە تېز سوقۇپ كېتىۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ، ئەينەكتە ئۆزىنى كۆرۈپلا قالماستىن، يەنە تېخى ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغان بىر توپ ئادەمنىمۇ كۆرگەن ئىدى.
ئەمما ھۇجرىدا ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى. تېز- تېز نەپەس ئېلىۋاتقان خارى، قايتىدىن ئاستاغىنە ئەينەككە بۇرۇلۇپ قارىدى.
ئەنە، قورققىنىدىن رەڭگى ئۆڭۈپ، تاتىرىپ كەتكەن ئۆز ئەكسى شۇ يەردە تۇرۇپتۇ، يەنە ئۇنىڭ كەينىدە ئاز دىگەندە ئوندەك ئادەم… خارى بېشىنى كەينىگە بۇراپ قاراپ باقتى، ئەمما يەنىلا، ئىنس-جىن كۆرۈنمەيتتى. ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ ھەممىسى، ئۇنىڭغا ئوخشاش كۆرۈنمەسمىدۇ؟ ئۇ ئەمەلىيەتتە كۆرۈنمەس ئادەملەر بىلەن لىق تولغان، ھەم كۆرۈنمەس بولسۇن بولمىسۇن، ھەممىسىنى كۆرسىتەلەيدىغان ماھارىتى بار بۇ ئەينەك جايلاشتۇرۇلغان بىر ھۇجرىغا كىرىپ قالغانمىدۇ؟
ئۇ قايتىدىن ئەينەككە سىنچىلاپ قارىدى. ئۇنىڭ ئەكسىنىڭ كەينىدىلا ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەۋاتقان ھەم قول پۇلاڭلىتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ ئەكسى تۇراتتى. ئۇ بىر قولىنى سۇنۇپ تۇتۇپ باقماقچى بولدى، ئەمما قولىغا ھاۋادىن باشقا نەرسە ئۇرۇنمىدى. ئەگەر ئۇ ھەقىقەتەن شۇ يەردە بولسا، ئۇنى تۇتالىغان بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئەكسى ئۇنىڭغا شۇنداق يېقىن تۇرسىمۇ، ئۇ پەقەت ھاۋانىلا سىلاپ قالدى. ئۇ ئايال ۋە باشقىلار پەقەت ئەينەكنىڭ ئىچىدىلا مەۋجۇت ئىدى.
ئۇ ئايال شۇنداق چىرايلىق ئىدى. ئۇنىڭ چاچلىرى قېنىق قىزىل، كۆزلىرى بولسا – ئۇنىڭ كۆزلىرى مېنىڭكىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن، دەپ ئويلىغان خارى ئەينەككە يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتى. ئوچۇق يېشىل، شەكلىمۇ ئوخشاش… ئەمما ئارقىدىنلا ئۇ، ئۇ ئايالنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى؛ ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ھەم كۈلۈپ ھەم يىغلاۋاتاتتى. ئېگىز، ئورۇق كەلگەن، چاچلىرى قاپقارا بىر ئادەم بىر قولىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ ئۇنى ئۆزىگە تارتتى. ئۇ كۆزئەينەك تاقىۋالغانىدى، چاچلىرى بولسا پاخپىيىپ تۇراتتى. بېشىنىڭ كەينىدىكى بىر تۇتام چاچ دىڭگىيىپ تۇرۇۋالغانىدى، خارىنىڭكىگە ئوخشاشلا.
خارى ھازىر ئەينەككە شۇنداق يېقىن ئىدىكى، بۇرنى ئۆزىنىڭ ئەكسىگە تېگىپ قالايلا دېگەنىدى.
«ئاپا؟» دەپ پىچىرلىدى ئۇ،«دادا؟»
ئۇلار بولسا پەقەتلا ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. خارى، ئالدىرىماي ئەينەكتىكى باشقا ئادەملەرنىڭمۇ يۈزىگە سەپسالدى ۋە ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاش باشقا يېشىل كۆزلەرنىمۇ كۆردى، ئۆزىنىڭكىگە ئوخشاش باشقا بۇرۇنلارنىمۇ كۆردى. ھەتتا جۇغى كىچىك بىر قېرى ئادەمنىڭ خارىنىڭكىگە ئوخشاش پۇلتىيىپ چىقىپ قالغان تىزلىرى باردەك قىلاتتى. خارى ،ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ئۆز ئائىلىسىگە قاراپ تۇراتتى.
