خارى پوتېر ۋە پەلسەپە تېشى (16)

خارى پوتېر ۋە پەلسەپە تېشى

ئاپتورى: ج. ك. روۋلىڭ

تەرجىمە قىلغۇچىلار: ماھىنۇر، ھەبىبە، نەسلىخان ئۇيغۇر

16- باب: مەخپىي ئىشىكتىن ئۆتۈش

 ۋولدېمورت تۇيۇقسىزلا ئىشىكتىن بۆسۈپ كىرىدىغاندەك تۇيۇلىدىغان ئاشۇ كۈنلەردە،  خارى، قانداق قىلىپ ئىمتىھانلىرىنى بېرەلىگەن بولغىيدى… ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتكەن چاغدىمۇ،بۇ ئىشلار خۇددى چۈشتەك خىرە- شىرە ئېسىدە قالغان. ئىشقىلىپ، شۇ كۈنلەردە  فلاففېي، شەك- شۈبھىسىز، قۇلۇپ سېلىنغان ئىشىكنىڭ ئارقىسىدا تېخىچە تىرىك، ھەم ساق- سالامەت ئىدى.

ھاۋا دىمىق ۋە ئىسسىق ئىدى، بولۇپمۇ ئۇلار ئىمتىھان بېرىۋاتقان چوڭ زال… ئۇلارغا ئىمتىھان ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان_ كۆچۈرمىكەشلىككە قارشى ئەپسۇن بىلەن سېھىرلەنگەن يېڭى پەي قەلەملەر تارقىتىلغان ئىدى.

ئۇلارنىڭ يەنە ئەمەلىي مەشغۇلات ئىمتىھانلىرىمۇ بار ئىدى. پروفېسور فلىتۋېك ئۇلارنى سىنىپقا بىردىن بىردىن چاقىرىپ، بىر ئاناناسنى ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە تاپ ئۇسسۇلى ئوينىتالامدۇ يوق، سىناپ باقاتتى. پروفېسور مېك گوناگال، ئۇلارنىڭ بىر چاشقاننى ناسۋال قۇتىسىغا ئايلاندۇرۇشىنى كۈزىتىپ تۇراتتى. ناسۋال قۇتىسى قانچە نەپىس بولسا شۇنچىلىك نومۇر قوشۇلاتتى، ئەمما بۇرۇتى بولسا نومۇر تارتىلاتتى. ئۇلار ئۇنۇتقاقلىق سۇيۇقلۇقىنى قانداق ياساشنى ئېسىگە ئېلىشقا تىرىشىۋاتقاندا بولسا، ئۇلارنىڭ بېقىنىدا تۇرۇۋالغان سنەيپ، كۆزلىرىنى ئۇلاردىن ئۈزمەستىن، جىددىيلەشتۈرۈپ جېنىنى ئالايلا دېگەن بولاتتى.

خارى، ئورمانلىققا قىلغان سەپىرىدىن بۇيان، ئۇنى ئاۋارە قىلىۋاتقان پېشانىسىدىكى يارا ئىزىنى خىيالىدىن چىقىرىۋېتىشكە تىرىشتى. نەۋىل، ئىمتىھانلارنىڭ جىددىيچىلىكى تۈپەيلى، خارىنىڭ نېرۋىسىدىن چاتاق چىقىپ ئۇخلىيالماي قېلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزغىنى بۇرۇنقى قاباھەتلىك چۈشلىرىنىڭ قايتىپ كېلىشى ئىدى. ئوخشىمايدىغان يېرى، يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ كەتكەن… چۈنكى ھازىر ئۇنىڭغا ئۈستىدىن قان تامچىپ تۇرىدىغان يېپىنچىلىق كۆلەڭگىمۇ قوشۇلغان ئىدى.

بەلكىم خارى ئورمانلىقتا كۆرگەن نەرسىنى ئۇلار كۆرمىگەچكىمىكىن، ياكى پېشانىسىدە ئېچىشىپ، ئاغرىپ تۇرىدىغان يارا ئىزى بولمىغاچقىمۇ… ئىشقىلىپ، رون بىلەن ھېرماينى، سنەيپ ۋە تاشنىڭ ئىشىغا خارى  ئويلىغانچىلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتاتتى. ۋولدېمورتنى ئەسكە ئېلىش ئۇلارنى ئەلۋەتتە چۆچۈتۈۋېتەتتى. ئەمما ۋولدېمورت، ئۇلارنىڭ  چۈشلىرىگە كىرىپ، پات- پات يوقلاپ تۇرمايتتى. شۇڭا ئۇلار دەرس تەكرارلاش بىلەن شۇنچىلىك مەشغۇل ئىدىكى، سنەيپ، ياكى باشقا ھەرقانداق بىركىمنىڭ يامان نىيىتى ئۈچۈن تىت- تىت بولغۇدەك ۋاقتى يوق ئىدى.

ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھانى سېھىر تارىخى ئىدى. ئۆز- ئۆزىنى قوچۇيدىغان قازاننى ياساپ چىققان بەزىبىر غەلىتە سېھىرگەرلەر ھەققىدىكى سوئاللارغا يەنە بىر سائەتلا جاۋاپ يازسا، ئۇلار ئەركىنلىككە چىقاتتى. تولۇق بىر ھەپتە ئۇلار غەمسىز ياشايتتى، تاكى ئىمتىھان نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنىدىغان چاغقىچە… پروفېسور بىننس پەي قەلەملىرىنى قويۇپ، تېرە قەغەزلىرىنى يۆگەشنى ئېيتقان چاغدا، خارىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي باشقىلارغا ئوخشاشلا تەنتەنە قىلدى.

«سوئالنى مەن كۈتكەندىن ئاسانراق چىقىرىپتۇ» دېدى ھېرماينى، ئۇلار بىنادىن چىقىش ئۈچۈن يىغىلغان  كىشلەر توپىنىڭ ئارىسىغا قىستىلىشىپ كىرگەن چاغدا، «1637 بۆرە ئادەم نىزامنامىسىنى ياكى سەپرا ئېرىكنى ئۆگىنىشىمگە كېرەك يوقكەنتۇق.»

ھېرماينى داۋاملىق ئىمتىھاندىن كېيىن، سوئاللارنى بىر قۇر تەكرارلاپ چىقىشقا ئالاھىدە ھېرىسمەندەك قىلاتتى. ئەمما رون، بۇنداق قىلساڭ ئۆزۈمنى كېسەلچان ئادەمدەك ھېس قىلىپ قالىدىكەنمەن، دەپ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇلار كۆل بويىغا بېرىپ بىر دەرەخنىڭ سايىسىگە ئۆزىنى تاشلىدى. لىي جوردېن بىلەن ۋېزلىي قوشكېزەكلىرى، تېيىز يەردە ئاپتاپسىنىپ ياتقان گېگانت سىياھ بېلىقىنىڭ پۇتلىرىنى غىدىقلاۋاتاتتى.

«ئۇھ، ئاخىرى… ئەمدى تەكرارلايدىغان دەرس يوق» دەپ چىملىققا ئۆزىنى تاشلاپ پۇت- قولىنى سۇندى رون كەيپى چاغ ھالدا. «چىرايىڭ بىرئاز ئېچىلسا بولاتتى خارى، ئەھۋالىمىزنىڭ قانچىلىك ئوساللىقىنى بىلىشكە مەجبۇر بولۇشىمىز ئۈچۈن تېخى بىر ھەپتىدەك ۋاقتىمىز بار، ھازىرچە ئۇنچە غەم يىيىشىڭ ھاجەتسىز.»

خارى پېشانىسىنى ئۇۋۇلاۋاتاتتى.

«بۇنىڭ زادى نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىر بىلگەن بولسام!» دەپ ۋايسىدى ئۇ «يارا ئىزىم توختىماي ئاغرىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن  ئاغرىپ باققان، ئەمما بۇنداق توختىماي ئاغرىپ باقمىغان.»

«پومفرېي ئاپپاينىڭ يېنىغا بېرىپ باق» دەپ مەسلىھەت بەردى ھېرماينى.

«مەن كېسەل ئەمەس» دېدى خارى، «مېنىڭچە بۇ بىر ئاگاھلاندۇرۇش… خېيىم- خەتەرنىڭ يېقىنلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان…»

رونغا بۇ ئىسسىقتا بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈش خۇشياقمىدى.

«خارى، خاتىرجەم بولمامسەن، ھېرماينى راست دەيدۇ. ئۇ تاش، دامبېلدور بۇ ئەتراپتا بولسىلا بىخەتەر بولىدۇ. ئىشقىلىپ، سنەيپنى فلاففېينى بۆسۈپ ئۆتىدۇ، دەيدىغانغا بىر ئاساسىمىز يوق. ئۇ بىر قېتىم سىناپ بېقىۋېدى، بىر پاچىقىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاسلا قالدى. ئۇ ئالدىراپ قايتا بۇنداق بىر ئىشقا كىرىشمەيدۇ. يەنە، خاگرىد دامبېلدورنى نائۈمىد قويىدىغان چاغ، نەۋىل ئەنگىلىيە مىللىي كوماندىسىدا كۇئىددىچ ئوينايدىغان چاغدىن بۇرۇن يېتىپ كەلمەيدۇ.»

خارى بېشىنى لىڭشىتتى. ئەمما ئۇ خۇپىيانە ھالدا كاللىسىغا ئورناپ كەتكەن بىر تۇيغۇ– خۇددى ئۇ قىلىشقا تېگىشلىك نېمىدۇر بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك، يەنە كېلىپ مۇھىم بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك بىر خىل تۇيغۇنى خىيالىدىن سىقىپ چىقىرىۋېتەلمەيۋاتاتتى. ئۇ بۇ خىل تۇيغۇنى چۈشەندۈرمەكچى بولۇۋېدى، ھېرماينى «ئىمتىھانلارنىڭ تەسىرى شۇ… تۈنۈگۈن كەچتە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىۋاتاتتىم، شەكىل- ئۆزگەرتىش خاتىرەمنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، ئاندىن بۇ يەرلەرنى ئاللىقاچان ئوقۇپ بولغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى» دېدى.

ئەمىلىيەتتە خارى، ئۆزىدىكى بۇ غەلىتە سېزىمنىڭ ئۆگىنىش بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئېنىقلا بىلىپ تۇراتتى. ئۇ قەلئەگە قاراپ قانات قېقىۋاتقان، تۇمشۇقىدا بىر پارچە خەت چىشلىۋالغان بىر مۈشۈكياپىلاققا قاراپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭغا خەت ئەۋەتىدىغان بىردىنبىر كىشى خاگرىد ئىدى. خاگرىد ھەرگىزمۇ دامبېلدورغا خائىنلىق قىلمايتتى. خاگرىد ھېچكىمگە فلاففېينى قانداق بۆسۈپ ئۆتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتمايتتى، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايتتى. ئەمما…

خارى تۇيۇقسىز ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى.

«نەگە بارىسەن؟» دېدى مۈگدەك باسقان رون.

«ئېسىمگە بىر نەرسە كېلىپ قالدى» دېدى خارى. ئۇنىڭ چىرايلىرى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى. «بىز خاگرىدنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشىمىز كېرەك، ھازىرلا…»

«نېمىشقا؟» دېدى ئۇنىڭغا يېتىشىمەن، دەپ ھاسىراپ- ھۆمىدەپ كەتكەن ھېرماينى.

