قۇشقاچ بىلەن گۈل

قۇشقاچ بىلەن گۈل

تەرجىمە قىلغۇچى: نەسلىخان ئۇيغۇر

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر قۇشقاچ ۋە بىر گۈل دوست بولۇپ قاپتۇ. ئىككىسى بىر- بىرسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. قۇشقاچ ھەر كۈنى گۈلنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىدىكەن. بىر كۈنى باغچىنىڭ ئېگىسى گۈللەر ئارىسىدا ئايلىنىۋېتىپ قۇشقاچنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇنى تۇتۇپ بىر قەپەزگە سولاپ قويۇپتۇ. قەپەزنى باغچىنىڭ تېمىغا ئېسىپ قويۇپتۇ. كىيىن ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىش ئۈچۈن ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ. ئەمما قۇشقاچقا سۇ بېرىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ. بىچارە قۇشقاچ ناھايتى ئۇسساپتۇ. گۈل دوستىنىڭ بۇ ھالىغا ئىچىنى ئاغرىتىپتۇ:

– مەن ساڭا بەك ئامراق، سەن ئۈچۈن كۆڭلۈم ناھايتى يېرىم بولىۋاتىدۇ. لېكىن ھىچ نەرسە قىلالمايۋاتىمەن. ئورنىمدىنمۇ مىدىرلىيالمايۋاتىمەن، دەپتۇ.

قۇشقاچ:

– لېكىن مەن ئۈچۈن دۇئا قىلساڭ بولىدۇ، دەپتۇ.

شۇنىڭ بىلەن گۈل ياپراقلىرىنى ئېچىپ دۇئا قىلىشقا باشلاپتۇ. دۇئاسى تۈگەر – تۈگىمەس يامغۇر يېغىشقا باشلاپتۇ. يامغۇر سۇلىرى قۇشقاچنىڭ قەپىزىدىكى سۇ قۇتىسىنى تولدۇرۇپتۇ. قۇشقاچ بۇ سۇنى قانغۇچە ئىچىپتۇ. كەچتە باغ ئېگىسىنىڭ ئوغلى قايتىپ كېلىپتۇ. قۇشقاچنى قەپەزدە كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپتۇ. قەپەزنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ ئۇنى قويۇپ بېرىپتۇ. قۇشقاچ ۋە گۈل شۇندىن كېيىن بىر- بىرلىرىدىن ھىچ ئايرىلماپتۇ. ھەر ۋاقىت خۇشال خۇرام ياشاپتۇ.