پوتېرلار خارىغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى ۋە قول پۇلاڭلاتتى، خارى بولسا ئۇلارغا تەشنالىق بىلەن تەلمۈردى! ئۇنىڭ قوللىرى ئەينەكنى خۇددى ئۇنى تېشىپ يەنە بىر تەرىپىگە چۈشۈپ كەتمەكچى، شۇنداق قىلىپ ئائىلىسى بىلەن جەم بولماقچى بولۇۋاتقاندەك چىڭ ئىتتىرەتتى. ئۇ ئىچىدە ئاجايىپ كۈچلۈك بىر خىل ئاغرىقنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى سەزدى، يېرىمى خۇشاللىققا، يېرىمى بولسا چىدىغۇسىز ئازاپقا تولغان.
خارى، ئۇ يەردە، شۇ ھالەتتە قانچىلىك تۇردى، ئۇنىڭغا نامەلۇم. شولىلار سۇسلاپ كەتمىدى، ئۇمۇ ئۇلارغا قاراپ تۇرىۋەردى، تاكى يىراقتىن كەلگەن بىر ئاۋاز ئۇنى تۇيۇقسىز رېئال دۇنياغا قايتۇرۇپ كەلگەنگە قەدەر. ئۇ بۇ يەردە تۇرىۋەرسە بولمايتتى، ياتاقخانىغا بارىدىغان يولنى تېپىشى كېرەك ئىدى. كۆزىنى تەسلىكتە ئاپىسىنىڭ يۈزىدىن ئالدى، «چوقۇم قايتىپ كېلىمەن» دەپ پىچىرلىدى ۋە ئالدىرىغان ھالدا ھۇجرىدىن چىقىپ كەتتى.
*******
«مېنى ئويغاتمىغىنىڭنى قارا سېنىڭ!» دېدى رون خاپا ھالدا.
«بۈگۈن تەڭ بارساق بولىدۇ، مەن يەنە بارىمەن، ساڭا ئۇ ئەينەكنى كۆرسەتكۈم بار.»
«مېنىڭمۇ ئاپاڭ بىلەن داداڭنى كۆرۈپ باققۇم بار!» دېدى رون ھەۋەس بىلەن.
«مېنىڭمۇ سېنىڭ پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىڭنى كۆرۈپ باققۇم بار، پۈتۈن ۋېزلىيلەرنى، سەن ماڭا باشقا ئاكىلىرىڭ قاتارلىق ھەممە ئادەمنى كۆرسىتىپ قويالايدىغان بولدۇڭ.»
«سەن ئۇلارنى كۆرىمەن دەپ غەم يەپ كەتمىسەڭمۇ بولىدۇ، قاچان كۆرىمەن دېسەڭ كۆرەلەيسەن» دېدى رون. «يازلىق تەتىلدە مېنىڭ ئۆيۈمگە كەلسەڭلا بولدى. ئىشقىلىپ، بەلكىم ئۇ ئەينەك پەقەت ئۆلگەن ئادەملەرنىلا كۆرسىتىدىغاندۇ. فلامەلنى تاپالمىغىنىڭغۇ يامان بوپتۇ. ئاۋۇ قېزىدىن يەپ باقە، ياكى بولمىسا نېمە يىگۈڭ بولسا شۇنى يەپ باق، نېمىشقا ھېچنىمە يىمەي ئولتۇرىدىغانسەن؟»
خارىنىڭ گېلىدىن تاماق ئۆتمەيتتى. ئۇ ئاتا- ئانىسىنى كۆرگەن ئىدى، يەنە كېلىپ بۈگۈن كەچتىمۇ كۆرەتتى. ئۇ فلامەلنىمۇ ئۇنتۇپ كېتەيلا دېگەن ئىدى. بۇ ئىش ئەمدى ئۇنىڭغا ئانچە مۇھىم ئەمەستەك تۇيۇلاتتى. ئۈچ باشلىق ئىت نېمىنى قوغداۋاتقان بولسا نېمە بوپتۇ؟ سنەيپ ئۇنى ئوغرىلىۋالسا نېمە بوپتۇ؟ شۇنداق ئەمەسمۇ؟
«ھوي، قانداقراق تۇرىسەن؟» دېدى رون. «غەلىتىلا بولۇپ قالدىڭ جۇمۇ.»