«سىلەرگىمۇ سەل غەلىتە تۇيۇلمايۋاتامدۇ؟» دېدى خارى، ياپيېشىل دۆڭگە يامىشىپ چىقىۋاتقاندا، «خاگرىدنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بىر ئەجدىھا بېقىۋېلىش، بىر ناتونۇش ئادەم، يانچۇقىدا بىر ئەجدىھا تۇخۇمى كۆتۈرۈپ يۈرگەن بىر ئادەم، خاگرىد بار يەردە تاسادىپىيلا پەيدا بولۇپ قالامدۇ؟ ئەگەر بۇ سېھىرگەرلەر قانۇنىغا خىلاپ ئىش بولسا، يانچۇقىدا ئەجدىھا تۇخۇمى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان قانچە ئادەم بولۇشى مۇمكىن؟ ئۇلارنىڭ خاگرىدقا ئۇچراپ قېلىشى ئۇلارنىڭ ئامىتى، شۇنداققۇ؟ نېمىشقا بۇرۇنراق ئويلىمىغاندىمەن؟»

«سەن يەنە نېمىلەرنىڭ پېشىگە چۈشكەنسەن؟» دېدى رون، ئەمما مەيداننى كېسىپ ئۆتۈپ ئورمانلىققا قاراپ يۈگرەۋاتقان خارى جاۋاپ بەرمىدى.

خاگرىد ئۆيىنىڭ ئالدىدا بىر ئورۇندۇقتا يەڭلىرىنى ۋە پۇچقاقلىرىنى شىمايلاپ ئولتۇرۇپ، چوڭ بىر داسقا كۆك پۇرچاق ئادالاۋاتاتتى.

«ھوي، قاندا ئەھۋالىڭلا؟» دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ. «ئىمتىھانىڭلار تۈگىدىمۇ؟ بىرە پىيالە چاي ئىچىشكە ۋاقتىڭلا بامۇ؟»

«ھەئە، شۇنداق ئوبدان بولاتتى» دېدى رون، ئەمما خارى ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتتى.

«ياق، ئالدىرايمىز خاگرىد، سەندىن سورىمىسام بولمايدىغان بىر ئىش بار. سەن نوربېرتنى ئۇتۇۋالغان كېچە بارغۇ؟ سەن قارتا ئوينىغان ناتونۇش ئادەم، زادى قانداقراق بىرى ئىدى؟»

«ۋاي تاڭەي» دېدى خاگرىد ھېچ ئىش بولمىغاندەك، «ئۇ يۈزىنى ئورىۋاپتىكەن.»

ئۇ، قالغان ئۈچىسىنىڭ چۆچۈپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ، ھەيرانلىقتىن قاشلىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.

«بۇ ئانچە غەيرىي ئىش ئەمەس، ھوگسمېددا غەلىتە خەق جىق… مەن كىرگىنى شۇ يەردىكى بىر قاۋاقخانا ئىدى. بەلكىم بىرە ئەجدىھا تىجارەتچىسىدۇ، شۇنداققۇ؟ ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ باقمىدىم، يېپىنچىسىنىڭ باش كىيمىنى ھېچ سېلىۋەتمىدى.»

خارى يېنىدىكى كۆك پۇرچاق قاچىلانغان داسنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ قالدى.

«ئۇنىڭغا نېمىلەرنى دېدىڭ خاگرىد؟ خوگۋارتسنىڭ گېپى چىقتىمۇ؟»

«بەلكىم… شۇنداق بولۇشى مۇمكىن» دېدى خاگرىد ئېسىگە ئېلىشقا تىرىشىپ، قاپىقىنى تۈرۈپ «ھە… ھەئە، ئۇ مېنىڭ كەسپىمنى سورىدى، شۇڭا مەن ئۇنىڭغا بۇ يەردە قاراۋۇل ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم… ئۇ مەندىن قانداقراق مەخلۇقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىمنى سورىۋىدى… شۇڭا ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەدىم… ئاندىن مەن ھەممىدىن بەك ئارزۇلايدىغان نەرسىنىڭ بىر ئەجدىھا بېقىۋېلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم… ئاندىن… ئانچە ئېنىق ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن، ماڭا توختىماي ئىچىملىك بۇيرۇتۇپ بەدى… بىر ئويلاپ باقاي… ھە، ئاندىن ئۇ ئۆزىدە بىر ئەجدىھا تۇخۇمى بالىقىنى، ئۇنىڭغا قىزىقسام بىر قول قارتا ئوينىساق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى… ئەمما مېنىڭ باقالايدىغانغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان قىلالمايدىغانلىقىمنى، قالايمىقان بىر يەگە تاشلاپ قويغۇسى يوقلۇقىنى ئېيتتى… شۇڭا ئۇنىڭغا، فلاففېيدىن كېيىن بىر ئەجدىھا قانچىلىك ئىشتى، دېدىم…»

«ئاندىن ئۇ، ئۇ فلاففىيغا قىزىققاندەك قىلدىمۇ؟» دېدى ئاۋازىنى بىر خىل تۇتۇشقا تىرىشىۋاتقان خارى.

«شۇ، ئەلۋەتتە… ئۆمرۈڭدە قانچە قېتىم بىر ئۈچ باشلىق ئىت بىلەن تونۇشقىلى پۇرسەت با دەيسەن، ھەتتا خوگۋارتستا ياشىغان تەقدىردىمۇ… شۇنداققۇ؟ شۇڭا ئۇنىڭغا فلاففېينى قانداق تىنچلاندۇرۇشنى بىلسەڭلا، ئۇنىڭ بىر پارچە يۇمشاق بولكىدىن ھېچ پەرقى قاممايدۇ دېدىم، يەنە ئۇنىڭغا پەقەت ئازراق مۇزىكا چېلىپ بېرىدىغان بولساڭلا، قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىدۇ…»

خاگرىد تۇيۇقسىز قاتتىق چۆچۈپ كەتتى.

«بۇنى سىلەگە دېسەم بوممايتتى!» دەۋەتتى ئۇ، «بۇ گەپلەرنى ئۇنتۇپ كېتىڭلا! ھوي، نەگە ماڭدىڭلا؟»

خارى، رون ۋە ھېرماينى، مەيدانغا سېلىشتۇرغاندا، غۇۋا ھەم سوغۇق تۇيۇلىدىغان كىرىش زالىغا كىرگۈچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدى.

«دامبېلدورنىڭ يېنىغا بارمىساق بولمىدى» دېدى خارى. «خاگرىد ئۇ ناتونۇش كىشىگە، (ئۇ يېپىنچىنى كىيىۋالغىنى سنەيپمۇ، ۋولدېمورتمۇ بولۇشى مۇمكىن) فلاففىينى قانداق بۆسۈپ ئۆتىدىغانلىقىنى دەپ بېرىپتۇ! خاگرىدنى مەست قىلىپ قويغاندىن كېيىن، بۇ ئىش خېلى ئاسانغا توختىغان ئوخشايدۇ. دامبېلدورنىڭ بىزگە ئىشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بەلكىم بەين توسقۇنلۇق قىلمىسا، فرېنزېمۇ بىزنىڭ گېپىمىزنى قۇۋۋەتلەپ بېرەر. دامبېلدورنىڭ ئىشخانىسى قەيەردە؟»

ئۇلار، خۇددى توغرا يولغا باشلايدىغان بىرەر يول بەلگىسى باردەك ئەتراپىغا سەپسېلىشتى. ئۇلارغا دامبېلدورنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى ھېچكىم دەپ باقمىغان، ياكى بولمىسا ئۇلار، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى بارغان بىرەر ئادەمنى تونۇمايتتى.

«بىز پەقەت مۇنداق قىل… » دەپ گەپ باشلىدى خارى، ئەمما زالدا تۇيۇقسىز جاراڭلىق بىر ئاۋاز ياڭرىدى.

«ئۈچۈڭلار بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟»

بۇ بىر دۆۋە كىتاپنى كۆتۈرۈۋالغان پروفېسور مېك گوناگال ئىدى.

«بىز دامبېلدور بىلەن كۆرۈشمەكچىتۇق.» دېدى ھېرماينى باتۇرلۇق بىلەن… ئەمما ئۇنىڭ بۇ جاسارىتى خارى بىلەن رونغا سەل قاراملىق قىلغاندەك تۇيۇلدى.

«پروفېسور دامبېلدور بىلەن كۆرۈشۈش؟» دەپ قايتىلاپ سورىدى پروفېسور مېك گوناگال، قۇلاقلىرىغا ئىشەنمىگەندەك «نېمىشقا؟»

خارى جىددىيلىشىپ قالدى، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟

«بۇ… مەخپىي» دېدى ئۇ، ئەمما گەپ ئاغزىدىن چىققان ھامان، دېگىنىگە پۇشايمان قىلىپ قالدى. چۈنكى پروفېسور مېك گوناگالنىڭ بۇرۇن تۆشۈكلىرىدىن ئىس- تۈتەك چىقىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالدى. 

«پروفېسور دامبېلدور ئون مىنۇت بۇرۇن چىقىپ كەتتى» دېدى ئۇ سوغۇقلا، «سېھىرگەرلىك مىنىستىرىدىن جىددىي بىر ئىش ئۈچۈن مۈشۈكياپىلاق كەلدى، شۇڭا ئۇ ھاپىلا- شاپىلا لوندونغا قاراپ ئۇچۇپ كەتتى.»

«ئۇ كەتتىما؟» دېدى قاتتىق  جىددىيلىشىپ كەتكەن خارى.  «مۇشۇنداق پەيتتىما؟»

«پروفېسور دامبېلدور ئۇلۇغ بىر سېھىرگەر، پوتېر، ئۇنىڭ ۋاقتىغا مۇھتاج بولغۇچىلار خېلى كۆپ…»

«ئەمما بۇ بەك مۇھىم»

«سەن دېمىسەڭ بولمايدىغان ئۇ گەپ، سېھىرگەرلەر مىنىستىرىنىڭكىدىنمۇ مۇھىممىدى پوتېر؟»

«قاراڭ» دېدى خارى، ھەممىنى قايرىپ قويۇپ «پروفېسور، بۇ، پەلسەپە تېشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش…»

پروفېسور مېك گوناگال نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،بۇنى كۈتمىگەن ئىدى. كىتاپلىرى قولىدىن چۈشۈپ كەتتى، ئەمما ئۇ ئۇلارنى يەردىن ئالمىدى. 

«سىلەر قانداقسىگە…؟» دەپ دۇدۇقلىدى ئۇ.

«پروفېسور، مېنىڭ پىكرىمچە بولغاندا… ياق، ئېنىق بىلىمەنكى – سن… بىركىملەر تاشنى ئوغرىلىماقچى بولۇۋاتىدۇ. دامبېلدور بىلەن سۆزلەشمىسەم بولمايدۇ.»

پروفېسور مېك گوناگال ئۇنىڭغا گۇمان، ھەم ئەندىشە بىلەن بىر قاراپ قويدى.

«پروفېسور دامبېلدور ئەتىگىچە قايتىپ كەلمەيدۇ» دېدى ئۇ ئاخىرى. «تاشنىڭ ئىشىنى قانداق بىلىۋالدىڭلار، بىلمىدىم. ئەمما بۇ توغرىلىق ئەندىشە قىلىشىڭلار ھاجەتسىز، تاش ناھايىتى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىنىۋاتىدۇ.»

