دەرەخ تىككەن بوۋاي

دەرەخ تىككەن بوۋاي

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

بىر پادىشاھ ۋەزىرلىرى بىلەن ساياھەتكە چىقىپتۇ. يول ئۈستىدىكى يېزىدا ناھايىتى قېرى بىر بوۋاي كۆرۈپتۇ. بوۋاي ئېتىزلىقتا كۆچەت تىكىۋاتقان ئىكەن.

پادىشاھ بوۋاينىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە:

– نېمىشقا كۆچەت تىكىپ ئاۋارە بولىسىز، كۆز تەگمىسۇن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپسىز. ئەمما سىزگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىش نېسىپ بولماسلىقى مۇمكىن، – دەپتۇ.

بوۋاي جاۋاپ بېرىپتۇ:

– بۇ تىككەن كۆچەتلەرنىڭ مېۋىسىنى يېيەلىشىم شەرت ئەمەس. بىز بوۋىلىرىمىز تىككەن دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى يەۋاتىمىز. بىزدىن كېيىنكىلەر بولسا بىز تىككەن دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ.

بۇ جاۋاپ پادىشاھقا ناھايىتى ياراپ كېتىپتۇ. بوۋايغا بىر خالتا تىللا بېرىشنى بۇيرۇپتۇ.

بوۋاي خۇشاللىق بىلەن:

– كۆرگەنسىلەر، بىز تىككەن كۆچەتلەر ھازىردىن باشلاپ مېۋە بېرىشكە باشلىدى.

بۇ جاۋاپ پادىشاھقا تېخىمۇ بەك ياراپتۇ. يەنە بىر خالتا تىللا بېرىشنى بۇيرۇپتۇ.

ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەتتە مۇشۇنداق ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ بولغىنىدىن پەخىرلىنىپ، خۇشاللىق بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.