*******
خارىنى ھەممىدىن بەك قورقۇتقىنى ئەينەك بار ئۆينى قايتا تاپالماي قېلىش ئېھتىماللىقى ئىدى. بۇ قېتىم پەرىجىنى رونمۇ تەڭ ئارتىۋالغاچقا ئىككىسىنىڭ خېلىلا ئاستا مېڭىشىغا توغرا كەلدى. ئۇلار، خارىنىڭ كۈتۈپخانىدىن چىققاندىن كېيىن باسقان يولىنى خېلى ئۇزۇن ئىزدەپ، بىرەر سائەتكە يېقىن يوشۇرۇن تونىللاردا ئايلىنىپ يۈردى.
«مۇزلاپ كەتتىم» دېدى رون. «بولدى قىلە، قايتىپ كېتەيلى.»
«ياق» دەپ ھۈرپەيدى خارى. «بىلىمەن، مۇشۇ ئەتراپتا بىر يەردە.»
ئۇلار، ئۇدۇلدىكى بويى ئېگىز بىر جادۇگەر ئەرۋاھىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما باشقا ھېچكىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالمىدى. رون پۇتىنىڭ سوغۇقتا ئۈششۈپ سېزىمىنى يوقاتقىلى تۇرغانلىقىنى ئېيتىپ جېدەل قىلغىلى تۇرغاندا، خارى تۈنۈگۈنكى ساۋۇت-دۇبۇلغىلىق ئەسكەرنى كۆرۈپ قالدى.
«بۇ يەردە… دەل مۇشۇ يەردە… شۇنداق!»
ئۇلار ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئاچتى. خارى پەرىجىنى مۈرىسىدىن سىيرىپ چۈشۈرۈۋەتتى ۋە ئەينەكنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ باردى.
ئۇلار شۇ يەردە ئىدى. ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن دادىسىنىڭ نۇر چېچىپ تۇرغان چىرايى ئۇنىڭ قارىسى كۆرۈنۈشى بىلەن تەڭ پەيدا بولدى.
«كۆردۈڭمۇ؟» دەپ پىچىرلىدى خارى.
«مەن ھېچنىمە كۆرمىدىم»
«قارا! قارىغىنە ئۇلارغا… ئۇ يەردە بىر توپ ئادەم تۇرمامدۇ…»
«مەن پەقەتلا سېنى كۆرۈۋاتىمەن»
«تۈزۈكرەك سىنچىلاپ قاراپ باقە، كېلە، مەن تۇرغان يەردە تۇر.»
خارى بىر چەتكە ئۆتۈپ تۇردى، ئەمما رون ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ئائىلىسى كۆزدىن غايىپ بولدى، ئۇلارنىڭ ئورنىدا پەقەت سىزىقلىق ئۇخلاش كىيمى كىيىۋالغان رون تۇراتتى.
رون بولسا، ئۆزىنىڭ ئەكسىگە ھاڭ- تاڭ بولۇپ قاراپ قالغانىدى.
«ماڭا بىر قاراپ باقە!» دېدى ئۇ.
«سەنمۇ سېنى قورشاپ تۇرۇۋاتقان ئائىلەڭنى كۆردۈڭمۇ؟»
«ياق، مەن يالغۇز تۇرىمەن، ئەمما باشقىچە بولۇپ قاپتىمەن، ھازىرقىدىن چوڭراق تۇرىمەن، يەنە تېخى بىنا باشلىقى بولۇپتىمەن!»