«ئەمما پروفېسور…»

«پوتېر، مەن نېمە دەۋاتقانلىقىمنى ئوبدان بىلىمەن» دەپ كېسىپ ئېيتتى ئۇ ئېگىلىپ، چېچىلىپ كەتكەن كىتاپلىرىنى يىغىشتۇرغاچ: «مېنىڭچە، سىلەر تالاغا چىقىپ، ئوچۇق ھاۋانىڭ كەيپىنى سۈرۈڭلار.»

ئەمما ئۇلار ئۇنداق قىلمىدى.

«بۈگۈن كەچتە قول سالماقچى» دېدى خارى، پروفېسور مېك گوناگال ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغۇچىلىك يىراققا بېرىپ بولغاندا. «سنەيپ بۈگۈن مەخپىي ئىشىكتىن ئۆتمەكچى. ئۇ ئۆزىگە لازىملىق ھەممە نەرسىنى تاپتى. يەنە ھازىر دامبېلدورمۇ ئۇنىڭغا پۇتلىكاشاڭ بولالمايدۇ. خەتنى چوقۇم ئۇ ئەۋەتتى، تىكىشىمەنكى، سېھىرگەرلىك مىنىستىرى، دامبېلدور تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالسا چوقۇم ئاجايىپ ھەيران قالىدۇ.»

«ئەمما بىز قانداق…»

ھېرماينى تۇيۇقسىز چۆچۈپ چوڭقۇر نەپەس ئالدى. خارى بىلەن رون كەينىگە بۇرۇلدى.

سنەيپ شۇ يەردە تۇراتتى.

«چۈشتىن كېيىنلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن» دېدى ئۇ سىپايىلىك بىلەن.

ئۇلار ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى.

«بۇنداق بىر كۈندە تالاغا چىقمىساڭلار قانداق بولىدۇ؟» دېدى ئۇ غەلىتە كۈلۈمسىرەپ قويۇپ.

«بىز…» دەپ گەپ باشلىدى خارى، نېمە دېيىشنى ئۆزىمۇ بىلمەستىن.

«ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇپ يۈرسەڭلار ياخشىمىكىن» دېدى سنەيپ. «بۇنداق تىمسىقلاپ يۈرسەڭلار، كىشىلەر سىلەرنى بىرەر ئىشنىڭ پېشىگە چۈشتىمىكىن، دەپ قالىدۇ بىكار. گرىففىندورلارغا كەلسەك… ئۇلارنىڭ، يەنە نومۇر تارتىلىشقا بەرداشلىق بەرگۈدەك ماجالى قالمىدىغۇ دەيمەن، شۇنداقمۇ؟»

خارى ئاچچىقىدا قىپقىزىل بولۇپ كەتتى. ئۇلار سىرتقا چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئارقىسىغا بۇرۇلۇۋېدى، سنەيپ ئۇلارنى قايتا چاقىردى.

«بىلىپ قوي پوتېر، تولا بىخەستىلىك قىلما. يەنە كېچە سەيلىسى قىلىپ يۈرگىنىڭ قۇلىقىمغا يېتىپ قالمىسۇن، سېنىڭ جەزمەن مەكتەپتىن قوغلىنىشىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقىرىمەن. خۇشۋاق بولغايسىلەر.»

ئۇ، مۇئەللىملەر ئىشخانىسى تەرەپكە چوڭ- چوڭ قەدەم تاشلاپ كېتىپ قالدى.

تاش پەلەمپەيلەرگە كەلگەندە خارى قالغان ئىككىسىگە بۇرۇلدى.

«ئەمدى، مانا مۇنداق قىلىمىز» دەپ پىچىرلىدى ئۇ ئالدىراپ- تېنەپ، «بىرىمىزنىڭ سنەيپنى كۈزىتىپ تۇرۇشى كېرەك. مۇئەللىملەر ئىشخانىسىنىڭ تېشىدا ساقلاپ، ئۇ تېشىغا چىقىپ قالسا پېيىگە چۈشۈشى كېرەك. ھېرماينى، بۇنى سېنىڭ قىلغىنىڭ تۈزۈك.»

«نېمىشقا مەن؟»

«ئېنىقلا تۇرمامدۇ» دېدى رون. «سەن فلىتۋىكنى ساقلاۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالساڭلا بولدى، چۈشەنگەنسەن؟» ئۇ ئىنچىكە ئاۋازدا داۋاملاشتۇردى: «ئاھ، پروفېسور فلىتۋېك، مەن بەك جىددىيلىشىپ كېتىۋاتىمەن، مېنىڭچە مەن ئون تۆتىنچى سوئالنىڭ ب بۆلۈكىنى خاتا ئىشلەپ سالدىممىكىن دەيمەن…»

«ۋىيەي، بولدى قىلساڭچۇ» دېدى ھېرماينى، ئەمما ئۇ بېرىپ سنەيپنى كۆزىتىپ تۇرۇشقا قوشۇلدى.

«بىز ئەڭ ياخشىسى ئۈچىنچى قەۋەت كارىدورىغا يېقىن ئەتراپتا تۇرايلى» دېدى خارى رونغا. «يۈرە…»

ئەمما پىلاننىڭ بۇ قىسمى كارغا كەلمىدى. ئۇلار فلاففىي بىلەن مەكتەپتىكى باشقا مەۋجۇداتنى ئايرىپ تۇرىدىغان ئىشىككە ئەمدىلا يېتىپ بېرىشىغا، پروفېسور مېك گوناگال قايتا پەيدا بولۇپ قالدى، بۇ قېتىم  ئۇنىڭ سەۋر قاچىسى راستىنلا توشقاندەك قىلاتتى.

«قارىغاندا ئىككىڭلارنى بۆسۈپ ئۆتۈش، بىر توپ ئەپسۇننى بۆسۈپ ئۆتۈشكە قارىغاندا قىيىنراق دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامسىلەر؟»  دەپ ھۆركىرىدى ئۇ. «بولدى بەس! ئۆزۈڭلارغا مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئارىلاشماڭلار! ئەمدى بۇ ئەتراپتا ئايلىنىپ يۈرگىنىڭلار قۇلىقىمغا يېتىپ قالىدىغان بولسا، گرىففىندوردىن يەنە ئەللىك نومۇر تارتىمەن! شۇنداق ۋېزلىي، ئۆزۈمنىڭ بىناسىدىن!»

خارى بىلەن رون ئاممىۋىي زالغا قايتىپ كەلدى. خارى تېخى ھازىرلا «ھېچ بولمىغاندا ھېرماينى سنەيپنىڭ قۇيرۇقىغا چاپلاشقاندۇ» دەپ تۇرۇشىغا بودەك خانقىزنىڭ پورترېتى بۇرۇلۇپ ئېچىلدى ۋە ھېرماينى كىرىپ كەلدى.

«مېنى كەچۈر خارى!»  دەپ زارلاندى ئۇ، «سنەيپ تېشىغا چىقىپ قېلىپ، بۇ يەردە نېمە قىلىپ يۈرگەنلىكىمنى سورىغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا فلىتۋېكنى ساقلاۋاتىمەن دېدىم. ئاندىن، سنەيپ كىرىپ كېتىپ ئۇنى باشلاپ چىقتى. ئاندىن… ھازىر ئاران بىكار بولالىدىم. سنەيپ قەيەرگە كەتتى بىلمەيمەن.»

«ئۇنداقتا، ھەممە ئىش مۇشۇ يەرگىچە كەندە…» دېدى خارى.

 ئىككىسى ئۇنىڭغا قارىدى. ئۇنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ، كۆزلىرى پىلدىرلاپ كەتكەن ئىدى.

«بۈگۈن كەچتە بۇ يەردىن چىقىپ، تاشنى ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ئۆزۈم ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ باقىمەن.»

«ساراڭ بوپسەن!» دېدى رون.

«ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ!» دېدى ھېرماينى. «مېك گوناگالنىڭ ۋە سنەيپنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ شۇنداق قىلامسەن؟ ئۇنداق قىلساڭ مەكتەپتىن قوغلىنىدىكەنسەن!»

«ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ!» دەپ ۋارقىرىدى خارى، «چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟ سنەيپ تاشنى قولىغا ئالدى، دېگەنلىك ۋولدېمورت قايتىپ كېلىدۇ، دېگەنلىك! ئۇ ھەممىنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنغاندا، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭلار؟ ئۇنداقتا قوغلىنىدىغانغا بىر خوگۋارتسمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ! ئۇ بۇ يەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ. ياكى بولمىسا مەخسۇس قارا سېھىر سەنئەتلىرىنى ئۆگىتىدىغان بىر مەكتەپكە ئايلاندۇرىدۇ! نومۇر تارتىلىشى ھازىر ئانچە مۇھىم ئەمەس، تېخىچە بىلىپ يەتمىدىڭلارمۇ؟ سىلەرچە ئۇ، گرىففىندور، بىنا لوڭقىسىنى ئۇتتى، دەپ سىلەرنى ۋە ئائىلەڭلارنى بوش قويۇۋېتەرمۇ؟ ئەگەر تاشنى ئالالماي تۇتۇلۇپ قالىدىغان بولسام، خەير، دۆرسلېيلەرنىڭ يېنىغا قايتىپ ۋولدېمورتنىڭ مېنى شۇ يەردىن تېپىۋېلىشىنى كۈتىمەن. بۇ پەقەت ئۆلۈمۈمنى سەل كېچىكتۈرىدۇ، خالاس. چۈنكى مەن ھەرگىزمۇ ئۇ قارا گورۇھنىڭ ئارىسىغا قوشۇلمايمەن! مەن بۈگۈن ئۇ مەخپىي ئىشىكتىن ئۆتىمەن، سىلەرنىڭ ھېچقانداق گېپىڭلار مېنى توسۇپ قالالمايدۇ! ۋولدېمورت مېنىڭ ئاتا- ئانامنى ئۆلتۈرگەن، يادىڭلاردىمۇ؟»

خارى ئۇلارغا تىكىلىپ قارىدى.

«راست دەيسەن خارى» دېدى ھېرماينى بوش ئاۋازدا.

«غايىپ پەرىجەمنى كىيىمەن» دېدى خارى. «تەلىيىمگە ئۇ قايتىدىن قولۇمغا تەگدى.»

«ئەمما ئۇ ئۈچىلىمىزنى يۆگەشكە يېتەمدۇ؟» دېدى رون.

«بۇ… ئۈچىلىمىزنى؟»

«ۋاي- ۋۇي… بولدى قىلە، سېنى يالغۇز يولغا سېلىپ قويىدۇ، دەپ قالمىغانسەن ھەقىچان؟»

«ئەلۋەتتە ئۇنداق ئىش يوق» دېدى ھېرماينى روھلۇق ھالدا. «تاشنى بىز بولماي تۇرۇپ، قانداق ئېلىشنى ئويلاشتىڭ؟ ئەڭ ياخشىسى، مەن بېرىپ كىتاپلىرىمنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقاي، قوللىنىشچان بىرەر نەرسە ئۇچراپ قېلىشى مۇمكىن…»

«ئەمما تاسادىپىي تۇتۇلۇپ قالساق، ئىككىڭلارمۇ مەكتەپتىن قوغلىنىسىلەر.»

«ئەگەر ياردەم قىلالىسام ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن» دېدى ھېرماينى كەسكىنلىك بىلەن، «فلىتۋېك ماڭا مەخپىي ھالدا ئۇنىڭ ئىمتىھانىدىن يۈزلۈك ئۆلچەمدە يۈز يىگىرمە ئالغانلىقىمنى دەپ قويدى. بۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار مېنى قوغلىۋېتەلمەيدۇ.»

*******

كەچلىك تاماقتىن كېيىن، ئۇ ئۈچىسى ئاممىۋىي زالغا كەلدى،تۇرقىدىن ناھايىتى جىددى كۆرۈنەتتى. ھېچكىم ئۇلارغا كاشىلا قىلمىدى. ئىشقىلىپ، باشقا گرىففىندورلارنىڭ خارىغا دېگۈدەك گېپىمۇ قالمىغاندىكىن… بۇ كېچە، ئۇ، بۇ ئىش تۈپەيلى مەيۈسلەنمىگەن بىردىن- بىر كېچە بولۇپ قالدى. ھېرماينى، ئۇلارنىڭ دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان بىرەر ئەپسۇنغا قارشى ئەسقېتىپ قېلىش ئۈمىدى بىلەن، پۈتۈن خاتىرىلىرىگە بىر باشتىن كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىۋاتاتتى. خارى بىلەن رون ئانچە پاراڭلىشىپ كەتمىدى. ئىككىلىسى ئۆزلىرىنىڭ نېمە  قىلىشى كېرەكلىگى ئۈستىدە كاللا قاتۇرۇۋاتاتتى.

ئاستا- ئاستا باشقىلار ئۇخلاش ئۈچۈن ياتاقخانىغا قاراپ ماڭغىلى تۇردى ۋە ئاممىۋى زالمۇ خېلى بوشاپ قالدى.

«غايىپ پەرىجىنى ئېلىپ كەلگىنىڭ تۈزۈك» دەپ شىۋىرلىدى رون، لېي جوردېن ئاخىرى كېرىلىپ، ئەسنىگەن ھالدا ئورنىدىن  تۇرغىنىدا. خارى پەلەمپەيلەردىن يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ قاراڭغۇ ياتاقخانىسىغا كىردى. پەرىجىنى تارتىپ ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆزى، خاگرىد ئۇنىڭغا روژدېستۋا بايرىمىدا سوۋغا قىلغان نەيگە چۈشتى. ئۇنى فلاففي ئۈچۈن ئىشلەتمەكچى بولۇپ يانچۇقىغا سالدى. ئۇنىڭ شۇ تاپتا ناخشا ئېيتقۇدەك بىر كەيپى يوق ئىدى.

ئۇ ئاممىۋى زالغا قايتىپ چۈشتى.

«ئەڭ ياخشىسى، پەرىجىنى بۇ يەردە كىيىپ باقايلى، ئۈچىلىمزنى تولۇق ياپالامدۇ- يوق، كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن… ئەگەر فىلچ بىرەرىمىزنىڭ گەۋدىسىز پۇتىنىڭ ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالىدىغان بولسا…»

«سىلەر نېمە قىلىۋاتىسىلەر» دېدى زالنىڭ بۇلۇڭىدىن چىققان بىر ئاۋاز. نەۋىل، بىر يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقنىڭ ئارقىسىدىن، يەنە ھەر ۋاقىتتىكىدەك قېچىش تەشەببۇسلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ترەۋورنى چىڭ قاماللىغان ھالدا چىقتى.

«ھېچنېمە نەۋىل، ھېچنېمە» دېدى خارى ئالدىراپ- تېنەپ پەرىجىنى كەينىگە يوشۇرغاچ.

نەۋىل ئۇلارنىڭ بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدىغان چىرايىغا سەپسالدى.

«سىلەر يەنە سىرتقا چىقماقچى» دېدى ئۇ.

«ياق، ياق، ياق…» دېدى ھېرماينى «ياق بىز ئۇنداق قىلمايمىز. نېمىشقا بېرىپ ئۇخلىمايسەن، نەۋىل؟»

خارى ئىشىكنىڭ يېنىغا ئېسىلغان ماياتنىكلىق سائەتكە قارىدى. ئۇلار يەنە ھايال بولۇپ يۈرسە بولمايتتى، سنەيپ شۇ تاپتا فلاففىينى ئۇخلىتىش ئۈچۈن ساز چېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

«تېشىغا چىقساڭلار بولمايدۇ» دېدى نەۋىل. «قايتا تۇتۇلۇپ قالىسىلەر، گرىففىندورنىڭ ھالى تېخىمۇ بەتتەر بولىدۇ.»

«سەن چۈشەنمەيسەن» دېدى خارى «بۇ ئىنتايىن مۇھىم.»

ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، نەۋىل ئۆز ئىرادىسىنى بىر مەيدان تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ئۈچۈن قاتتىق چېنىقتۇرغان ئىدى.

«سىلەرگە يول قويمايمەن» دېدى ئۇ، ئىشىكنى توسۇۋېلىش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ بېرىپ. «مەن… مەن سىلەر بىلەن سوقۇشىمەن!»

«نەۋىل!» دەپ پارتلىدى رون. «ئۇ تۆشۈكنىڭ ئالدىنى بوشات، بۇنداق كالۋا بولما…»

«مېنى كالۋا دېمە!» دېدى نەۋىل. «مېنىڭچە، ئەمدى يەنە باشقا قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلساڭلار بولمايدۇ! يەنە كېلىپ ماڭا باشقىلارغا بوزەك بولىۋەرمە، ئۇلار بىلەن ئېلىشقىن، دېگەن سەن ئەمەسمىدىڭ!»

«شۇنداق ئەمما بىز بىلەن ئەمەستە!» دېدى ئەرۋاھى ئۇچقان رون، «نەۋىل سېنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭدىن قىلچە خەۋىرىڭ يوق.»

ئۇ ئالدىغا قاراپ چوڭ بىر قەدەم ئېلىۋىدى، نەۋىل قولىدىكى ترەۋورنى چۈشۈرۈۋېتىپ سالدى. ئۇ بولسا شۇ ھامان بىر تاقلاپ كۆزدىن غايىپ بولدى.

«ئۇرغۇڭ بولسا كېلە قېنى؟» دېدى نەۋىل، مۇشتلىرىنى كۆتۈرۈپ «مەن تەييار!»

خارى ھېرماينىغا بۇرۇلدى.

«بىرەر ئامال قىلساڭچۇ!»

ھېرماينى بىر قەدەم ئالدىغا چىقتى.

«نەۋىل» دېدى ئۇ، «مېنى كەچۈر، باشقا ئامال قىلالماي قالدىم.»

ئۇ تايىقىنى كۆتۈردى.

«پەرتىفىكۇس توتالۇس!» دەپ توۋلىدى ئۇ تايىقىنى نەۋىلگە توغرىلاپ تۇرۇپ.

نەۋىلنىڭ بىلەكلىرى شاققىدە گەۋدىسىنىڭ ئىككى يېنىغا چىڭ چاپلاشتى. ئىككى پۇتىمۇ بىر- بىرىگە چىڭ يېپىشتى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى قېتىشىپ كەتكەن ئىدى. بىر ھازا تۇرغان جايىدا لىڭشىپ تۇرۇپ، بىر پارچە كۆتەكتەك پالاقشىپ يەرگە دۈم چۈشتى.

ھېرماينى يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى ئۆرۈدى. نەۋىلنىڭ ئېڭەكلىرى بىر- بىرسىگە كىرىشىپ كەتكەچكە، ئۇ گەپ قىلالمايۋاتاتتى.  ئۇنىڭ پەقەت ئۇلارغا قورقۇنچ ئىچىدە قاراۋاتقان كۆزلىرىلا تىنىمسىز مىدىرلاپ تۇراتتى.

«ئۇنىڭغا نېمە قىلدىڭ؟» دەپ پىچىرلىدى خارى.

«بۇ تەلتۆكۈس بەدەن قېتىشتۇرۇش ئەپسۇنى» دېدى ھېرماينى بىچارىلەرچە. «ئاھ، نەۋىل، مېنى كەچۈرگىن، بولامدۇ؟»

«بۇنىڭغا مەجبۇر ئىدۇق نەۋىل، ھازىر چۈشەندۈرۈشكە ۋاقىت يوق» دېدى خارى.

«كېيىنچە چۈشىنىپ قالىسەن، نەۋىل» دېدى رون، ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، غايىپ پەرىجىسىنى كىيىشتىن بۇرۇن.

ئەمما نەۋىلنى پولدا مىدىر- سىدىر قىلالماس ھالدا تاشلاپ قويۇشقا مەجبۇر بولۇش يامان بىر ئىشلاردىن دېرەك بېرىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار جىددىيلەشكەنلىكىدىن ھەممە ھەيكەلنىڭ سايىسى ئۇلارغا فىلچتەك كۆرۈنسە، شامالنىڭ بىلىنەر- بىلىنمەس ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئىسقىرتىشلىرى ئۇلارغا قاراپ شۇڭغۇپ كېلىۋاتقان پېۋسنىڭ نەپەس ئېلىشىدەك ئاڭلىناتتى.

ئۇلار تۇنجى پەلەمپەينىڭ يېنىغا كەلگەندە، تۆپىدە تىمسىقلاپ يۈرگەن نورىس خانىمنى كۆرۈپ قالدى.

«ۋاھ، ئۇنى بىرنى تېپىۋالايچۇ، مۇشۇ بىر قېتىملا…» دەپ پىچىرلىدى رون خارىنىڭ قۇلىقىغا، ئەمما خارى بېشىنى چايقىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئەتراپىدىن ئايلىنىپ ئۈن- تىنسىز چىقىپ كېتىۋاتقاندا، نورىس خانىم پانۇسقا ئوخشاش كۆزلىرىنى ئۇلارغا تىكتى، ئەمما ھېچنېمە قىلمىدى.

ئۇلار ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقىدىغان پەلەمپەيلەرگە كەلگۈچە باشقا ھېچكىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالمىدى. بۇ يەردە بولسا، يېرىم يولدا لەيلەپ تۇرغان پېۋز، كىشىلەر پۇتلاشسۇن، دەپ گىلەمنى تۈرۈپ قويۇۋاتاتتى.

«كىم؟» دېدى ئۇ تۇيۇقسىزلا، ئۇلار ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتقان چاغدا… قەبىھ قارا كۆزلىرىنى قىستى. «ئۇ يەردىلىكىڭنى بىلىمەن، گەرچە سېنى كۆرمىگەن بولساممۇ… سەن ئەرۋاھمۇ، ياكى ئالۋاستى ۋە ياكى ئوقۇغۇچى مەخلۇقاتى؟»

ئۇ ھاۋاغا لەيلەپ چىقتى ۋە شۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارغا كۆزىنى قىسىپ قارىدى.

«فىلچكە دېيىشىم كېرەكمۇ، ئەلۋەتتە كېرەك، ئەگەر تىمسىقلايدىغان بىر نەرسە كۆزگە كۆرۈنمەي يۈرسە…»

خارى تۇيۇقسىز بىر ئەقىل تاپتى.

«پېۋز» دېدى ئۇ ۋەھىمىلىك بىر خىل ئاۋازدا شىۋىرلاپ «قانلىق گرافنىڭ كۆرۈنمەس بولۇشى ئۈچۈن ئۆزىگە خاس سەۋەپلىرى بار.»

پېۋز چۆچۈگەنلىكىدىن تاس قالدى ئاسماندىن چۈشۈپ كەتكىلى… ئۇ ئۆزىنى دەل ۋاقتىدا تۇتۇۋالدى، پەلەمپەيلەردىن بىر چى ئېگىزلىكتە توختىۋالدى.