«نېمە؟»
«مەن… مەن بۇرۇن بىلل تاقايدىغان ئىزنەككە ئوخشاش بىر ئىزنەك تاقىۋاپتىمەن، يەنە تېخى بىنا لوڭقىسىنى ۋە كۇئىددىچ لۇڭقىسىنى كۆتۈرۈۋاپتىمەن، مەن يەنە تېخى كۇئىدىچ كوماندا باشلىقىكەنمەن!»
رون كۆزىنى ئۆزىنىڭ كۆركەم شولىسىدىن تەسلىكتە ئۈزۈپ ھاياجانلانغان ھالدا خارىغا قارىدى.
«سېنىڭچە بۇ ئەينەك كەلگۈسىنى كۆرسىتەمدىغاندۇ؟»
«قانداقسىگە بۇنداق بولغۇدەك؟ ئائىلەمدىكى ھەممە ئادەم ئاللىقاچان ئۆلگەن تۇرسا، ئۆتۈپ تۇرە، يەنە بىر قېتىم قاراپ باقاي.»
«تۈنۈگۈن كېچىچە قاراپ چىقىپسەنغۇ، ماڭا بىردەم يول قويساڭ نېمە بولاتتى!»
«پەقەتلا شۇ بىر كۇئىددىچ لوڭقىسىنى كۆتۈرۈۋاپسەنغۇ، بۇنىڭ نېمىسى قىزىقارلىق؟ مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەرنى كۆرگۈم بار…»
«مېنى ئىتتىرمىسەڭچۇ…»
كارىدوردىن تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بىر شەپە ئۇلارنىڭ جېدىلىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇلار ئۆزىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلغانلىقىنى تۇيماي قېلىشقان ئىدى.
«تېز!»
رون نورىس خانىمنىڭ چاقناپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزى بوسۇغىدا پەيدا بولغاندا، پەرىجىنى ئىككىلىسىنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى. ئىككىلىسى ئوخشاش نەرسىنى ئويلاۋاتقان خارى بىلەن رون، مىت قىلماي تۇرۇشتى، پەرىجە مۈشۈكلەرگىمۇ تەسىر قىلامدىغاندۇ؟ ئۇ چىقىپ كەتكۈچە بولغان ئازغىنە ۋاقىت ئۇلارغا خۇددى نەچچە ئەسىردەك تۇيۇلدى.
«بىخەتەر ئەمەس، ئۇ بەلكىم فىلچنى باشلاپ كېلىش ئۈچۈن كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، مېنىڭچە ئۇ بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى ئاڭلاپ قاپتۇ، يۈرە.»
ئاندىن رون، خارىنى سۆرەپ ھۇجرىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
*******
ئەتىسى ئەتىگەندىمۇ قارلار تېخىچە ئېرىمىگەن ئىدى.
«شاھمات ئوينايلىمۇ، خارى؟» دېدى رون.
«ياق.»
«نېمىشقا بېرىپ خاگرىدنى يوقلاپ كەلمەيمىز، ھە خارى، بىر بېرىپ كەلمەمدۇق؟»
«ياق… ئۆزۈڭ بار…»
«نېمىنىڭ خىيالىنى قىلىۋاتقانلىقىڭنى بىلىمەن خارى، ئاشۇ ئەينەك بىلەنلا قالدىڭ. بۈگۈن كەچتە ئۇ يەرگە بارمىغىن.»
«نېمىشقا ئەمدى؟»
«بىلمەيمەن، ئەمما ئۇ نەرسە ماڭا ئانچە ياخشى تەسىر بەرمىدى. ھەم ئىشقىلىپ، زادى ھېلىيتىنلا نەچچە قېتىم تۇتۇلۇپ قالغىلى تاسلا قالدىڭ. فىلچ، سنەيپ، يەنە نورىس خانىم ھەممىلا يەردە چارلاپ يۈرۈيدۇ. ئۇلار سېنى كۆرمىگەن بىلەن نېمە بولماقچى؟ ئۇلار ساڭا ئۈسسۈپ بەرسە قانداق قىلىسەن؟ بىرەر نەرسىنى ئۆرۈۋېتىپ سالساڭچۇ، ئۇنداقتا قانداق قىلىسەن؟»
«ھېرماينىدەكلا گەپ قىلىدىكەنسەن.»