«كەچۈرگەيلا، قانلىق ئالىيلىرى، گراف ئەپەندى ئالىيلىرى» دېدى ئۇ خۇشامەتگۇيلۇق بىلەن «مېنىڭ سەۋەنلىكىم، مېنىڭ سەۋەنلىكىم…  سىزنى كۆرمەپتىمەن، ئەلۋەتتە كۆرمەيمەن، كۆرۈنمەس تۇرسىڭىز شۇنداقمۇ؟… پېقىر قېرى، ھاڭۋاقتى، پېۋزنىڭ كىچىككىنە چاقچىقىنى كەچۈرۈۋەتسىلە، ئەپەندى.»

«بۇ يەردە ئىشىم بار، پېۋز» دېدى خارى خىرقىراپ «بۈگۈن كەچ، بۇ يەردىن يىراق تۇر…»

«شۇنداق قىلىمەن ئەپەندى، مەن ئەڭ زور تىرىشچانلىقىم بىلەن ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمەن» دېدى پېۋز، قايتىدىن ھاۋاغا ئۆرلەپ «ئىشىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن، گراف، سىزگە كاشىلا قىلمايمەن.»

ئاندىن ئۇ،غپپىدە تىكىۋەتتى.

«ئەجەپ ئوبدان قاملاشتۇردۇڭ خارى!» دەپ پىچىرلىدى رون.

بىرنەچچە سېكونتتىن كېيىن،ئۇلار ئۈچىنچى قەۋەت كارىدورىنىڭ بوسۇغىسىغا يېتىپ كەلدى. ئىشىك بولسا ئاللىقاچان قىيا ئوچۇق قويۇلغان ئىدى.

«ھە، مانا ئەمىسە» دېدى خارى پەس ئاۋازدا، «سنەيپ ئاللىقاچان فلاففىيدىن ئۆتۈپ كېتىپتۇ.»

ئوچۇق ئىشىكنى كۆرۈش، نېمىشقىدۇر، ئۈچىلىسىگە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان خەۋپ- خەتەردىن بىشارەت بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. پەرىجىنىڭ ئاستىدا، خارى قالغان ئىككىسىگە بۇرۇلدى.

«ئەگەر قايتىپ كەتكىڭلار بولسا، سىلەرنى ئەيىبلىمەيمەن» دېدى ئۇ. «غايىپ پەرىجىنى ئېلىپ كەتسەڭلار بولىدۇ، ماڭا ئەمدى كېرىكى يوق.»

«ئۇنداق ھاماقەت بولما» دېدى رون.

«بىزمۇ تەڭ كېلىمىز» دېدى ھېرماينى.

خارى ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئاچتى.

ئىشىك غىچىرلاپ ئېچىلغىنىدا، خىرقىراپ ياتقان بىر ئىتنىڭ گۈلدۈرمامىدەك خورەك ئاۋازى ئاڭلاندى. ئىتنىڭ ئۈچىلا بۇرنى (گەرچە ئۇلارنى كۆرمىگەن بولسىمۇ)،  پۇشۇلداپ ئۇلار تەرەپكە بۇرۇلدى.

«پۇتىنىڭ يېنىدىكى نېمە ئۇ؟» دەپ پىچىرلىدى ھېرماينى.

«چىلتاردەك قىلىدۇ» دېدى رون. «چوقۇم سنەيپ شۇ يەردە قويۇپ قويغان گەپ.»

«چېلىشنى توختاتقان ھامان ئويغىنىدىغان ئوخشايدۇ» دېدى خارى. «مانا، باشلىدۇق ئەمىسە…»

ئۇ خاگرىد بەرگەن نەينى ئاغزىغا ئاپىرىپ پۈۋلەشكە باشلىدى. بۇ ئاۋازنى بىرەر كۈيگە ئوخشىتىپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، تۇنجى نوتىدىن باشلاپلا ئۇ مەخلۇقنىڭ كۆزلىرى خۇمارلاشقىلى تۇردى. خارى تەسلىكتە نەپەس ئېلىۋاتاتتى. بارا- بارا ئىتنىڭ خىرقىراشلىرى ئازايدى ۋە پەنجىلىرىنىڭ ئۈستىدە دەلدەڭشىپ قالدى، ئاخىرى تىزلىنىپ يەرگە چۆكتى، ئارقىدىنلا پۈتۈن گەۋدىسى بىلەن يەرگە يىقىلىپ قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى.

«چېلىشنى داۋاملاشتۇر» دەپ ئەسكەرتتى رون خارىغا، ئۇلار پەرىجىنىڭ ئىچىدىن چىقىپ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ مەخپىي ئىشىككە قاراپ ماڭغاندا… ئۇلار گىگانت باشلارنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئىتنىڭ ئىسسىق ۋە بەتبۇي تىنىقلىرىنى ھېس قىلىپ تۇراتتى.

«مېنىڭچە بىز بۇ ئىشىكنى تارتىپ ئاچالايدىكەنمىز» دېدى رون ئىتنىڭ دۈمبىسىنىڭ ئۈستىدىن قاراپ، «ئەڭ ئالدىدا ماڭغۇڭ بارمۇ ھېرماينى؟»

«ياق ئۇنداق قىلغۇم يوق!»

«بوپتۇلا» رون، چىشىنى چىشلەپ ئىتنىڭ پۇتلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتتى. ئۇ ئېگىلىپ مەخپىي ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىدىن تۇتۇپ تارتىۋېدى، ئىشىك غىچىرلاپ ئېچىلدى.

«نېمىنى كۆردۈڭ؟» دېدى ھېرماينى ئەنسىز ئاھاڭدا…

«ھېچنېمە پەقەتلا قاراڭغۇلۇق، ئۆمىلەپ چۈشكۈدەك ھېچنېمە يوق، سەكرەشتىن باشقا ئامال يوقكەن.»

تېخىچە نەي چېلىۋاتقان خارى،ئۇلارنى ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن رونغا قولىنى پۇلاڭشىتىپ،ئۆزىنى كۆرسەتتى.

«ئالدىدا ماڭامسەن؟ راستما؟» دېدى رون. «بۇ يەر قانچىلىك چوڭقۇر جەزملەشتۈرەلمىدىم. نەينى ھېرماينىغا بەر، ئۇ بۇ مەخلۇقنى ئۇخلاتقاچ تۇرسۇن.»

خارى نەينى ئۇنىڭغا بەردى. بىرنەچچە سىكۇنت جىم بولۇۋېدى، ئىت خىرىلداپ سىلكىنگىلى تۇردى. ئەمما ھېرماينى چېلىشقا باشلىغان ھامان، ئۇ قاتتىق ئۇيقۇسىنى داۋاملاشتۇردى.

خارى ئاتلاپ ئۆتۈپ مەخپىي ئىشىكتىن تۆۋەنگە قاراپ باقتى. بۇ يەرنىڭ تېگى باردەك قىلمايتتى. ئۇ تۆشۈكنىڭ گىرۋەكلىرىنى بارماقلىرى بىلەن چىڭ تۇتۇۋېلىپ، گەۋدىسىنى پەسكە ساڭگىلاتتى. ئارقىدىن ئۇ رونغا قارىدى ۋە مۇنداق دېدى «ئەگەر ماڭا بىرەر ئىش بولسا، كەينىمدىن كەلمەڭلار. ئۇدۇل بايقۇشخانىغا بېرىپ ھەدۋىگنى دامبېلدورغا يوللاڭلار، ماقۇلمۇ؟»

«ماقۇل» دېدى رون.

«تەلىيىمىز ئوڭدىن كەلسە، ئۇزۇنغا قالماي كۆرۈشەر… »

ئاندىن خارى قولىنى قويۇۋەتتى. سوغۇق، نەم ھاۋا ئۇنىڭغا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. ئۇ بولسا توختىماي پەسكە چۈشۈۋاتاتتى، چۈشۈۋاتاتتى، چۈشۈۋاتاتتى… ئاخىرى …

پوككىدە يەرگە چۈشتى. ئۇ غەلىتە، بوغۇق بىر خىل ئاۋاز بىلەن تەڭ يۇمشاق بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشكەنىدى. قارىغاندا، ئۇ ئۈستىدە ئولتۇرغان بۇ نەرسە بىر خىل ئۆسۈملۈكتەك قىلاتتى.

«مەسىلە يوقكەن!» دەپ ۋارقىرىدى ئۇ، يۇقىرىدىكى ئەسلىدە ئوچۇق مەخپىي ئىشىك بولغان پوچتا ماركىسى چوڭلۇقىدىكى نۇرغا قاراپ «چۈشىدىغان يەر يۇمشاقكەن، سەكرىسەڭلار بولىدۇ!»

رون دەرھال سەكرىدى. ئۇ خارىنىڭ يېنىغا چۈشتى.

ئۇنىڭ تۇنجى سۆزلىرى «بۇ نېمە نەرسە؟» بولدى.

«تاڭەي، ئۆسۈملۈكتەك بىر نەرسە ئوخشايدۇ. بۇ يەرگە سەكرەپ چۈشكەنلەرنى بوشراق چۈشسۇن، دەپ قويۇپ قويۇلدىمىكىن دەيمەن. تېز بول، ھېرماينى!»

ئۇزاقتىن كېلىۋاتقان مۇزىكا ئاۋازى توختىدى. ئىتنىڭ ئۈنلۈك قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلانغان بولسىمۇ، ھېرماينى ئاللىقاچان سەكرەپ بولغان ئىدى. ئۇ خارىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە چۈشتى.

«بىز چوقۇم مەكتەپنىڭ نەچچە مىل ئاستىدا» دېدى ئۇ.

«بۇ ئۆسۈملۈكتەك نەرسىنىڭ بۇ يەردە بولغىنى تەلىيىمىزكەن جۇمۇ» دېدى رون.

«تەلىيىمىز!» دەپ چىرقىرىدى ھېرماينى «ئىككىڭلار ئۆزۈڭلارغا بىر قاراپ بېقىڭلار!»

ئۇ سەكرەپ ئورنىدىن تۇردى ۋە زەي تارتىپ كەتكەن بىر تامغا ئۆزىنى ئاتتى… مېڭىشقا تىرىشىۋاتاتتى، ئەمما… ئۆسۈملۈكنىڭ شاخلىرى يىلانغا ئوخشاش، ئوشۇقىغا يۆگىلىپ ئۇنى چىرمىغىلى تۇرغانىدى. خارى بىلەن رونغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ پاچاقلىرى (ھەتتا ئۆزلىرىمۇ تۇيماستىن) ئۇزۇن شاخلار بىلەن چىرمىلىپ بولغان ئىدى.

ھېرماينى ئۆسۈملۈك ئۇنى مەھكەم چىرماپ بولغۇچە، ئۆزىنى چەتكە ئېلىۋالغانىدى. ھازىر ئۇ قورقۇنچ ئىچىدە ئىككى بالىنىڭ ئۆسۈملۈكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جان تالىشىۋاتقانلىقىغا قاراپ قېتىپ قالغانىدى، ئەمما ئۇلار قانچە كۈچىگەنسېرى، ئۇ نەرسە ئۇلارغا شۇنچە چىڭ چاپلىشاتتى.

«توختاڭلار، مىدىرلاۋەرمەڭلار!» دېدى بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا ھېرماينى «بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلىمەن، بۇ بىر شەيتان قىلتىقى!»

«ئىسمىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىۋالغىنىم جېنىمغا شۇنداق ئەسقاتتى!» دەپ ۋارقىرىدى رون ئۆسۈملۈكنىڭ بوينىنى چىرمىۋېلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ…

«ئاغزىڭنى يۇم، ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئەسكە ئېلىشقا تىرىشىۋاتىمەن!» دېدى ھېرماينى.

«ئۇنداقتا چاققانراق بول، نەپەس ئالالمىدىم!»  دەپ ھاسىرىدى بوينىغا يۆگەشمەكچى بولغان بىر شاخ بىلەن ئېلىشىۋاتقان خارى.

«شەيتان قىلتىقى، شەيتان قىلتىقى… پروفېسور سپرۇت نېمە دېگەن؟ قاراڭغۇ ۋە زەي يەرلەرنى ياقتۇرىدۇ…»

«ئۇنداقتا ئوت ياقمامسەن!» دېدى نەپسى قىسىلىپ كېتىۋاتقان خارى.

«شۇنداق، ئەلۋەتتە… ئەمما بۇ يەردە ئوتۇن يوقكەن!» دەپ زارلاندى ھېرماينى، جىددىيلەشكەنلىكىدىن قوللىرىنى ئۇۋۇلاپ.

«ئالجىپ قالدىڭما؟» دەپ ھۆركىرىدى رون. «سەن بىر جادۇگەرمۇ يا…؟»

«ۋاي، راست!» دېدى ھېرماينى، ئاندىن ئۇ تايىقىنى سۇغۇرۇپ چىقاردى، پۇلاڭلىتىپ بىر نېمىلەرنى دېدى ۋە ئۆسۈملۈككە بىر توپ، ئوچۇق كۆك رەڭلىك، سنەيپكە ئىشلەتكەندەك ئوت يالقۇنلىرى پۈركۈدى.  بىر نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا ئىككى بالا، ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلۇقتىن قورقۇپ، پۈكۈلۈپ كەتكەن ئۆسۈملۈكنىڭ قامىلىنىڭ بوشىغانلىقىنى سەزدى. ئۆسۈملۈكمۇ ئۇرۇلۇپ- سوقۇلۇپ، تولغىشىپ دېگۈدەك  بالىلارنىڭ بەدىنىدىن ئاجرىدى. بالىلار ئاخىرى ئەركىنلىككە چىقتى.

«ھېلىمۇ ياخشى، بوتانىكا دەرسىگە دىققەت قىلىپ قويۇپتىكەنسەن، ھېرماينى» دېدى خارى ئۇنىڭ يېنىغا، تامنىڭ تۈۋىگە كېلىپ يۈزىدىكى تەرنى سۈرتكەچ.

«ھە» دېدى رون. «ھېلىمۇ ياخشى خارى جىددىي پەيتتە ئەقلىدىن ئازمايدىكەن، ئەمما ئوتۇن يوقمىش، توۋا قىلدىم…»

«بۇ ياققا» دېدى خارى، بىردىنبىر يول بولغان بىر تاش تونىلنى كۆرسىتىپ.

ئۇلارنىڭ قۇلىقىغا پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئاياغ تىۋىشىدىن باشقا، تامدىن پات- پات تامچىلاپ تۇرغان سۇ تامچىلىرىنىڭ يېنىك ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تونىل تۆۋەنگە قاراپ ئۇزىرايتتى. خارى گرىنگوتسنى ئەسلەپ قالدى. ئۇ بانكىنى ئەجدىھالار قوغداپ تۇرارمىش، دېگەن گەپنى ئېسىگە ئالغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز يۈرىكى سېلىپ كەتتى. ئەگەر ئۇلار بىر ئەجدىھاغا دۇچ كەلسە، يەنە كېلىپ پۈتۈنلەي يېتىلگەن بىر ئەجدىھاغا – نوربېرت بىر ئۆزى يېتىپ ئاشاتتى…

«سىلەرمۇ ئاڭلىدىڭلارمۇ؟» دەپ پىچىرلىدى رون.

خارى قۇلاق سالدى. ئالدىدا بىر يەرلەردىن نېمىلەرنىڭدۇر يېنىك شىرىلدىغان ۋە جىرىڭلىغان ئاۋازى كەلگەندەك قىلاتتى .

«سېنىڭچە بىرەر ئەرۋاھمىدۇ؟»

«بىلمەيمەن، ماڭا ئاڭلىماققا… قاناتتەك تۇيۇلدى.»

«ئالدىمىزدا چىراغ يورۇقى باركەن، بىر نەرسىنىڭ مىدىرلىغانلىقىنى كۆردۈم»

ئۇلار تونىلنىڭ ئاخىرىغا يېتىپ بارغاندا، ئالدىغا چاقناپ تۇرغان يوپيورۇق، قۇببىسىمان بەھەيۋەت  بىر زال پەيدا بولدى.  بۇ يەر گۆھەردەك چاقناپ تۇرىدىغان، ئۇ ياقتىن- بۇ ياققا قالايمىقان لەپىلدەپ ئۇچۇپ يۈرگەن كىچىك قۇشلار بىلەن لىق تولغان ئىدى. زالنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بولسا، يوغان بىر ياغاچ ئىشىك تۇراتتى.

«ئەگەر ئۆينى كېسىپ ئۆتسەك، ئۇلار بىزگە ھۇجۇم قىلارمۇ؟» دېدى رون.

«بەلكىم» دېدى خارى. «قارىماققا ئۇنچە خەۋپلىك كۆرۈنمەيدىكەن، ئەمما ھەممىسى تەڭلا شۇڭغۇپ چۈشۈشى مۇمكىن… بولدىلا، باشقا ئامال يوق… مەن يۈگۈرەي.»

ئۇ چوڭقۇر نەپەس ئالدى، يۈزىنى بىلىكى بىلەن توسۇۋېلىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈگۈرۈپ زالنى كېسىپ ئۆتتى. ئۇ، ئۆتكۈر تۇمشۇق ۋە پەنجىلەرنىڭ تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، سانجىلىشىنى كۈتكەن بولسىمۇ، ھېچ ئىش يۈز بەرمىدى. ئۇ ھېچ ئىشقا يولۇقماستىن، ئىشىكنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ تۇتقۇچنى تۇتۇپ تارتىپ باقتى، بىراق ئىشىك قۇلۇپلاقلىق ئىدى.

قالغان ئىككىسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ئۇلار ئىشىكنى تارتىپ باقتى، كۈچەپ ئىتتىرىپ باقتى، ئەمما ئىشىك مىدىرلاپمۇ قويمىدى، ھەتتا ھېرماينى ئالوھومورا ئەپسۇنىنى ئوقۇغاندىمۇ، ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولمىدى.

«ئەمدىچۇ؟» دېدى رون.

«بۇ قۇشلار… بۇ يەرگە پەقەت بېزەك ئۈچۈن قويۇپ قويۇلمىغاندۇ» دېدى ھېرماينى.

ئۇلار باشلىرىنىڭ ئۈستىدە پەرۋاز قىلىۋاتقان، چاقناپ تۇرغان قۇشلارغا سەپسالدى، توختا، چاقناۋاتقان؟

«ئۇلار قۇش ئەمەسكەن!» دېدى خارى تۇيۇقسىزلا، «ئۇلار ئاچقۇچكەن! قاناتلىك ئاچقۇچلار… سىنچىلاپ قاراپ بېقىڭلار. ئۇنداقتا بۇنىڭ مەنىسى…» ئۇ، قالغان ئىككىسى ئاچقۇچلار توپىغا كۆزىنى قىسىپ قاراۋاتقاندا، ئەتراپقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى «شۇنداقكەن… قاراڭلار! سۈپۈرگىلەر! ئىشىكنى ئېچىش ئۈچۈن ئاچقۇچنى تۇتۇشىمىز كېرەككەن!»

«ئەمما ئۇ يەردە يۈزلەرچە ئاچقۇچ باركەن!»

رون ئىشىكنىڭ قۇلۇپىغا سىنچىلاپ قارىدى.

«بىزنىڭ ئىزدەۋاتقىنىمىز چوڭ، كونا ئۇسلۇبتا ياسالغان بىرى – ئېھتىمال كۈمۈش بولۇشى مۇمكىن، ئىشىك تۇتقۇچىغا ئوخشاش.»

ئۇلار ھەممىسى بىردىن سۈپۈرگىگە مىنىپ يەرنى تېپىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى ۋە ئاچقۇچلار توپىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرۋاز قىلغىلى تۇردى. ئۇلار ئۇنداق قىلىپ، بۇنداق قىلىپ تۇتۇشقا ئۇرۇندى، ئەمما ئەپسۇنلانغان ئاچقۇچلار ھېلى ئېتىلىپ، ھېلى شۇڭغۇپ، شۇنداق تېز قاچاتتىكى– بىرەرسىنى تۇتۇۋېلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى.

ئەمما خارىنىڭ ئەسىرنىڭ ئەڭ ياش ئىزدەنگۈچىسى بولۇپ قېلىشى بىكار ئەمەستە.  ئۇنىڭ باشقىلار بايقىيالمىغان نەرسىلەرنى بايقىۋېلىش ھۈنىرى بار ئىدى.  بىرەر مىنۇتتەك ئۇيان- بۇيان ئۇچۇپ باققاندىن كېيىن، ھەسەن-ھۈسەندەك رەڭدار قاناتلارنىڭ ئارىسىدىن خارى، بىر قانىتى خۇددى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ تۇتۇلۇپ قېلىپ، ئاچقۇچ تۆشۈكىگە قوپاللا تىقىلغاندەك قايرىلىپ كەتكەن چوڭ بىر كۈمۈش ئاچقۇچنى بايقاپ قالدى.

«ئاۋۇ شۇكەن!» دېدى ئۇ باشقىلارغا. «ئاۋۇ يوغان بولغىنى… ئە…نە، ياق، ئەنە – ئوچۇق كۆك رەڭلىك قانىتى بولغىنى، پەيلىرىنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپكە يېتىپ قالغىنى…»

رون خارى كۆرسەتكەن تەرەپكە سۈرئىتىنى تېزلىتىپ ئۇچۇپ بېرىۋېدى، تورۇسقا ئۈسۈۋېلىپ يەرگە چۈشۈپ كەتكىلى تاسلا قالدى.

«بىز ئۇنى قىستاپ تۇتۇۋالايلى!» دېدى خارى كۆزىنى  قانىتى يارىلانغان ئاچقۇچتىن كۆزلىرىنى ئۈزمەي تۇرۇپ «رون، سەن ئۈستىدىن شۇڭغۇپ كەل، ھېرماينى، سەن تۆۋەندە تۇرۇپ، قېچىپ كەتسە تۇتۇۋال، مەن  ئۇدۇل بېرىپ تۇتۇۋېلىشقا تىرىشاي. ئەمىسە… تەييار بولۇڭلار

رون تۆۋەنگە شۇڭغۇدى، ھېرماينى بولسا يۇقىرىغا قاراپ راكىتادەك ئېتىلدى، ئاچقۇچ ئۆزىنى ئىككىلىسىدىن قاچۇرۇۋېدى، خارى ئارقىسىدىن ئېتىلىپ باردى؛ ئاچقۇچ تامغا قاراپ تېخىمۇ تېز ئۇچتى؛ خارى قولىنى ئالدىغا سوزدى ۋە ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان بىر خىل قاراسلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، ئۇنى بىر قولى بىلەن تامغا چاپلىۋەتتى. رون ۋە ھېرماينىنىڭ تەنتەنە سادالىرى زالنى بىر ئالدى.