«چاقچاق قىلمىدىم خارى، بارمىغىن.»
ئەمما خارىنىڭ كاللىسىنى بىرلا خىيال ئىگەللىۋالغان ئىدى: ئەينەكنىڭ قېشىغا يەنە قايتا بېرىش. رون قانداق قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى توسۇپ قالالمايتتى.
*******
ئۈچىنچى كېچىسى خارى يولنى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئوڭايلا تېپىۋالدى. ئۇ شۇنداق ئالدىراپ ماڭدىكى، ئەقىللىق بىر ئادەمگە ياراشمىغۇدەك دەرىجىدە تاراق- تۇرۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ھەتتا ئۆزىمۇ تۇيۇپ تۇراتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ ھېچكىم بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالمىدى.
مانا، يەنە ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپتۇ، چوڭ دادىلىرىدىن بىرسى ئۇنىڭغا قاراپ باش لىڭشىتىۋاتىدۇ. خارى ئەينەكنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇردى. بۇ يەردە ئۇنى، پۈتۈن بىر كېچىنى ئائىلىسى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشتىن توسۇپ قالالىغۇدەك ھېچنەرسە يوق ئىدى. ھېچقانداق نەرسە…
بەلكىم بىر، پەقەت بىرلا نەرسە باردۇ…
«خوش… يەنە كەپسەن-دە، خارى؟»
خارىغا خۇددى پۈتۈن بەدىنى ئىچ- ئىچىدىن مۇز تۇتۇپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. ئۇ كەينىگە بۇرۇلدى. تامغا تىرەپ قويۇلغان پارتىلاردىن بىرسىدە ئولتۇرغان كىشى باشقا بىرى ئەمەس، دەل ئالبۇس دامبېرلدورنىڭ ئۆزى ئىدى. خارى چوقۇم ئەينەكنىڭ ئالدىغا تېزرەك كېلىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئۇنى كۆرمەي ئالدىدىنلا ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلاتتى.
«مەن… مەن سىزنى كۆرمەپتىمەن، ئەپەندىم»
دامبېلدور: «كۆرۈنمەس بولۇشنىڭ سېنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىڭنىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشى كۈتۈلمىگەن ئىش بوپتۇ» دېگىنىدە خارى ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ خېلى يىنىكلەپ قالدى.
«ئۇنداقتا» دېدى دامبېلدور، خارىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇش ئۈچۈن پارتىدىن سىيرىلىپ چۈشۈۋېتىپ، «سەندىن بۇرۇنقى يۈزلىگەن كىشىلەرگە ئوخشاش كەلىت** ئەينىكىنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خاسىيىتىنى بايقاپسەن-دە.»
«ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ بۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن، ئەپەندىم.»
«ئەمما مېنىڭچە، سەن ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى بىلىپ بولدۇڭغۇ دەيمەن؟»
«ئۇ… شۇ _ئۇ ماڭا ئائىلەمدىكىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»
«ۋە دوستۇڭ رونالد ۋېزلىيگە بىنا باشلىقى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»
«سىز قانداق قىلىپ… ؟»
«مېنىڭ كۆرۈنمەس بولالىشىم ئۈچۈن پەرىجىگە كېرەك يوق» دېدى دامبېلدور مۇلايىم ئاھاڭدا «مانا، ئەمدىغۇ كەلىت ئەينىكىنىڭ ھەمىمىزگە نېمىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى چۈشەنگەنسەن؟»
خارى بېشىنى چايقىدى.
«مۇنداقچە ئېيتقاندا، دۇنيادىكى ئەڭ خۇشال ئادەملا كەلىت ئەينىكىدىن ئادەتتىكى بىر ئەينەكتەك پايدىلىنالايدۇ، چۈنكى ئەينەك ئۇنى، ئۆز ئەينى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈشەندىڭمۇ؟»
خارى بىر پەس ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئاندىن ئاستاغىنە مۇنداق دېدى. «ئۇ بىزگە ئۆز ئارزۇيىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ… بىز نېمىنى خالىساق شۇنى…»
«توغرا، ھەم خاتا.» دېدى دامبېلدور ئاستاغىنە «ئۇ بىزگە قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قېتىغا يوشۇرۇنغان، ھەممىدىن بەك ‘مۇمكىن ئەمەستەك’ تۇيۇلىدىغان تىلەكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سەن، ئائىلەڭنى بىر قېتىممۇ كۆرۈپ باقمىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ھەممىسىنىڭ سېنى چۆرىدەپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈڭ. رونالد ۋېزلىي، داۋاملىق ئاكىلىرىنىڭ كەينىدە قالىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يالغۇز ھەم ھەممىدىن قالتىس ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئەمما، بۇ ئەينەك بىزگە يا بىلىمنى ياكى ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ. نى ئادەملەر بۇ ئەينەكنىڭ ئالدىدا، كۆرگەن نەرسىسىگە مەپتۇن بولغانلىقتىن كاردىن چىقتى، ياكى كۆرگەن نەرسىسى راستمۇ يوق، مۇمكىنچىلىكى بارمۇ يوق، پەرق ئېتەلمەس ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ ساراڭ بولۇپ كېتىشتى.
ئەتە بۇ ئەينەكنى باشقا بىر ئۆيگە يۆتكىۋېتىمىز خارى، سەندىن تەلەپ قىلىدىغىنىم، ئۇنى قايتا ئىزدەپ يۈرمىگىن. ئەگەر تاسادىپى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنىڭغىمۇ تەييارلىقىڭ پۇختا بولسۇن. ئەمدى، كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان بۇ پەرىجىنى كىيىپ ئۇخلىغىلى ماڭساڭ قانداق؟»
خارى ئورنىدىن تۇردى.
«ئەپەندىم، پروفېسور دامبېلدور؟ سىزدىن بىر نەرسىنى سورىسام بولامدۇ؟»
«ئاللىقاچان شۇنداق قىلىپ بولدۇڭغۇ دەيمەن.» دامبېلدور كۈلۈمسىرىدى: «ئەمما، يەنە بىرنى سورىساڭمۇ بولىۋېرىدۇ.»
«سىز ئۇ ئەينەككە قارىغاندا نېمىنى كۆرىسىز؟»
«مەن؟ مەن ئۆزۈمنى بىر جۈپ، قېلىن يۇڭ پايپاق تۇتۇۋالغان ھالدا كۆرىمەن.»
خارى ھاڭۋېقىپ قالدى.
«بىر ئادەمگە ھەرگىز پايپاق توشۇمايدۇ» دېدى دامبېلدور. «يەنە بىر روژدېستۋا كېلىپ كەتتى، ئەمما ماڭا بىر جۈپ پايپاق بېرىدىغان ئادەم چىقمىدى. ھەممىسى ماڭا كىتاپ بېرىمەن، دەپ چىڭ تۇرۇۋالىدۇ دېسە…»
خارى ئاخىرى يوتقانغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن كاللىسىغا دامبېلدورنىڭ ئۇنىڭغا راست گەپ قىلمىغان بولۇش مۇمكىنچىلىكى كېلىپ قالدى. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىنلا، سكابېرسنى ياستۇقىدىن قوغلاپ چۈشۈرۈۋاتقاندا، دامبېلدورنىڭ شەخسى ھاياتىغا چېتىشلىق بۇ سوئالىنىڭ سەل ھەددىدىن ئاشقانلىق بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ بايقاپ قالدى.

* erised stra ehru oyt ube cafru oyt on wohsi
كەلىت ئەينىكىنىڭ ئۈستىدىكى بۇ خەتلەر، ھەرىپلەرنى تەتۈرىدىن باشلاپ (يەنى ئەينەكتە كۆرۈنىدىغاندەك) ئوقۇسا؛
i show not your face but your hearts desire
دېگەن سۆزلەرنى ئوقۇغۇلى بولىدۇ. ئۇيغۇرچىسى: «مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى ئەمەس، ئەمما قەلبىڭنىڭ ئارمانلىرىنى كۆرسىتىمەن» (تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ بايانى)

ئىنكاس قالدۇرۇش

* قويۇلغان يەرنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. Required fields are marked *