ئۇلار ئالدىراپ يەرگە قوندى ۋە قولىدا قېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئاچقۇچنى تۇتۇۋالغان خارى ئىشىككە قاراپ يۈگۈردى. ئۇ قۇلۇپقا ئاچقۇچنى تىقىپ ئايلاندۇردى، كېرەككە كەلدى. قۇلۇپ شىرىققىدە  ئېچىلىشىغا، ئىككى قېتىم تۇتۇلۇپ قالغانلىقىدىن خېلىلا پەرىشان بولغان ئاچقۇچ قايتا ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى.

« سىلەر تەييارمۇ؟» دەپ سورىدى بىر قولىدا ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى چىڭ تۇتقان خارى، قالغان ئىككىسىدىن… ئۇلار باش لىڭشىتتى. ئۇ ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئاچتى.

كېيىنكى زال قاپقاراڭغۇ ئىدى. شۇڭا ئۇلار ھېچنېمىنى كۆرەلمىدى. ئەمما ئۇلار كىرىشى بىلەن تەڭلا زال تۇيۇقسىز يوپيورۇق بولۇپ كەتتى، خۇددى ئۇلارنى ئاجايىپ بىر مەنزىرە بىلەن ئۇچراشتۇرماقچى بولغاندەك…

ئۇلار بىر گىگانت شاھمات تاختىسىنىڭ گىرۋىكىدە تۇراتتى، ھەر بىرى ئۇلاردىن ئېگىز ۋە قارا مەرمەر تاشتىن ئويۇلغاندەك قارا شاھمات ئۇرۇقلىرىنىڭ ئارقىسىدا… ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا بولسا، زالنىڭ يەنە بىر ئۇچىدا ئاق ئۇرۇقلار تۇراتتى. خارى، رون ۋە ھېرماينى ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى – مۇناردەك ئېگىز بۇ ئاق ئۇرۇقلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ چىرايى يوق ئىدى.

«ئەمدى قانداق قىلىمىز؟» دەپ پىچىرلىدى خارى.

«ئاپئاشكارا تۇرمامدۇ؟» دېدى رون، «ئۆيدىن ئويناپ ئۆتۈشىمىز كېرەك.»

ئاق ئۇرۇقلارنىڭ كەينىدە يەنە بىر ئىشىك كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

«قانداقسىگە؟» دېدى جىددىيلىشىپ قالغان ھېرماينى.

«مېنىڭچە» دېدى رون «بىز شاھمات ئۇرۇقلىرى بولىمىزمىكىن…»

ئۇ قارا چەۋەندازنىڭ (*ئات) يېنىغا بېرىپ بىر قولىدا چەۋەندازنىڭ ئېتىنى تۇتۇپ باقتى. شۇ ھامان، تاشقا جان كىرىپ قالدى. ئات يەرنى يېنىك تەپتى. چەۋەنداز بولسا دۇبۇلغا كىيىۋالغان بېشىنى بۇراپ رونغا قارىدى.

«بىزنىڭ… ھىم… ئۆتۈش ئۈچۈن سىلەرگە قوشۇلىشىمىز كېرەكمۇ؟»

قارا چەۋەنداز باش لىڭشىتتى. رون قالغان ئىككىسىگە بۇرۇلدى.

«بۇنىڭغا بەكرەك پەم كەتكۈدەك…» دېدى ئۇ. «مېنىڭچە بىز ئۈچ قارا ئۇرۇقنىڭ ئورنىنى ئېلىشىمىز كېرەك…»

خارى بىلەن ھېرماينى ئۈن چىقارماي چوڭقۇر ئويغا چۆمگەن رونغا قاراپ تۇرۇشتى. ئاخىرى رون «ئەمدى… كۆڭلۈڭلارغا ئالماڭلار، ياكى باشقىچە ئويلىماڭلار. ئەمما ئىككىلەڭلار شاھماتقا ئانچە ئۇستا ئەمەس…»

«كۆڭلىمىزگە ئالمىدۇق» دېدى خارى تېزلا. «پەقەت بىزگە نېمە قىلىدىغانلىقىمىزنى دەپ بەرگىن.»

«ئۇنداقتا خارى، پىلنىڭ ئورنىدا سەن تۇر. ھېرماينى، سەن ئاۋۇ يەرگە، قەلئەنىڭ ئورنىغا بارغىن.»

«سەنچۇ؟»

«مەن چەۋەنداز بولىمەن» دېدى رون.

شاھمات ئۇرۇقلىرى قۇلاق سېلىپ تۇرغاندەك قىلاتتى. چۈنكى بۇ سۆزلەر بىلەن تەڭ بىر چەۋەنداز، بىر پىل ۋە بىر قەلئە ئاق ئۇرۇقلارغا ئارقىسىنى قىلىپ، خارى، رون ۋە ھېرماينىغا ئۈچ ئورۇننى بىكارلاپ، تاختىدىن پەسكە چۈشۈپ كەتتى.

«شاھماتتا ھەر  ۋاقىت تۇنجى قەدەمنى دائىم ئاقلار ماڭىدۇ» دېدى رون، تاختىنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا كۆزىنى تىكىپ «شۇنداق… قاراڭلار…»

بىر تال ئاق ئەسكەر ئىككى قەدەم ئالدىغا ماڭغانىدى.

رون قارا ئۇرۇقلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار، رون ئەۋەتكەن ھەممە يەرگە ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئۈن- تىنسىز ماڭاتتى. خارىنىڭ تىزلىرى تىترەپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار يېڭىلسە قانداق بولىدىغاندۇ؟

«خارى، ئوڭ تەرەپكە توغرىسىغا تۆت قەدەم ماڭ!»

تۇنجى قېتىمدا يەنە بىر چەۋەندازنىڭ يېڭىلىشى ئۇلارنى قاتتىق چۆچۈتىۋەتتى. ئاق خانىش ئۇنى بىرنى قويۇپ يەرگە چاپلىۋەتكەن، ئارقىدىن تاختايدىن سۆرەپ چۈشۈرۈۋەتكەن، ئۇ بولسا ئورنىدا مىدىر- سىدىر قىلماي دۈم  يېتىپ قالغان ئىدى.

«بۇنداق بولۇشىغا رۇخسەت قىلىشىم كېرەك ئىدى،» دېدى چۆچۈپ كەتكەنلىكى چىرايىدىن چىقىپ تۇرغان رون «بۇنداق قىلغاندا ئاۋۇ پىلنى يىيىش ئۈچۈن يولۇڭ ئېچىلىدۇ ھېرماينى، ماڭە…»

ئۇلارنىڭ  ھەر بىر ئۇرۇقى يېڭىلگەندە، ئاق ئۇرۇقلار كەڭچىلىك قىلىپ يۈرمەيتتى. بىر دەمدە تام تەرەپتە بىر دۆۋە ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن قارا ئۇرۇقچىلار يىغىلىپ كەتتى. ئىككى قېتىم رون، دەل ۋاقتىدا خارى بىلەن ھېرماينىنى خەتەرگە قىل قالغاندا قۇتقۇزۇپ قالدى. ئۇ تاختىدا ئۆزى يوقاتقانغا باراۋەر ئاق ئۇرۇقلارنى يەپ ماڭدى.

«ئاز قالدۇق» دەپ غودۇڭشىدى ئۇ تۇيۇقسىزلا «بىر ئويلاپ باقاي… بىر ئويلاپ باقاي…»

ئاق خانىش سىدام يۈزىنى ئۇنىڭغا بۇرىدى.

«شۇنداق…» دېدى رون بوش ئاۋازدا. «بىردىنبىر يول… مېنىڭ يىيىلىشىم كېرەك.»

«ياق!» دەپ ۋارقىرىدى خارى بىلەن ھېرماينى تەڭلا.

«بۇ دېگەن شاھمات!» دەپ تاشلىدى رون. «قۇربانلىق بېرىشىڭ كېرەك! مەن ماڭىمەن، ئاندىن ئۇ مېنى يەيدۇ، بۇ سېنىڭ شاھنى مات قىلىشىڭ ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىدۇ، خارى!»

«ئەمما… »

«سېنىڭ سنەيپنى توسۇۋالغۇڭ بارمۇ يوق؟»

«رون… »

«قارا، ئەگەر ئەمدى ئالدىرىمىساڭ ئۇ، سەن يېتىپ بارغاندا، ئاللىقاچان تاشنى ئېلىۋالغان بولىدۇ!»

باشقا ئامال قالمىغان ئىدى.

«تەييار بولدۇڭلارمۇ؟» دېدى رون، ئۇنىڭ چىرايى تاتىراڭغۇ، بىراق نىيىتى قەتئىي ئىدى. «مانا ماڭدىم…  بىلىپ قويۇڭلار، يەڭگەن ۋاقتىڭلاردا قالايمىقان ئايلىنىپ يۈرۈپ ۋاقتىڭلارنى ئىسراپ قىلىۋەتمەڭلار.»

ئۇ ئالدىغا مېڭىۋىدى، ئاق خانىش ئېتىلىپ كەلدى. ئۇ تاش قولى بىلەن روننىڭ بېشىغا بىرنى قويدى، ئۇ يەرگە يىقىلدى. ھېرماينى چىرقىرىۋەتتى، ئەمما جايىدىن قوزغالمىدى. ئاق خانىش روننى بىر تەرەپكە سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى. رون، قارىماققا ھوشىدىن كەتكەندەك قىلاتتى.

دىر- دىر تىترەۋاتقان خارى ئۈچ قەدەم سولغا ماڭدى.

ئاق شاھ تاجىنى سالدى ۋە خارىنىڭ پۇتىنىڭ يېنىغا چۆرۈۋەتتى. ئۇلار يەڭگەن ئىدى. شاھمات ئۇرۇقلىرى يول ئېچىپ تازىم قىلدى ۋە ئىشىكنىڭ ئالدىنى بوشاتتى. رونغا ئاخىرقى قېتىم قايغۇرغان ھالدا قاراپ قويغان خارى بىلەن ھېرماينى ئىشىكتىن ئۆتۈپ يەنە بىر تاش تونېلغا كىردى.

«ئەگەر ئۇ… »

«ئۇنىڭغا ھېچنېمە بولمايدۇ» دېدى خارى، ئۆز- ئۆزىنى قايىل قىلىشقا تىرىشىپ. «سېنىڭچە ئەمدى نېمىگە دۇچ كېلەرمىز؟»

«سپرۇتنىڭكىدىن ئۆتتۇق، شەيتان قاپقىنىدىن؛ فلىتۋىك چوقۇم ئاچقۇچلارنى تىلسىملاپ قويغان؛ مېك گوناگال شاھمات ئۇرۇقلىرىغا جان كىرگۈزۈش ئۈچۈن شەكىل ئۆزگەرتىش سېھرىنى ئىشقا سالغان؛ ئۇنداقتا كۇئېرىل بىلەن سنەيپنىڭكى قاپتۇ…»

ئۇلار يەنە بىر ئىشىككە كەلدى.

«ئەھۋالىڭ ياخشىدۇ؟» دەپ پىچىرلىدى خارى.

«توختاپ قالمايلى.»

خارى ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئاچتى.

ئاجايىپ بەتبۇي ھاۋا ئۇلارنىڭ بۇرۇنلىرىنى ئېچىشتۇرۇۋەتتى. ئىككىلىسى تونىنىڭ ياقىسىىنى كۆتۈرۈپ بۇرنىنى توسۇۋالدى. كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتكەن بۇ ئىككىسى، ئالدىدا يەردە سوزۇلۇپ ياتقان، ئۆزلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلىشقاندىنمۇ چوڭ، بېشىدا بىر كاللەك قان ئۇيۇپ قالغان بىر تاغ ئالۋاستىسىنى ئۇچراتتى.

«ھېلىمۇ ياخشى بۇ مەخلۇق بىلەن ئېلىشىشقا مەجبۇر بولمىدۇق» دەپ پىچىرلىدى خارى، ئۇلار گىگانت پاچاقلاردىن بىرىنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتۈۋاتقاندا «چاققان بولايلى، تىنالمايلا قالدىم.»

خارى يەنە بىر ئىشىكنى تارتىپ ئاچتى، ئىككىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالغا قاراشقىمۇ تاقىتى قالمىغانىدى–  ئەمما بۇ يەردە قورققۇدەك بىر نەرسە يوق بولۇپ،پەقەتلا ئۈستىدە   بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان خىلمۇ- خىل شەكىللىك يەتتە شېشە قاتار تىزىلغان بىر ئۈستەللا بار ئىدى.

«سنەيپنىڭ» دېدى خارى. «نېمە قىلىدىكەنمىز؟»

ئۇلار بوسۇغىدىن ئاتلاپ ئىچىگە كىرىشىگە ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئوت يالقۇنلىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئىشىك ئالدىنى توسۇۋالدى. يەنە كېلىپ بۇلار ئادەتتىكى ئوت يالقۇنلىرىمۇ ئەمەس، ئۇلار سۆسۈن رەڭلىك ئوت يالقۇنلىرى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئىشىكنىمۇ قارا رەڭلىك ئوت يالقۇنلىرى قاپلىدى. ئۇلار ئەمدى قاپسىلىپ قالغان ئىدى.

«قارا!» ھېرماينى شېشىلەرنىڭ يېنىدا ياتقان، يۆگەپ قويۇلغان بىر پارچە قەغەزنى قولىغا ئالدى. خارى،نەزىرىنى ئۇنىڭ مۈرىسىدىن ئاغدۇرۇپ قەغەزگە يېزىلغانلارنى ئوقۇشقا باشلىدى:

بارار يولۇڭ خېيىم- خەتەر، تىنچ ئامان جاي قالدى ئارقاڭدا،

ئىككىمىز ياردەم قىلىمىز ساڭا، قايسىمىز ئۇ، سەن ئۆزۈڭ تاللا.

يەتتىمىزدىن بىرى يول باشلايدۇ ئالدىڭغا،

باشقىسىنى ئىچىپ سالساڭ قايتۇرىدۇ ئارقاڭغا.

ئارىمىزدىن ئىككىسى دولانا شەربىتى خالاس،

سەپتە خۇپىيانە ئۈچ قاتىل بار ئۈن چىقارماس.

بۇ يەردە قالماي دېسەڭ مەڭگۈ، تاللا بىرىنى،

تاللىشىڭغا ياردەم قىلسۇن بۇ تۆتىلىسى:

بىرىنچىسى، زەھەر قۇۋلۇق بىلەن مۆكسىمۇ گەرچە،

دائىم بىرسى تۇرار دولانا شەربىتىنىڭ سول تەرىپىدە.

ئىككىنچىسى، ئىككى ئۇچتا تۇرغانلىرى ئۆزگىچە،

ئەمما داۋاملاشتۇرسا ھېچقايسىسى ئەمەس دوستانە.

ئۈچىنچىسى، كۆرۈپ تۇرۇپسىز، بوي بەستلىرى ئۆزىگە خاس،

گىگانتمۇ، پارپىمۇ جاننى ئالماس.

تۆتىنچىسى، سولدىن ۋە ئوڭدىن ئىككىنچىسى،

تېتىماققا قوشكېزەك، قارىماققا ئوخشىماس.

ھېرماينى يېنىك بىر تىن ئالدى، چىرايلىرى ئېچىلپ كەتكەنىدى. ئەكسىچە، بۇنىڭغا قاتتىق ھەيران قالغان خارىنىڭ بولسا، كۈلۈمسىرەشكىمۇ رايى يوق ئىدى.

«پاھ!» دېدى ھېرماينى  «بۇ سېھىر ئەمەسكەن، بۇ لوگىكىكەن، بىر تېپىشماق. بىر تېمىممۇ لوگىكا بىلمىسە، ھەتتا ئەڭ ئۇلۇغ سېھىرگەرلەرمۇ بۇ يەردە مەڭگۈ قاپسىلىپ قېلىشى مۇمكىن.»

«ئۇنداقتا، بىزنىڭ ئاقىۋىتىمىزمۇ شۇنداق بولىدىكەندە؟»

«ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس» دېدى ھېرماينى. «بىزگە كېرەكلىك ھەممە نەرسە بۇ قەغەزگە يېزىلىپتۇ. يەتتە شېشە: ئۈچى زەھەر، ئىككىسى شەربەت، بىرسى بىزنى بىمالال قارا يالقۇندىن ئۆتكۈزۈپ كېتەلىسە، يەنە بىرسى سۆسۈندىن ئۆتكۈزۈپ كەينىمىزگە قايتۇرالايدۇ.»

«ئەمما قايسىنى ئىچىدىغانلىقىمىزنى قانداق بىلىمىز؟»

«ساقلاپ تۇر…»

ھېرماينى قەغەزنى بىرنەچچە قېتىم ئوقۇدى. ئاندىن ئۇ شېشىلەر ئارىسىدا، ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىپ، ئۇلارنى قولىدا كۆرسىتىپ، ئۆز- ئۆزىگە نېمىلەرنىدۇر دېدى، ئاخىرى ئۇ چاۋاك چالدى.

«بىلدىم!» دېدى ئۇ، «ئەڭ كىچىك شېشىدىكى بىزنى قارا يالقۇندىن ئۆتكۈزىدۇ، تاشنىڭ يېنىغا…»

خارى كىچىككىنە شېشىگە زەن سالدى.

«بۇ يەردە بىرسىمىزگىلا يەتكۈدەك باركەن» دېدى ئۇ. «بىر يۇتۇممۇ كەلمىگۈدەك ئازكەن.»

ئۇلار بىر- بىرىگە قاراشتى.

«قايسى سېنى سۆسۈن يالقۇندىن ئۆتكۈزۈپ قايتۇرۇپ كېتەلەيدىكەن؟»

ھېرماينى سەپنىڭ ئوڭ تەرەپ باش ئۇچىدىكى شارسىمان شېشىنى كۆرسەتتى.

«سەن ئۇنى ئىچ» دېدى خارى، «ياق، توختا! ئاڭلاپ تۇر، قايتىپ بېرىپ روننى ئال، ئۇچار ئاچقۇچ ئۆيىدىن سۈپۈرگىلەرنى ئال، ئۇلار سېنىڭ مەخپىي ئىشىككە بېرىشىڭغا ۋە فلاففىينىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىشىڭگە ياردەم قىلالايدۇ، ئاندىن ئۇدۇل بايقۇشخانىغا بېرىپ ھەدۋىگنى دامبېلدورغا ئەۋەت، بىز ئۇنىڭغا مۇھتاج. بەلكىم سنەيپنىڭ دىققىتىنى بىر ھازا چېچىپ تۇرالىشىم مۇمكىن، ئەمما مېنىڭ، كۈچۈم ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا يەتمەيدۇ.»

«ئەمما خارى، كىملىكىنى بىلىسەن سەن مۇ شۇ يەردە، ئۇنىڭ يېنىدا بولۇپ قالسىچۇ؟»

«ئىشقىلىپ… مېنىڭ بىر قېتىم تەلىيىم ئوڭدىن كەلگەن، شۇنداق ئەمەسمۇ؟» دېدى خارى يارا ئىزىنى كۆرسىتىپ. «بەلكىم يەنە شۇنداق بولۇپ قالار.»

ھېرماينىنىڭ لەۋلىرى تىترەپ كەتتى، ئارقىدىن ئۇ تۇيۇقسىز خارىغا ئېتىلدى ۋە ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى.

«ھېرماينى!»

«خارى، بىلىسەنغۇ، سەن ئىنتايىن قالتىس بىر سېھىرگەر!»

«مەن سەنچىلىك ماھىر ئەمەس» دېدى ئىنتايىن خىجىل بولۇپ كەتكەن خارى، ھېرماينى ئۇنى قويۇۋەتكەندە…

«مەن…» دېدى ھېرماينى. «كىتاپلار ۋە چېچەنلىك! بۇ ھاياتتا تېخىمۇ مۇھىم نەرسىلەر بار – دوستلۇق، جاسارەت ۋە خارى، ئاھ خارى، ئۆزۈڭگە ئېھتىيات قىل!»

«سەن ئاۋال ئىچ» دېدى خارى. «قايسىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق جەزملەشتۈرەلەيدىغانسەن؟»

«شەكسىز» دېدى ھېرماينى. ئۇ شارسىمان شېشىدىكى سۇيۇقلۇقتىن بىر ئوتلام ئالغاندىن كېيىن، ئەندىكىپ كەتتى.

«زەھەرنى ئىچىپ سالمىغانسەن؟» دېدى جىددىيلىشىپ قالغان خارى.

«ياق… ئەمما بۇ نەرسە بەك مۇزدەككەن.»

«چاققان ماڭ، بۇ نەرسە تەسىرىنى يوقاتماستا…»

«ئامەت تىلەيمەن، ئۆزۈڭگە ئېھتىيات…»

«تېز ماڭ!»

ھېرماينى ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ سۆسۈن يالقۇننىڭ ئىچىدىن ئۆتۈپ چىقىپ كەتتى.

خارى چوڭقۇر نەپەس ئالغاندىن كېيىن، ئەڭ كىچىك شېشىنى قولىغا ئالدى. ئۇ قارا ئوت بىلەن يۈزلىشىش ئۈچۈن ئارقىسىغا بۇرۇلدى.

«مانا ماڭدىم» دېدى ئۇ ۋە كىچىك شېشىنى بىر ئوتلاپ قۇرۇقداپ قويدى.

بۇ نەرسە ھەقىقەتەنمۇ تومۇرلىرىدا مۇز ئېقىۋاتقاندەك ھېس قىلدۇراتتى. ئۇ شېشىنى قويۇپ قويۇپ ئالدىغا ماڭدى. ئۇ ئۆزىنى بىر دەڭسىۋېلىپ ئوتنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بەدىنىنى چىرمىۋالغان قارا ئوت يالقۇنلىرىنى كۆردى، ئەمما ئىسسىقىنى ھېس قىلمىدى. ئۇ قاپقارا ئوتتىن باشقا بىر نەرسە كۆرەلمەي قالدى… ئارقىدىنلا يەنە بىر تەرەپكە ئۆتۈپ قالدى، ئۇ، ئاخىرقى زالغا كىرگەن ئىدى.

بۇ يەرگە باشقا بىرسى ئاللىقاچان كىرىپ بولغان، ئەمما بۇ سنەيپ ئەمەس ئىدى، ھەتتا ۋولدېمورتمۇ ئەمەس ئىدى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *